ئوسما يىلتىزى (بەنلەنگېن) بارلىق زۇكامنىڭ ھەممىسىگە ماس كەلمەيدۇ
ۋاقتى: 2016-07-31
ئاۋاتلىقى: 1749 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئوسما يىلتىزى (بەنلەنگېن)نىڭ دائىم ئىشلىتىلىدىغان زەھەر قايتۇرۇش دورىسى بولۇشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بارلىق زۇكامغا ماس كېلىدىغان ھەممىگە قادىر دورا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ پەقەت قۇرۇق ئىسسىق تۇتۇش ئالامىتى كۆرۈلگەن زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق قىزىتمىلىق كېسەللەرگىلا ماس كېلىدۇ. ئەكسىچە، سوغۇقتىن يۆتىلىش خاراكتېرلىك زۇكام، بەدەن ئاجىزلىقتىن بولغان زۇكام قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.
ئوسما يىلتىزى مىكوپلازما، ئۆپكە ياللۇغى خىلامىدىيە ۋە لېگىئونىللا باكتېرىيەسى قاتارلىقلاردى كېلىپ چىققان ئۈستۈنكى نەپەس يولى يۇقۇملىنىشقا قارىتا ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
گەرچە ئوخشاشلا ئىسسىق تۇتۇش ئالامىتى كۆرۈلگەن زۇكام بولسىمۇ، ئەمما ئوخشىمىغان بىماردا بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن. ئوسما يىلىتىزى ئاساسەن بەدەندىكى مۆتىدىل ئىسسىقلىق زۇكىمىغا ماس كېلىدۇ، ئەمما قۇرۇق ئىسسىق تۇتۇش تىپىدىكى ھۆللۈك ئارىلاش زۇكامغا قارىتا ئانچە ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
ئوسما يىلتىزىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق زۇكامغا ماس كېلىشىگە نىسبەتەن بىمارلار چوقۇم شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى كېرەككى: قۇرۇق ئىسسىق زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامىتى قىزىش نىسبەتەن ئېغىر، سوغۇقتىن قورقۇش نىسبەتەن يېنىك، تەر ئاز، باش چىڭقىلىپ ئاغرىش، پۇت-قوللىرى تېلىپ ئاغرىش، گال ئىششىپ ئاغرىش، ئېغىز قۇرۇش، تىل قىزىرىش، تىل گەز باغلاش قاتالىقلار. تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئاساسەن ئوخشاش، ئەمما كېسەل قوزغىلىش تېز، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر، بەك قىزىش، تىترەش، پۇت-قول تېلىپ ئاغرىپ ھارغىنلىق ھېس قىلىش قاتارلىقلار.
Tags: