قاپاق تارتىشنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرى
ۋاقتى: 2016-08-09
ئاۋاتلىقى: 1070 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ھەددىدىن زىيادە چارچاش. قاپىقى توختىماي تارتىپ دوختۇرغا كۆرۈنگەنلەر ئىچىدىكى 80–90 پىرسەنتى ئاساسەن كېچىلەپ ئۇخلىماي چارچاپ كەتكەنلەر بولۇپ، ياخشى ئارام ئالماسلىق سەۋەبىدىن ھالقىسىمان مۇسكۇل بىلەن كۆز قاپىقى مۇسكۇلىدا تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلۈپ، قاپاق نۇرمالسىز تارتىدۇ.
كەيپىياتنىڭ تەسىرى. بەزى چاغلاردا پسىخولوگىيەلىك ئامىلمۇ قاپاق تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، ئادەم خۇشال بولغان ياكى خاپىلىق تارتقان ۋاقىتلىرىدا كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇمۇ قاپاق تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل قاپاق تارتىش كەيپىيات نۇرماللاشقاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن يوقايدۇ.
قەھۋەنى كۆپ ئىستېمال قىلىش. قەھۋەنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، كوفېئىننىڭ نېرىپكە تەسىر قىلىشى بىلەن قاپاق تارتىدۇ. شۇڭا قەھۋە ياكى قېنىق چاينى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
كالتىسىي كەملەش. كالتسىي–نېرىپنى غىدىقلايدىغان مۇھىم ماددا بولۇپ، بەدەندە كالتسىي كەملەش كۆرۈلسە قاپاق ياكى ئېغىز تاتىدۇ، قول–پۇتمۇ تىترەيدۇ.
قىسمەن مۇسكۇلنىڭ ئېچىلىشى نورمالسىزلىنىش. بۇنداق بىمارلاردا ئادەتتە قاپاق تارتىشقا قوشۇلۇپ يەنە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىكتەك نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ پەيدا بولىدۇ.
كۆز كېسەللىكلىرى. يىراقنى ياكى يېقىننى كۆرەلمەسلىك، نۇر يىغالماسلىق، ئېغىر ھالدىكى كۆز قۇرغاقلىق كېسىلى، كىرپىك تەتۈر ئۈنۈش، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتاربولغانلاردىمۇ قاپاق تاتىش بولىدۇ.
مېڭىدە ئۆسمە بولۇش. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە مېڭىدە ئۆسمە پەيدا بولۇش، ئۆمۈچۈك تورى پەردىسى چاپلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ قاپاق تارتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالدى–كەينىدە سۈيدۈك ئاقسىلىنىڭ يوقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، قاندىكى كالتسىي تۆۋەنلىگەنلىكتىن قاپاق تارتىدۇ؛ ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللاردا ھورمون تەڭپۇڭ بولماسلىقتىن قاواق تارتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، قىزىتما ئۆرلەش، ھېق تۇتۇش تۈپەيلىدىنمۇ قاپاق تارتىش كېلىپ چىقىدۇ.