بەك تۇزلۇق تاماق دىئابىت كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ
ۋاقتى: 2016-08-05
ئاۋاتلىقى: 1229 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشچە، ئادەم ئۇزاق مۇددەت بەك تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن.
تۇزنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە، بەدەندىكى كراخمال فېرمېنت جانلىنىپ، كراخمالنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ۋە ئىنچىكە ئۈچەينىڭ قەنت سۈمۈرۈش رولىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى قان قەنتىنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۇزاق مۇددەت تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، دىئابىت كېسىلىدىن بولغان چوڭ تومۇر كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىئابىت كېسەللىرى تاماقنى تۇزسىز يېيىشى كېرەك.