زىيادە تېلېۋىزور كۆرىدىغان بالىلار ئوڭايلا زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن
ۋاقتى: 2016-11-11
ئاۋاتلىقى: 948 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەنگلىيەدە ئىشلەنگەن بىر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، كۈنلۈك تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئاشىدىغان بالىلارنىڭ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى يۇقىرىراق بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار 1991 –، 1992 – يىللىرى تۇغۇلغان 3000 دىن ئارتۇق بالىنىڭ نەپەس يولى سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش ئادىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈشتە، ئەسلىدە ھېچقانداق زىققا ئالامەتلىرى بولمىغان بالىلار ئىچىدە، %6 تىن %8 كىچە بولغان بالىنىڭ سەككىز يىلدىن كېيىن زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى بايقالغان. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۈنلۈك تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بالىلارنى تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئىككى سائەتكە يەتمىگەن بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار، بۇ، بىرخىل نەزەرىيەنى دەلىللەپ بەردى، دەپ قارىغان. يەنى، ھەرىكەت كەم بولغان نەپەس ئېلىش ئەندىزىسى بالىلارنىڭ ئۆپكە قىسمىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۆتەل بولۇش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تەتقىقاتتا، ھەر كۈنى تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن – قىسقا بولۇشىدىن بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېتەرلىك بەدەن ھەرىكىتى قىلغان – قىلمىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. لېكىن بۇ تەتقىقاتتا، يېڭىدىن ئومۇملىشىۋاتقان كومپيۇتېر بىلەن ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقتىن ئىبارەت ئىككى ئامىلنىڭ تەسىرى ئويلىشىلمىغان. (غەيرەت قېييۇم تەرجىمىسى)