ئائىلە بەختلىك بولسا، يۈرەكمۇ ساغلام بولىدۇ
ۋاقتى: 2016-08-18
ئاۋاتلىقى: 930 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئائىلىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى كىشىلەرنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. مەسىلەن، دائىم ئۇرۇش – جېدەل بولۇپ تۇرىدىغان ئائىلىدىكى كىشىنىڭ قان بېسىمى ئاسانلا ئۆرلەپ، خولېستېرىن بىلەن قەنتنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ئازابلىق نىكاھ تۇرمۇشى يۈرەكنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، ئۆزئارا ئىناق ئۆتكەن ئەر – خوتۇنلارنىڭ قان بېسىمى ناھايىتى نورمال بولۇپ، ناھايىتى ساغلام بولىدىكەن. بەختلىك نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ يۈرەك ئاجىزلىقىنى ياخشىلاشتا ياردىمى ناھايىتى چوڭ ئىكەن.