-
20-ئەسىرنىڭ 40-يىلىرىنىڭ باشلىرىدا ، ئامىرىكا تەۋەلىكىدىكى ئوكرائىنلىق كومپىزىتور شىللىنگېر ( 1895-1948) مۇزىكا نەزەرىيىسىدە بىر يۇرۇش يېڭى ئىجادىيەت پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ، شەكىل باغلاپ تەسەۋۇر قىلىش يوشۇرۇن قابىلىيەتكە ئىگە،، ئۇنىڭدىن ئىستېتېك سەزگۈ بەرپا قىلغىلى بولىدۇ . ھەر قانداق سەنئەتتىن ئۇنىڭ فىزىكىلىق مەۋجۇدىيەت شەكلىنى ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ، شەكىلنى سان بىلەن ئۆلچىەىلى بولىدۇ . بۇ نوقتىئى نەزەر بويىنچە ، مۇزىكا شەكلى ماتېماتىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ماتېماتىكىلىق قانۇنىيەتنى كەلتۇرۇپ چىقارغاندىن كېيىن ، ئىقادىيەتنى ساپ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تاماملاش مومكىن. ينەنى، ھەر خىل ماتېماتىكىلىق بەلەە ، تەڭلىمە ، ياكى گىرافا ، جەدىۋەللەر بىلەن ئىجاد قىلغىلى ، ئاۋاز ئېگىزلىكى ، ۋاقتى، سالمىقى ، تېزلىكى ، تېمبىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش سېستىمىسىغا كىرگۈزگىلى بولىدۇ. شىللىنگېرنىڭ قارىشىچە، مۇزىكا ئىشلەشتە مۇزىكىنىڭ ھەر قانداق ئامىلىنى چىقىش قىلىپ ، ئاۋۋال مەلۇم بىر ئامىلنىڭ لايىھەسىنى مۇئايەنلەشتۇرۇپ ( بۇ ئاساسىي تەركىب دېيىلىدۇ) ، ئاندىنكېيىن باشقا ئامىللارنى ( بۇ ئىككىلەمچى تەركىب دېيىلىدۇ ) بىرلەشتۇرۇپ ، ئاساسىي تېمىغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ. مۇنداق مۇزىكا سېستىمىسى ئومومىي تەرتىپلىك مۇزىكا ياكى تەرتىپلىك مۇزىكا ، ياكى ئۇدۇللا قىلىپ ماتېماتىكىلىق مۇزىكا ئىشلەش سېستىمىسى - دەپ ئاتىلىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، بۇ ئىقىمدىكى مۇزىكا غەرپ مۇزىكا دۇنياسىدا تارقىلىشقا باشلىدى، ۋەكىللىك كومپىزوتىرلاردىن فرانسىيىلىك بروتىس، مىسسىئان، گىرمانىيىلىك سىتوكخاۋىسن ، ئىتالىيىلىك نونو قاترلىقلار بار. غەرپنى بىر مەزگىل زىلزىلىگە سالغان بۇ مۇزىكا سېستىمىسى گەرچە تېزلا ئۇنتۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن ، كومپىيوتېر تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن ، ئۇ يېڭىدىن گۇللەنگەن كومپىيوتېر مۇزىكىسىغا يەنە روشەن تەسىر كۆرسەتتى.
-
ئۆلچەم تارىخشۇناسلىقى : ماتېماتىكا ۋە تارىخ - [يېڭى ئارىلىق پەنلەر]
2010-09-25
ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلنىڭ تارىى ئىلمى ساھەسىدە قوللىنىلىشى ئۆلچەم تارىخشۇناسلىقىنى بارلىققا كەلتۇردى. ھازىر ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلنىڭ قوللىنىلىشى تارىخشىناسلارنىڭ مەسىلىلەرنى كۈزۈتۈش تۇيغۇسى ، مەسىلىلەر ئۇستىدە پىكىر يۇرگۇزۇش شەكلى ، ھۆجقەت ، ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىغا ھەم ئىپتىدائى ماتېرىياللارنى توپلاش، رەتلەش ، تەھلىل قىلىش يۆنىلىشى، مەزمۇنى ۋە مۇھىم نوقتىسىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. شۇنۇڭ ئۈچۈن ، ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلنىڭ قوللىنىلىشى تىرىخ تىتقىقاتى ئۈچۈن كىشىلەر بۇرۇن دىققەت قىلمىغان ياكى ئانچە پايدىلانمىغان تىرىخىي ماتىرىياللارنىڭ يېڭى ساھەسىنى ئېچىپ بەردى. ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلنىڭ قوللىنىلىشى تارىى تەتقىقاتىنى بارغانسېىرى توغرىلىق ۋە ئېنىقلىققا ئىگە قىلدى، ئۇ تەتقىقكات تېمىسى، ئاساسىي مۇھاكىمە نوقتىسى ، يەكۇنلەش جەريانى ۋە تەتقىىقات نەتىجىسىنى تېخىمۇ رۇشەن ۋە توغرا بايان قىلىشتىلا ئەمەس ، بەلكى تەتقىقات نەتىجىسىنى تەكشۇرۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . ھالبۇكى، ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ ئادەتلەنگەن ئەنئەنىۋى تارىى تەتقىقات ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان بەزى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىشىدا بولدى. ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلنىڭ قوللىنىشى تارىخ تەتقىقات ئوبېيىكتىنى شەخىسنى مەركەز قىلغان ئەنئەنىۋى سىياسىي تارىختىن ئاۋام ۋە جەرياننى يورۇتۇشنى ئاساس قىلغان بىر پۈتۈن ياكى ئۇنۋېرسال تارىخقا يۆتكەشنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىپ ، تارىخشۇناسلىق تەتقىقاتىدا يېڭى بىر ساھە ئاچتى .
-
ھازىرقى زامان باشقۇرۇش ئىلمىدە ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللار بارغانچە ككپ قوللىنىلماقتا، ئوپېراتسىيە ئىلمى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى قوللىنىشى ئەڭ گەۋدىلىكلىرىنىڭ بىرى. ئوپېراتسىيە ئىلمى 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا جەڭ قىلىشنى تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە بارلىققا كەلگەن بىر ئەمەلىي پەن؛ ئۇنىڭ نەزەرىيە ۋە ئۇسۇللىرى ئۇرۇشتىن كېيىن ىەلققە كېرەكلىك ساھەلەردە كەڭ تەدبىق قىلىنىپ ، ئاساسەن ماتېماتىكا ۋە كومپيوتېردىن پايدىلىنىپ تەدبىر ئەلالاشتۇرۇشنى نەزەرىيە ۋە ئۇسۇل بىلەن تەمىنلىيدىغان بىر پەنگە ئايلاندى.
-
ئايال=ئاۋارىچىلىق نىڭ ماتېماتىكىلىق ئىسپاتى - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-09-20
-
ئالماشتۇرۇش [变换] - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2010-09-20
ئالماشتۇرۇش [变换] «ئەكىس ئېتىش»، «ماسلىق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. A,B ئىككى توپلام بولسۇن. ئەگەر مەلۇم بىر ماسلىق قائىدىسى بويىچە A دىكى ھەربىر ئېلېمېنىت B دىكى بەلگىلىك بىر ئېلېمېنىتقا ماس كەلسە، بۇ ماسلىق قائىدىسى A دىن B
غا بولغان ئالماشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئالماشتۇرۇش بويىچە، A دىكى ئېلېمېنىت غا ماس كەلگەن ئېلېمېنىت a,b نىڭ تەسۋىرى دەپ ئاتىلىدۇ. A بولسا bنىڭ ئەسلىي تەسۋىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر Aنىڭ ئوخشىمىغان ئېلېمېنتلىرىنىڭ تەسۋىرى ئوخشىمىسا ھەمدە Bدىكى ھەر بىر ئېلېمېنىتنىڭ ئەسلىي تەسۋىرى مەۋجۇت بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ئالماشتۇرۇش Aدىن B غا بولغان بىرگە بىر ئالماشتۇرۇش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسلەن، A ۋە B لار ئايرىم-ئايرىم ھالدا مۇسبەت، مەنپىي ھەقىقىي سانلارنىڭ بارلىقىدىن ھاسىل بولغان توپلام بولسۇن، ھەر بىر مۇسبەت سان بىلەن ئۇنىڭ مەنپىي سانىنى ماسلاشتۇرساق، بۇ A دىن B غا بولغان بىر بىرىگە ئالماشتۇرۇش بولىدۇ. -
ۋېكتورلۇق بوشلۇق - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2010-09-20
。
ۋېكتورلۇق بوشلۇ [向量空间]
«سىزىقلىق بوشلۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېقىنقى زامان ئالگېبىراسىدىكى ئاساسلىق چۈشەنچىلەرنىڭ بىرى. ئۇ شۇنداق ئېلېمېنتلارنىڭ توپلىمىدىن ئىبارەتكى (ئومۇملاشتۇرلۇپ «ۋېكتور» دەپ ئاتىلىدۇ)، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قوشۇش ئەمىلى بار، يەنە سان بىلەن ۋېكتورنى كۆپەيتىش ئەمىلى بار، بۇ ئىككى خىل ئەمەل يەنە قوشۇشنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇش قانۇنى ۋە گۇرۇپىلاش قانۇنى، قوشۇش بىلەن كۆپەيتىشنىڭ تارقىتىش قانۇنىنى قانائەتلەندۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا نۆل ۋېكتور، ھەربىر ۋېكتورنىڭ قارىمۇ –قارشى ۋېكتورى مەۋجۇت. مەسلەن، تەكشىلىكتىكى بارلىق ۋېكتورلارنىڭ توپلىمى بىر ۋېكتورلۇق بوشلۇق بولىدۇ. مەلۇم بىر ئارلىقتىكى بارلىق ئۈزلۈكسىز فۇنكىسيىلەرنىڭ توپلىمى، مەلۇم بىر جىنىسلىق سىزىقلىق دىففېرېنىسىئال تەڭلىمىنىڭ بارلىق يېشىمىنىڭ توپلىمى قاتارلىقلار ۋېكتورلۇق بوشلۇق ھاسىل قىلىدۇ. -
قىسقىچە مەزمۇنى: تېخىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان زېنو پارادوكسى، بېركلېي پارادوكسى رۇسىسېل پارادوكسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پارادوكس ئائىلىسى، شۇنداقلا كانتورنىڭ توپلام نەزەرىيىسىدىكى ئىككى لوگىكىلىق خاتالىق ئاشكارلىغان ھازىرقى چەكسىزلىك كۆز قارىشى، سانلىق مىقدارلار سىستېمىسى ۋە لىمىت نەزەرىيىسىدىكى كەمتۈكلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئارقىلىق ھازىرقى لىمىت نەزەرىيىسىدىكى كەمتۈكلۇك بىلەن ھازىرقى چەكسىزلىك كۆز قارىشى ۋە سانلىق مىقدارلار سىستېمىچانلىقى، خاراكتېر ۋە مىقدارلىق مەشغۇلىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئاساسىي مەزمۇندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئانالىز قىلىنىپ، ھازىرقى لىمىت نەزەرىيىسىدىكى ئۈچ چوڭ كەمتۈكلۈك كۆرسىتىپ بېرىلدى.
ھالقىلىق سۆزلەر: ھەقىقىي چەكسىزلىك؛ يوشۇرۇن چەكسىزلىك؛ پان چەكسىزلىك؛ ئالدامچىلىك لوگىكىسى؛ بېركلېي پارادوكسى؛ لىمىت نەزەرىيىسى؛ ماتېماتىكىلىق پەلسەپە؛ ماتېماتىكا ئاساسى.
-
قىسقىچە مەزمۇنى: تېخىچە ھەل بولماي كېلىۋاتقان زېنو پارادوكسى، بېركلېي پارادوكسى رۇسىسېل پارادوكسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پارادوكس ئائىلىسى، شۇنداقلا كانتورنىڭ توپلام نەزەرىيىسىدىكى ئىككى لوگىكىلىق خاتالىق ئاشكارلىغان ھازىرقى چەكسىزلىك كۆز قارىشى، سانلىق مىقدارلار سىستېمىسى ۋە لىمىت نەزەرىيىسىدىكى كەمتۈكلۈك بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئارقىلىق ھازىرقى لىمىت نەزەرىيىسىدىكى كەمتۈكلۇك بىلەن ھازىرقى چەكسىزلىك كۆز قارىشى ۋە سانلىق مىقدارلار سىستېمىچانلىقى، خاراكتېر ۋە مىقدارلىق مەشغۇلىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئاساسىي مەزمۇندا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئانالىز قىلىنىپ، ھازىرقى لىمىت نەزەرىيىسىدىكى ئۈچ چوڭ كەمتۈكلۈك كۆرسىتىپ بېرىلدى.
ھالقىلىق سۆزلەر: ھەقىقىي چەكسىزلىك؛ يوشۇرۇن چەكسىزلىك؛ پان چەكسىزلىك؛ ئالدامچىلىك لوگىكىسى؛ بېركلېي پارادوكسى؛ لىمىت نەزەرىيىسى؛ ماتېماتىكىلىق پەلسەپە؛ ماتېماتىكا ئاساسى.
-
ھازىر كۆپ قوللىنىلىۋاتقان كالېندارلار - [ماتېماتىكا رېستۇرانى]
2010-09-20
。
مىلادىيە كالېندارى
مىلادىيە كالېندارى (公历) ____ ھازىر دۇنيا بويىچە ئورتاق قوللىنىلىۋاتقان كالېندار بولۇپ، شەمسىيە كالېندارى (قۇياش كالېندارى) تۈرىگە كىرىدۇ. بۇ كالېنداردا ئادەتتىكى يىل 365 كۈن، كەبىسە يىلى 366 كۈن؛ ھەر تۆت يىلنىڭ ئۈچ يىلى ئادەتتىكى يىل، تۆتىنچى يىلى كەبىسە يىلى ھېسابلىنىدۇ. بىرلەر خانىسى بىلەن ئونلار خانىسى بىرلا ۋاقىتتا نۆل بولمىغان يىللاردا، تۆتكە پۈتۈن بۆلۈنىدىغان يىللار كەبىسە يىلى، تۆتكە پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان يىللار ئادەتتىكى يىل ھېسابلىنىدۇ. بىرلەر خانىسى بىلەن ئونلار خانىسى بىرلا ۋاقىتتا نۆل بولغان يىللاردا، 400 (تۆت يۈز) گە پۈتۈن بۆلۈنىدىغان يىللار كەبىسە يىلى، 400 (تۆت يۈزگە) پۈتۈن بۆلۈنمەيدىغان يىللار ئادەتتىكى يىل ھېسابلىنىدۇ. ھەر تۆت يۈز يىلدا 97 قېتىم كەبىسە يىلى بولىدۇ. بۇ كالېنداردا بىر يىل 12 ئايغا بۆلۈنىدۇ. 1-،3-،5-،7-،8-،10-،12- ئايلار 31 كۈنلۈك بولۇپ، چوڭ ئاي ھېسابلىنىدۇ؛ 4-،6-،9-،11- ئايلار 30 كۈنلۈك بولۇپ كىچىك ئاي ھېسابلىنىدۇ. 2-ئاي بولسا ئادەتتىكى يىللاردا 28 كۈن، كبىسە يىلى 29 كۈن بولىدۇ. مەملىكىتىمىزدە مىلادىيە كالېندارى مىلادىيە 1949-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ رەسمىي قوللىنىلدى. -
ماتېماتىكا[数学] - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2010-09-20
ماتېماتىكا[数学]
رېئال دۇنيانىڭ بوشلۇقتىكى شەكلى ۋە سانلىق مىقدارلار مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ماتېماتىكا دەپ ئاتىلىدۇ .
ئوخشاش بولمىغان ھەرقايسى تارىخي دەۋىرلەردە ، ئىنسانلارنىڭ ماتېماتىكا ھەققىدىكى تونۇشى ئوخشاش بولمىدى ، ئەڭ دەسلەپ پەقەت بەزىبىر ئاددىي سانلار ۋە گېئومېترىيلىك شەكىل - جىسىملار ھەققىدىكى ئوقۇملارغا ئىگە بولدى ؛ 16- ئەسىرگە كەلگەندە ئارىفېتىكا ، ئېلېمېنتار ئالگېبرا ، ئېلېمېنتار گېئومېتريىە ۋە تېرگونومېتريىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئېلمېنتار ماتېماتىكا ئومۇمەن مۇكەممەللەشتى . 17- ئەسىردە ئىشلەپ چىقىرش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش بىلەن كىشلەر ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئۇقىمىغا ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن ماتېماتىكا ئۆزگىرىش جەريانىدىكى مىقدارلارنىڭ بىر -بىرىنى شەرت قىلىش مۇناسىۋىتىنى ۋە شەكىللەرنىڭ بىر - بىرىگە ئۆزگرشىنى تەتقىق قىلىدىغان بولدى ، شۇ ئارقىلىق ھەركەت ۋە دېئالېكتىكا ماتېماتىكىغا ئېلىپ كىرىلدى . ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، تېخىمۇ كۆپ تەبىئەت ھادىسلىرىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىش ، بىلىش ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى تېخىمۇ ئوبدان تىزگىنلەش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش تەلەپ قىلىندى ؛ شۇنىڭ بىلەن ماتېماتىكىنىڭ تەتقىق قىلىش دائىرسى ئۈلۈكسىز كېڭىيىپ ، مەزمۇنى كۈنسايىن بېيىپ باردى . -
ئارىفمېتىكا --- 算术 - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2010-09-20
ئارىفمېتىكا [算术]
ماتېماتىكىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئەڭ دەسلەپكى (باشلانغۇچ) قىسمى، ئۇ تەبىئىي سانلار ۋە ئۇلار ئۈستىدە قوشۇش ، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش، دەرىجىگە كۆتۈرۈش، يىلتىز چىقىرىش ئەمەللىرىنى بېجىرىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن سانلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى، ئەمەللەر قائىدىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت داۋامىدا قوللىنىلىشىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئارىفمېتىكا يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئالگېبرا ۋە سانلار نەزەرىيسىگە ئايلىنىدۇ.
-
ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب - [ماتېماتىكىلىق لۇغەت]
2010-09-20
。
ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب [算经十书]
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى گوزىجيەن (ئەينى ۋاقىتتىكى مائارىپنى باشقۇرىدىغان ئورگان ۋە ئالىي بىلىم يۇرتى ) دە ماتېماتىكا دەرسخانىلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، «جۇپى ھېسابلاش دەستۇرى»، «توققۇز بابلىق ئارىفمېتىكا»، «سۈنزى ھېسابلاش دەستۇرى»، «ۋۇساۋ ھېسابلاش دەستۇرى»، «شياخۇياڭ ھېسابلاش دەستۇرى»، «جاڭ چيۇجيەن ھېسابلاش دەستۇرى»، «دېڭىز ئاراللىرى ھېسابلاش دەستۇرى»، «ۋۇجىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى»، «جۇيشۇ»، «جىگۇ ھېسابلاش دەستۇرى» دىن ئىبارەت ئون ھېساب كىتابىنى دەرسلىك قىلىش بەلگىلەنگەن. شۇڭا كېيىنكى ۋاقىتلاردا «ھېسابلاش دەستۇرى ھەققىدىكى ئون كىتاب» دەپ ئاتالغان.
مەنبە: جاڭلۇڭخۇا تۈزگەن «ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ماتېماتىكىدىن ئىزاھلىق لۇغەت» -
كومپېلىكىس سان ۋە ئۇنىڭ مەنىسى - [ماتېماتىكىلىق فىلىملەر]
2010-09-09
-
ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكا دەرسىگە قىزىقتۇرۇش - [ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى]
2010-09-06
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشى ئۇلارنىڭ ماتېماتىكادەرسىنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىغا باغلىق بولىدۇ. كۆزىتىشىمچە، كۆپ ساندىكىئوقۇغۇچى يۇقىرى يىللىققا چىققانسېرى ماتېماتىكا دەرسىدىن سوۋۇپ كېتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ئۈچۈن، ماتېماتىكائوقۇتقۇچىسى دەرسنى ئالاھىدە ياخشى ئۆتۈش بىلەن بىللە، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغائەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
1.ئوقۇغۇچىلارغا ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسىتىنىچۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى دەرسنىڭ ئۆزلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىماتېماتىكا دەرسىدىكى ھەر بىر مەزمۇننى سۆزلەشتىن بۇرۇن، چوقۇم شۇ مەزمۇننى ئۆگىنىشمەقسىتىنى ئېنىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ كۆرسىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ دەرسكە بولغانقىزىقىشىنى قوزغىشى ھەم دەرسنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ھەلقىلالمىغان مەسىلىلەرگە كونكرېت چۈشەنچە بېرىشى كېرەك.2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ئاۋۋال ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشكەماھىر بولۇشى كېرەك. ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىئومۇميۈزلۈك يېتەكلەشكە، دەرسخانىدا ئەركىن، ئازادە بولۇشقا، ھەر كىمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىگە يارىشا ئىش كۆرۈشكە ماھىر بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشقىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماتېماتىكائۆگىنىشكە كىرىشتۈرەلەيدۇ. -
چوت (سەنپەن) ۋە چوت سوقۇش - [ماتېماتىكىلىق قۇراللار]
2010-09-06
。چوتنى جۇڭگو خەلقى ئۇزۇن زامانلار ھېسابلاش چوكىسى بىلەن ھېسابلاش ئاساسىدا، تەخمىنەن14 - ئەسىر ئەتراپىدا كەشىپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن چوت ھېسابلاش چوكىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ كەڭ تارقىلىپ ھازىرغىچە ئىشلىتىلمەكتە، ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزدە ئەڭ ئومۇملاشقان ھېسابلاش قوراللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چوت بىلەن ھېسابلاش چوت سوقۇش دېيىلىدۇ. جۇڭگودىن باشقا بەزى رايونلاردا چوت بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، كەڭ تارقىلالمىدى. قەدىمكى مىسىرلىقلار سودا - سېتىق قىلغاندا، يەرگە قۇم يېيىتىپ، قولى بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىقچە سىزىپ، ئاندىن ئۇششاق تاشلارنى بۇ ئېرىقچىلارغا تىزىپ، ئېرىقچىلاردىكى تاشلارنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ئارقىلىق قوشۇش، ئېلىشنى ئىشلىگەن. بۇ ئەڭ دەسلەپكى چوت ھېسابلىنىدۇ. كېيىن، ياۋروپالىق سودىگەرلەر ئېرىقچىسى بار تاختاينى قۇم ئورنىغا، مەخسۇس ياسالغان ئۇرۇقلارنى تاش ئورنىغا ئالماشتۇرغان. كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بۇ ھېسابلاش تاختىسى ئېلىمىزدە ئىشلىتىلىدىغان چوتقا ئاز - تولا ئوخشىغان. لېكىن، بۇ ھېسابلاش تاختىسى پولاتتىن ياسالغاچقا، ئېغىر ۋە قىممەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە غەربلىكلەردە قاپىيىلەشكەن ئاغزاكى ھېسابلاش ئۇسۇلى بولمىغاچقا، ئىشلىتىشكە ئەپلىشىپ بەرمەي، بارا - بارا شاللىنىپ كەتكەن. يەنە بەزى رايونلاردا چوت ھەربىر تاياققا10 ئۇرۇق ئۆتكۈزۈپ ياسىلىدۇ.