nazpari يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 07:57 PM
(14)
مەن ئايالىم بىلەن بىر قېتىم ئاجىرىشىپ (تالاق دىمىگەن) ئىددەت ئىچىدە يارىشۋالدىم. خىزمەت سەۋەبىدىن ( ئۇ خىزمەت قىلىمەن دەپ تۇرۋالغاچقا پىكرىگە ھۆرمەت قىغانىدىم) ئامالسىز ئىككىمىز ئىككى تەرەپ بولۇپ تۇردۇق، تۇرمۇش دىگەندە ئەر خوتۇن ئوتتۇرسىدا ئۇششاق جىدەل بوپقالىدىكەن، مەن ئاچچىقىمدا تىلفوندا ئۇچۇر يېزىپ ئۈچ يۈز تالاق دەپ ئەۋەتىپتىمەن.،كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلدىم . ئىنىق پەتىۋا تاپالماي ئاجىرىشىپ كەتتۇق. يىقىندا مۇنۇ ھەدىسنى كۆرۈپ قالدىم:«ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: رۇكانە ئايالىنى بىر ئولتۇرۇشتا ئۈچ تالاق قىلىپ ئۇنىڭغا بەك كۆڭلى يېرىم بولدى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭدىن: قانداق تالاق قىلغانتىڭ؟ دەپ سورىغاندا ئۇ: ئۈچ دېدى، رەسۇلۇللاھ: بىر ئولتۇرۇشتىمۇ؟ دەپ سورىۋىدى ئۇ: ھەئە دەپ جاۋاب بەردى، رەسۇلۇللاھ: ئۇ دېگەن بىر تالاق، خالىساڭ ئايالىڭنى قايتۇرۇۋال، دېدى، ئۇ ئايالىنى قايتۇرىۋالدى.(مۇسنەدى ئىمام ئەھمەد 2387-ھەدىس» ئىككىمىزلا ئىسسىق ئۆيىمىزنى تۇتۇپ قىلىشنى بەك خالايمىز. بىزگە ئاخىرقى مۇمكىنلىك بارمۇ؟ ياردەم بەرسىڭىزلەر.
چېسلا: 2011-09-26 \ يوللىغۇچى: سەۋدا
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: نادان! ئەگەر سىز بىر سۆز بىلەن 300 تالاق دېگەن بولسىڭىز مۇشۇ قېتىمقى تالاقنى بىر تالاق ھېسابلاشقا بولىدۇ. باشقا بۇندىن ئىلگىرى قىلىنغان تالاق سانى بىر بولسا، 300 تالاق دېگەن تالاقنى 2-تالاق دېسەك يەنە برى قېتىم يارىشىش پۇرسىتى بولىدۇ. بۇ تالاقتىن كېيىن 3 قېتىم ھەيز كۆرۈپ ساقايغان بولسا ئىددىتى توشۇپ يات ئايالغا ئايلانغان بولىدۇ. يەنى يېڭى نىكاھ بىلەن تويلۇق لازىم. ئەگەر 3 ھەيز توشقۇزمىغان بولسا نىكاھسىز قايتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
بۇ ئەگەر سىز قىلغان تالاق سانى باشتا بىر ، كېيىن بىر 2 تالاق بولسا شۇنداق. 3 بوپ قالغان بولسا يول يوق. بولسا بىرەر ئالىمنىڭ قېشىغا بېرىپ جەرياننى تولۇق بايان قىلىڭ.
چېسلا: 2011-09-26 \ يوللىغۇچى: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ