(14)
كۈنلىرى ئازاب، تەشۋىش ئىچىدە ئۆتىۋاتقان گۈلسەنەمنىڭ كېچىلىرى كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچقان، كۈندۈزلىرى غەم-ئەندىشە يۈرىكىنى قۇرتتەك غاجاپ ئۇنى تۈگەشتۈرىۋەتكەنىدى. يېقىندىن بىرى ئابباسنىڭ ئۆزىگە بولغان قىزغىن، ئوتلۇق مۇئامىلىسىنىڭ تۇيۇقسىزلا سۇسلاپ قېلىشى، يېرىم كىچە بولمىغۇچە ئۆيگە كىرمەسلىكى، ناۋادا بىرەر-ئىككى ئېغىز گەپ سورىغۇدەك بولسا قوپال تىگىپ سىلكىشلىرى گۈلسەنەمگە قاتتىق ئېغىر كىلىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە، تونۇشلاردىن ‹‹ سادىق بىلەن سائادەتنىڭ توي قىلىۋالغانلىق ›› خەۋىرىنى ئاڭلىشى ئۇنىڭغا قاتتىق ئەلەم قىلدى. ئۇ گەرچە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئابباس بىلەن نېكاھلانغان بولسىمۇ، لىكىن سادىقنىڭ ئۇياقتىن تۈرمىدىن چىقىپ بۇياقتىن سائادەت بىلەن توي قىلىشىغا چىدىمىدى. ئۇنىڭ يۈرىكىدە بىر پارچە ئوت گۈرۈلدەپ كۆيۈپ، ئۇنى قاتتىق ئازابلىماقتا ئىدى. گۈلسەنەم بۇنداق بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە ياشاۋىرىشكە چىدىمىدى. قىسقىسى ئۇ قاتتىق كۈنلەپ قالغانىدى. ‹‹ تەييار بالىلارغا ئانا بولىۋالدى ›› دەپ، ئىچىدە سائادەتنى نەچچە مىڭنى قارغىدى. ئۇنىڭغا قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلدى. لىكىن ئۇنىڭ قولىدىن باشقىلارغا ئۆلۈم تىلەشتىن باشقا ئىش كەلمەيتتى. ئۇياققا قارىسا ئابباسنىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقان سوغۇق مۇئامىلىسى، بۇ ياققا قارىسا كۈنچىلىك دەردى گۈلسەنەمنىڭ كىچىك قىزلارنىڭكىدەك سۈزۈك، سىلىق يۈزلىرىگە بىر نەچچە تال ئۇششاق قورۇق تاشلاپ ئۈلگۈردى. گۈلسەنەم ئەڭ ئاۋال ئىشنى ئابباستىن باشلاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بىر كۈنى كەچتە ئوخشىتىپ پولۇ ئەتتى. پولونى دۈملەپ قويۇپ ئابباسقا تېلفۇن ئۇردى. ئۇنىڭ تېلفۇن نۇمۇرلىرىنى بىسىۋاتقان قوللىرى سۇس تىترەۋاتاتتى. -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئابباسنىڭ سالاپەتلىككىنە يالغان يۆتىلىپ سالام قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. كەچتە پولۇ دۈملىگەنتىم. تاماق پىشقانتى. شۇڭا سىزنى كىلىپ تامىقىنى ئىسسىقىدا يەۋالامدىكىن دەپ تېلفۇن قىلغانتىم.
گۈلسەنەم ئۆز يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا ناز-كەرەشمە بىلەن ئەركىلەپ ئابباسنىڭ سۇسلاشقان كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تېرىشتى.
-ھە ئۇقتۇم.
ئابباسنىڭ تېلفۇننى قويىۋىتىشى بىلەن گۈلسەنەمنىڭ چىرايىدىكى يالغان تەبەسسۇممۇ شامالغا ئۇچراپ ئۆچۈپ قالغان شامدەك تىزلا ئۆچۈپ قالدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىمۇ قەلبىدىكى سوغۇق شامالنىڭ تەسىرىدە ئۆچۈپ قالايلا دەپ قالغانىدى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئابباس قايتىپ كىلىپلا ئۆزىنى مېھمانخانا ئۆيدىكى چەتئەلنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئويما سافاسىغا تاشلىدى. گۈلسەنەم قىزلارغا خاس چاققانلىق بىلەن بىردەمدىلا تاماقنى ئىلىپ چىقتى، قېنىق قىلىپ چاي دەملىدى. ئابباس ئۆزى كىرىپ قولىنى چايقاپ چىققاندىن كىيىن ئۇلار ئۈن-تىنسىز ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشتى. ئابباس دۇئا قىلىپلا سىرتقا مېڭىشى بىلەن گۈلسەنەم دەرھال ئۇنى توختىتىۋالدى :-
-توختاپ تۇرۇڭ. بىز ياخشىراق پاراڭلىشىپ باقايلى. بۇنداق بۇرۇختۇرما تۇرمۇشتىن بەك زېرىكتىم.
ئابباس ئىككى ئايدىن بىرى كۆڭلىگە چىگىلىپ قالغان تۈگۈننى بۈگۈن يېشىشنى لايىق كۆرۈپ قايتىپ كىلىپ ئولتۇردى. گۈلسەنەم ئۈستەلنى بىردەمدىلا يىغىشتۇرۇپ ئابباسنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ سۆز باشلىدى :-
-ئىككى ئايچە ۋاقىت بولۇپ قالدى. سىز ماڭا يا بىرەر ئېغىر گەپ قىلمايسىز. يا تۈزۈكراق چىراي ئاچمايسىز. نېمە ئىش بولدى؟ مەندىن ئۆتكەن سەۋەنلىك بولسا ئوچۇق ئېيىتسىڭىز مەن تۈزەتسەم بولىدىغۇ. بۇنداق قىلساق بۇ ئۆينى قانداق تۇتالايمىز؟
-نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىزگە گەپ قىلماي يۈرۈشۈمدە مېنىڭمۇ ئويلىغانلىرىم بار ئىدى. كاللامدىكى بىر قاتار مەسىللەرنى ياخشىراق ھەل قىلىۋىتەي دىگەن. لىكىن قارىسام سىز ئۇ ۋاقىتقىچە سەۋىر قىلالمايدىغان ئوخشايسىز. بوپتۇ، بۇ گەپنى بۈگۈن سىز ئۆزىڭىز باشلىدىڭىز. ئەمسە ئارىمىزدىكى ھەممە ئۇقۇشماسلىقلار ھەل بولۇپ كەتسۇن.
-مانا ئەمدى مېنىڭ ئىرىمغا ئوخشىدىڭىز،-گۈلسەنەم ئىتتىكلا كىلىپ ئابباسنىڭ بىلىكىگە ئىسىلدى. لىكىن ئابباس ئۆزىنى تارتىپ نېرىغا سۈرۈلۈپ بېرىپ ئولتۇردى. گۈلسەنەم يەنە داۋاملاشتۇردى، - نېمە ئىشلار بولسا ھەممىنى ئوچۇق دەڭ. ئىچىڭىزدە قويۇپ ئۆزىڭىزنى ئازابلىغاننىڭ نېمە پايدىسى ؟
-توغرا، ئىچىمدە قويغاننىڭ سىزگە ھىچقانداق پايدىسى يوقلىقى مۇمكىن. لىكىن ماڭا بەك كۆپ پايدىسى بار ئىدى. لىكىن قانچە ئويلاپمۇ تىگىگە يىتەلمىگەن بىر قانچە مەسىلىنى سىز بىلەن ئورتاقلاشمىسام بولمايدۇ.
ئابباس ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا سادىق بىلەن ئۇرۇشقاندا قان بولۇپ كەتكەن كۆينىكىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
-سىز بۇ كۆينەكنىڭ نېمە ئۈچۈن قانغا بويىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
گۈلسەنەم قاتتىق ئەجەبلەندى، ھەيران قالدى. نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا يۇيۇپ بېرەي دىسە ئۇنىماي ئۆزى ئايرىم قۇلۇپ سىلىپ ساقلىغان بۇ كۆينەكنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ پارىڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمىگەنىدى.
-ئاشۇ كۈنى سىز بازارغا كەتكەندە سىزنىڭ ئېرىڭىز ئۆيگە كىرىپلا مىنى ئۇرۇپ كەتتى.
ئابباسنىڭ ئاچچىقتىن تۆمۈردەك قارىداپ كەتكەن چىرايى، كاسىلداپ بىر-بىرىگە ئۇرىلىۋاتقان چىشلىرى ئۇنى قورقۇنچلۇق بىر تۈسكە كىرگۈزۈپ قويغانىدى. گۈلسەنەمنىڭ قورقۇنچىسىمۇ ئۇنىڭدىن كەم ئەمەس ئىدى. سادىقنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىلىپ ھەممە ئىشنى ئابباسقا ئېيىتقاندىن كىيىن، ئابباسنىڭ ئۆزىگە شۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلغان گۈلسەنەمنىڭ سائادەتكە تېخىمۇ ئاچچىقى كەلدى. ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ خىيالىچە بولغاندا، گۈلسەنەملەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرىسىنى سادىققا دەپ بېرىپ ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنى ئۇرۇشقا سىلىۋاتقىنى دەل سائادەت ئىدى. ئۇ شۇ ئارقىلىق بالىلارغا ھەم تەندۇرۇس بىر ئەرگە ئېگە بولىۋالماقچى بولغانىدى. گۈلسەنەم سائادەتتىن چوقۇم ھىساب ئالىدىغانلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويۇپ، ئابباسنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەييارلاندى.
-گەپ قىلمايسىزغۇ. ئەسلى سىز ئېرىڭىزنىڭ نىكاھىدا بار ئىكەنسىزغۇ. ئانىڭىز ھەم بويىغا يىتىپ قالغان قىزىڭىز بار ئىكەن. سىز نېمىشقا بۇ ئىشلارنى مەندىن يوشۇرىسىز؟
گۈلسەنەم دەرھال ئابباسنىڭ ئايىغى ئاستىغا يىقىلىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ ئەپۇ سورىدى :-
-كەچۈرۈڭ. ئۆز ۋاقتىدا مەن شۇنداق دىمىسەم بولمايتتى. چۈنكى مەن سىزنى بىرلا كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالغان. سىزمۇ بىلىسىز، ئەگەر مەن ئېرىمنىڭ نىكاھىدا ئىكەنلىكىمنى ئېيىتسام، سىز چوقۇم مېنى ئەمرىڭىزگە ئالمايتتىڭىز. نېمىلا بولمىسۇن، بىز نىكاھ قىلدۇرغان. ھالال ئەر-خوتۇن ھىسابلىنىمىز......
-ئېغىزىڭىزنى يۇمۇڭ!!!
ئابباس گۈلسەنەمنى قاتتىق سىلكىشلىۋەتتى. ئۇنىڭ نەچچە ئايدىن بېرى ئىچىدە يىغىلىپ قالغان ئاچچىقلىرى بۈگۈن ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتاتتى.
-مېنىڭ گىپىمگە نېمىشقا ئىشەنمەيسىز؟ مەن راست دەۋاتىمەن.
گۈلسەنەمنىڭ كەپتەر بالىسىدەك بۇقۇلداپ يىغلاپ كىتىشى بىلەن ئابباسنىڭ ئۇنىڭغا سەل ئىچى ئاغرىغان بولسىمۇ، لىكىن كۆڭلىدىكى تۈگۈننى يىشىۋىتىشنى ئويلاپ ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويىۋەتتى.
-سىزچە بولغاندا ئېرى بار بىر ئايال بىلەن نىكاھلانسام، ھەم ئۇ ئايال مەھرەمسىز بولسا بۇ نېكاھ مۇناسىۋىتى يەنە كۈچكە ئېگە بولىشى كېرەك ئىكەندە.
-مېنىڭ ئۇ ۋاقىتتا ماڭا مەھرەم بولغۇدەك ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنى تېپىش ئىمكانىيىتىم يوق ئىدى. چۈنكى ئۇلارغا ئۇ گەپنى ئېيتالمايتتىم. بىر كۈنى ئانام ھەم ئاكام بىلەن بازاردا ئۇچرىشىپ قالدۇق. شۇنداق قورقۇپ كەتتىم. ئاكام مېنى بىر قانچە قېتىم ئۇرۇش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ئانام ئارىغا كىرىۋىلىپ مېنى تاياق يىيىشتىن توسۇپ قالدى. لىكىن مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان تۇرسام، بۇ ساراڭ كۆڭۈل تېخى ئادەمنىڭ مەيلىگە باقمىسا. ئەمسە سىز ئېيتىڭە، مەن ئۆز ۋاقتىدا قانداق قىلسام بولاتتى؟ سىزنىڭمۇ مېنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭىز ئېنىققۇ. مانا ئەمدى بولغاندا مەندىن يۈز ئۆرىمەكچى بولىۋاتامسىز؟
-بۇ سىزدىن يۈز ئۆرۈش ھېسابلانمايدۇ. بىزنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بىر ئۆيدە تۇرىشىمىزمۇ خاتا ئىكەن. مەن بىلمەپتىمەن.
ئابباس ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى توسىۋالدى. ئۇنىڭ پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن گۈلسەنەم ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يېغىپ سورىدى :-
-ناۋادا مەن سىزگە تۇغۇپ بەرگەن بولسام، سىز چوقۇم مەندىن يۈز ئۆرىمەيتتىڭىز شۇنداقمۇ. ئەمەلىيەتتە مەن ئەڭ ئاخىرقى بالامنى تۇغقاندىن كىيىن يەنە تۇغسام بولمايدىغانلىقىنى دوختۇر ئەسكەرتكەن. لىكىن مىنىڭ سىز بىلەن داۋاملىق ئۆي تۇتۇپ قالغۇم بار.
ئابباسمۇ گۈلسەنەمگە بولغان كۆڭلىنى دىسە داۋاملىق ئۆي تۇتۇپ قالغۇسى بار ئىدى. لىكىن ئۇنىڭ ھىلىھەم سادىقنىڭ نىكاھىدا بارلىقىنى ئويلىسا قاتتىق ئاچچىقى كىلەتتى. ئابباس قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى يەنىمۇ ئويلىشىپ بېقىش ئۈچۈن گەپ قىلمايلا سىرتقا چىقىپ كەتتى.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەن بىر كۈنى گۈلسەنەم گىرىم ئۈستىلى ئالدىدا يېرىم سائەت ئولتۇرۇپ پەرداز قىلغاندىن كىيىن ئۆز چىرايىدىن تولۇق مەمنۇن بولۇپ سىرتقا چىقتى.
دوختۇرخانا ئالدىغا يېڭىدىن ئىچىلغان بۇ تاللا بازىرى خېرىدارىنىڭ كۆپلىكى، سىلىنغان ماللىرىنىڭ سەرخىللىقى بىلەن ئاۋات ئىدى. گۈلسەنەم بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ دۇكان ئىچىگە كىردى. ئۇ خېرىدارلارنىڭ تولۇق چىقىپ كىتىپ دۇكاننىڭ خالىي قىلىشىنى بىردەم ساقلىغاندىن كىيىن خېرىدارلار چىقىپ كىتىپ دۇكان خالىي قالغاندا سادىق كەينىگە بۇرۇلۇپ گۈلسەنەمنى كۆرۈپلا ئۆڭى ئۆچتى :-
-سەن بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭ؟
-سىزنى سىغىنىپ كەلدىم. بالىلىرىمنى ئۆزىمىز باقايلى دادىسى. يات خوتۇننىڭ قولىدا بالىلار ئانا مېھرىگە قانمايدۇ. مەن ئۇلارنى بەك سېغىنىپ كەتتىم.
-ئەڭ ياخشىسى ئەمدى بۇ يەرگە قەدەم باسما. بۈگۈندىن باشلاپ سەن مېنىڭ خوتۇنۇم ئەمەس. تالاق، تالاق، تالاق...........
سىرتتىن تاماق ئىلىپ كىرگەن سائادەت سادىقنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭغىچە سائادەتنى كۆرگەن گۈلسەنەم ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ دىكىنىپ قاراپ تۇردى.
-نېمانداق يۈزى قېلىن ئايال سىز. بالىلىرىمنى مەندىن تارتىۋالغاننى ئاز دەپ، ئەمدى ئېرىمنى ئازدۇرۇپ ئۇنىڭغا تىگىۋاپسىز.
قاراپ تۇرۇپ ئۆزىگە ھاقارەت قىلغان گۈلسەنەمگە ئاچچىقى كەلگەن سائادەتنىڭ قاراپ تۇرغۇسى كەلمىدى. قېرىغاندا ھەمراھ بولامدىكىن دىمىسە، نېمە قىلىدۇ بۇ ياشقا كىرگەندە ئەرگە تېگىپ.
-ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئىززىتىڭىز بىلەن بۇ يەردىن چىقىپ كەتسىڭىز بولامدىكىن. نۇمۇسمۇ قىلمايدىكەنسىز. ئېرىڭىز سىزنىڭ تالىقىڭىزنى بېرىپ بولدى. يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىسىز بۇ يەردە. ئۆز ۋاقتىدا بالىلىرىڭىزنى تاشلىۋىتىپ ئەمدى بولغاندا قايسى يۈزىڭىز بىلەن كەلدىڭىز بۇ يەرگە. بەك ئىپلاسكەنسىز.
-ھەي كىمىڭنى تىللاۋاتىسەن ؟؟؟؟
ئىككى ئايال ئىشىكتىلا چاچلىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتتى. سائادەتنىڭ ئەسلى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆزىنى پەسلەشتۈرگۈسى يوق ئىدى. لىكىن گۈلسەنەم ئۇنى قەستەن رەسۋا قىلىش ئۈچۈن ياغلىقلىرىنى ئىلىپ تاشلاپ پىيادىلەر يولىغا سۆرەپ چىقتى. تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالغان سادىق دەرھال چىقىپ ئاجىرتىۋەتكەن بولسىمۇ، گۈلسەنەم خۇددى غالجىرلاشقان ئىتقا ئوخشاش سائادەتكە ئىتىلىپلا تۇراتتى. ئېغىزىدىن ئەڭ سەت تىللارنى ياغدۇرۇپ سائادەتنى تىللاۋاتاتتى. ئۇنىڭغىچە يولدىن ئۆتىۋاتقان كىشىلەر، كىسەل بېقىۋاتقان كىشىلەر، ئالدىراش ماڭغان بولسىمۇ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باققۇسى كەلگەنلەر بىر يۇمىلاق چەمبەر ھاسىل قىلىپ ئۇلارنى دائىرىگە ئىلىۋالغانىدى. دەل مۇشۇ چاغدا دوختۇرخانا ئالدىغا كىسەل ئېلىپ كەلگەن ئابباس ماشىنىدىكى ئادەملەر چۈشۈپ بولغاندىكىن كىيىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن كىشىلەر ئارىسىدىن قىسىلىپ ئۆتۈپ ئەڭ ئالدىغا كەلدى. كۆز ئالدىدا ياغلىقى بوينىغا سېرىلىپ چۈشۈپ قالغىنىنى تۇيماي ئېغىزىدىن ھەرخىل سەت تىللارنى چىقىرىپ تىللاۋاتقان گۈلسەنەم تۇراتتى. نېرىراقتا بولسا بۇ ھاقارەتكە چىدىمىغان سائادەت يىغلامسىرىغان ھالدا كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرىۋاتاتتى. سادىق گۈلسەنەمگە ھاي بېرىپ بولالماي قالغانىدى. بىردەمدىلا نېمە ئىش بولغانلىقىنى پەرەز قىلغان گۈلسەنەم ئىتىلىپ كىلىپلا گۈلسەنەمنىڭ ئېغىزىنى تۇتىۋىلىپ سۆرەپ ئىلىپ ماشىنىغا چىقاردى،دە- ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى. سادىق كىشىلەرنى قايتىشقا دەۋەت قىلىپ سائادەتنى يۆلەشتۈرۈپ دۇكىنىغا كىرىپ كەتتى. سائادەت بولسا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خورلۇق ئىلكىدە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانىدى.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazpari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-6 07:57 PM