(10)
بىر ھەپتىدىن بىرى كۆڭلى قەلەندەرنىڭ خورجۇنىدەك قۇپقۇرۇق بولۇپ كەتكەن گۈلسەنەم نىمىگىدۇر ھەسرەتلىنەتتى. كىچىچە ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالماي، ئاھ ئۇراتتى، تولغىناتتى. ئىچى ئاچچىق بولاتتى. ماھىرەنىڭ دىگەن گەپلىرىنى ئويلىسا، يۈرىكىگە كۆرۈنمەس بىر پىچاق غاسسىدە سانچىلغاندەك بولۇپ، بىئارام بولاتتى. ئۇ گەرچە ھازىرقى تۇرمۇشىدىن شۇ قەدەر رازى بولسىمۇ، لىكىن كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولاتتى. ئېغىر ئۇھسىناتتى. قەلبى بىر نەرسىگە تەلپۈنسىمۇ، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي يۈرىكى ئامبۇردا قىسقاندەك موجۇلاتتى. كۈن بويى باھار ئاپتىپىدا ئېچىلغان مەغەز گۈلىدەك كۈلۈپلا تۇرىدىغان خۇشخۇي چىرايىنى، مانا ئەمدى ئېغىر غەم-قايغۇ تۇمانلىرى قاپلىغان ئىدى.
گۈلسەنەم ئەتتىگەندىلا روھسىز، جانسىز ھالدا ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ پۇتلىرى تۈگمەن تېشى ئىسىپ قويغاندەك ئېغىر ئىدى. گۈلسەنەم ئاخشام لەغمەن ئېتىپ ئىشىپ قالغان سەي، پىلتىلار بىلەن بىردەمدىلا ئىككى كىشىلىك لەغمەن تەييار قىلىپ، ئۈستەل ئۈستىگە ئىلىپ چىقتى. گۈلسەنەمنىڭ لەغمەن سىلىۋاتقىنىنى بىلگەن ئابباسمۇ ئالدىنئالا ئۈستەلگە كىلىپ ئورۇن ئىلىپ بولغانىدى. ئىككىسى بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشىۋاتقاندا، ئابباس ھىچ كۈتۈلمىگەن بىر ئېغىز گەپنى قىلىپ تاشلىدى :-
-ھەتتىگىنەي، بىر بالىمىز بولغان بولسا، مۇشۇ ئۈستەلمۇ چۆلدەرەپ قالماس ئىدى....
گۈلسەنەمنىڭ چوكا تۇتقان قوللىرى بىلىنەرلىك تىترەپ، يۈرىكى ئاغدى. مۇشۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئۇنىڭ چىرايى بىردەمدىلا تامدەك تاتىرىپ كەتتى. گەرچە گۈلسەنەم چاندۇرماسلىققا تېرىشقان بولسىمۇ، لىكىن ئابباسقا گەپ قىلغاندا دەز كەتكەن چىنىدەك تىترىگەن ئاۋازى ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ بىردەمدىلا ئۆزگىرىپ بولغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويىۋاتاتتى.
-نەدە چۆلدەرەپ قالىدۇ. يا بىزمۇ يالغۇز بولمىساق......
تاماق ئېغىر سۈكۈنات ئىچىدە يىيىلدى. تاماقتىن كىيىن ئابباس چاپىنىنى كىيىپ چىقىپ كەتتى. ئۆيدە گۈلسەنەم يالغۇز قالدى.
‹‹ ئابباس تۇيۇقسىزلا بالىنىڭ گىپىنى چىقىرىپ قالدىغۇ. ناۋادا ئۇ مېنىڭ مۇستاپانى تۇغقاندىن كىيىن بوغدۇرىۋەتكەنلىكىمنى بىلسە، قانچىلىك ئازابلىنار؟ ئۇ مەن ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدى. ئەمما مەنچۇ؟ قارىغاندا مەن بەك بولۇمسىز ئوخشايمەن.››
قاچا-قۇچىلارنى يۇغۇشتۇرۇشقا قولى بارمىغان گۈلسەنەم ئاشخانا ئۆيگە ئەكىرىپ داسقا سىلىپ قويغاندىن كىيىن مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ سافاغا يانپاشلىدى. ئۇ نەچچە كىچە كىرپىك قاقمىغان بولسىمۇ، كۆزلىرى يەنىلا ئۇيقۇدىن يېراق ئىدى.
‹‹ ماھىرە كەلگەن بولسىمۇ بوپتىكەن. ئۇ گەرچە مېنى ئىغىزىدا ئەيىپلەپ يۈرگىنى بىلەن كۆڭلىدە ماڭا بۆلەكچىلا ئامراقلىق قىلىدۇ. ››
گۈلسەنەم ئېغىر خىياللار ئىلكىدە سوزۇلۇپ خېلى ئۇزۇن ياتتى. كۆڭلى بارغانسىرى پەرىشان بولۇپ، ئۇنى ئازاب دېڭىزىغا غەرق قىلىۋاتاتتى. گۈلسەنەمنىڭ كۆڭلى تۇيۇقسىزلا بازارغا بېرىشنى تارتىپ قالدى. ‹‹ بازارغا چىقىپ ئايلىنىپ كىرسەم ياخشى بولۇپ قالارمەنيا. ئىشقىلىپ بۇنداق بۇرۇختۇم بولۇپ ئولتۇرغاندىن مىڭ ياخشى ››.
قاپقارا بۇلۇتلار ھېلىلا دەردىنى تۆكۈپ پۈتۈن جاھاننى ئاپئاق قارغا كۆمىۋىتىدىغاندەك، ئاسمان سەتھىسىدە ساڭگىلاپ تۇرىشاتتى. گەرچە ھاۋا سوغۇق، ئەتراپ تۇمان بولسىمۇ، بازار نەچچە كۈندىكىدىن قىززىپ كەتكەن ئىدى. ئالىدىغان ئادەمدىن ساتىدىغان ئادەم كۆپ بولۇپ، ھەرخىل ئاۋازلاردا خېرىدار چىللاپ، بازارغا جان كىرگۈزىۋەتكەنىدى. گۈلسەنەم ئايلىنىپ يۈرۈپ رەڭگى گىلاستەك قىپقىزىل تاۋۇزدىن بىر تىلىم يىدى. ‹‹ ئىم، نىمانچە بەتتام ! رەڭگى بولغان بىلەن تەمى يوق ئىكەن ئەمەسمۇ ›› گۈلسەنەمنىڭ بىر چىرايلىق چىرايى پۈرۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، چاندۇرماستىن تاۋۇزنىڭ پۇلىنى بېرىپ بازارنىڭ ئىچىگە قاراپ ماڭدى.
ئايالچە كىيىم-كىچەك دۇكانلىرى خىرىدارلار بىلەن لىققىدە تولغان بولۇپ، ئۇ يەر-بۇ يەردە باھا تالاشقان، ئۆزرە سوراشقان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. گۈلسەنەم ئايلىنىپ كىتىۋىتىپ سىرتقا چىقىدىغان ئىشىكتىلا ئانىسى ۋە ئاكىسى بىلەن دوقۇرىشىپ قىلىپ چۆچۈپ كەتتى. گۈلسەنەم ئاكىسىنىڭ دەرغەزەپ بولۇپ كەتكەن چىرايىغا بىر قارىۋىتىپ ئانىسى بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن، ئاكىسىنىڭ يول باشلىشى بىلەن چاققانغىنە جابدۇلغان بىر ئاشخانىغا كىردى.
-سەن ئەر بولمىسا بىر كۈنمۇ ياشىيالمامتىڭ؟
گۈلسەنەمنىڭ ئاكىسى سەمەت ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا گۈلسەنەمگە قوپال تەگدى. ئۇنىڭسىزمۇ پۇت-قوللىرى دىر-دىر تىترەپ، قورقۇپ ئولتۇرغان گۈلسەنەمنىڭ ئېغىزى يەر يىلىمىدا يەملەپ قويغاندەك مىتمۇ قىلمىدى.
-گەپ قىلە ھوي، ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن ئەر سارىڭى.....
گۈلسەنەم يەنە سۈكۈت قىلسا، گەپنىڭ تېخىمۇ سىسىقىنى ئاڭلايدىغانلىنى ھىس قىلىپ شىۋىرلاپ تۇرۇپ ئېيىتتى :-
-چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا نىكاھ مۇناسىۋىتى يوق ئىدى.
-بىكار گەپ قىلما! ھىلى بىكا.....
سەمەت بازغاندەك يوغان مۇشتۇملىرىنى تۈگۈپ ئىختىيارسىز ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى سەزگەن گۈلسەنەم ئانىسىغا ئۆتۈنۈش نەزەرىدە باقتى.
-سەمەت، ئولتۇرە بالام. بۇ يەردە نىمە سەتلىشىپ يۈرىيسەن. قارا، ھەممە ئادەمگە بىزگە قاراۋاتىدۇ.
تۇنسەخان سەمەتنىڭ قولىدىن تارتقۇشلاپ قايتىدىن ئولتۇرغۇزدى. مۇلازىمەتچى تاماقنى ئىلىپ كەلگەندە سەمەت گۈلسەنەمگە خۇددى يەۋىتىدىغاندەك ئالىيىپ قاراپ ئولتۇراتتى. تاماق كۆڭۈلسىز بىر كەيپىياتتا يىيىلدى. پۇت-قولى تېخىچە تىترەپ، قورقۇپ تۇرغان گۈلسەنەم تاماقنى ئىغىزىغا يىدىمۇ، بۇرنىغا يىدىمۇ بىلمەيۋاتاتتى.
-ماڭ، ئۆيگە كىتىمىز. ئۆيگە بېرىپ سەندىن ئالىدىغان ھىسابنى بىراقلا ئالىمەن. مېنىڭ ئۆيدە ئانچە تۇرمايدىغانلىقىم ساڭا ياخشى بىر پۇرسەت بوپتۇ دە !
سەمەت يۈك ماشىنىسى ھەيدەيدىغان شوپۇر بولۇپ، ئايالى گۈلسۈم ئىككىنى تۇغقاندىن كىيىن ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەنىدى.
گۈلسەنەم ماڭغىلى ئۇنىماي تارتىشىپ تۇرىۋالغاچقا، سەمەت ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ يىڭىدىن بىرلا تارتىپ يىڭىنى سۆكۈۋەتتى. گۈلسەنەم ئەمدى ئۈنسىز ياش تۆكۈشتىن بىراقلا ھۆڭرەپ يىغلاشقا ئۆتكەنىدى. ‹‹ قورققان ئاۋۋال مۇش كۆتۈرەر ›› دەپ، گۈلسەنەم يىغلاش ئارقىلىق ئاكىسى بىلەن ئانىسىنى قورقۇتماقچى ياكى ئۇلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمەكچى بولغانىدى.
-بالام، بولدى قىلغىن. ھەممە ئادەم بىزگە قارىشىۋاتىدۇ. بىكار يۈزىمىزنى تۆكىۋالمايلى يەنە.
-يۈزىمىزنىڭ مۇشۇ پاسكىنا سەۋەبلىك ئاللىقاچان تۆكۈلۈپ بولغانلىقىنى نېمىشقا بىلمەيسىز ئانا .
سەمەت قىياندەك يامراپ كىلىۋاتقان ئاچچىقىنى ئاجايىپ زور كۈچ بىلەن بىسىۋىلىپ، سىڭلىسىغا تازا ئالىيىپ قاراپ قويغاندىن كىيىن، ئۈن-تىنسىز كىتىپ قالدى. شۇندىلا گۈلسەنەم ئۈستىدىن ئېغىر بىر يۈكنى ئىلىپ تاشلىغاندەك يەڭگىللەپ قالدى. ئانا-بالا بىردەم بازار ئايلىنىپ گۈلسەنەمنىڭ باشلىشى بىلەن بىر كاۋاپخانىغا كىردى.
-بۇ يەرنىڭ كاۋاپلىرىنىڭ خېلى تەمى بار. بىز ئۆز ۋاقتىدا بەك يەيتتۇق.
-ئەلۋەتتە بالام. سىلەرنىڭ ناھىيە تەۋەلىكىدىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەردىن بىلمەيدىغىنىڭلار يوق. چۈنكى سىلەر ھەممە ھەۋەس قىلغۇدەك باي، بەختلىك ئىدىڭلار .
گۈلسەنەم بىشىدىن بىر چىلەك سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك ئەندىكىپ كەتتى. ئۇ ھىچ بولمىغاندا ئانسىنى بولسىمۇ بۇنداق زەھەردەك گەپ قىلار دەپ ئويلىمىغانىدى.
-نېمە دىسىڭىز مەيلى ئانا. مەن سىلەرنى خاپا قىلىپ قويدۇم. لىكىن بۈنىڭمۇ مەلۇم سەۋەبى بار. سادىق بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاللىبۇرۇن ئۈزۈلۈپ بوپتىكەن. مەن ئەقىلسىز نەچچە يىلدىن بىرى بۇنى بىلمەي يۈرۈپتىمەن.
-ھە؟! - تۇنسەخان ئاچا ھەيرانلىق ئىلكىدە گۈلسەنەمگە قارىدى - يوچۇنلا بىر گەپ قىلىسىزغۇ بۈگۈن ؟ ئەمما يەنە يالغان ئېيتىپ مىنى ئالدايمەن دىمەڭ. ھىلىمۇ سىزگە چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەنتىم. لىكىن ئانىنىڭ باغرى ھەقىقەتەن يۇمشاق بولىدىكەن.
-مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلاپ بېرىدىغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت ئانا.
گۈلسەنەم نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىدا سادىقنىڭ ئۆزىنى تالاق قىلىۋەتكەنلىكىنى، لىكىن چوڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ بىر بوۋاينى ئىلىپ كىرىپ ئۆزى بىلەن نىكاھلاندۇرۇپ، يېرىم سائەتتىن كىيىن ئازراق پۇل بېرىپ كەتكۈزىۋىتىپ، يەنە سادىق بىلەن نىكاھلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، نەچچە يىل بىلمەيلا نىكاھسىز ھالدا ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغانلىقىنى، كىيىن بىلگەندىن كىيىن قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى، ئابباس ئۇنىڭ يارا بولغان كۆڭلىگە مەلھەم بولۇپ ئۇنىڭغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلگەن بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلانغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىۋىتىپ ئاخىرىغا كەلگەندە زوق-شوخ بىلەن مۇنداق دىدى :-
-ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتىدۇ ئانا. مەندىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تۇنسەخاننىڭ بىشى پىررىدە قىيىپ كەتتى. ‹‹ ناۋادا گۈلسەنەمنىڭ دىگەنلىرى راست بولسا، ماھىرەدىن كىچىك ئالتە بالا ‹‹ ھارامدىن بولغان ›› بولمامدۇ ؟ بۇ قاتتىق گۇناھنىڭ سورىقىنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟ قىزى نېمانداق بەڭۋاش، نېمانداق بىپەرۋا چوڭ بولۇپ قالغاندۇ. نەۋرىلىك بولغۇدەك بولۇپ تۇرۇقلۇق، يەنە توي قىلمىغان 30 ياشلاردىكى بىر يىگىتكە تىگىۋىلىپ خۇشال بولۇپ كىتىشلىرىچۇ تىخى. توختا، ئۇنىڭدىن بىر گەپ ئىلىپ باقاي. ››
-بالام، ھازىرقى ئېرىڭىزنىڭ ياش، تېخى توي قىلمىغان يىگىت ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنەمسىز؟
تۇنسەخان ئامال بار ئاۋازىنى يۇمشاق چىقىرىشقا تېرىشىپ گۈلسەنەمنىڭ بىرەر تالمۇ قورۇق كۆرۈنمىگەن سىلىق يۈزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ.
-ئەلۋەتتە. مەن 40 ياشتىن ئاشقانلىقىمنى نەچچە قېتىم دەپ بولدۇم. ئەمما ئۇ مېنى ئالداۋاتىسىز، ئەمدىلا 35 ياشقا كىرگەندەكلا كۆرۈنىدىكەنسىز دەپ سۆزلەپلا يۈرىيدۇ. تىپىشىمۇ خىلى يامان ئەمەس. تۇرمۇشىمىزمۇ باياشاتچىلىق ئىلكىدە ئۆتىۋاتىدۇ ئانا.
تۇنسەخان ئەمدى گۈلسەنەمدىن ئۈمىدىنى تولۇق ئۈزۈپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشمايلا ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
جىمجىت ھۇجرىدا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆڭۈل ئىكرانىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتكۈزگەن گۈلسەنەم ‹‹ مەن نېمىنى خاتا قىلدىم؟ مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا نېمە كەم ؟ ›› دەپ بەك ئۇزاق ئويلاندى. بىر نەچچە ھەپتە قاتتىق ئويلىنىش گۈلسەنەمگە شۇنى ھىس قىلدۇردىكى :
سادىقنىڭ ئۆيىدە گەرچە تۇرمۇشى نامرات، ئاچ-توق ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ تۇرىدىغان، ئۆينى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولدۇرۇپ ئاۋات قىلىپ بىرىدىغان بالىلىرى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرەتتى. كىيىن گۈلسەنەمنىڭ يوليورۇقى بىلەن سادىق ھارامدىن نۇرغۇن مال-دۇنيا تىپىپ ئەكىرگەندە، گەرچە ئۇلارنىڭ ماددىي ئىھتىياجى تولۇقلانغان بولسىمۇ، لىكىن سادىق ھەر بىر كۈنىنى غەم-ئەندىشىدە ئۆتكۈزگەنىدى.
ئابباسنىڭ ئۆيىدە بىرنەچچە ئاي جاپا تارتىپ مەينەت ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، لىكىن ئاخىرى كۆڭۈلدىكىدەك بىر ئۆيگە كۆچىۋالدى. ئۆيۈڭ بارمۇ دىسە بار دىگۈدەك، ھەممە ئادەم ھەۋەسلىنىپ قارايدىغان مۇنۇ ئۆي ئۇنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ‹‹ كۆز گۆھىرى ›› ئىدى. لىكىن ‹‹ بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار ›› دەپ، ئائىلىنى شاد-خوراملىققا تولدۇرۇپ تۇرىدىغان بىر پەرزەنتىنىڭ يوقلىقى ئابباسنى ھەسرەتلەندۈرىۋاتاتتى.
گۈلسەنەمنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆل سۈيىدەك تىنىق ئۆتكەن ھاياتى بالىلىرىنى ئەسلەش بىلەن، تىنىچ كۆلگە تاش چۈشكەندەك داۋالغۇپ كەتتى. ئەمدى ئۇنىڭ كۈنبويى قىلىدىغان ئىشى بالىلىرىنى سىغىنىش، بالىلىرىنى ئەسلەپ كۆز يېشى قىلىش ئىدى.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ.....