(12)
مۇدھىش، سۈرلۈك تۈرمە دەرۋازىسى ھەيۋەت بىلەن ئېچىلىپ، ئورۇقلاپ قورايدەك بولۇپ قالغان سادىق كىچىككىنە يۈك-تاقىسىنى كۆتۈرگەن ھالدا چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان تۇنسەخان ئاچا ،سائادەت، ئالىم ۋە ماھىرەلەر ئىلدام قەدەم بىلەن سادىقنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇلار خېلى ئۇزاققىچە ھال-ئەھۋال سوراشتى. شۇنچە ئىزدەپمۇ بۇ تونۇش كۆزلەر ئارىسىدىن چىرايلىق ھەم مېھىرلىك بىر جۈپ كۆزنى ئۇچرىتالمىغان سادىق قاتتىق ھەيرانلىق ئىلكىدە ماھىرەگە قاراپ سورىدى :-
-قىزىم، ئانىڭىز كۆرۈنمەيدىغۇ؟
سادىقنى كۆرۈپ خۇشال بولغان، كۈلگەن كۆزلەردە بىردىنلا سوغۇق نۇر ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولدى. ھەممەيلەن گوياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك گۇناھكاردەك باشلىرىنى تۆۋەن سىلىشتى. بۇ كەيپىيات سادىقنىڭ بۈركۈتنىڭكىدەك ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. سادىق ھەممەيلەننىڭ سۈكۈتتە تۇرغىنىنى كۆرۈپ, بىر نەچچە مېنۇت ئىچىدە ھەرخىل ۋەھىمىلىك ئىشلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. لىكىن ئېغىزىدىن چىقىرىشقا پېتىنالمىدى.
-نېمە بولدۇڭلار؟ ھىچقايسىڭلار گەپ قىلمايسىلەرغۇ؟ ئەجىبا گۈلسەنەمگە بىرەر ئىش....
-دادا، ئاۋال ئۆيگە كىرەيلى. ئاندىن ھەر قانداق ئىشنى ئالدىرىماي مەسلىھەتلەشمەمدۇق!
ماھىرە شۇنداق دەپ بىر قولىد دادىسىنىڭ قولتۇقىدىن يۆلەپ ماشىنا تەرەپكە ماڭدى.
-دادا، مانا قاراڭ. بۇ سىزنىڭ نەۋرىڭىز مېھرىئاي بولىدۇ.
ماشىنا قوزغالغاندىن كىيىن ئارىدىكى جىمجىتلىقنى يەنىلا ماھىرە بۇزدى. ئەلۋەتتە ئۇنداق قىلمايمۇ بولمايتتى. چۈنكى ھازىر سادىق گۈلسەنەمگە بىرەر ئىش بولۇپ قالدىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرغاچقا، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەشمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.
-نېمانداق ئوماق قىز بۇ. خۇددى ئانىڭىزغىلا ئوخشاپتۇ قىزىم.
بۇ گەپ بىلەن ماھىرەنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ دادىسىنى ئۇنداق دەر دەپ ئويلىمىغاچقا، كەيپىياتنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بالىنىڭ گىپىنى چىقارغانىدى. لىكىن ئويلىمىغان يەردىن دادىسى يەنىلا گۈلسەنەمنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىدۇ. ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن دادىسىغا بۇ ئىشلارنى قانداق چۈشەندۈرۈشمۇ بىر مەسىلە تىخى.
-ۋوي راست، كۈيئوغلىمىزنى مۇئەللىم دىگەندەك قىلىۋاتاتتىڭلار. لىكىن مەن قارىسام شوپۇردەك قىلامدۇ نېمە؟
ماشىنىنىڭ رولىدا ئولتۇرۇپ قېيىنئاتىسىنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالغاچ ماشىنا ھەيدەۋاتقان ئالىم دەرھاللا جاۋاب بەردى :-
-ھە، بۇ دوستۇمنىڭ ماشىنىسى ئىدى. بۈگۈن بىر كۈنلۈك ئارىيەتكە ئالغانىدىم.
-تازا كايىپسىز دە !
سادىق سەل ئوڭايسىزلانغاندەك بولدى. ئەسلىدىنلا كەينى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان سائادەتنىڭ ئورنىدا گۈلسەنەم بولسا توغرا بولاتتى. بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى. لىكىن.........
-تەكەللۇپ قىلمىسىلا دادا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمەسمۇ! ئۇنداق دىيىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك
ئىشىم.
ئالىم يىنىدا ئولتۇرغان قېيىنئاتىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى. ماشىنا تۇنسەخان ئاچىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە يەڭگىل تورمۇز قىلىنىپ توختىدى.
-قىزىم، قارىسام ئانىڭىز بۇ ئۆيدىمۇ يوق تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولدى؟ مېنى ئەنسىرەتمەي تىزراق ئېيىتسىڭىزچۇ!
ماشىنىدىكىلەر ئۆيگە كىرىپ دۇئا قىلىپ بولغاندىن كىيىن سادىق تەقەززالىق بىلەن ماھىرەدىن سورىدى. ماھىرە نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قالدى. دەل شۇ چاغدا ئۆي ئىچىنى سىرتتىن كىرگەن بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى قاپلىدى.
-دادا.........
-دادا، سىزنى بەك سېغىندۇق.
-دادا.........
مىرادىل، مۇرات ۋە ئۇلارنىڭ ئۇكىلىرى كىلىپلا دادىسىغا يىپىشتى. سادىق بالىلارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويغاندىن كىيىن، ماھىرەگە سۇئال نەزىرى بىلەن تىكىلدى.
-دادا، ئەنسىرەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز ئويلىغاندەك چوڭ ئىشمۇ يوق....
-چوڭ ئىش بولمىسا ئېيىتمامسىز ئەمسە!
ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى پەملىگەن ئالىم بىلەن سائادەت بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. ئۆي ئىچىدە تۇنسەخان، ماھىرە ۋە سادىقلا قالغانىدى. تۇنسەخان بىردىنلا ئۈن سىلىپ يىغلىۋەتتى:-
-كەچۈرۈڭ بالام. مەن ياخشى ئانا بولۇشقا لايىق ئەمەس ئىكەنمەن. مەن قىزىمنى ياخشى تەربىيلىيەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، ئالدىڭىزدا بەك خىجىلمەن.
باش-ئايىغى يوق گەپتىن ھىچ نەرسىنى بىلەلمىگەن سادىق بىردە تۇنسەخان ئاچىغا بىردە ئىسەدەپ يىغلاۋاتقان ماھىرەگە قاراپ داڭقىتىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا ھەرخىل گادىرماچ خىياللار كىرىۋالغانىدى.
-زادى نېمە ئىش بولدى؟ ماڭا ئىنىقراق ئېيىتساڭلارچۇ. مۇشۇ تاپتا پۈتۈن خىيالىم گۈلسەنەمدىلا قالدى.
يىغىدىن ئازراق پەسلىگەن ماھىرە بولغان ئىشلارنى بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردى. سادىقنىڭ چىرايى تۆمۈردەك قارىداپ، گۈرەن تومۇرلىرى كۆپۈپ كەتكەنىدى.
-قىزىم ماڭا يالغان گەپ قىلىۋاتىسىز شۇنداقمۇ؟ مەن بىلەن ئويۇن ئويناۋاتىسىلەر شۇنداقمۇ؟ سادىق ھەرقانچە تېرىشمۇ بۇ گەپلەرگە ئۆزىنى ئىشەندۈرەلمەيۋاتاتتى. 20 نەچچە يىللىق قەدىناسىنىڭ بۇنداق ئىپلاس ئىشلارنى قىلىشىغا ھەرگىز ئىشەنمەيتتى. لىكىن تۇنسەخان ئاچىنىڭ تىرناق تاتىلاپ ياش تۆكۈپ ئولتۇرىشى، ماھىرەنىڭ ئىسەدەپ يىغلاپ كىتىشى بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ‹‹ئاھ خۇدا، بۇ قانداق ئىش؟ مەن نېمىنى خاتا قىلدىم؟ مېنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىم ئائىلەم ئۈچۈن ئىدىغۇ ھە ! ›› سادىقنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدىكى نىداسى ھويلىدىكى سائادەت بىلەن ئالىمغىمۇ ئوچۇق ئاڭلاندى.
-ھېلىقى نائەھلىنىڭ ئۆيى قەيەردە؟ تىز ئېيتىڭ !
دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن سادىقنىڭ مىڭىسى چاراسلاپ ئاغرىۋاتاتتى. ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە يوشۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىغانلىقىنى ھىس قىلغان ماھىرە، دادىسىغا ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئادرىسىنى ئېيتىپ بەردى. سادىق ساداقتىن ئايرىلغان ئوقتەك ئىتىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
ئاچچىقتىن يېرىلىپ كىتەيلا دەپ قالغان سادىق ئاچچىقىنى ئىشىك قوڭغۇرىقىدىن ئالماقچى بولغاندەك كۈچ بىلەن باستى.
-كىمو؟
ئۆي ئىچىدىن بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئاچە ئىشىكىڭنى ۋۇ نائەھلى......
ئابباسنىڭ ئىشىكنى ئېچىشى بىلەن تەڭلا، ھاۋادىن ئۇچۇپ كەلگەن بىر مۇشت ئۇنىڭ بۇرنىغا تەگدى، ئۇ كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ كەتتى. نېمە ئىش بولغانلىقنى ئاڭقىرالماي قالغان ئابباس بىشىنى كۆتۈرىشى بىلەن سادىق ئۇنىڭ بۇرنىغا يەنە بىر مۇشت ئۇردى. ئۇنىڭ بۇرنىدىن ئوقتەك ئىتىلىپ چىققان قان ئاپئاق كۆينىكىنى بىردەمدىلا قىپقىزىل قانغا بويىۋەتتى. لىكىن ئابباسمۇ بوش كەلمىدى. ئۇ بىر ناتونۇش كىشىنىڭ، ئۆيىگە كىرىپلا ئۆزىگە مۇشت ئېتىشىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغانىدى. پومىداقلىشىش، مۇشت ئېتىشىش بىر ھازاغىچە داۋام قىلدى. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى زەي تۈرمىدە يىتىپ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەن سادىق، ياش ھەم قاۋۇل ئابباستىن تۆت-بەش مۇشت يەپلا ھالسىراپ قالدى.
-ئاكا، سېز كىم؟ مېنى نېمىشقا ئۇرىسىز؟
-مېنى ئاكا دىگۈچى بولما ۋۇ نائەھلى. خەقنىڭ خوتۇنىنى خوتۇن قىلىۋىلىپ، يەنە مېنى نېمىشقا ئۇرىسىز دەيسەنغۇ خېجىل بولماي.
-ئاكا، سىز زادى نېمە دىمەكچى. مەن گەپلىرىڭىزنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم.
-ئەلۋەتتە چۈشىنەلمەيسەندە.
ئۇلار ئاستا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. سادىق ماھىرەنىڭ ‹‹ ھېلىقى ئادەممۇ ئانام نېمە دىسە ئىشىنىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدى. ئۇ ئادەم ئانامنىڭ ئېرى بارلىقىنى بىلسە بەلكىم ھەرگىز توي قىلمايتتى ››دېگەن گەپلىرىنى ئەسلەپ سەل پەسكويغا چۈشتى.
-سېز مېنى ئىزدەپ كەلگەن ئىكەنسىز، شۇنىڭغا قارىغاندا چوقۇم ماڭا دەيدىغان گەپلىرىڭىز بار. ئاۋال يۈز-قوللىرىمىزنى يۇيىۋىتىپ ئاندىن ئولتۇرۇپ چىرايلىق پاراڭلىشايلى بولامدۇ؟
سادىق ئۈن-تىنسىز ئابباسقا ئەگەشتى. ئۇ يۈز-قوللىرىدىكى، كىيىم-كىچەكلىرىدىكى قاننى يۇيۇپ مېھمانخانا ئۆيگە چىقتى.
-سەن بىلمەيسەن ئۇكا. ھازىر سەن ‹‹مېنىڭ ئايالىم ›› دەۋاتقان ئايال ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭ ئايالىم ئىدى.
ئابباسنىڭ كۆز ئالدىغا نەچچە يىل ئېلگىرى گۈلسەنەمنى تۇنجى كۆرگەن ۋاقىت كەلدى. ئۇ ۋاقىتتا گۈلسەنەم ماشىنىغا سادىق بىلەن بىللە چىققانىدى. ئابباس شۇ ۋاقىتتا ‹‹ بۇ ئىككىيلەن دادا-بالا بولسا كېرەك ›› دەپ ئويلىغانىدى.
-ئەجىبا ئىككىڭلار.....
-توغرا، بىز دادا-بالا ئەمەس، ئەر-خوتۇن ئىدۇق. مەن گۈلسەنەمنى بەك ئاسرايتتىم. ئۆي ئىشلىرىنىمۇ بىللە قىلىشىپ بەرگەچكە ئۇنىڭ چىرايى قىزلارنىڭكىدەكلا چىرايلىق ئىدى. ئەمەلىيەتتە گۈلسەنەمنىڭ 20 ياشتىن ئاشقان قىزى بار. ھازىر قىزىمىز توي قىلىپ بوپتۇ. نەۋرىسىمۇ بولدى دىگەن گەپ. سىز بىر ئەركىشى تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇنىڭ تىگى-تەكتىنى بەكراق سۈرۈشتۈرۈپ باقمىدىڭىز؟
-ئۇنداق بولسا مەنمۇ ئۆز كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتاي. مەن ئۇنى تۇنجى كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان. مەن شۇ ۋاقىتتا يولنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنراق بولىشىنى بەكلا ئارزۇ قىلغانىدىم. لىكىن قېرىشقاندەك سىلەر دىگەن يەرگە بىردەمدىلا كىلىپ قالدۇق. مەن شۇ ۋاقىتتا گۈلسەنەمگە قەستەن ئىسىم كارتۇچكامنى بەرگەن ئىدىم. كىيىن ئۇ مېنى ئۆيىگە چاقىرىدىغان بوپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولدۇمكى، ئىككى كۈن ماشىنىمۇ ھەيدىمەي ياسىنىپ تەييارلىق قىلدىم. سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارغا بارىدىغان كۈنى ئەتتىگەندە يەنە تېلفۇن كەلدى. گۈلسەنەم يىغلاپ تۇرۇپ، ئېرىنىڭ ئۆزىنى تالاق قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. مەن ئارتۇق ئويلانمايلا ئۇنى ئۆيۈمگە ئىلىپ كەلدىم. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئاتا-ئانىسى يوق يىتىممىش. ئېرىمۇ تالاق قىلىۋەتكەچكە ھازىر تۇرىدىغان يېرى يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىز 3 ئايدىن ئارتۇقراق بىللە تۇردۇق. كىيىن بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىلىپ نىكاھ قىلدۇردۇق....
-ئىشقىلىپ مەن ھازىرغىچە ئۇنى نىكاھىمدا دەپ ئويلاپ كەلدىم. ئاشۇ ۋاقىتتا گۈلسەنەم قىزىمىز بىلەن سىزنى تونۇشتۇرۇپ قويۇش مەقسىتى بارلىقىنى ئېيىتقاندا راست ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن. لىكىن ئىشلارنىڭ بۇنداق تەرەققىي قىلىپ كىتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. مەن ئۇنىڭغا بەكلا ئىشىنەتتىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن زور خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، ئۇنى ئالتۇن جابدۇقلارغا، ئېسىل كىيىم-كىچەكلەرگە كۆمۈۋەتتىم. شۇ قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى گۈلسەنەم ئۈچۈن ئىدى. - سادىق چوڭقۇر بىر تىنىۋىتىپ داۋام قىلدى ، - خەير ئۇكام، قالغان ئىشلارنى ئۆزىڭىز ئويلاپراق بىر تەرەپ قىلارسىز.
سادىق ئەلەڭ-سەلەڭ ھالدا ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى. سادىقنىڭ ئاخىرقى گەپلىرىنى ئويلاپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتكەن ئابباس، بازارغا كەتكەن گۈلسەنەمنىڭ قايتىپ كىلىپ ئۆزىنىڭ قان يۇقى كۆينىكىگە قورقۇنچ ئىلكىدە تىكىلىپ قارىغانلىقىنىمۇ، يىنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالمىغانىدى.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazpari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-5 12:00 PM