قەرزدار سۆيگۈ
پوۋىست
ئاتىگۇل ئەخەت نازپەرى
دوختۇرخانىنىڭ سۈرلۈك، مۇدھىش تاملىرى، دوختۇر سىستىرالارنىڭ قوپاللىقى سادىقنى قاتتىق بىئارام قىلدى. ئايالى گۈلسەنەمنىڭ قاتتىق تولغاق ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋارقىرىشى، يىغلىشى ئۇنىڭ يۈرىكىنى پۇچۇلىۋەتتى. سادىقنىڭ تۆمۈردەك قارىداپ كەتكەن چىرايى ئۇنىڭ تولىمۇ ئازابلىنىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى. ئۇ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ كارىدورىدا ئۇياق-بۇياققا ماڭغاچ بارماقلىرىنى چىشلىدى. ناۋادا مۇمكىن بولسا، مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئايالىنىڭ ئاغرىق ئازابىنى تەڭ تارتىشىپ بېرىشنى ئۇ چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلاتتى. لىكىن ئۇ ئىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئۆزىگە ئايان بولغاچ، سىرتتا ساقلاپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى. نەق شۇ ۋاقىتتا ئۇدۇلىدىن ئۆزى تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان 40 ياشلار چامىسىدىكى ئورۇققىنە كەلگەن، گىرادۇسلۇق كۆز ئەينەك تاقىۋالغان ئايال دوختۇر ئۇنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ قويۇپ كىرىپ كەتتى. نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالغان سادىق دوختۇرنىڭ ئارقىسىدىن تاپ بىسىپ كىرىپ كەلدى.
-سىز بىمارنىڭ ھامىيسى بولامسىز؟ - دوختۇر ئايال شۇنداق دەپ سادىقنىڭ جاۋابىنىمۇ ئالماستىن ئۈستەل تارتمىسىدىن بىر نەچچە ۋاراق قەغەزنى چىقىرىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويدى،دە- سۆزىنى داۋاملاشتۇردى - ئۇنداق بولسا مۇنۇ ھۆججەتلەرگە تىزدىن قول قويىۋىتىڭ.
-نىمە بۇ ؟
دوختۇر ئايال چىرايىنى پۈرۈشتۈرگەن ھالدا سادىققا قاراپ ھۆرپەيدى.
-ئۆز ۋاقتىدا قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ ئەمدى بولغاندا ‹‹ نىمە بۇ ؟ ›› دەپ كۆزىڭىزنى پارقىرىتىپ تۇرىسىزغۇ. ئايالىڭىز جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىدە جان تالىشىۋاتقىلى يىرىم كۈن بولاي دەپ قالدى. تىزدىن قول قويۇڭ. ۋاقىت قىس.......
دوختۇر ئايالنىڭ سۆرۈن تەلەتى، زەھەردىن ئاچچىق، ھىڭدىن سىسىق گەپلىرى سادىقنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرقى جىددىي پەيتتە سۆرۈن تەلەت ئايال بىلەن تالىشىپ تۇرۇشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ مىڭ تەسلىكتە ئاچچىقىنى بىسىۋالدى ۋە دوختۇرغا قاراپ مۇنداق دىدى.
-ئايالىمنىڭ ھايات ماماتلىق كۆرۈش قىلىۋاتقانلىقىنى، قاتتىق قىينىلىۋاتقانلىقىنى سىز دىمىسىڭىزمۇ مەن ئوبدان بىلىمەن. لىكىن مەن بىر قارا قورساق ئادەممەن. بۇ ھۆججىتىڭىزدىكى خەنزۇچە خەتلەرنى ماڭا بىر چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز، ئاندىن قول قويسام بولارمىكىن.
سادىقنىڭ دانىمۇ-دانە ئايرىپ قىلغان سۆزلىرىنى ئۆزىنى مازاق قىلغانلىق دەپ چۈشەنگەن دوختۇر ئايال ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ياغاق سۆڭەكلىرى بۆرتۈپ چىققان ئورۇق ئىككى مەڭزى قارىداپ مىس رەڭگىگە كىرىپ قالغانىدى.
-ئايالىڭىزنىڭ تۇغۇتى تەس بولۇپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ. بالىڭىزنىڭ ئورۇنلىشىشى تەتۈر ئىكەن. ھازىر ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي. ئانا-بالا ئىككىسىدىن پەقەت بىرنىلا ساقلاپ قالالايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنۇ ھۆججەتكە قول قويىشىڭىز كىرەك.
-قىززىق گەپ بولدى،دە- بۇ......
سادىقنىڭ لاغىلداپ تىترەۋاتقان قوللىرى چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرىنى يىشىش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئۇ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەندە چاپىنىنىڭ ئالدىنى يىشىۋىتىپ كۆنۈپ قالغانىدى.
-ئەلۋەتتە ھەر ئىككىلىسىگە تۇرىمەن. ئۇنداق بولمىسا ئايالىمنى دوختۇرخانىغا ئەكىلىپ نىمە قىلاتتىم. تاززىمۇ بىر ......
- بىزمۇ سەۋەپ قىلىپ باقىمىز. لىكىن قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا بىزدىمۇ ئامال يوق. ئۇنداق بولسا ھەر ئىشنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزىڭىز ئىگە بولۇڭ.
سۆرۈن تەلەت دوختۇر ئايال شۇنداق دىگىنىچە يوغان قوي كۆزلىرىنى ئالايتىپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
ۋاقىت مىنۇت، سىكۇنتلاپ ئۆتمەكتە. دوختۇر سىستىرالارنىڭ ئالدىراش چىقىپ يەنە كىرىپ كىتىشى بىلەن سادىق قاتتىق قورقۇنچقا چۆكمەكتە، ئىزتىراپ چەكمەكتە. ئايالى گۈلسەنەمنى ئەكىرىپ كەتكىلى 15 سائەتتىن ئىشىپ قالغان بولسىمۇ، لىكىن نە دوختۇر، نە سىستىرالاردىن كىچىككىنە خەۋەرمۇ يوق. ئۇلار ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراپ سادىققا قاراپمۇ قويماي كىرىپ كىتىشەتتى. سادىقنىڭ چىكىلىرىدىن ئاچچىق تەر چىپىلداپ ئىقىشقا باشلىدى. دىرىزە تۈۋىدە باش باھارنىڭ دولىنى قورۇغىدەك سوغۇقىغا يۈزىنى تۇتۇپ تۇرغان سادىقنىڭ يۈرىكىدىن قورقۇنچ سەۋەپلىك چىپىلداپ تەرلەپ كەتكىنى ئىنىقلا ئىدى. جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن ئاندا-ساندا ئاڭلىنىۋاتقان ۋارقىراش، يىغا ئاۋازى بارا-بارا ئۆچۈشكە باشلىغاندا، سادىق نىمە قىلارىنى بىلەلمەي پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئۇياق-بۇياققا مىڭىشقا باشلىدى.
-گۈلسەنەم بەرداشلىق بەرسە بولاتتى،-دەيتتى ئۇ ئۆز ئۆزىگە سۆزلەپ،- ناۋادا ئۇ كىتىپ قالسا 7 بالا قانداق قىلىدۇ؟ مەن قانداق قىلىمەن.......ياق، ئەمدى بولمىدى. جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان دەپتىكەن كونىلار. گۈلسەنەم ھايات بولسىلا، ماڭا يەنە تۇغۇپ بىرىدۇ. بولدى، ھىلىقى سۆرۈن تەلەت دوختۇرنى ئىزدەي ......
سادىق ئۆزىگە سۆزلەپ كىتىۋىتىپ ھىلىقى ئىشخانا تەرەپكە مىڭىشى، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن ئالدىراش چىققان سۆرۈن تەلەت دوختۇر ئايال ئۇنى چاقىردى.
-ئايالىڭىز ھوشىدىن كەتتى. ناۋادا سىز يەنە تەتۈرلۈك قىلىپ تۇرىۋالسىڭىز، ئانا-بالا ئىككىلىسىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يىتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىمار بەك قانسىراپ كەتتى. تىزدىن قان بىرىشىمىز كىرەك.
-بولىدۇ دوختۇر، مەن قول قوياي، مىنىڭ قېنىمنى ئىلىپ سىناپ بىقىڭلار.....
سادىقنىڭ قان تىپىنىڭ گۈلسەنەمنىڭكىگە ماس كىلىشى دوختۇرنى خۇشال قىلدى. ئالاھەزەل 5 سائەتلەرگە سوزۇلغان ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. ئادەمنى يەنە بىر خۇشال قىلىدىغان يىرى ئانا-بالا ھەر ئىككىلىسى ھايات قالغانىدى. بۇ خۇشخەۋەرنى ئاڭلىغان سادىق خۇشال بولۇپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى. تۈنۈگۈن ئاخشامقى سۆرۈن تەلەت دوختۇر ئايال ئەمدى ئۇنىڭ كۆزىگە قۇتقازغۇچى پەرىشتە بولۇپ كۆرۈنىۋاتاتتى.
-رەھمەت دوختۇر، بىزدىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانار. ئەجرىڭىزنى خۇدايىم بىرە......
-ئالدىراپ خۇشال بولۇپ كەتمەڭ. ئانا-بالا ھايات قالغان بىلەن تىنى بەكلا ئاجىز. بوۋاقمۇ ئاران 3 جىڭ كىلىدىكەن. بۇ نورمال ئىش ئەمەس. شۇڭلاشقا ئىددىيىڭىزدە تەييارلىق بولسۇن.
دوختۇر ئىشخانىسىدىن بىشى چۈشكەن ھالدا قايتىپ چىققان سادىق ئىچىدە دوختۇر ئايالنى تازا تىللىدى.
-سۆرۈن تەلەت، شۇم ئىغىز، قاغىش تەككۈر.....
ئۇ يەنە ئاللىنىمىلەرنى دەپ تىللىماقچى بولغانىدى، لىكىن سىستىرا قىزنىڭ چاقىرىشى بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كىردى.
قۇندۇزدەك چاچلىرى ھىلىلا يۇغاندەك ھۆل بولۇپ كەتكەن گۈلسەنەم جانسىز، ماغدۇرسىز ھالدا ئۆلۈكتەك ياتاتتى. بۇ ھالەتنى كۆرگەن سادىقنىڭ يۈرىكى ئىچىشتى، بۇرۇن كۆمۈرچەكلىرى تارتىشىپ، كۆزلىرىگە ياش كەلدى. ئۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ ئاستا ئايالىنىڭ قىشىغا كىلىپ ئولتۇردى.
-بىمار بەك زورۇقۇپ كەتسە بولمايدۇ. ياخشى ئارام ئىلىشى كىرەك. يەنە بىر گەپ، بىز بىمارنى ئىككى كۈن كۈزىتىپ قاراپ باقىدىغان بولدۇق. سىز خاتىرجەم بولۇڭ.
سادىق جاپاكەش ئايالىنىڭ تامدەك تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا ئۇزاق تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرغاندىن كىيىن، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ سىستىرانىڭ يىنىغا كەلدى. بىر ياشلىق بالىنى ئەسلىتىدىغان قاپقارا يۇمشاق چاچلار، 90 ياشلىق مومايلارنىڭ يۈزىدەك يول-يول قورۇقلۇق كىچىككىنە يۈز، كەلگۈسىدىكى غايە نىشانىغا يىتىشنى ئارمان قىلغاندەك چىڭڭىدە تۈگۈۋالغان كىچىككىنە مۇش....سادىقنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالدى. ھاياتلىنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىنىڭ بۇنچىلىك مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئۇ 8-بالىسى تۇغۇلغاندا ئاندىن ھىس قىلغانىدى. سادىق تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن بوۋاقنى ئاۋايلاپ قۇچىقىغا ئالدى. ھەمدە يىرىك ساقاللىرىنى سانجىپ تۇرۇپ بوۋاقنىڭ پىشانىسىگە چوڭقۇر مىھرى بىلەن سۆيۈپ قويغاچ پىچىرلىدى.
-باشقىلارنىڭ ‹‹ پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالا ھەم چىرايلىق ھەم مىھرى ئىسسىق بولىدۇ›› دىگەن گەپلىرى راست ئىكەن.
-نىمە؟ پىلاندىن سىرت ؟
سىستىرا قىز كۆكۈچ كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدى. پىلانلىق تۇغۇتنى كۈچەپ يولغا قويىۋاتقان مۇشۇ زاماندىمۇ پىلاندىن سىرت تۇغىدىغانلارنىڭ بەخىرامان ھالدا تۇغىۋىرىشى ئۇنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغانىدى. سىستىرا قىز سادىقنىڭ كۆزلىرىدىن ئاچچىق ئۇچقۇنلارنى چاقنىتىپ قاراپ تۇرىشىدىن بىئەپ ھىس قىلدى بولغاي، قۇش پىيىدەك يەڭگىل دەسسەپ چىقىپ كەتتى.
ناھىيلىك ياغ زاۋۇتىنىڭ ئائىللىكلەر قوروسىدىكى بىر نەچچە ئېغىز ئۆيى بار كىچىككىنە ھويلا كىلىپ-كىتىۋاتقان مىھمانلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى بىلەن قىززىپ كەتكەنىدى. ئەتتىگەندىن بىرى مىھمان كۈتۈپ ھېرىپ ھالى قالمىغان ماھىرە، مىرادىل، مۇراتلار ھالسىز پۇتلىرىنى سۆرەپ ئانىسى ياتقان ئۆيگە كىردى.
-ۋاي جىنىم نەۋرىلىرىم، ھىرىپ كىتىپسىلەردە. ھە قىنى، بۇ ياققا كىلىپ پۇتۇڭلارنى ئۇزۇن سۇنۇپ يىتىۋىلىڭلار بالام.
تۇنساخان ئانىسىنى ئىمىپ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن بوۋاقنى ئاۋايلاپ قويۇپ قويغاندىن كىيىن گۈلسەنەمگە قاراپ مۇلايىملىق بىلەن سۆز باشلىدى.
-قىزىم، بۈگۈن ئات تويى قىلدۇق دەپ بالىلارنى كۆپ چارچىتىۋەتتۇق. قېرى جىنىم بىلەن مەن مېھمانلارنى كۈتۈپ بولالمىدىم. بۇ نەۋرەمگە ئىسىمنى قاچان قويىدىكەن؟ كەچ كىرىپ قالاي دەۋاتىدۇ. مىھمانلارمۇ ئاساسەن تارقاپ بوپتۇ. ئەمدى سادىقاخۇن بالام موللامنى چاقىرىپ كىرسە گاچچىدە ئىسىمنى قويىۋەتكەن بولسا ياخشى بولاتتى.
تۇنسەخان ئاچىنىڭ گىپى تۈگىشىگىلا سادىق ئاپئاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشكەن، چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرغان بىر كىشىنى باشلاپ كىردى. ئۆي ئىچىدىكىلەر بىردەم ئۆرە-تۆپە بولۇشقاندىن كىيىن سادىق ئۇ كىشىنى كىرىم قارىم دەپ تونۇشتۇردى. كىرىم قارىممۇ ئۆز نۆۋىتىدە تۇنسەخان ۋە گۈلسەنەملەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم تىنىچ-ئامانلىق سوراشتى. مىرادىل چىقىپ ئاپتۇۋا-چىلاپچىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ قارىمنىڭ قولىغا سۇ بەردى. سادىق داستىخان سىلىپ بولغۇچە مۇرات بىر لىگەن ئاش پولۇنى كۆتۈرۈپ كىردى. تاماق ئۈن-تىنسىز يىيىلدى. ئۆي ئىچى گۆرۈستان جىمجىتلىقىغا چۆككەن بولۇپ، چىۋىن ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە ئىدى. تاماقنى ئاۋاز چىقارماي يەپ بولغان كىرىم قارىم ئازراق ھە-ھۇدىن كىيىن دۇئاغا قول كۆتۈردى.
-خوش، بوۋاقنىڭ ئىسمىنى نىمە قويىدىغان بولدۇق؟
كىرىم قارىم قول چايقاپ بولۇپ ساقىلىنى سىيپىغان ھالدا سادىقتىن سورىدى.
-بىز ئۆيدە مۇستاپا قويۇشنى مەسلىھەتلەشكەن. بۇ ئىسىم قارىمغا ماقۇل كىلەمدۇ يوق شۇنىڭغا قاراپ بىر ئىش قىلارمىز.
-ياخشى ئىسىمكەن، ياخشى ئىسىمكەن. 4 يىل بۇرۇن بىر ئوغلىڭىزغا مۇجاھىد دىگەن ئىسىمنى تاللىغان ۋاقتىڭىزدىمۇ مەن بەك خۇشال بولغان ئىدىم. ئەمسە مۇبارەك ئىسمى مۇستاپا بولۇپ كەتسۇن.
قارىم ئوتتۇرا ئۆيگە چىقىپ ئالدىن تەييارلانغان جەينامازدا ئىككى رەكئەت تاھارەت نامىزى ئوقۇۋالغاندىن كىيىن سادىق كۆتۈرۈپ كىرگەن بوۋاقنى قولىغا ئىلىپ ئوڭ قۇلىقىغا ئەزان، سول قۇلىقىغا تەكبىر ئىيتىپ بولۇپ مۇڭلۇق ئاۋازدا مۇنداق دىدى.
-ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرى، پەرىشتىلەرنىڭ ئاسماندىن ئىلىپ چۈشۈپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ دىلىغا سىلىشى بىلەن ئىسمىڭىز مۇستاپا بولسۇن. ئىسمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
مۇستاپا خۇددى بىرسى چىمدىۋالغاندەك چىررىدە چىرقىراپ يىغلىۋەتتى. كىرىم قارىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇستاپانى سادىققا بىرىپ خوشلىشىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا، تۇنسەخان ئاچا پەتنۇستا بىر كىيىملىك رەخت، 100 كوي پۇل كۆتۈرگەن ھالدا كىرىپ كەلدى.
-قارىم ئاز بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى كۆپكە تاۋاپ قىلىپ ئىلىپ قويسىلا، لايىقلىرىدا بولالمىدۇق .
-ياق، ھەرگىز ئۇنداق دىمىسىلە. كۆپ كايىپ كىتىپلا.....
قارىمنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ قويۇپ قايتىپ كىرگەن سادىق گۈلنىسانىڭ قىشىدا ئولتۇرغان سۆرۈن تەلەت تۇغۇت دوختۇرىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ئۇلارغا تۇققان كەلمەيدىغان بۇ ئايالنىڭ بۇ يەردە ئولتۇرىشى سادىق ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن بىر ئىش ئىدى. دوختۇر ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ سادىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سالاملاشقاندىن كىيىن مۇستاپانى قولىغا ئىلىپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئارىدىن خىلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، ئۆي ئىچىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە ھەيرانلىق نەزەرىدە قاراپ تۇرغىنىنى كۆرگەن دوختۇر ئايال بالىنى ئاۋايلاپقىنە ئورنىغا ياتقۇزۇپ قويغاندىن كىيىن ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋىتىپ گەپ باشلىدى.
-بەلكىم ھازىر ھەممىڭلار مىنى ‹‹نىمە دەپ كەلگەندۇ ›› دەپ ھەيران قالغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن. - ئۇ ھەممەيلەنگە تەكشى بىر قاراپ چىققاندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. - مىنىڭ ئىسمىم سائادەت. ئۆزۈڭلار كۆرگەندەك ناھىيلىك دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىدە ئىشلەيمەن. ئۆزۈم بۇ يىل 41 ياشقا كىردىم. 7 يىل بۇرۇن يولدىشىم قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغاندىن كىيىن يالغۇز ياشاۋاتىمەن. يالغۇز ياشاۋاتىمەن دىسەم ھەيران قالماڭلار، مەن بىر تۇغماس ئايال.
سائادەت كۆزىدىن ئۈنچىدەك تۆكۈلىۋاتقان ياشنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتكەندىن كىيىن يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى.
-ھىلىقى كۈنى بۇ سىڭلىمىز تۇغۇتىدا شۇنداق قىينىلىپ كەتتى. 10 يىللىق تۇغۇت دوختۇرى تارىخىمدا بۇنداق قىينالغان ئايالنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. لىكىن ئانا-بالىنىڭ يەيدىغان رىسقى بار ئىكەن. ھەر ئىككىيلەننىڭ ساق-سالامەت تۇرغىنىنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بولدۇم. خۇددى ئاشۇ كىسەل كارىۋىتىدا ئۆزۈم ياتقاندەك بىر ھالەت مەندە شەكىللەندى. كۆز ياشلىرىمنى يوشۇرۇپ ئاستا ئىشخانامغا چىقىپ كەتتىم. ئۇ يەردە يالغۇز ئولتۇرۇپ قانچىلىك يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن. بىر ۋاقىتلاردا ئىشىك چىكىلىپ سىستىرا قىز كىرىپ كەلدى. ئۇ بۇ بوۋاقنىڭ پىلاندىن سىرت تۇغۇلغانلىقىنى ئىيىتقاندا قۇلاقلىرىمغا ئىشىنەلمەيلا قالدىم. سىلەرنىڭ يىنىڭلارغا دەرھال چىقىپ بوۋاقنى ماڭا بىرىشىڭلارنى ئۆتۈنگۈم كەلدى. لىكىن گۈلسەنەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئويلاپ ئۇنداق قىلمىدىم. ئىككى كۈندىن كىيىن سىلەر چىقىپ كىتىدىغان ۋاقىتتا سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋال ئىيتىش ئۈچۈن كىتىۋاتقىنىمدا تۇيۇقسىز تېلفۇن كىلىپ قالدى. ئاكامنىڭ دىيىشىچە ئانام ھوشىدىن كەتكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن يۈرىكىمنىڭ بىر پارچىسىنى سىلەرنىڭ يىنىڭلاردا قالدۇرۇپ كەينىمگە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئىككى كۈنگىچە ئانامنىڭ بىشىدا پايپىتەك بولۇپ يۈردۈم. لىكىن قەلبىمدىكى بۇ بوۋاققا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق قىلچە سۇسلاپ قالمىدى. ئانامنىڭ ئەھۋالى سەل ئىزىغا چۈشكەندىن كىيىن ھىلىقى سىستىرا قىزنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن سىلەرنىڭ ئادىرسىڭلارنى سورىدىم. لىكىن ئۇ قىز بىلمەيدىغانلىقىنى ئىيىتتى. شۇنىڭ بىلەن 3 كۈندىن بىرى سوراپ، سۈرۈشتە قىلىپ يۈرۈپ ئۆيۈڭلارنى ئاران تىپىپ كەلگىنىمدە بوۋاققا ئىسىم قويىۋاتقان ئىكەنسىلەر. ھويلىدا تۇرۇپ قارىمنىڭ ‹‹ مۇبارەك ئىسمىڭىز مۇستاپا بولسۇن ›› دىگىنىنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولدۇم.......
سائادەت سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە گۈلسەنەم گەپنىڭ بىلىگە تەپتى.
-بىزنى نىمە كۆرىۋاتىسىز. كۈندە ئۈچ ۋاخ ئۇماچ ئىچسەكمۇ بالىمىزنى ئۆزىمىز باقىمىز. تەييار بالىغا ئىگە بولاي دەپ كەلدىڭىزما بۇ يەرگە؟ ناۋادا شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز ئىززىتىڭىز بىلەن ئۆيىمىزدىن چىقىپ كىتىڭ.
گۈلسەنەمنىڭ ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ قالايلا دەپ قالغانلىقىنى كۆرگەن سائادەت قول سومكىسىدىن بىر كونۋىرتنى چىقىرىپ داستىخانغا قويدى.
-بۇ مىنىڭ ئازغىنە كۆڭلۈم. ناۋادا تەشكىلدىن ئۇقۇپ قالغۇدەك بولسا ۋە ياكى بۇ بالىنى يوشۇرالماي قالساڭلار ماڭا خەۋەر قىلىڭلار. بىر نەچچە ئاي بىقىپ تۇرۇڭ دىسەڭلارمۇ ياق دىمەيمەن.
سائادەت كۆزلىرىدىن بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتكەن پىتى ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. بىردە داستىخان ئۈستىدىكى كونۋىرتقا، بىردە سائادەت ھازىرلا چىقىپ كەتكەن ئىشىككە قاراپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان سادىق خىلى ئۇزۇندىن كىيىن ئىسىگە كىلىپ، خوش دەپ قويۇش ئۈچۈن ئىشىك ئالدىغا چىققاندا سائادەتنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazpari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-20 03:39 PM