32-باب جاھانغا جاكارلاش
ئىستىراتىگىيىلىك ماددىي ئەشيالارنى قوغدايدىغان قىسىملارنىڭ ئادەم سانى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما تۇيۇقسىز ھۇجۇم ئالدىدا تەمتىرەپ نېمە قىلىشنى بىلمەي قېلىشتى. بىر قىسىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرى «خاممېر» ماشىنىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىلىموت ۋە تانكىغا قارشى مىناميوتلارنى ئېتىپ، جۇڭگو، روسىيە ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جېنىنىڭ بېرىچە تىركەشمەكتە ئىدى، بىراق تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئاللىقاچان قوللىرىدىكى قوراللىرىنى تاشلاپ قېچىشقا باشلىدى! بىراق پۈتكۈل قىسىم غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ ھۇجۇمىدا چېچىلىپ كەتكەچكە، ئۈنۈملۈك قايتۇرما زەربە بېرەلمىدى. غەلىتە مەخلۇقلارمۇ يېرىقتىن ئۈزۈلدۈرمەي چىقىشقا باشلىدى، ھەممە يەرنى ئېچىنىشلىق چىقىرىغان ئاۋازلار قاپلىدى! «گۇمباڭ!» قىلغان غايەت كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەسلىدە بىر قىسىم ئوق-دورىلار غەلىتە مەخلۇقلار پۈركىگەن كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق تەسىرىدە پارتلىغان ئىدى. پۈتكۈل تەمىنات بازىسى بىردىنلا ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالدى. ئوت يۇرۇقىدا غەلىتە مەخلۇقلار خۇددى دوزاختىن چىققان ئالۋاستىلاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى، نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنىڭ كاللىسى توختاپ قالدى. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەڭگە چىقسا ھەر ۋاقىت ئۆلۈمگە دۇچ كېلىدىغىنىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى رەقىبى ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسانلار بولۇپ، ئىلگىرىكى ئوققا قارشى كېلىدىغان ئۆلۈمدىن قىلچىمۇ قورقمايدىغان غەلىتە مەخلۇقلارغا ئوخشىمايتتى. كۈچلۈك كىسلاتا بەدەنگە چېچىلىش بىلەنلا دەرھال بەدەننى چىرىتىپ يوغان تۆشۈك ئېچىپ قوياتتى، ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئادەم تېخى ئۆلمەيتتى، ئورغاققا ئوخشايدىغان بېلەك بىر پۇلاڭشىش بىلەنلا، ئادەم پارچە-پارچە بولۇپ كېتەتتى. يەر يۈزى پۈتۈنلەي غەلىتە مەخلۇق ۋە ئادەملەرنىڭ جەسىتى بىلەن توشقان بولۇپ، ئۇلار قىزىل، يېشىل ئارىلاشقان قان سۇيۇقلۇقىغا چىلىشىپ ياتاتتى!