• قوللانچى: پارول:

بىر پۇلدان ئىككى خىل تەقدىر

2012-يىل 7-سىنتەبىر كۈنى نەنجىڭلىق دىڭ ئەپەندى پۇلدان(ATM) غا پۇل قويۇش جەريانىدا، مەشغۇلات خاتا بولغانلىقتىن پۇلدان ئۇنىڭ بىر تۈمەن يۈەن پۇلىنى يۈتۈۋالغان، ئۇ بانكىغا تېل قىلغاندا، بانكىدىكىلەر ئىككى خىزمەت كۈنىدە پۇلىنى قايتۇرۇۋالالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، دىڭ ئەپەندى باشقا بىر تېلدا بانكىدىكىلەرگە پۇلداننىڭ ئۈچمىڭ يۈەن پۇلنى ئارتۇق چىقىرىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقاندا، بانكىدىكىلەر بەش مىنۇت ئىچىدە يېتىپ كەلگەن.

ATM

بانكا تەرەپ بۇنىڭغا 1-خىل ئەھۋالدا خېرىدارلارنىڭ نەقپۇل بىخەتەرلىكىگە تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى، ئىككى خىزمەت كۈنىدە ھېسابات سېلىشتۇرۇلۇپ، نەق مەيداندىكى سىن خاتىرىسگە ئاساسەن خېرىدارلارنىڭ پۇلىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى؛ 2- خىل ئەھۋالدا بولسا، گەرچە بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولسىمۇ، خېرىدارلارنىڭ نەقپۇل بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چۈشەنچە بەرگەن.

ئادۋوكاتلار بۇنى ئادالەتسىزلىك دەپ باھالىغان. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە: ئەگەر نەق مەيداندىكى سىنكۆز (监控器) دەل خېرىدار پۇل قويۇۋاتقان چاغدىكى كۆرۈنۈشنى كاشىلا سەۋەبىدىن تارتمىغان بولسا، ئۇنداقتا خېرىدارنىڭ ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتى بولمايدۇ، ئۇ پۇلدان يۈتۈۋالغان پۇلىنى قانداق قايتۇرۇۋالالايدۇ؟ ئۇندىن باشقا، پۇلدان ئارتۇق پۇل يۇتۇۋالسا ئىككى خىزمەت كۈنىدە بىر تەرەپ بولىدىكەن، پۇلدان ئارتۇق پۇل چىقىرىپ بەرسە، بانكا تەرەپ بىردەمدە كېلىپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن، بۇ بانكىنىڭ ئۆز كۈمۈچىگە ياغ تارتىپ، خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىنى چەتكە قايرىلغانلىق، ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنىڭ ئادا قىلىنىشىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، بۇ بانكىنىڭ مۇلازىمىتىدە يېتەرسىزلىكنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى چۈشەندۈرپ بېرىدۇ.

خەنچە مەنبەسى: ۋاڭيى تورى http://news.163.com/12/0910/00/8B0IIQE700014AED.html




1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئەنگىلىيەدە بىر پۇلدان بۇزۇلۇپ قېلىپ بىر ۋاراققا مانچە ۋاراق چىقىرىپ بەرگەن، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆچىرەت تۇرۇشۇپ پۇل «بۇلاشقان». ئەتىسى بانكا بايانات ئېلان قىلىپ بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزلىرىدىكى سەھۋەنلىك بولغاچقا، بارلىق زىياننى ئۆزى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىشقان.

    بۇنىڭدىن نەچچە يىل بۇرۇن جۇڭگۇدىكى بىر ياش پۇل ئالغىلى بېرىپ، پۇلداننىڭ پۇلنى خالىغانچە چىقىرىدىغانلىقى بايقاپ يۈز مىڭدەك پۇلنى ئېلىپ كەتكەن، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنى تۇتۇۋالغان ھەمدە ئۇزاق ئۆتمەي سوت ئېچىپ ئۇنى مۇددەتسىز كىسىۋەتكەن….

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif