• قوللانچى: پارول:

76-باب ئۆلۈم بىلەن بەسلىشىش

ــ نېمە ئىش بولدى؟ يەر تەۋرىدىمۇ؟ــ بىر ئەسكەر ئالاقزادە بولغان ھالدا توۋلىدى، ئېھتىمال سىرتتىكى ئاشۇ غەلىتە مەخلۇقلار پۈتكۈل يەر ئاستى بازىنى گۆمۈرۈۋېتىپ ئۇلارنى بۇ يەرگە تىرىك كۆمۈۋەتمەكچىمىدۇ؟
ئەمما سىرتتىكى زېگېر قوشۇنى ھاڭۋېقىپ قېلىشقان ئىدى، تەۋرەۋاتقىنى ئاۋۇ قارىماققا ئاللىقاچان كېرەكتىن چىققان ئالەم كېمىسى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالەم كېمىسىنىڭ قۇيرۇقىدىكى ئىتتىرگۈچتىن بىردەم-بىردەم كۆك رەڭلىك ئوت يالقۇنى چىقىۋاتاتتى!
ــ ئەجەبا، بۇ ئالەم كېمىسى ئۇچماقچىمىدۇ؟ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ــ يەر ئاستىدىكى زېگېر جەڭچى قۇرۇتلىرى كۆز ئالدىدىكى بۇ كۆرۈنۈشنى روھىي ئالاقە ئارقىلىق مېڭە قۇرۇتىغا ئەۋەتتى.

ــ ئۇنى توسۇۋېلىڭلار! ئالەم كېمىسى ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئىتتىرگۈچىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلار،ــ مېڭە قۇرۇتىنىڭ روھىي بۇيرۇق دولقۇنى يەتكۈزۈلۈشى بىلەنلا، زېگېر قوشۇنى دەرھال ھۇجۇم يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىپ ئوت كۈچىنى پۈتۈنلەي ئىتتىرگۈچ تەرەپكە قاراتتى، يېشىل رەڭلىك كىسلاتالىق سۇيۇقلۇقلار يەر-جاھاننى قاپلىغان ھالدا ئىتتىرگۈچكە قاراپ ئېتىلدى، دىماقنى ئېچىشتۈرىدىغان گازلار ئاپئاق تۈتەككە ئەگىشىپ تاراشقا باشلىدى.
ئەسكەرلەرمۇ بۇ ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلىشقان ئىدى، ئۇلار دەرھال ئارقا تەرەپكە قاراپ مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتتى.
ــ ئارقىغا، كۆپچىلىك، دەرھال ئارقىغا بېرىڭلار، ئاۋۇ نەرسىلەر يېقىنلىشىۋالمىسۇن،ــ يۇقىرى ئاۋازدا ۋاقىرىدى بىر كوماندىر. بەلكىم ئىچىدىكى خادىملار ئامال قىلىپ بۇ ئالەم كېمىسىنى قوزغاتماقچى بولسا كېرەك! بۇ ھەممە ئەسكەرنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي ئىدى، ئەگەر بۇ ئالەم كېمىسىنى ئۇچۇرالىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قېچىپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىش پۇرسىتى بولاتتى. كىچىككىنە ئۈمىد نۇرى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ئىستىكىنى قوزغاتتى، قورققان چىرايلارنى تەدرىجىي ئەسەبىيلىك قاپلىدى! ياخشى! ھازىر ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغىنى دەل مۇشۇنداق ھاياتلىققا بولغان ئەسەبىيلىك ئىدى!

يەر يۈزىدىكى زەمبىرەك ئوقلىرى ئابايىقىدەك كۈچلۈك ئەمەس ئىدى، پولۇتۇس قىسىملىرى ئېغىر قوراللانغان زەربىدار پىيادە ئەسكەرلەرگە ماسلىشىپ، تارىلىپ كەتكەن زېگېر قوشۇنىنى بىر تۈركۈم-بىر تۈركۈمدىن بۆلۈپ يوقىتىۋاتاتتى، زېگېر زور قوشۇنى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئاۋالقىدەك ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق تۇيۇلماس بولۇپ قالغان ئىدى، ئېغىر تىپلىق لازېرلىق مىلتىقنىڭ ماسلىشىشى بىلەن پولۇتۇس جەڭچىلىرى خۇددى بېلىق سۇغا ئېرىشكەندەك يىرتقۇچىلارنى چېپىپ ئۆلتۈرۈۋاتاتتى. ئابايىقىدەك ئاسمان-زېمىننى قاپلىغۇدەك سانى ۋە يەر-جاھاننى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتكۈدەك ئەلپازى قالمىغان زېگېر قوشۇنى ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان تەقدىر بولسا پەقەت ئۆلتۈرۈلۈشلا ئىدى! ئەمما كۆز ئالدىدىكى جەڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ھېچكىممۇ خۇشاللىنالمىدى، ھەرىكەت پۈتۈنلەي زېگېرلارنىڭ پاراكەندە قىلىش شەكلىدىكى قارشىلىق ھۇجۇمى سەۋەپلىك كەينىگە تارتىلىپ كەتكەن ئىدى، ئىككى قوشۇن ئابايىقىدەك روشەن ئايرىلىپ تۇرۇپ جەڭ قىلماستىن، ھاۋادىن قارىغاندا ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەندەك كۆرۈنەتتى، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئېغىر تىپلىق تانكىلارمۇ خۇددى قەھرىمانغا ماھارەت كۆرسىتىدىغان ئورۇن يوق بولۇپ قالغاندەك ئۆز ماھارىتىنى ئىشقا سېلىشقا ئامالسىز ئىدى، ئەگەر بىرەر پاي زەمبىرەك ئوقى ئاتسا ئۆلگەن ھەر 10 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئۈچى ئۆز ئادەم بولۇپ چىقاتتى.
پولۇتۇسلارنىڭ ئالتۇن رەڭلىك توشۇغۇچى كېمىسى ئىچىدىكى ئىككى نەپەر كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى پولۇتۇسلار بىلەن بىرلىكتە يەر ئاستى بازىدىكى ئالەم كېمىسىنى يىراقتىن باشقۇرۇۋاتاتتى.

ــ بولمىدى، ئۇلار ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىتتىرگۈچكە ھۇجۇم قىلدى،ــ سۆزىنى تۈگىتىپ ئۇ يېنىدىكى ھەمراھىنى قولى بىلەن تۈرتۈپ تۇرۇپ دېدى،ــ ماڭا ياردەملىشىپ ئاۋۇ كېمىدە يەنە كېرەككە كەلگۈدەك بىرەر نەرسە بارمۇ-يوق ئىزدىشىپ بەرسىڭىز.
ئۇنىڭ سۆزى تۈگەپ بولغۇچە يېنىدىكى ھەمراھى قاۋاپ بېرىپ بولدى:
ــ مانا بۇ باركەن!
يەر ئاستى بازىدا ئالەم كېمىسىنىڭ قۇيرۇقىدىن تۆت دانە ئېغىر تىپلىق زەمبىرەك كۆتۈرۈلدى، بۇ خىل مەخسۇس ئېغىر تىپتىكى نىشانلارغا زەربە بېرىدىغان زەمبىرەكنىڭ قۇدرىتى ئېغىر تىپلىق تانكىنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇراتتى!
ــ باشلىق! ئاۋۇ… ئاۋۇ قانداق نەرسە؟ــ كۆتۈرۈلۈۋاتقان زەمبىرەككە قاراپ بىر ئامېرىكىلىق نېگېر ئەسكەر جىددىيلەشكەن ھالدا يېنىدىكى كوماندىردىن سورىدى.
ــ سەن مەندىن سورىساڭ، مەن كىمدىن سورايمەن؟ــ مانا بۇ ئۇ ئېرىشكەن جاۋاپ بولدى.
ــ ناھايىتى ياخشى، سىلەر ئىشلەتكەندە پەخەس بولۇڭلار، گەرچە ئۇ يەر ئىلگىرى مۇستەھكەملەنگەن بولسىمۇ، ئۆڭكۈر گۆمۈرۈلۈپ چۈشمىسۇن!ــ دەپ يېنىدىكى ھەمراھىغا ئەسكەرتتى ھېلىقى كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى بۇنى كۆرۈپ.
زەمبىرەك ئېغىزى ئىچى بۇ ۋاقىتتا ئايلىنىشقا باشلىغان ئىدى، بىر كۆك رەڭلىك نۇر شارى ئاستا-ئاستا زەمبىرەك ئېغىزىدا پەيدا بولغاندىن كېيىن، بارغانسېرى يوغىناشقا باشلىدى. زېگېر قوشۇنىغا توغرىلانغاندىن كېيىن كۆك رەڭلىك نۇر شارى ئۇچۇپ چىقتى، ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كۆك رەڭلىك نۇر شارىغا قاراپ بىر يىرتقۇچىنىڭ كۆز قارىچۇغى بىردىنلا يوغىناپ كەتتى، ئىچىدە ئەكس ئەتكىنى بولسا تەن بەرمەسلىك ئىدى، خالاس.
ــ كۆپچىلىك، يېتىۋېلىڭلار!ــ بارلىق ئەسكەرلەر بۇنى كۆرۈپ شەرتلىك رېفلىكىستەك دەرھال يەرگە يېتىشتى، ناھايىتى تېزلا ئۇلار دەرھال ئۆزلىرىنى خۇددى يەر تەۋرەش مەركىزدە تۇرغاندەك ھېس قىلىشتى، قۇلاق تۈۋىدە ياڭراۋاتقىنى بولسا پەقەت كۈچلۈك پارتلىغان ئاۋاز ۋە زېگېر قوشۇنىنىڭ ئېچىنىشلىق نالە ئاۋازىلا ئىدى.
ئاۋاز ناھايىتى تېزلا جىمىدى، پارتلاش مەركىزىي نۇقتىسى خۇددى يانار تاغ ئېغىزىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى، كۆيۈپ كەتكەن پۇت-قوللار پات-پات مىدىرلاپ قوياتتى، بىراق ھېچكىمنىڭ بۇ مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلانغۇدەك چولىسى يوق ئىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەنە يېڭى بىر خەتەر تۇراتتى، ئۈستى تەرەپتىن توختىماستىن قورام تاشلار غولاپ چۈشۈۋاتاتتى، بەزىلىرى ھەتتا تانكىدەك چوڭلۇقتا ئىدى. ھېلىقى كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى ئازراق ئەنسىرىگەن ھالدا دېدى:
ــ مەن سىلەرگە ئىشلەتكەندە پەخەس بولۇڭلار دەپ ئېيتقان ئىدىمغۇ.
ــ شۇنىسى سەمىڭىزدە بولسۇن، بۇ دېگەن ئېغىر تىپلىق زەمبىرەك، بىز ھېلىمۇ ئىنتايىن ئاۋايلىدۇق،ــ يېنىدىكى يەنە بىر كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى بېشىنى بۇراپ بوشقىنە سورىدى،ــ سىزنىڭ ئۇ تەرەپتىكى ئەھۋاللار قانداقراق؟
ئېكراندىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ جاۋاپ بەردى ھېلىقى كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى:
ــ مانا ھازىر تەييار بولىدۇ، ئېنېرگىيە ئىتتىرگۈچ بىلەن ئېغىرلىق كۈچىگە قارشىلىق قىلىش قۇرۇلمىسىغا جۇغلاندى، تەلىيىمىزگە بۇ ئالەم كېمىسى پەقەت سىرتقى يۈزىلا بىر قەدەر ئېغىر زەخمىلىنىپ، ئىچكى قىسىمدا ئالەم ھالقىپ تاقلاش سىستېمىسى ئازراق بۇزۇلغاندىن باشقا جايلىرى بىر قەدەر ساقكەن، بىز ھازىرلا ئۇچىمىز.
ــ نېمە دېدىڭ؟ يەنە بىر دېگىنە!ــ يەر ئاستى بازىدا جوۋ تيەنخۇا مىلتىقىنى تۇتقىنىچە ھەيران بولغان ھالدا يېنىدىكى دوكلات قىلىۋاتقان خىزمەتچى خادىمدىن سورىدى. خىزمەتچى خادىم كۈچەپ بېشىنى لىڭىشىتىپ:
ــ شۇنداق، بىز شۇنداق جەزملەشتۈرەلەيمىزكى، بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ ئېغىرلىق كۈچىگە قارشىلىق قىلىش قۇرۇلمىسىغا توختىماي ئېنېرگىيە تولۇقلىنىۋاتىدۇ، ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ ئالەم كېمىسى بىر دەم تۇرۇپ ئۇچىدىغان ئوخشايدۇ،ــ دېدى. بىراق ئۇ بىر يەردە خاتالاشقان ئىدى، بۇ ئالەم كېمىسى بىر دەم تۇرۇپ ئەمەس، ھازىرلا ئۇچاتتى.
ــ ئۇلارغا ئالەم كېمىسى ئىچىگە چېكىنىپ كىرىۋېلىشقا بەش مىنۇت ۋاقىت بېرىڭلار، بىز يەنە ساقلاۋېرەلمەيمىز،ــ دېدى سوغۇققىنە بىر كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى.

ــ بەش… بەش مىنۇت؟! ئۇ ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ، ھازىر ئالەم كېمە پالوبىسىدا ئاز دېگەندىمۇ بەش-ئالتە يۈزدەك ئادەم بار تۇرسا، قانداقمۇ بەش مىنۇتتا چېكىنىپ بولالىسۇن؟
ــ ۋاقتىمىز قالمىدى، ئىتتىرگۈچ ھېلىمۇ ئېغىر بۇزۇلدى، يەنە ئارقىغا تارتساق بىرمۇ ئادەم تىرىك چىقالمايدۇ، دەرھال ئىجرا قىلىڭلار!ــ بۇ بىر جۈملە سوغۇق ھەم قەتئىي سۆز باشقىلارنىڭ قارشىلىقىنى باستى، يەنە بىر كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى بېشىنى لىڭىشتقاندىن كېيىن دەرھال ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىشقا كىرىشتى.
ئالەم كېمىسىنىڭ تەۋرىنىشى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىدى، سۈنئىي بىرىكتۈرۈپ ياسالغان كومپيۇتېر «ئەر كىشى» ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى:
ــ دىققەت، بارلىق خادىملار دەرھال بەش مىنۇت ئىچىدە ئالەم كېمىسى ئىچىگە چېكىنىڭلار، دىققەت، بارلىق خادىملار دەرھال بەش مىنۇت ئىچىدە ئالەم كېمىسى ئىچىگە چېكىنىڭلار، ھازىر تەتۈر ساناق باشلاندى!
ــ ئۆلگۈر! ساراڭ بولدىمۇ نېمە؟!ــ كانايدىن ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر نەپەر جۇڭگولۇق ئەسكەر بىر دەم ھاڭۋېقىپ قالغاندىن كېيىن، دەرھال يېنىدىكى ھەمراھىنى تارتىپ ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي كېمە ئىچىگە قاراپ يۈگۈردى.
كىرىش ئېغىزىدا لى شياڭ ۋە باشقا بىر نەچچە دۆلەتلەرنىڭ ئەلباشىلىرى راسا بىر تۇتۇشماقچى بولۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا كانايدىن بۇ ئاۋازنى ئاڭلىدى، ئاندىن غەيرىتى پەلەككە يەتكەن ئۇلار تېخى بىرەر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپلا بىر توپ ئەسكەرلەر تەرىپىدىن خۇددى مەجبۇرىي سۆرەلگەندەك ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىلدى.
ــ تەقدىرگە تەن بېرەيلى، تېخىمۇ كۆپرەك كىشلەرنىڭ بۇ دوزاختىن قېچىپ چىقىپ كېتەلىشنى تىلەيلى!ــ يەر يۈزىدىكى ئادەملەرنىڭ قىلالايدىغان ئىشى پەقەت مانا مۇشۇ ئىدى.




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif