• قوللانچى: پارول:

75-باب ئويغانغان مىراس

ئاللىقاچان ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ئۆزگەرگەن تەرەققىي قىلغۇچى بىرلا كۈچىۋېدى، ماشىنا ئادەم ئۇنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن سوقۇشى نەتىجىسىدە شۇ ھامان ئۇدۇل ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەتتى، مېتالنىڭ سۈركەلگەندە چىققان قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازى بىلەن ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ چىقىۋاتاتتى. مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈش مۇھىم ئىدى، ماشىنا ئادەم بىردىنلا بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئون نەچچە مېتىر سۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن توختىۋالالىدى. كۈچلۈك ماشىنا قوللار ئۆز بېشىغا قاراپ پۇلاڭلاپ كەلگەن ئۆتكۈر قوللارنى تۇتۇۋالدى، ئارقىدىنلا بار كۈچى بىلەن تەرەققىي قىلغۇچىنىڭ قورسىقىغا تەپتى، بۇ پەشۋانىڭ كۈچى بىرونىۋىكتىن بىر تۆشۈك ئېچىپ قويالايتتى، بىراق تەرەققىي قىلغۇچى ئازاپلىق بىر چىقىراپ قويۇپلا ئۇچۇپ كەتتى، ئۇ تېخى يەرگە قونماي تۇرۇپلا ماشىنا ئادەم خۇددى چاقماقتەك تېز ئۇچۇپ بېرىپ، قولىدىكى كۆك رەڭلىك لازېرلىق قېلىچىنى ئۇنىڭ بوينىغا چاپتى. بۇ ئۆلۈم تەھدىتى ئالدىدا تەرەققىي قىلغۇچىنىڭ قارامتۇل يېشىل رەڭلىك كۆز قارىچۇقى بىردىنلا يوغىناپ كەتتى، ئۆزىنى قىلچە قاچۇرماستىن ئۆلۈمنى كۈتۈۋالدى، ناھايىتى تېزلا ئازاپ بەدىنىگە تاراپ، ئىسسىق قېنى ھاۋاغا چاچرىدى.
ئۆلدىمۇ؟ ياق! لازېرلىق قېلىچ تەرەققىي قىلغۇچىنىڭ بوينىنى ئازراق كەسكەندىن كېيىن زادىلا كېسەلمىدى، ھازىر بۇ تەرەققىي قىلغۇچى كۈچلىنىپ ئېغىر تىپلىق پىلىموت، مىناميوت، ھەتتا لازېرلىق قېلىچلاردىنمۇ قورقماس بولۇپ كەتكەن ئىدى. ماشىنا ئادەم كۆز ئالدىدىكى دۈشمىنىنىڭ ئاللىقاچان ئۆزى ھېسابلىغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكىنىنى ھېس قىلدى! ئۇنداقتا لازېرلىق قېلىچقا تاقابىل تۇرالايدىغان تەرەققىي قىلغۇچى ئەمدىلىكتە قانداق قىلار؟ كەينىگە بىر موللاق ئېتىپ يەرگە سىلىق چۈشكەندىن كېيىن، ماشىنا ئادەم بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ئېچىلدى، تەرەققىي قىلغۇچى ئۆتكۈر قوللىرى بىلەن ئۆز بوينىنى بىر سىيلىۋەتتى، قارىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىگە تازا ئىشىنەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى، لېكىن بۇ بىر ھەقىقەت ئىدى، مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا كەينىدىن يېتىشىپ كەلگەن ئىككى ھەمراھى بىلەن بۇ تۆمۈر-تەسەكنى بىر تەرەپ قىلىۋەتسە بولغۇدەك!
ــ ئاۋۇ غەلىتە مەخلۇقتىن ئۈچى كەلدى!ــ ئېغىر تىپلىق پىلىموت كۆتۈرۈۋالغان ئەسكەرلەر قورقۇپ ۋاقىرىۋېتىشتى. بىرىگە تاقابىل تۇرۇش شۇنداق تەس تۇرسا، ھازىر يەنە ئىككىسى قوشۇلدى، قارىغاندا بۇ يەرنى ساقلاپ قالغىلى بولمىغۇدەك!
كۆز ئالدىدىكى بۇ ئۈچ تەرەققىي قىلغۇچىنى بىر قېتىم مۇنداقلا سىكاننىرلاپ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ماشىنا ئادەم ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولۇش نىسبىتىنىڭ %98.7 ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەپ چىقتى، ھازىر بىردىنبىر تاللاشقا بولىدىغىنى چېكىنىش ئىدى، يېڭىش نىسبىتى ئاران بىر پىرسەنت ئەتراپىدىكى جەڭنى قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. ئۈچ تەرەققىي قىلغۇچى ئېتىلىپ كەلگەندە ماشىنا ئادەم ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىككى مىناميوت ئوقى بىلەن مۇكاپاتلىدى، بارلىق ئەسكەرلەر بۇنى كۆرۈپ دەرھال پىلىموتلىرىنى كۆتۈرۈپ ماشىنا ئادەمگە ماسلىشىپ جەڭ قىلماقچى بولۇشتى، بىراق ماشىنا ئادەم يەردىن تېرىۋالغان مىناميوتنى تاشلىۋېتىپ ئۇلارغا قوللىرىنى پۇلاڭشىتىپ كەينىدىكى تونىلغا يۈگۈرۈپ چېكىنىشنى شەرەتلىدى.
بۇنىڭ نېمە ئىشلىقىنى كالۋا ئادەممۇ بىلەتتى، ئەسكەرلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ماشىنا ئادەمگە ئەگىشىپ ئالاقزادىلىك بىلەن تونىل ئىچىگە قاراپ يۈگۈرۈشتى، ئەڭ ئاخىرقى بىرەيلەن تونىلغا كىرگەندىن كېيىن قېلىن ھەم ئېغىر قاپقاق ئېتىلدى!
بۇ تەرەققىي قىلغۇچىلارنى بىردەملىك توسۇپ تۇرالايدىغان بولغاچقا، ئەسكەرلەر ئەمدىلىكتە ئازراق دېمىنى ئېلىۋېلىشتى. يان تەرەپتە تۇرغان ماشىنا ئادەم بولسا ئۆز بەدىنىدىكى تېخىغىچە ئوت ئۇچقۇنى چاچراۋاتقان يارىسىغا قارىغىنىچە بىر نېمىلەرنى ئويلاۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى، ياق! بىر نېمىلەرنى ھېسابلاۋاتىدۇ دېيىش كېرەك ئىدى…
يەر ئاستى بازىسىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ھالى بىلەن قالغان ئىدى، ئۇنداقتا يەر ئۈستىدىكى ئەھۋال قانداقتۇ؟
پۈتكۈل پىلانېتلار بىرلەشمىسى قوشۇنى زېگېرلار تەرىپىدىن بىر بۇلۇڭغا قاپسىلىپ قالغان ئىدى، زېگېرلار جەڭ تاكتىكىسىنى ئالاھىتەن ئۆزگەرتىپ، ئىلگىرىكىدەك ئەسەبىيلەرچە ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەستىن تۆت ئەتراپتا يۇشۇرۇندى، ئۇلار ئاللىقاچان بۇ قېتىمقى جەڭنىڭ مۇھىم ھالقىسىنى بىلگەن ئىدى، ھازىر پەقەت ۋاقىتنى كەينىگە سوزۈپ تۇرسىلا ئۇلار بۇ قېتىمقى جەڭدە غەلىبە قىلغانغا بارابەر بولاتتى.
پولۇتۇسلارنىڭ ئالتۇن رەڭلىك توشۇغۇچى كېمىسىدە ئىككى كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى ئالدىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى ئۇستىلىق بىلەن باشقۇرۇۋاتاتتى.
ــ ئەبلەخ! سۈرئىتى نېمانداق ئاستا؟ بىر ئالەم كېمىسىنىڭ ئالاقە كودىنىمۇ شۇنچە ئۇزۇن ئىزدەيدىكەن،ــ ئاستا ئىزدەش سۈرئىتىگە قاراپ بىر كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى جىددىيلەشكىنىدىن مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.
يەنە بىرى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن ئوخشىمىغان يوللاردىن ئىزدەۋاتاتتى. گېن كومپيۇتېرىنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتى تېزلىكتە ئاللىقاچان چېكىگە يەتكەن ئىدى، بۇ يەر بېكېتلەرنىڭ ئانا يۇلتۇزىدىن نەچچە تۈمەن نۇر يىلى يىراقلىقتا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئالاقە لېنىيىسى تەسىرگە ئۇچراپ، ئىزدەش سۈرئىتى مانا مۇشۇنداق ئاستا بولۇپ كەتكەن ئىدى.
گەرچە شۇنداق بولسىمۇ كونىراپ كەتكەن ھېلىقى ئالەم كېمىسىنىڭ ئالاقە كودى ئاخىرى تېپىلدى. پىلانېتلار بىرلەشمىسى تۇنجى قېتىم زېگېر زور قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلغاندا، بۇ كېمە توشۇغۇچى كېمىلەرگە ئەگىشىپ ئۇلارنى قوغدىغان ۋە بىر نەچچە قېتىملىق توشۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئىدى، بىراق يېرىم يولدا نېمە سەۋەپتىندۇر لېنىيىسى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ زېگېرنىڭ بۆكتۈرمىسىگە ئۇچرىغان ئىدى، توشۇغۇچى كېمە ئەترىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ كېمە يالغۇز قېلىپ بارلىق كۈچى بىلەن زېگېر قوشۇنىنى توسىغان ئىدى، كېيىن ئالەم كېمىسىنىڭ ماكان ھالقىپ تاقلاش سىستېمىسى بۇزۇلغان ئەھۋال ئاستىدا، كېمە باشلىقى زېگېرلارغا كېمە ئىچىدىكى ماددىي ئەشيا ۋە ئاخباراتلارنى تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ھاياتىنى دوغا تىكىپ كېمىسىنى ئالەم ھالقىپ تاقلاتقان ئىدى، گەرچە ئەڭ ئاخىرىدا ئالەم كېمىسى غەلىبىلىك ھالدا قۇياش سىستېمىسى يېنىغا تاقلىغان بولسىمۇ، ئەمما سىستېمىنىڭ مۇقىمسىزلىقى تۈپەيلىدىن كېمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تاقلاش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئالەم كېمىسى خۇددى سۈنئىي ھەمراھقا ئوخشاش يەر شارى ھاۋا بوشلۇقىدا نەچچە يىل نىشانسىز لەيلەپ يۈرگەندىن كېيىن، بىر مېتېئورىتنىڭ سوقۇلۇشى سەۋەپلىك ئىلگىرىكى ئوربېتىسىدىن چەتنەپ يەر شارىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى، ئاندىن مانا مۇشۇنداق جىمجىتقىنە ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى!
ــ تېپىلدى، نومۇرى 27-4-203، كېمە تىپى ئېغىر تىپلىق ھۇجۇمچى كېمە، ئەسلىدە 7-ئالەم كېمە قىسمىغا تەۋە بولۇپ، قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا كېمە ئەترىتىنى قوغداش ئۈچۈن زېگېرلار بىلەن جەڭ قىلغان. مېنىڭچە، ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا يەر شارىغا چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ،ــ بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ ماتېرىيالىنى تاپقاندىن كېيىن كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى دەرھال ئالەم كېمىسى ئىچىدىكى ئالاقە كودىنى ئىزدەشكە باشلىدى.
پاق! زىل چاۋاك ئاۋازىدىن كېيىن كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى خۇشال ھالدا ئەتراپتىكى پولۇتۇس جەڭچىلىرىگە تاپىلىدى:
ــ بولدى، كۆپچىلىك، دەرھال ئالاقىلىشىشقا تەييارلىنىڭلار، چاستوتىنى تەڭشەڭلار، ھازىر مۇھىم ۋاقىتلار باشلاندى.
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگە ئەتراپتىكى پولۇتۇس جەڭچىلىرى پۈتۈن دىققىتىنى ئۆز ئالدىدىكى ئۈسكۈنىلەرگە يىغدى.
ــ تېزراق! تېزراق! يەنىمۇ تېزراق!ــ ئېكراندىكى كۆك رەڭلىك سىزىقچىغا قاراپ كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى قانچە جىددىيلەشكەنسېرى ئۇنى شۇنچە ئاستا مېڭىۋاتقاندەك ھېس قىلدى.
يەر ئاستى بازىدىكى ئالەم كېمىسىدىكى گېن كومپيۇتېرى قوزغىتىلغان ھەم سىرتتىن كەلگەن سىگنالنى قوبۇللاپ دەرھال ھەرىكەتلىنىشكە باشلىغان ئىدى، ئالەم كېمىسى ئىچىدىكى ئەسكەرلەرمۇ تازا نورمال ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان ئىدى، ئۇلار نەچچە قېتىم ئالەم كېمىسى چىقارغان بوشقىنە تىترەشنى ھېس قىلىشقان ئىدى، ئۇلار بۈگۈن ئۇخلىغىلى ئىنتايىن ئۇزۇن بولغان بۇ «مىراس»نىڭ قايتا ئويغانغانلىقىنى بىلمەيتتى.




باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif