بىر پۇلدان ئىككى خىل تەقدىر
2012-يىل 7-سىنتەبىر كۈنى نەنجىڭلىق دىڭ ئەپەندى پۇلدان(ATM) غا پۇل قويۇش جەريانىدا، مەشغۇلات خاتا بولغانلىقتىن پۇلدان ئۇنىڭ بىر تۈمەن يۈەن پۇلىنى يۈتۈۋالغان، ئۇ بانكىغا تېل قىلغاندا، بانكىدىكىلەر ئىككى خىزمەت كۈنىدە پۇلىنى قايتۇرۇۋالالايدىغانلىقىنى ئېيتقان، دىڭ ئەپەندى باشقا بىر تېلدا بانكىدىكىلەرگە پۇلداننىڭ ئۈچمىڭ يۈەن پۇلنى ئارتۇق چىقىرىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقاندا، بانكىدىكىلەر بەش مىنۇت ئىچىدە يېتىپ كەلگەن.