• قوللانچى: پارول:

سىزنىڭ ئورنىڭىز: سەھىپە بېتى

سىز «ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى» سەھىپىسىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

77-باب قايتۇرما زەربە

ئالەم كېمىسىدىكى ئېغىرلىق كۈچىگە قارشىلىق قىلىش قۇرۇلمىسى ئاللىقاچان تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشقا باشلىغان ئىدى، ئاخىرى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئۆزگەرتكەن بۇ تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنىڭ ئالەم كېمىسى ئاستا-ئاستا ئۆزى سانسىز ئاي-يىللارنى ئۇخلاپ ئۆتكۈزگەن زېمىندىن ئايرىلىپ ھاۋاغا قاراپ ئۇچتى.

76-باب ئۆلۈم بىلەن بەسلىشىش

ــ نېمە ئىش بولدى؟ يەر تەۋرىدىمۇ؟ــ بىر ئەسكەر ئالاقزادە بولغان ھالدا توۋلىدى، ئېھتىمال سىرتتىكى ئاشۇ غەلىتە مەخلۇقلار پۈتكۈل يەر ئاستى بازىنى گۆمۈرۈۋېتىپ ئۇلارنى بۇ يەرگە تىرىك كۆمۈۋەتمەكچىمىدۇ؟
ئەمما سىرتتىكى زېگېر قوشۇنى ھاڭۋېقىپ قېلىشقان ئىدى، تەۋرەۋاتقىنى ئاۋۇ قارىماققا ئاللىقاچان كېرەكتىن چىققان ئالەم كېمىسى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالەم كېمىسىنىڭ قۇيرۇقىدىكى ئىتتىرگۈچتىن بىردەم-بىردەم كۆك رەڭلىك ئوت يالقۇنى چىقىۋاتاتتى!
ــ ئەجەبا، بۇ ئالەم كېمىسى ئۇچماقچىمىدۇ؟ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ــ يەر ئاستىدىكى زېگېر جەڭچى قۇرۇتلىرى كۆز ئالدىدىكى بۇ كۆرۈنۈشنى روھىي ئالاقە ئارقىلىق مېڭە قۇرۇتىغا ئەۋەتتى.

75-باب ئويغانغان مىراس

ئاللىقاچان ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ئۆزگەرگەن تەرەققىي قىلغۇچى بىرلا كۈچىۋېدى، ماشىنا ئادەم ئۇنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن سوقۇشى نەتىجىسىدە شۇ ھامان ئۇدۇل ئارقىغا سۈرۈلۈپ كەتتى، مېتالنىڭ سۈركەلگەندە چىققان قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازى بىلەن ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ چىقىۋاتاتتى. مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈش مۇھىم ئىدى، ماشىنا ئادەم بىردىنلا بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئون نەچچە مېتىر سۈرۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئاندىن توختىۋالالىدى. كۈچلۈك ماشىنا قوللار ئۆز بېشىغا قاراپ پۇلاڭلاپ كەلگەن ئۆتكۈر قوللارنى تۇتۇۋالدى، ئارقىدىنلا بار كۈچى بىلەن تەرەققىي قىلغۇچىنىڭ قورسىقىغا تەپتى، بۇ پەشۋانىڭ كۈچى بىرونىۋىكتىن بىر تۆشۈك ئېچىپ قويالايتتى، بىراق تەرەققىي قىلغۇچى ئازاپلىق بىر چىقىراپ قويۇپلا ئۇچۇپ كەتتى، ئۇ تېخى يەرگە قونماي تۇرۇپلا ماشىنا ئادەم خۇددى چاقماقتەك تېز ئۇچۇپ بېرىپ، قولىدىكى كۆك رەڭلىك لازېرلىق قېلىچىنى ئۇنىڭ بوينىغا چاپتى. بۇ ئۆلۈم تەھدىتى ئالدىدا تەرەققىي قىلغۇچىنىڭ قارامتۇل يېشىل رەڭلىك كۆز قارىچۇقى بىردىنلا يوغىناپ كەتتى، ئۆزىنى قىلچە قاچۇرماستىن ئۆلۈمنى كۈتۈۋالدى، ناھايىتى تېزلا ئازاپ بەدىنىگە تاراپ، ئىسسىق قېنى ھاۋاغا چاچرىدى.

74-باب قاچقان مىراس

ــ نېمە؟ خاتالاشمىغانسىز؟ ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ بۇ بەك خەتەرلىككەن!ــ چاقىرغۇدىن لېيىستوننىڭ ئىنتايىن ھەيران بولغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
ــ ئەگەر سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشىراق ئامالىڭىز بولسا ئېيتىڭ، مەن ئاڭلاپ باقاي.
لېيىستون بىردەم تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن دېدى:
ــ مەن پولۇتۇسلارنىڭ كېمە ئەترىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئىككى ئاۋىئاماتكا ئالەم كېمىسى ئەۋەتكۈزەي، ئۇلار سىلەرگە ياردەملىشىپ، سىلەرگە يول ئېچىپ بەرسۇن.
ــ بولمايدۇ، پولۇتۇسلارنىڭ ئالەم كېمىسى كېلىپ بولغۇچە يەرئاستى بازىسىمۇ زېگېرلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ بولىدۇ. يەنىلا مېنىڭ چارەمنى قوللىنايلى، ئەگەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىساقلا ھېچقانداق چاتاق چىقمايدۇ،ــ دېدى كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمى لېيىستوننىڭ ئامالىنى رەت قىلىپ. لېيىستون بۇنى ئاڭلاپ كەسكىنلىك بىلەن:
ــ قەتئىي بولمايدۇ، بىزنىڭ ئالەم كېمىمىزدىكى ماگنىت زەررىچە زەمبىرىكىنىڭ قۇدرىتى يەر شارىلىقلار ئىجاد قىلغىنى بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ، ئەگەر ھېسابلاشتا ئازراق خاتالىق كۆرۈلسە، سىلەرنىڭ ئۇ يەردىكى ئەتراپتىكى يۈز نەچچە كىلومېتىر دائىرە دەرھال تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ، بۇ چارە قەتئىي بولمايدۇ!ــ دېدى.

73-باب ئەسەبىي پىلان

ــ بولدى، بىز چىقايلى!
2-تۈركۈمدىكى توشۇغۇچى كېمىلەر ئاقىدىنلا يەرگە قونۇشقا باشلىدى، يەرگە لىق تولغان جەسەت ۋە قول-پۇتلارغا دەسسىگىنىچە ئىككى كۈلەڭگە ئالاھىدە خادىمى دەرھال كېمىدىن ئېتىلىپ چىقتى.
يۇقىرى ھەسسىلىك رېفېللىق زەربە مىلتىقىنىڭ كۈچلۈك ئوقى ئېتىلىپ كەلگەن بىر يىرتقۇچىنىڭ پېشانىسىنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتتى، يېشىل رەڭلىك قان سۇيۇقلۇقى ئەتراپقا چاچرىدى، بۇ يىرتقۇچى يەردە بىردەم ئازاپلىق تىركەشكەندىن كېيىن قايتا مىدىرلىمىدى. پولۇتۇس جەڭچىلىرىنىڭ لازېرلىق قېلىچلىرىغا ماسلىشىپ، خۇددى يولۋاسقا قانات چىققاندەك ئىككى كۈلەڭگە ئالاھىدە خادىمى يىرتقۇچىلارنى بىر-بىرلەپ ئۆز مىلتىقى ئاستىدا ئەرۋاھلارغا ئايلاندۇرۇۋاتاتتى!

72-باب قانلىق قىيما ماشىنىسى

لېيىستون ئالەم كېمىسىدە تۇرۇپ پولۇتۇسلارنىڭ بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جاسارىتىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتاتتى، قوماندانلىق ئۆيىدىكى ھەممەيلەن كۆز ئالدىدىكى بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ قورقۇنچلۇق قۇدرىتىدىن ھاڭۋېقىپ قېلىشقان ئىدى، ئۇلار ئۆز رەقىبىنىڭ پولۇتۇسلار بولۇپ قالمىغانلىقىدىن ئۆزلىرىنى كۆپ بەختلىك ھېس قىلىشتى، لېيىستون ئۇزۇن بىر تىنىۋېلىپ، ئورۇندۇقتا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى-دە:
ــ دەرھال ماڭا مىشۇسىدنى ئۇلاپ بېرىڭلار،ــ دېدى. ئالاقىچى بۇنى ئاڭلاپ ھاياجاندىن ئېسىگە كېلىپ، دەرھال چاقىرغۇنى ئېچىپ پولۇتۇسلارنىڭ بايراقدار كېمىسى بىلەن ئالاقىلىشىشكە باشلىدى. ناھايىتى تېزلا پولۇتۇسلار كېمە ئەترىتىنىڭ قوماندانى مىشۇسىد ئېكراندا كۆرۈندى:
ــ لېيىستون، بىزنىڭ يەر يۈزى قىسىملىرىمىز ھازىرلا يەر يۈزىگە قونىدۇ، سىلەر بىزنى قوغداڭلار.

71-باب «چېكەتكە» جەڭ كېمىسى

ئالتۇنرەڭ توشۇغۇچى كېمىنى ئىچىدە كۈلەڭگە ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ دۇبۇلغا-ساۋۇتىنى كىيگەن ئىككىيلەن تولۇق تەسۋىرلىك پرويېكسىيە ئېكرانىدىكى شىنجاڭ يەر ئاستى بازىسىنىڭ تەكشىلىك خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ ئەتراپتىكى پولۇتۇس جەڭچىلىرىگە چۈشەندۈرۈۋاتاتتى:
ــ ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، پۈتكۈل يەر ئاستى بازىسىنىڭ ھەر قايسى قەۋەتلىرىنى زېگېرلار ئىشغال قىلىپ بوپتۇ!
سۆز مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئېكراندا يەر ئاستى بازىسىنىڭ ئەڭ ئاستنقى قىسمىدىكى ئالەم كېمىسىنىڭ گەۋدىسى كۆرۈندى.
ــ بۇ يەردە بىز تۇنجى قېتىم زېگېرلار بىلەن جەڭ قىلغاندا چۈشۈپ كەتكەن ئالەم كېمىسى بار، مەن بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ بىر قىسىم قورال سىستېمىسى پروگراممىسىنى ئۆزگەرتىپ قوزغىتىپ قويدۇم، گەرچە بۇلار ئەسلىدىكى كونا شەكىلدىكى قوراللار بولسىمۇ، ئەمما ماشىنا ئەسكەرلەرگە ماسلىشىپ زېگېرلارنى بىر مەھەل توسۇپ تۇرالايدۇ!

70-باب پولۇتۇسلارنىڭ كېلىشى

ئۆزىنىڭ يەر يۈزىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئاندىرىۋ ھەددىدىن زىيادە چارچىغانلىقتىن كۆزلىرىنى يۇمۇپ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى.
ــ ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ــ سورىدى بىر كۈلەڭگە ئالاھىدە خادىمى يېنىدىكى داۋالىغۇچى ئەسكەردىن. داۋالىغۇچى ئەسكەر ئالدىراش يارىلارنى تاڭغاچ جاۋاپ بەردى:
ــ ئەھۋال چاتاق، قان كۆپ ئېقىپ چىقىپ كېتىپتۇ، ئىچكى ئەزالىرى يارىلىنىپتۇ، ئىككى قوۋۇرغىسى سۇنۇپتۇ، ئۇنىڭ ھازىرغىچە ياشىيالىغانلىقىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە! ئەگەر ئۇنى دەرھال ئالەم كېمىسىگە ئاپىرىپ كۆپ تەرەپلىك داۋالىمىساق، مۆجىزىمۇ ئۇنى قۇتقۇزالمايدۇ!
كۈلەڭگە ئالاھىدە خادىمى بۇنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭىشىتىپ ئۇچقۇچى بۆلمىسىگە قاراپ ماڭدى، ھايات قالغانلار روھسىز كۆزلىرىنى تىككىنىچە ئولتۇرۇشاتتى، يىغلىغان ئاۋازلار پات-پات ئاڭلىنىپ قالاتتى. ئۇچقۇچى بۆلمىسىگە كىرگەندىن كېيىن، كۈلەڭگە ئالاھىدە خادىمى توشۇغۇچى كېمىنى ھەيدەۋاتقان ئۇچقۇچىغا دېدى:
ــ بىزنىڭ ھازىرقى ئورنىمىز قەيەردە؟

69–باب ۋاز كەچمەسلىك

ــ سەزگۈلىرىم بارا–بارا خىرەلىشىپ كەتتى، قارىغاندا مەن ئۆلەي دەپ قالغان ئوخشايمەن…ــ ئاندىرىۋ قان ئارىسىدا ياتقىنىچە ئەتراپقا لىق تولغان جەسەتلەرگە قاراۋاتاتتى، بەلكىم ئۆزىنىڭ كۆزلىرىگە قان تولغان بولسا كېرەك، پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭغا خۇددى دوزاختەك قىپقىزىل كۆرۈنەتتى.
ــ ئۆھھۆ…ئۆھھۆ…
ھۆتەلدىن كېيىن ئۇ قان تۈكۈردى. ئۇ ناھايىتى تەسلىكتە ئەڭ ئاخىرقى بارلىق كۈچىنى ئىشلىتىپ بېشىنى بۇرىدى، ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگىنى بولسا ھېلىقى قىزچاقنىڭ قان–گۆش ئارىلىشىپ كەتكەن جەسىتى ئىدى.
ــ ھا…ھا…ھا… ئۆھھۆ…
ئاغزىدىن چاچراپ چۈشكەن قان ئاندىرىۋنىڭ ئېچىنىشلىق كۈلكىسىنى ئۈزۈۋەتتى.

68-باب روھنىڭ غەزىپى

گەرچە زېگېرلار سان جەھەتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسىمۇ، بىراق ئىفورېت ۋە ئۇنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئۆلۈك دېڭىز جەڭ ئۇچقۇسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئوت كۈچىگە تايىنىپ ياردەمچى قوشۇن كەلگۈچە ئۆزلىرىنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
يەردىن كۈچلۈك ئاۋاز ئاڭلاندى، ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان ئۇچقۇچىلارمۇ بۇ بىردەم-بىردەم ئاڭلىنىۋاتقان كۈچلۈك ئاۋازنى ئىنتايىن ئېنىق ئاڭلىدى. يەر يۈزى خۇددى قورقۇنچلۇق غەلىتە مەخلۇق ئۆزىنى دەپسەندە قىلىۋاتقاندەك ئازاپلىق نالە قىلماقتا ئىدى.
ــ ۋاي، خۇدا! برونتوتېر!ــ توپا-چاڭ ئىچىدىكى غەيەت زور كۆلەڭگىدىن ئۆلۈك دېڭىز جەڭ ئۇچقۇ ئۇچقۇچىلىرى بۇ قۇرقۇنچلۇق مەخلۇقنى ئېنىق تونۇيالىدى.