• قوللانچى: پارول:

77-باب قايتۇرما زەربە

ئالەم كېمىسىدىكى ئېغىرلىق كۈچىگە قارشىلىق قىلىش قۇرۇلمىسى ئاللىقاچان تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشقا باشلىغان ئىدى، ئاخىرى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئۆزگەرتكەن بۇ تاشقى پىلانېت مەدەنىيىتىنىڭ ئالەم كېمىسى ئاستا-ئاستا ئۆزى سانسىز ئاي-يىللارنى ئۇخلاپ ئۆتكۈزگەن زېمىندىن ئايرىلىپ ھاۋاغا قاراپ ئۇچتى.

ــ ئۇچتى… ئۇچتى، بۇ ئالەم كېمىسى راستىنلا ئۇچتى!ــ ئۆز كۆزى بىلەن بۇلارنى كۆرۈۋاتقان ئەسكەرلەرنى ئىلكىگە ئالغىنى پەقەت ھەيرانلىقلا بولماستىن، تېخىمۇ كۆپى خۇشاللىق ئىدى، قېچىپ ئاسمانغا چىققاننىڭ خۇشاللىقى ئىدى.

كۆزەتكۈچتىن يەر يۈزىدىكى پىلانېتلار بىرلەشمىسى خىزمەتچى خادىملىرى ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقانلىقىنى بىلىشتى، بۇ ئالەم كېمىسىنىڭ 1200 مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇر يەر ئاستىدىن قانداق قىلىپ يەر يۈزىگە ئۇچۇپ چىقىشىغا قارىتا ئۇلار ئاللىقاچان ئامال ئويلاپ قويغان ئىدى، ئۇ ئامال بولسا ئالەم كېمىسىنى تىك ئۆرلىتىپ، يەر ئاستى بازىدىن مەجبۇرىي بۆسۈپ چىقىرىش ئىدى، ئەينى چاغدا يەر ئاستى بازىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ئەڭ دەسلەپتە تېشىلگەن تونىل ئاساسىدا تىكىگە ئاستىغا قاراپ قەۋەتلەرگە ئايرىپ ياسالغان ئىدى، تۆت ئەتراپتىكى ئاشۇ قاتتىق قورام تاشلارغا قارىغاندا بۇ ئەڭ ياخشى بۆسۈش ئېغىزى ئىدى، ئەمما تۆلەيدىغان بەدەل بولسا پۈتكۈل يەر ئاستى بازىسى مەڭگۈلۈك بىر تارىخقا ئايلىناتتى.

ــ مەن بۇ ئىككى قىزچاققا ھەقىقەتەن قول قويدۇم، ئۇلار ھەر قېتىم مانا مۇشۇنداق يولسىزلىق بىلەن كوزىرىنى چىقىرىدۇ!ــ لېيىستون بۇ ئىككى كۆلەڭگە ئالاھىدە خادىمىنىڭ بۇ ئۇلۇغ تەۋەككۈلچىلىكىگە قاراپ جانسىز ھالدا دېدى. ئالاقىچى بۇ چاغدا ئۇنىڭغا دوكلات قىلدى:

ــ قوماندان، پولۇتۇسلارنىڭ كېمە ئەترىتى يەر شارىغا يېتىپ باردى، ھازىر ئاتموسفېرا قاتلىمىدىن ئۆتۈۋاتىدۇ، يەنە تەخمىنەن 18 مىنۇتلاردىن كېيىن يەر يۈزىدىكى قىسىملار بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

ــ بىلدىم، دەرھال ماڭا پولۇتۇسلارنىڭ كېمە ئەترىتىنى ئۇلاپ بېرىڭلار،ــ دېدى لېيىستون بېشىنى لىڭىشتقىنىچە.

ــ خوپ، قوماندان!

نەچچە سېكۇنت ئۆتمەيلا پولۇتۇسلار كېمە ئەترىتىنىڭ قوماندانى مىشۇسىد سىتىرېئولۇق ئېكراندا كۆرۈندى. لېيىستون سالام بەرگەندىن كېيىن:

ــ مىشۇسىد، مېنىڭچە سىز ئۇ ئىككىسىنىڭ تەۋەككۈلچىلىكىنى بىلگەنسىز،ــ دېدى.

ــ شۇنداق!ــ پولۇتۇسلارنىڭ ئاشۇ خىرە-شىرە ئاۋازى ياڭراشقا باشلىدى،ــ ئۇلارنى تازا ئەسەبىيكەن دېمەي تۇرالمايمەن، ئەمما قانداقلىكى ئامال بولمىسۇن، پەقەت مۇۋەپپەقىيەت قازانسىلا ئۇ ياخشى ئامال، زېگېرلار ئىنتايىن غەزەپلەنگەندەك قىلىدۇ، ماكان ھالقىش سىگنالىنى سەزگۈچ رادارنىڭ كۆرسەتكىنىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئالەم ھالقىپ تاقلاش سىگناللىرى ئۈزۈلمەي پەيدا بولۇۋاتىدۇ.

ــ بىزنىڭ كېمە ئەترىتىمىز ئەمەستۇ؟ــ ئېغىزىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە سورىدى لېيىستون.

ــ شۇنداق، زېگېرلار تېخىمۇ كۆپ قىسمىنى يۆتكەۋاتىدۇ،ــ بېشىنى لىڭىشتقىنىچە جىددىي رەۋىشتە جاۋاپ بەردى مىشۇسىد.

ــ ئىككىلەمچى بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ يەر شارىلىقلارنى بۇ يەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزگىلى بولماسمۇ؟

ــ كەچۈرۈڭ، زېگېر قوشۇنى ئىنتايىن كۆپ يەرگە ئېغىرلىق كۈچى پەيدا قىلغۇچ ئورنىتىپ، ئىككىلەمچى بوشلۇق كۋانت ئېقىمىنىڭ پەيدا بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدى، بوشلۇقتا يەتكۈزۈشنى قوزغىتىشقا ئامال بولمىدى،ــ دېدى مىشۇسىد بېشىنى چايقاپ.

ــ ئەبلەخ!ــ لېيىستون پەس ئاۋازدا تىللىۋەتتى.

يەر شارى ئوربىتىسىدا پىلانېتلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزاققا يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنىنىڭ نۇرغۇن ئالەم كېمىلىرى سەپ تۈزۈپ تۇراتتى، غايەت زور ئاساسىي زەمبىرەك بىر دەقىقىمۇ توختىماستىن ئوق ئېتىپ تۇراتتى، ئېغىر تىپتىكى تىزگىن بومبا قويۇپ بېرىش جازىسىدىن يوقىتىشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان غايەت زور بومبىلار بىر-بىرلەپ ئېتىلىپ چىقىپ، زېگېرنىڭ جانلىق ئالەم كېمىلىرىگە قاراپ ئۇچاتتى، نۇرغۇنلىغان جانلىق ئالەم كېمىلىرى ئاللىقاچان ئۆتمە-تۆشۈك بولۇپ يارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچ چېكىنىش خىيالى يوق ئىدى، يارىسىدىن ئېقىپ چىققان قارامتۇل يېشىل رەڭلىك قان سۇيۇقلۇقلىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تال-تال قارامتۇل يېشىل رەڭلىك ئۇزۇن لېنتىلارنى ھاسىل قىلغان ئىدى.

ــ ئوت كۈچىنى ئۇلارنىڭ باش قىسمىغا مەركەزلەشتۈرۈڭلار، ئۇ يەر ئۇلارنىڭ نېرۋا تۈگۈنى ھەم ئاجىزلىق نۇقتىسى! كۈرەشچى ئۇچقۇ ۋە بىرونە قىسمى قانداق ئامال ئىشلىتىشتىن قەتئىينەزەر، ئاۋۇ ئۇچۇپ يۈرگەن جىن تەككۈر نەرسىلەرنى بىزدىن يىراقلاشتۇرۇڭلار!

ــ كوماندىر! ئالەم كېمىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئالەم ھالقىپ تاقلاش سىگنالى پەيدا بولدى، زېگېر قوشۇنى ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى!ــ دېدى بىز ئالاقىچى ئالدىراپ. كېمە باشلىقى بۇنى ئاڭلاپ ئالاقزادىلىك بىلەن ۋاقىراشقا باشلىدى:

ــ بارلىق قورال سىستېمىسىنى ئېتىپ، ئېنېرگىيىنىڭ ھەممىسىنى ئېنېرگىيە قالقىنىغا يۈكلەڭلار! تېز!!!

بىراق خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ بولغۇچە، ئالەم كېمىسىنىڭ ئوڭ يېنىدىكى ئالەم بوشلۇقىدىن بىر قىزىل رەڭلىك ئېغىز ئېچىلىپ، بىر جانلىق ئالەم كېمىسى دەرھال ئۇنىڭ ئىچىدىن ئېتىلىپ ئۇچۇپ چىقتى-دە، ئۇچقاندەك كېلىپ ئۇلارغا سوقۇلدى.

ــ ئاپلا! … چاتاق بولدى!

ئارقىدىنلا غايەت زور سوقۇلغان ئاۋاز ۋە مېتالنىڭ سۈركەلگەندىكى پەيدا بولىدىغان قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازى ئاسماندا ياڭرىدى…

زېگېر قوشۇنىدىكى مادېس يەر يۈزىدىكى قىسىملارغا قوماندانلىق قىلىپ يەر شارىغا قونغان پىلانېتلار بىرلەشمىسى قوشۇنىغا قورشاپ زەربە بېرىۋاتاتتى، توساتتىن بىر روھىي تەسىر ئۇنىڭ مېڭىسىگە بۆسۈپ كىردى:

ــ مادېس، سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ نېمىشقا تا ھازىرغىچە ئاشۇ ئىنسانلارنى يوقىتالمىدىڭلار؟

ــ مېڭە قۇرۇتى يۇدېس، كەچۈرۈڭ، پىلانېتلار بىرلەشمىسى قىسىملىرى بىزنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، مەن ھازىر…

ــ بولدى بەس! ماڭا سىزنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىڭىز لازىم ئەمەس، دەرھال ئەتراپتىكى بارلىق قىسىملارنى يىغىپ، ھەرقانداق بەدەلگە قارىماستىن ھۇجۇمغا ئۆتۈڭ، سىز پىلانېتلار بىرلەشمىسىنىڭ بىز بىلەن جەڭ قىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك، چۈشەندىڭىزمۇ؟ــ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتتى يۇدېس.

ــ خوپ!ــ قورققان ھالدا جاۋاپ بەردى مادېس.




15 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئالىپ جاۋاب

    داۋامىنى تەرجىمە قىلىشىڭىزنى ساقلاۋاتىمىز

    • نىدا جاۋاب

      مەن توردىن تاپقىنىم جەمئىي 77 باپكەن، ئاخىرىنى يازغۇچىمۇ يازمىغاندەك قىلىدۇ، مەن بۇنىڭ ئاخىرىغا يەنە 4 باب قوشۇپ يېزىپ، بۇ ئەسەرنى مۇكەممەل ئاخىرلاشتۇرىۋېتەي دەپ ئويلاپ، ئۆتكەن يىلى قەلەم تەۋرىتىپمۇ قويغان، شۇغىنىسى بۇ يىل يېڭى خىزمەت ئورنىغا يۆتكەلگەنلىك سەۋەبىدىن، خىزمىتىم ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، يوللاش كېچىكىپ كەتتى، ئالدىمىزدا 10 كۈنلۈك يىللىق دەم ئېلىشىمنى ئالسام، داۋامىنى يوللاپ، ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن.

  • ئالىپ جاۋاب

    شۇنداق قىلىپ داۋامى يوق بولدىما.
    سىزنىڭ داۋامىنى يېزىشقا ۋاقتىڭىز يەتمىدى.

  • مەن سىزنىڭ مۇشۇ تېمىڭىزنى ئىز قوغلاپ ئوقۇۋاتقىلى 2يىلدىن ئاشتى . مۇشۇ روماننى PDF قا ئايلاندۇرۇپ ساقلىۋېلىپ نەچچە قېتىم قايتا -قايتا ئوقۇپ بولدۇم . ھەقىقەتەن بەك جەلىپكار رومان ئىكەن . ئەمدى كىلىپ 77- باپقا كىلىپ بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى . تېزرەك ئاخىرىنى يوللىۋەتسىڭىز بولاتتى .

    • نىدا جاۋاب

      يېقىندىن بېرى خىزمىتىم بەكرەك ئالدىراش بولۇپ قالدى، بۇ يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىشىممۇ يوق بولدى، شۇڭا مۇشۇ ئىشلار ۋەجىدىن قولۇمدىكى نۇرغۇن ئىشلىرىم ئۆز جايىدا تاشلاقلىق تۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ. سىز قاتارلىق كۆپچىلىكتىن ساقلىتىۋەتكىنىم ئۈچۈن ھۆزۈر سورايمەن.

  • بۇ ماقالىنىڭ ئەسلىسى نەدىكەن…بىزگىمۇ دەپ بەرگەن بولسىلا.ئاخىرىنى شۇ يەردىنلا ئوقوۋىتەيلى بولىدى.

    • نىدا جاۋاب

      خەنزۇچە مەنبەدىكىسىمۇ ئاران 77 بابكەن، مەن ھەممىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ بولدۇم، بۇندىن كېيىنكى بابلىرى مەن ئۆزەم يېزىپ قوشماقچى بولغان بابلار، قارىسام بۇ ئەسەر 77 بابتا تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، ئەسلى ئاپتورىمۇ ئاخىرىنى يازماپتۇ، بۇ ئەسەر 2003-يىللىرى يېزىلىشقا باشلاپتىكەن.

  • بېكىتىڭىزگە شۇنداق ئۈمىد بىلەن يەنە كىرگەندىم . ئەپسۇس …….
    يەنە شۇ پېتى تۇرۇپتۇ. بولمىسا ئۆزىڭىز ئاخىرلاشتۇرغان تۆت باپنى يوللىۋەتكەن بولسىڭىز . (كومپيۇتېردا بېسىپ رەتلەپ بولغان بولسىڭىز )
    ھىچ بولمىغاندا قاچان بېتىڭىزگە ئېلان قىلىدىغىنىڭىزنى دەۋەتكەن بولسىڭىز. ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ ؟ بۇ مىنىڭ كاللامدا سۇئال پېتى ئەگىپ يۇرىۋاتىدۇ.

    ئەگەر بۇ روماننى فىلىم قىلىپ ئىشلەيدىغان بولسا ئاۋاتار ، خەككىرلار ئېمپىرىيىسى قاتارلىق فىلىملاردىن ئېشىپ چۈشكۈدەك غۇلغۇلا قوزغىغىدەك جۇمۇ .

  • ھەۋەسكار جاۋاب

    نىمىشقا ئاخىرىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويمىغاندۇ دىسەم ئەسلى 77 – باپنىڭ ئاخىرى يوقكەن ئەمەسمۇ؟يىللاردىن بېرى مۇشۇ ئەسەرنى تەقەززالىق بىلەن ئوقۇۋاتىمەن ، ھېلىمۇ رەھمەت سىزگە.

  • شېرزات جاۋاب

    نىدا ئەپەندى . سىزنى ساقلاۋاتقىلى بەك ئۇزۇن بوپكەتتى . تورغىمۇ چىقىپ قۇيىۋاتامسىز يا ؟ قارىسام تور بەت ئادرىسىڭىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇرىسىز جۇمۇ .

  • ئىلھام جاۋاب

    بۇ روماننىڭ سىز تولۇقلاپ يوللىماقچى بولغان ئاخىرىنى قاچان يوللارسىز،
    ھېچ بولمىسا قاچانلاردا يوللىنىشى ھەققىدە بولسىمۇ ئۇچۇر بەرسىڭىز .

  • نۇر جاۋاب

    سىز ئۆزىڭىز قوشۇپ ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان باپلارنى يوللايمەن دىگىلىمۇ يېرىم يىل بولاي دەپتۇ.
    قاچان يوللايسىز ؟

    ۋاقتىنى بولسىمۇ دەپ قويمامسىز،
    تولا يوقلاپ ئاۋارە بوپ قالدۇق

  • چاقماق جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نىدا ئەپەندى ياخشىمۇ سىز بۇ ئەسەرنى ئۇقۇۋاتقىلى ئۇچ يىل بولدى ماڭا، بەك ئىسىل ئەسەر جۇمۇ بۇ مۇشۇ ئەسىرىڭىزنى كىتاپ قىلىپ چىقارسىڭىز چۇقۇم ئالقىشقا ئىرىشىدۇ قانداق دىدىم .

    • نىدا جاۋاب

      مەنمۇ شۇنداقراق ئويلاۋاتقان، شۇڭا كېيىنكى بابلىرى بىرئاز كېچىكىپ قېلىۋاتىدۇ.

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئېسىل ئەسەركەن ، تەرجىمىسىمۇ ياخشى چىقىپتۇ :!: :!: :!: :!: :!:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif