«جۇڭگو خەۋەر ھەپتىلىك ژورنىلى»نىڭ 2012-يىلى 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق خەۋەر بېرىلىپتۇ:
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 15 يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ئالاسكا شىتاتىدىكى(Alaska, United States 美国阿拉斯加州) تالكېتنا (Talkeetna 塔尔基特纳) شەھىرى بىر مۈشۈك تەرىپىدىن ناھايىتى تەرتىپلىك «باشقۇرۇلغان». ئۇنىڭ مەۋجۈتلۇقى سەۋەبىدىن كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان بۇ شەھەر ئانچە-مۇنچە نامى بار ساياھەت شەھىرىگە ئايلانغان.
تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، 15 يىل بۇرۇنقى شەھەر باشلىقى سايلىمىدا، سايلىغۇچىلار نامزاتلاردىن نارازى بولغانلىقتىن، چاقچاق قىلىشىپ ئۆزلىكىدىن تېخى يېڭىلا تۇغۇلغان ستۇببسنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن، نەتىجىدە ئويلىمىغان يەردىن بۇ مۈشۈك شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان.
كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇدىغىنى شۇكى، دەل مۇشۇ «مۈشۈك شەھەر باشلىقى» بولغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان. يەرلىك كىشىلەرمۇ بۇ «شەھەر باشلىقى»نىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرغانلىقىدىن ئىنتايىن رازى بولغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ «شەھەر باشلىقى»نىڭ قول ئاستىدا 900 نەپەر ئادەم بار بولۇپ، ئۇ شەھەردىكى بىر ماگىزىندا «خىزمەت» قىلىدىكەن، ھەر كۈنى نەچچە ئون ساياھەتچىنى «قوبۇل قىلىدىكەن». مۇشۇ ماگىزىندىكى بىر خىزمەتچىنىڭ ئېيتىشىچە، «شەھەر باشلىقى» ھەر كۈنى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن خەت ۋە ئاتكىرىتكىلارنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن، ئۇنىڭ FaceBook تىكى دوستلىرىمۇ نەچچە يۈزگە يېتىدىكەن. ئۇندىن باشقا، بۇ «شەھەر باشلىقى»نىڭ تەلىپى ئانچە يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن مۈشۈك يالپۇزى يېيەلىسىلا بولىدىكەن.
شەھەر باشلىقى مۈشۈك