• قوللانچى: پارول:

4- باب جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا

2009- يىلى 1- ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى مەزگىلىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنياغا «تەيۋەن دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى»نىڭ مەۋجۈتلۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى، قوشۇن ئەۋەتىپ تەيۋەندىكى تېرورچىلار ۋە بۆلگۈچىلەرنى يوقىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! بۇ بايانات ئېلان قىلىنىشى بىلەن دۇنيادا زور تەسىر قوزغىيالمىدى، تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن تارتىپ، پۈتۈن دۇنيا جۇڭگونىڭ تەيۋەن! ياق! ئامېرىكا بىلەن جەڭ قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. دۆلەت ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ جەڭدە ئامەتتىن ئاپەتنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى، چۈنكى جۇڭگونىڭ نەچچە يىلدىن بېرىقى ھەربىي چىقىمى ناھايىتى ئاز بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنچىۋالا يىللاردىن بۇيان تېنچ دەۋردە ياشىغاچقا، نۇرغۇنلىغان جەڭچىلەر ھەممىسى يېڭى ھەم جەڭ قىلىپ باقمىغان، ھازىر ھەربىي چىقىمنى ئاشۇرغان بىلەنمۇ كېچىكتى، ئىشقىلىپ بۇ جەڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدا بەك زور ئىنكاس قوزغىيالمىدى!

2009- يىلى 3- ئاۋغۇست، ئامېرىكا ئەلباشى كىچىك بوش ئاقسارايدا يىغىن ئاچتى، يىغىنغا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامۇسفېلىد، شتاب بىرلەشمە رەئىسى گېنرال مېرىس، دۆلەت مۇداپىئە كاتىپى رىچارد ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارە باشلىقى تېنتلار قاتناشتى. يىغىننىڭ مەقسىتى جۇڭگونىڭ جەڭ قىلىش باياناتىغا نىسبەتەن قوللىنىلىدىغان كېيىنكى ھەرىكەتنى بېكىتىش ئىدى.

ئەلباشى كىچىك بوش سۆز باشلىدى:

ــ ئەپەندىلەر، قارىغاندا جۇڭگو ھۆكۈمىتى چىداپ تۇرالمىغان ئوخشايدۇ، بىزنىڭ قىلتىقىمىزغا چۈشۈشكە باشلىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامۇسفېلد ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

ــ ئەلباشى جاناپلىرى، بىخەستىلىك قىلساق بولمايدۇ. تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتى بىزنىڭ پىلانىمىزنى بىر قېتىم بەربات قىلىۋەتتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندا جەڭ ئېلان قىلماي، ھازىرغىچە ئارقىغا تارتىشىنىڭ چوقۇم بىرەر سەۋەبى باردۇ؟

دۆلەت بىخەتەرلىك كاتىپى رىچارد بېشىنى لىڭىشتىپ تۇرۇپ:

شۇنداق، بۇ بەكلا غەلىتە بولدى. تېنت ئەپەندى سىز بۇ قېتىم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭىزمۇ – يوق؟ــ دېدى. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تېنت سۆزلەشكە باشلىدى:

ــ ئىنتايىن ئەپسۇس، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى غەلىتە ھەرىكىتىگە نىسبەتەن بىز ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىدۇق، نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگونىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندا جەڭگە چۈشمەسلىكىنىڭ ئولېمپىك يىغىنىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى بۇزماسلىق ئۈچۈندۇر دەپ ئويلايدىكەن. ئەمما بىر نۇقتىغا كۆپچىلىك دىققەت قىلغايسىلەر، جاسوسلىرىمىز ئىگىلىگەن ئاخباراتلارنىڭ ئانالىزىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ بۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان باج كىرىمى ۋە تاشقى پرىۋوت كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، بۇ پۇللارنى يىغساق 14 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق قارا ھېساب بولىدۇ، بۇ پۇللار ھېچقايسى قىسىملار ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلمىگەن.

كۆپچىلىكنىڭ كەيپىياتى بىردىنلا جىددىيلەشتى، كىچىك بوش ئۇلاپلا سۆزلەشكە باشلىدى:

ــ بۇ پۇللارغا نەچچە يۈز ئاۋېئاماتكا ئەترىتىنى قۇرغىلى بولىدۇ، بىز جۇڭگونىڭ بۇ پۇللاردىن پايدىلىنىپ ھەربىي كۈچىنى مەخپىي كېڭەيتىدىغانلىقىنى چەتكە قاقساق بولمايدۇ.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامۇسفېلد كۈلۈپ قويۇپ سۆز باشلىدى:

ــ جۇڭگو بۇ پۇللاردىن پايدىلىنىپ مەخپىي ھەربىي قىسىم قۇرغان بىلەنمۇ، ئۇلار ياخشى نەرسە ياسىيالمايدۇ. ھازىر ئاسىيادا جۇڭگو، چاۋشيەندىن باشقا ئاسىيا رايونى ئاساسىي جەھەتتىن بىزنىڭ كونتروللىقىمىزدا. جۇڭگو بۇ قىسىملىرىنى يۆتكەشكە جۈرئەت قىلسا، بىز دەرھال ئەنگىلىيە قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ، ياپونىيە، ھىندىستان، فىلىپپىن ۋە ۋېيتنامنى كۈشكۈرتۈپ، ئوخشىمىغان تۆت تەرەپتىن ئۇلارغا ھۇجۇم قوزغايمىز، جۇڭگونىڭ قىسىملىرى قانچە كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدۇ.

كىچىك بوش رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭىشتىپ:

ــ ياخشى! بىزنىڭ ھازىر قىلىدىغىنىمىز جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ 3- ئىقتىسادىي دۆلەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، بۇ جەڭدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزىمىز، بۇ جەڭنى ئامالنىڭ بېرىچە ئاسىيا رايونىدا ۋاقىتنى قانچە كەينىگە سوزساق شۇنچە ياخشى، ياپونىيە ۋە ھىندىستاننى بۇ جەڭگە سۆرەپ كىرسەك تېخىمۇ ياخشى، ۋاقتى كەلگەندە بۇ سېرىق تەنلىكلەر ئۆز ئارا سوقۇشۇپ، ھالسىزلانغاندا بىراقلا…ھەي، ھەي!!! بۇنى كۆپچىلىككە دېمىسەممۇ بولار؟ــ دېدى.شتاب بىرلەشمە رەئىسى گېنرال مېرىس باشمالتىقىنى چىقىرىپ:

ــ ياخشى ئامال،ئەلباشى بولۇشقا مۇناسىپسىز-دە! ئاشۇ چاغقا كەلگەندە بىز ئىراققا ئوخشاش جۇڭگوغىمۇ بىرەر جىنايەتنى ئارتساقلا بولىدۇ.ــ دېدى. كىچىك بوش كۈلۈپ تۇرۇپ:

ــ بىز بۇ زور ئەجدىھانى سولاپ تۇرالىساقلا بولىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە مەن سىلەرنى بۇ نازۇ-نېمەت دۆلىتىگە ئاپىرىپ تازا مېھمان قىلىمەن!ــ دېدى.

بۇ چاغدا تەيۋەن تەيبېيدىكى «ئەلباشى مەھكىمىسى»دە تەيۋەن دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەلباشى چېن شۈيبيەن جىددىي يىغىن ئېچىپ، جۇڭگوغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى. چېن شۈيبيەن:

ــ ھەممىڭلارغا ئايان، جۇڭگو بىزگە جەڭ ئېلان قىلدى، سىلەرچە بۇ ئىشقا قانداق تاقابىل تۇرساق بولار؟ــ دېدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇاڭ جىنگۈي:

ــ بىزدە ھازىر ئامېرىكا ئورۇنلاشتۇرغان TNND باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بار، نەچچە يىلدىن بېرى ئامېرىكىدىن سېتىۋالغان ئىلغار قوراللارنى ۋە ئامېرىكىنىڭ نېمىس ئاۋېئاماتكا ئەترىتىنى قوشساق، جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئەبگا قوشۇنلىرى بىزگە ھەرگىز تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئەلباشى جانابلىرى خاتىرجەم بولسىلا، جۇڭگولۇق چوشقىلار تەيۋەنگە ھەرگىز بىر قەدەممۇ باسالمايدۇ.ــ دېدى. مالىيە مىنىستىرى ما چاڭشېڭ ئۇلاپلا دېدى:

tnnd

ــ ئامېرىكا تەرەپمۇ بىزگە ئۇقتۇردى، جەڭ باشلىنىش بىلەنلا، ئۇلار دەرھال ب د ت دىن جۇڭگوغا ئىقتىسادىي ئمبارگو يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن، بىز تەيۋەننى نەچچە كۈن ساقلاپ تۇرالىساقلا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى بۇ جەڭگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن، ياپونىيە تەرەپمۇ جەڭ باشلىنىش بىلەنلا بىزگە بار كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن شۈيبيەن ئازراق يېنىكلەپ:

ــ بىز تېخى چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىمىزمۇ تېخى، بۇ چاغدا جياڭ ۋېييۈەنجاڭنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشاتتى!ھا…ھا…ھا…ــ دەپ كۈلدى.

ئۈچ ئارمىيىنىڭ باش شتاب باشلىقى ۋاڭ تيېخېڭ ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:

ــ مېنىڭچە ئامېرىكىلىقلار بىزدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ، جەڭ باشلانسىلا، زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا بىز بولىمىز! ئۇلار بىزدىن ئىبارەت بۇ پىچاقتىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا زەربە بېرىپ، ئاخىرىدا جۇڭگونى ئىشغال قىلماقچى بولىۋاتىدۇ!ــ دېدى. خۇاڭ جىنگۈي ئازراق خاپا بولغان ھالدا دېدى:

ــ ۋاڭ شتاب باشلىقى، سىز ئارتۇقچە ئويلىنىپ كېتىپسىز، ئامېرىكا ھازىر بىزنىڭ ئەڭ چوڭ يۆلەنچۈكىمىز، ئۇ بىزدىن پايدىلانغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ئۇلارنىڭ ياردىمىدە كوممۇنىستلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش. پېقىر تەيۋەننى پارتلىتىپ دېڭىزغا چۆكتۈرىۋېتىشكە رازىكى، ھەرگىزمۇ جۇڭگولۇق چوشقىلارغا بېرىشكە رازى ئەمەس!

ــ بىراق،ــ ۋاڭ تيېخېڭ تېخى سۆزلەپ بولمايلا، چېن شۈيبيەن ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزۈۋەتتى:

ــ بولدى، ئىككىڭلار تالاشماڭلار! ۋاڭ شتاب باشلىقى، سىزنىڭ گېپىڭىزنىڭمۇ داۋلىسى بار، بىراق كوممۇنىستلارنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈش بىزنىڭ ھازىرقى مۇھىم ۋەزىپىمىز، ئۇلارنى چېكىندۈرمەكچى بولىدىكەنمىز چوقۇم ئامېرىكىدەك ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ياردىمىگە تايىنىشىمىز لازىم! بىلدىڭىزمۇ؟

ۋاڭ تيېخېڭ ئازراق ئاچچىقلانغان ھالدا:

ــ ئەلباشى، جەڭ قىلساق بىزنىڭ يۇقىتىدىغىنىمىز ئەڭ كۆپ بولىدۇ، ئۆلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تەيۋەنلىكلەر بولىدۇ!ــ دېدى. چېن شۈيبيەن ئاچچىقلانغان ھالدا:

ــ بولدى، سۆزلىمەڭ! ۋاڭ شتاب باشلىقى، زىياننى ئويلاشقىچە، كوممۇنىستلارنىڭ ھۇجۇمىنى قانداق چېكىندۈرۈشنى ئويلاشقىنىڭىز ياخشىراق، مۇشۇنداق قىلساق بىزنىڭ زىيىنىمىز ئازراق بولمامدۇ؟ــ دېدى. ۋاڭ تيېخېڭ نائىلاج:

ــ خوپ! ئەلباشى!ــ دېدى.

2009- يىلى 9- ئاۋغۇست، شيامېن ۋە فۇجۇغا يىغىلغان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى شەرقىي دېڭىز كېمە ئەترىتى يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، ئەسلى جايىدىن مىدىرلىماي، كېيىنكى يوليورۇقنى ساقلاش توغرىسىدا بۇيرۇق تاپشۇرىۋالدى. شەرقىي دېڭىز فلوتىنىڭ قوماندانى ئازراق نارازى بولغان ھالدا غودۇڭشىدى:

ــ نېمە شۇملۇق بولۇۋاتىدۇ؟ ئەمدى بىر راسا تۇتىشىدىغانغا تەييارلانغاندا بىزنى ئەسلى جايدا بۇيرۇق كۈتۈڭلار دەيدىغۇ!

گەرچە خۇشال بولمىسىمۇ، بۇيرۇققا يەنىلا بويسۇنماي ئىلاج يوق – تە. 9- ئاۋغۇست كەچتە، Z081تىپلىق يادرولۇق سۇ ئاستى كېمىسدىن بىرسى شيامېن پورتىدىن غىپپىدە تەيۋەنگە قاراپ يولغا چىقتى.

2009- يىلى 11- ئاۋغۇست، جۇڭگو جۇڭنەنخەيدىكى يىغىن زالى، دېڭىزئارمىيە باش قوماندانى تاڭ لوڭخەي ھەيران بولغان ھالدا سورىدى:

ــ رەئىس، 9-چېسلا كۈنى نېمىشقا تۇيۇقسىز بىزنى ئۆز جايىمىزدا بۇيرۇق كۈتۈشكە بۇيرۇيسىز؟ ئىشخانام جەڭ قىلىش ئىلتىماسى بىلەن توشۇپ كەتتى، ئولتۇرغۇدەك يەرمۇ قالمىدى!

لى رەئىس كۈلۈمسىرىگىنىچە:

ــ چۈنكى ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولدى، جەڭ قىلمىساقمۇ تەيۋەننى قايتۇرىۋالىدىغان بولدۇق،ــ دېدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جوۋتيەنخۇا تاڭ لۇڭخەيگە بىر ھۆججەتنى سۇنۇپ:

ــ ئۆزىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ!ــ دېدى. تاڭ لۇڭخەي ھۆججەتنى بىردەم كۆرگەندىن كېيىن، چىرايى بىردىنلا خۇشاللىقتىن ئېچىلىپ، ئارقىدىنلا خاپىلىقتىن تۈرۈلۈشكە باشلىدى! جوۋتيەنخۇا كۈلۈپ تۇرۇپ سورىدى:

ــ قانداق، خۇشال بولدىڭىزمۇ ياكى خاپا بولدىڭىزمۇ؟

تاڭ لۇڭخەي خۇشاللىق بىلەن:

ــ ئىككىلىسى بار، خۇشال بولىدىغىنىم جەڭ قىلمايلا تەيۋەننى قايتۇرىۋالىدىغان بوپتۇق، خاپا بولىدىغىنىم يېڭى قوراللارنى سىناق قىلىدىغان سىناق نىشانى تېپىلمايدىغان بولدى-دە،ــ دېدى.

2009-يىلى 16-ئاۋغۇست، دېڭىز ئارمىيىمىزنىڭ ناگاساكى ترانسپورت ئەترىتى ئەمدىلا تەيۋەن بوغۇزىغا كىرىشكە تەييارلىنىۋاتقاندا «دەرھال قايتىڭلار!» دېگەن بۇيرۇقنى تاپشۇرىۋالدى. 16- ئاۋغۇست كەچتە، خۇشال ۋارقىراشقان ئاۋاز بېيجىڭنىڭ جىمجىت كېچە ئاسمىنىدا ياڭرىدى، ئەمدىلا ئۇخلاشقا تەرەددۇتلىنىۋاتقان كىشى بېشىنى چىقىرىپ ۋارقىرىدى:

ــ بوشراق، ئادەمنى ئۇخلىتامسىلەر – يوق؟

ئۇنىڭغا جاۋابەن قايتقىنى پەقەت بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ۋارقىرىغان ئاۋاز بولدى. دوڭ! دوڭ! دوڭ! بىردەملىك ئىشىك چېكىلگەن ئاۋازدىن كېيىن، خوشنىسى قاتتىق ۋارقىرىدى:

ــ شياۋلى، تېزدىن تېلېۋىزورغا قارىڭە! تەيۋەن بىلەن جۇڭگو بىرلىككە كەلدى!

تېلېۋىزور ئېچىلغاندىن كېيىن مەلۇم بولدىكى، ھەممە قانالدىكى دىكتورلار كۆز ياشلىرىنى ئېقىتقىنىچە مۇنداق دېيىشمەكتە ئىدى:

ــ تەيۋەن ھۆكۈمىتى بۈگۈن سەھەر 2:00 دە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تېنچ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى، ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلغىنىغا 40 يىل بولغان تەيۋەن ئارىلى ئاخىرى ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدى!

كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق شەھەرلەر گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى، كېسەل كارىۋىتىدا سەكراتتا ياتقان بىر بوۋاي تىترەۋاتقان ئىككى قولىدا «مەملىكىتىمىزنىڭ تاغ-دەريالىرى بىر تۇتاش قىزىل» ناملىق پوچتا ماركىسىنى تۇتقىنىچە، ھاياجانلانغان ھالدا:

ــ ياخشى بولدى، كېچە-كۈندۈز كۈتۈۋاتقان بۇ ئىش ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى! مەن ئۆلسەممۇ كۆزۈم ئوچۇق كەتمەيدىغان بولدى!ــ دېگىنىچە، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى. ئالقىش سادالىرى تاڭ سەھەر 2:00 دىن 7:30 غىچە داۋاملاشتى!

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ھاڭۋاڭقىنىچە تۇرۇپلا قېلىشتى، جۇڭگو تەيۋەنگە جەڭ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بىرپاي زەمبىرەكمۇ ئاتماي تۇرۇپ تەيۋەننى قايتۇرۇۋالدى! بۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىشەنگۈسىز ئىش بولدى! خەلقئارادا، جۇڭگو بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر ئارقا- ئارقىدىن تەبرىك تېلېگراممىلىرىنى يوللاپ، جۇڭگونىڭ تەيۋەننى تېنچ قايتۇرىۋالغانلىقىنى تەبرىكلىدى! ھالبۇكى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ تەسلىمچىلىكىنى كۈچلۈك ئەيپلىدى، چۈنكى تەيۋەن بىلەن جۇڭگونىڭ بىرلىشىشى ئۇلارنىڭ تەيۋەنگە قىلغان ياردىمىنى يوق قىلىۋەتتى، تەيۋەن جۇڭگوغا قايتقاندىن كېيىن، ئۇلارمۇ تەيۋەنگە ئېرىشەلمەيدىغان بولدى! ئامېرىكىمۇ ساراڭدەك تۇرۇپلا قالدى، جاسۇسلىرىنى ئەۋەتىپ بۇ ئىشنى ئېنىقلاشقا باشلىدى. ئەگەر ئالدىنقى قېتىملىق ئىش ئۇلارنىڭ پىلانىنى سۇغا چىلاشتۇردى دېيىلسە، بۇ قېتىمقى ئىش ئۇلارنىڭ پىلانىنى ئۈزۈل – كېسىل بىتچىت قىلدى! جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ، جۇڭگو نۈۋا ئاۋېئاماتكا ئەترىتىنى تەيۋەنگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئىش دۇنيا مۇنازىرىسىگە ئېغىر تىپلىق بومبا تاشلىدى. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى شۇندى ئېتىبارەن ئاۋېئاماتكىسى بولماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىپ، دۇنيادىكى ئىلغار دېڭىز ئارمىيىسىلىك ئورنىغا قاراپ بىر چوڭ قەدەم تاشلىدى. كىشى قەلبىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان خەۋەرلەر ئارقىمۇ – ئارقىدىن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالدىغا قويۇلدى، جۇڭگونىڭ پوجاڭزا بازىرى قىزىرىپ كۆكىرىپ كەتتى! ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئەتىدىن – كەچكىچە پوجاڭزا سەۋەبىدىن كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى! ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خەلقئارا مۇنبەردە «جۇڭگو تەھدىتى» نەزەرىيىسىنى پەيدا قىلىپ، ب د ت دىن جۇڭگونى جازالاشنى تەلەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بىراق بۇ قېتىم ئۇلار قالايمىقان جۆيلىمىگەنىدى، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ئويغانغان زور ئەجدىھا راستىنلا دۇنياغا «تەھدىت» سېلىۋاتاتتى!




1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئارسلان جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم . ھارمىغايسىلەر ، مۇمكىن بولسا مۇشۇ روماننىڭ تولۇق قىسىمىنى ئىلخەت ئادېرسىمغا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن بەك مىننەتدار بولغان بولاتتىم ، رەھمەت ، ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!ئىلخەت ئادېرسىم arslan52@126.com

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif