38-باب تاشقى پىلانتنىڭ قۇتۇلدۇرۇشى
يەر ئاستىدا پارتلىتىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئالاھىدە قىسىملارنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى بۇ بىر نەچچە كۈندە ئەجەللىك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ۋەن شيوڭفېيلار زېگېرلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى سەۋەبىدىن نىشاندىن خېلىلا چەتنەپ كەتتى، ھازىر ئۇلار 17-ئەترەتنىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن بىللە بىر مەخپىي ئۆڭكۈرگە كىرىۋالدى، بىر نەچچە كۈنلۈك توخىماي جەڭ قىلىش نەتىجىسىدە بۇ ئەسكەرلەر روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن جىق چارچىغان ئىدى. كىچىك دىنوزاۋور ئاندىرىۋغا ئەگىشىپ قىسىملارنى بىر ئايلىنىپ چىقتى. ماشىنا ئىچىدە ياتقان يارىدارلار ۋە بىر چەتتە ئالدىراش يۈرگەن دوختۇرلارغا قاراپ ئاندىرىۋ ئىختىيارسىز ئۇھ تارتىپ قويدى. كىچىك دىنوزاۋورمۇ ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشەنگەندەك قايغۇلۇق ھالدا بىر نەچچىنى چىقىراپ قويدى. بىر ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلگەندە ماشىنىدىن مۇنازىرىلەشكەن ئاۋاز ئاڭلاندى، ۋەن شيوڭفېي بىلەن جىشىروف كېيىنكى قەدەمدە قانداق ھەرىكەتلىنىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا ئاندىرىۋ كىرىپ كەلدى، ئاندىرىۋنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ۋەن شيوڭفېي سورىدى:
ــ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى قانداقراقكەن؟