• قوللانچى: پارول:

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئارخىپ بېتى

سىز «2008-يىلى 05-ئاي» دىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

43-باب ئىشنىڭ باش-ئايىغى

ــ كۆپچىلىك ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار، مارشال يارېس سىلەرنى ساقلاۋاتىدۇ،ــ دېدى بىر ئەسكەر ۋەن شيوڭفېيلارغا قاراپ. كەڭرى كارىدوردا ۋەن شيوڭفېي، ۋىتىك، ئاندىرىۋلار ھەيران بولغان ھالدا كۆز ئالدىدىكى ھەممە نەرسىگە قاراپ تۇرۇشاتتى. پولۇتۇسلار تەرىپىدىن قۇتقۇزىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار پىلانتلار بىرلەشمىسى ئانا يۇلتۇزىغا ئېلىپ كېلىندى، بۇ يەر يەر شارىنىڭ مۇھىتىغا ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان يېشىل رەڭلىك پىلانت ئىدى. كۆز ئالدىدىكى بۇ يول باشلاپ كېتىۋاتقان تاشقى پىلانتلىققا قاراپ ئۆز كۆزىگە ئىشىنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى، ئۇلارغا قانداق قارىسىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىنسانلاردەك كۆرۈنەتتى. بۇ يەرگە يېڭى ئېلىپ كېلىنگەندە تېخى ئۆزلىرىنى يەر شارىغا قايتتۇقمىكىن دەپ قالغان ئىدى!
بىر كەڭرى ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ھەربىيچە كىيىنگەن بىر ئادەم دەرىزە ئالدىدا تۇرۇپ دەرىزە سىرتىغا قاراۋاتاتتى. ئەسكەر ھۆرمەت بىلەن چاس بېرىپ دېدى:
ــ مارشال، يەر شارىلىقلار كەلدى.

42-باب كەينىدىن كەلگەن دۈشمەن

ــ بېيجىڭ شەھەر ئاھالىلىرى دىققەت! ھازىر شەھەر ئىچىدە يۇقۇملۇق كېسەل تارقالدى، ئامالنىڭ بېرىچە سىرتقا چىقماڭلار! ئەگەر بېشى قايغان، پۈتۈن بەدىنى قىزىرىپ ئىششىغان ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەر بايقالسا دەرھال 120گە تېلېفون قىلىڭلار!
ئادەمسىز كوچىلاردا ئۇچقاندەك كېتىپ بارغان قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى توختىماستىن تەشۋىق قىلاتتى، پۈتكۈل بېيجىڭ شەھىرىدە يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغانلىقتىن، ئىلگىرىكىدەك ئاۋات مەنزىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. يولدا يېرىم كۈنگىچىمۇ بىرە ئادەمنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى، پەقەت قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ماشىنىلىرى توختىماي مىكروپ يوقىتىش دورىسى چاچاتتى!
بارلىق دوختۇرخانىلار ئايرىپ تاشلانغان ئىدى، بارلىق تىببىي خادىملارنىڭ ھەممىسى ھىم ئېتىلگەن خىزمەت كىيىمى كىيىۋېلىشقان ئىدى. چۈنكى بۇ خىل كېسەلنىڭ تارقىلىش يولى ھاۋا، سۇ مەبەسى بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا تېرىنىڭ تېگىشىشى ئارقىلىقمۇ يۇقالايتتى. ئەمدىلا باشلانغاندا باش قېيىپ، زۇكامغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلەتتى، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا پۈتۈن بەدەن قىزىرىپ ئىششىپ كېتەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن بەدەن ئورۇقلاپ خۇددى مومياغا ئوخشاپ قالاتتى، مېڭە قۇرۇتلاپ ئۆلۈپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل كېسەل پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈنلا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ئىدى، بېيجىڭ ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى ھېچقانداق بىر خىل ھايۋانمۇ يۇقۇملانمىغان ئىدى. ۋىروسنىڭ تۈرى ئافرىقىدىكى ئىپورا(依博拉) ۋىروسىنىڭ توساتتىن ئۆزگەرگەن تۈرىگە ئوخشاپ قالاتتى، بىراق كېسەللىك ئالامىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. جۇڭگو تاشقى پىلانت ئالەم كېمىسىدىكى تىببىي تېخنىكىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئەيزىسەن(爱兹餐) ۋە ئىپورا بۇ ئىككى خىل كېسەل داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەل ھېسابلانمايدىغان بولدى، ئەمما ھازىر بۇخىل ۋىروس ئالدىدا پۈتۈن جۇڭگو ھەتتا پۈتكۈل جاھانمۇ ئامالسىز قالدى! بۇ خىل ئەھۋالدا دوختۇرخانىلاردىكى دوختۇرلارنى كېسەلنى داۋالىدى دېگەندىن كۆرە، كېسەلنىڭ ئۆلۈشىگە قاراپ تۇردى دېگەن ياخشىراق ئىدى!

41-باب ئەڭ ئەسكى قوشنا

ئافرىقا، بۇ چوڭ قۇرۇقلۇق ھازىر كىشىلەر تەرىپىدىن قارغىش كەتكەن زېمىن دېيىلىدىغان بولدى! ھەر كۈنى ئون مىڭ توننىلاپ بومبىلار بۇ يەرگە تاشلىناتتى، تۈمەنلىگەن قىسىملار بۇ يەرگە توختىماستىن توشۇلاتتى، قىپقىزىل قانلار بۇ زېمىننى بويىغان ئىدى! كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى باشلاندى، پۈتكۈل يايلاقتا ساناقسىز تانكا ۋە بىرونىۋىكلار سەپ تۈزۈپ پولات ئەجدىھادەك سوزۇلۇپ مېڭىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ كەينىدە پىيادىلەر زور قوشۇنى كېلىۋاتاتتى، ھاۋادا مىڭلىغان قوراللىق تىك ئۇچارلار قوغداپ كەلمەكتە ئىدى. زېگېرنىڭ يەر ئاستى ئۇۋىسى پارتلىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن غەلىتە مەخلۇقلار يەر يۈزىگە چىقىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى! ھەر قايسى دۆلەت ھاۋا ئارمىيىلىرى بۇ ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەر كۈنى توختىماي گېلەم شەكىلدە بومباردىمان قىلىپ، يەر يەزىنى بىر مېتىردىن ئارتۇقراق ئاغدۇرىۋەتتى. ھەممە يەرنى غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ ئۆلۈكى قاپلىدى، ئېشىپ قالغان ئاقساق-چولاق غەلىتە مەخلۇقلار تانكا ۋە پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ پىلىموت ئوقىدا يەردىكى جەسەتلەرنىڭ قاتارىغا قوشۇلدى. بىراق غايەت زور غەلىتە مەخلۇقلارنى يوقىتىش ئانچە ئاسانغا چۈشمىدى، تېرىسى قاتتىق، گۆشى قېلىن بولغانلىقتىن، «قارام ئەجدىھا» تانكىنىڭ زەمبىرەك ئوقىمۇ ئۇنى ئانچە يارىلاندۇرالمىدى. تەلەيگە يارىشا، ھەر قېتىم ھاۋا ئارمىيىسى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، قوراللىق تىك ئۇچارلار ئۇلارنى چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق قىسىملىرى بېرىپ ئۇلارنىڭ ئۇۋىسىنى مۇھاسىرىگە ئالدى!

40-باب دوزاختىن قۇتۇلۇش

قورام تاشتىن غايەت زور بىر ئۈشكە تېشىپ چىقتى.
ــ بىز تېشىپ چىقتۇق، كەينىدىكىلەر تېزراق كېلىڭلار،ــ ئاندىرىۋ چىلىققىدە تەرلىگەن ھالدا توۋلىدى، كەينىدىكى غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ توسۇپ تۇرغان قىسىملار بىر تەرەپتىن جەڭ قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن چېكىنىشكە باشلىدى.
ــ ئۈستىگە دىققەت قىلىڭلار!ــ ۋاقىرىدى بىر ئەسكەر. ئۆڭكۈر تورۇسىدىكى بىر يېرىقتىن سانسىزلىغان غەلىتە مەخلۇقلار قارا يامغۇردەك چۈشۈشكە باشلىدى، ئەسكەرلەر تېخى مىلتىقلىرىنى توغرىلاپ بولمايلا ئۇلارنى كۆمۈۋەتتى. ھەر بىر ئەسكەرنى ئون نەچچە غەلىتە مەخلۇق بېسىپ تۇرۇپ، ئۆتكۈر پىچاقتەك قوللىرىنى ئەسەبىيلەرچە ئەسكەرلەرگە شىلتىپ، بىردەمدە ئۇلارنى دۆۋە-دۆۋە گۆش قىيمىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى! تېخىمۇ كۆپ غەلىتە مەخلۇقلار باشقا ئەسكەرلەرگە قاراپ يوپۇرۇلۇپ كەتتى، قىسىمنىڭ ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ئۇنىڭسىزمۇ بەك ئېغىر ئىدى، بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوشۇلۇپ ئوت كۈچى پۈتۈنلەي تارقاقلىشىپ كەتتى، بىر پىلىمۇتنىڭ ئوت كۈچى ئۇلارغا ھېچنېمە ئەمەس ئىدى، ئۇلار ھەمراھلىرىنىڭ ئۆلۈكىگە دەسسەپ ئوققا پىسەنت قىلماي كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ كەلدى!

39-باب ئۈمىد ئۇچقۇنى

سانسىزلىغان ئوت ئۇچقۇنى مىلتىقلارنىڭ ئاغزىدىن چاقنىدى، ئەڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان بىر تۈركۈم غەلىتە مەخلۇقلار يەرگە يىقىلدى.
ــ تېز، ماشىنىغا چىقىڭلار!ــ بۇيرۇق قىلدى ئاندىرىۋ بىر نەچچە غەلىتە مەخلۇقنىڭ بېشىنى پارتلىتىۋەتكەچ. بىر نەچچە قارا كۆلەڭگە ئۇنىڭ باش ئۈستىدىن تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ ئۆتتى. ئاندىرىۋ ئەمدى مىلتىقىنى توغرىلاپ بولغۇچە كۆلەڭگە ئۇنى يەرگە بېسىۋالدى، ئۆتكۈر چىشلار بىلەن تولغان بىر يوغان ئېغىز ئۇنىڭ بوينىنى چىشلىمەكچى بولۇپ سوزۇلدى.
ــ ئەترەت باشلىقى!ــ بىر ئەسكەر ھەيران بولۇپ توۋلىۋەتتى ۋە يېنىدىن خەنجىرىنى چىقىرىپ ھېلىقى غەلىتە مەخلۇققا تىقتى! جان ھەلقۇمغا كەلگەندە ئاندىرىۋ قوش قوللاپ بار كۈچى بىلەن غەلىتە مەخلۇقنىڭ بوينىدىن ئىتتىرىپ تۇتۇۋالدى، كىچىك دىنوزاۋور ئاندىرىۋنىڭ غەلىتە مەخلۇقنىڭ ئاستىدا قالغانلىقىنى كۆرۈپ، سەكرەپ بېرىپ غەلىتە مەخلۇقنىڭ بېلىكىنى كۈچەپ چىشلىدى. ئاندىرىۋ بولالماي قالغاندا، بىر خەنجەر غەلىتە مەخلۇقنىڭ بوينىغا ئۇرۇلدى، خىقىرىغان ئاۋاز ئاڭلىنىش بىلەن، ئاندىرىۋ غەلىتە مەخلۇقنى كۈچەپ بىر تېپىپ يىقىتتى! ھېلىقى غەلىتە مەخلۇق يەرگە يىقلغاندا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى ئېتىپ ھەرە كۆنىكىدەك قىلىۋەتتى. ئېچىنىشلىق چىقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى، ھېلىقى ئادەمسىمان چايانلار قورام تاشلارغا يامىشىپ قىرغىن قىلغىنىچە ئۆمىلەپ كېلىشكە باشلىدى.ئۆزلىرىنىڭ سۈرئىتى ۋە چاققانلىقىغا تايىنىپ قىسىمنىڭ سەپ شەكلىنى ناھايىتى تېزلا قالايمىقان قىلىۋەتتى، غەلىتە مەخلۇقلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تۈركۈملەپ ئېتىلىپ كېلىشكە باشلىدى. كۆز ئالدىدىكى سەلدەك يامراپ كېلىۋاتقان قاپقارا دولقۇننى كۆرۈپ جەڭچىلەرنىڭ تېنى شۈركىنىپ كەتتى! ھايات قېلىش ئىستىكىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇلار ئىختىيارسىز ھالدا كەينىگە قاراپ قېچىشقا باشلىدى.