• قوللانچى: پارول:

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئارخىپ بېتى

سىز «2008-يىلى 06-ئاي» دىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

47-باب ئەمەلگە ئاشمىغان سۈيىقەست

تيەنئەنمېننىڭ ئالدى، ساناقسىز تانكىلار تىزىلىپ تۇراتتى، نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەر قوللىرىدا ئېغىر تىپلىق پىلىمۇتلارنى تۇتقىنىچە زېگېرنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيىسى «يىرتقۇچى»نىڭ ھۇجۇمىغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتاتتى، ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، تانكىلارنىڭ ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەكلىرى بۇ غەلىتە مەخلۇقلارغا قىلچىمۇ كار قىلمايۋاتاتتى، پەقەت ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئاران تاقابىل تۇرۇۋاتاتتى. شەپەرەڭگە ئوخشاش بىر توپ غەلىتە مەخلۇقلار ئۇچۇپ كېلىپ، يېشىل رەڭلىك غوزەكلەرنى تانكىلارنىڭ ئۈستىگە چاچتى، غوزەكلەردىن كىچىك پارازىت قۇرۇتلار چىقىپ، تانكىلارنى تېشىپ كىرىپ، ئىچىدىكى ئالاقزادىلىك ئىچىدە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان شوپۇرلارنى يەۋەتتى، تانكىلار بىر-بىرلەپ پارتلاشقا باشلىدى، پارازىت قۇرۇتلارنىڭ تېشىپ چىقىشى مۇھاپىزەتچى قىسىملارنى ئىنتايىن ئالاقزادە قىلىۋەتتى، نۇرغۇن «يىرتقۇچى»لار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇداپىئە لېنىيىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ يۈرىكىگە بېسىپ كىردى……

46-باب تۇيۇقسىز كەلگەن ئۆزگىرىش

تەيۋەن، پۈتكۈل ئارال زېگېرلارنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمىغا ئۇدا ئۇچراپ، دېڭىز بويى شەھەرلىرىدىن كۆپ قىسىملىرى قولدىن كەتتى، ئارال پۈتۈنلەي زېگېرلارنىڭ قاتمۇ-قات مۇھاسىرىسىدە قالدى. ئەگەر جۇڭخۇا دەرىجىلىك چارلىغۇچى ئالەم كېمىسى دەرھال جىددىي ياردەمگە كەلمىگەن بولسا، تەيۋەن ئارىلى ئاللىقاچان ئىشغال قىلىنىپ بولۇناتتى. تەيبېي شەھىرىدە ۋاڭ تيېخېڭ تەيۋەن ھەربىي رايونىنىڭ بىر قىسىم ئوفېتسېرلىرى بىلەن كېيىنكى قەدەملىك ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىۋاتاتتى. يىغىندا ھەر قايسى ھەربىي ئەمەلدارلار توختىماستىن تالىشاتتى، بەزىلەر ئەگەر تەيۋەن قولدىن كەتسە دەرھال ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىپ تەيۋەننى تۈزلىۋېتىپ، زېگېرلار بىلەن بىللە تۈگىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەكلىپ گەرچە تەلۋىلىك بولسىمۇ، بىراق ۋاڭ تيېخېڭ ئاستىرىتتىن بۇ يېڭى چىققان گېنرالنىڭ ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان روھىنى ماختاپ قويدى، ئەگەر بۇرۇنقى چاغلار بولىدىغان بولسا، تەيۋەننىڭ ھېلىقى كونا گېنراللىرى ئاللىقاچان نەگە قېچىشىنى بىلەلمەي قالغان بولاتتى. يەنە بەزىلەر بۇنى ئەڭ ئەخمىقانە چارە دەپ قارىدى، تەيۋەن ئارىلىدا 20 مىليوندەك پۇقرا بار، بۇ پۇقرالارنى زېگېرلارغا قوشۇپ دەپنە قىلسا بولمايدۇ-دە!

45-باب بوران-چاپقۇن كەلمەكتە

ئېكراندىكى غوزەك يوقىلىشى بىلەنلا پۈتۈن مەجلىسخانا قايناپ كەتتى، باشقا ئىرقلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋەن شيوڭفېيغا قارىغىنىچە باشلىرىنى يېقىن ئەكىلىپ پىچىرلاپ تالىشىشقا باشلىدى! بەزىلەر ئۇلار ئۈچۈن ئاھ ئۇرسا، بەزىلەر ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىكىنى مازاق قىلاتتى، بىراق تېخىمۇ كۆپ ۋەكىللەر ئۇلارغا قايىللىق نەزىرى بىلەن قارىشاتتى. يارېس يەلكىسىدىن بىر چوڭ تاغنى ئېلىپ تاشلىغاندەك بولۇپ يېنىكلەپ، چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈردى، قايتىش يولىدا ئۇ ۋەن شيوڭفېيغا قاراپ:
ــ قالتىس، بىز زېگېرلار بىلەن ئۇرۇش توختاتقاندىن بۇيان بۇنداق گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم،ــ دېدى ۋە سورىدى:
ــ بىراق سىز بىلەمسىز؟ سىزنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىڭىز سىزنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىڭىزغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.
ۋەن شيوڭفېي يارېسنىڭ سۆزلىرى ئاڭلاپ قوشۇمىسىنى قاتتىق تۈرۈپ قويۇپ، يارېسقا قاراپ:
ــ بۇ… بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، ئابايام ھەقىقەتەن بەك غەزەپلىنىپ كەتكەنلىكتىن كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنىڭ بەرىنى سۆزلىۋېتىپ قاپتىمەن!ــ دېدى. يارېس بېشىنى لىڭىشىتىپ تۇرۇپ دېدى:
ــ بىلدىم، ھازىر بىز ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى دەل سىزگە ئوخشاش غەزەپلەنگەن ئادەم!

44-باب قەسەميات

2011-يىلى 15-فېبرال، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە بىنالارنىڭ ئۆگزىسىگە ھاۋا مۇداپىئە پىلىموتلىرى ئورنىتىلغان ئىدى! يوللاردا بىرونىۋىكلار چارلاپ مېڭىپ يۈرەتتى، خۇددى ئالدىدا كۈچلۈك دۈشمەن باردەك مەنزىرە شەكىللەنگەن ئىدى. شۇنداق! يېرىم ئايدىن كۆپرەك ئالاھىدە قارشىلىشىشتىن كېيىن، شاڭخەي، تەيۋەن، چىڭداۋ قاتارلىق جايلار ئۇرۇش سەۋەبىدىن خارابىيلىققا ئايلانغان ئىدى! ھەر كۈنى ئاز بولمىغان ئۇچالايدىغان غەلىتە مەخلۇقلار ئىچكى قۇرۇقلۇققا كىرىپ مالىمان قىلاتتى، شەھەر ئىچىدە ھەممە يەردە ھاۋا مۇداپىئە ئىستىھكاملىرى ياسالغان ئىدى، بىراق جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى خۇشال قىلىدىغان بىردىنبىر ئىش بولسا يۇقۇم ئەھۋالى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى! بىراق غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ ھۇجۇمى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى، ئالدىنقى سەپتە ئۆلۈم-يېتىم ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئارقا سەپتە يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغانلىق سەۋەبىدىن تولۇقلاش ناھايىتى تەس كېلىۋاتاتتى، بۇ ئەھۋال جۇڭگوغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ خۇشاللىنارلىق ئەمەس ئىدى!