49-باب تۇرمۇشتىكى قىستۇرما كۈي
كېيىنكى كۈنلەردە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر پۈتۈن كۈچى بىلەن قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى، جۇڭگونىڭ سۈنئىي بىرىكمە يېمەكلىكى بۇ جەھەتتە چوڭ رول ئوينىدى دېيىشكە بولىدۇ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلگىرىكىدەك ئاپەتتىن كېيىنكى ئاشلىق كەمچىل بولۇش مەسىلىسى كۆرۈلمىدى. جۇڭگو، روسىيە، ئامېرىكا ئۈچ دۆلەتتىن كېيىن، فرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىنىڭمۇ ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى.
ئاسىيا رايونىدا دېڭىز قىرغىقىغا يېقىنراق جايلاشقان ۋېيتنام، كورىيە، ياپونىيە، فىلىپپىن ھەمدە جۇڭگونىڭ ئۇچرىغان زىيىنى كۆپرەك بولدى، ئۇنىڭ ئىچىدە ياپونىيە پۈتۈنلەي دېگۈدەك يوقىلىپ كەتتى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى لى شياڭ بۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى ھەرقايسى قايتا قۇرۇش رايونلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شياڭگاڭ ــ ئىلگىرى مال سېتىۋېلىش جەننىتى دەپ ئاتالغان شەھەر ــ ھازىر بىر پارچە ئىپتىدائىي ئورمانلىققا ئايلانغان ئىدى. ئورمانلىق ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋەيران بولغان بىنالارلا بۇ يەرنىڭ ئىلگىرى گۈللەنگەن چوڭ بىر شەھەر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.