54-باب كىچىككىنە مالىمانچىلىق
ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا بۇ بىر توپ لۈكچەكلەر ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئاي شارىغا ساياھەتكە ئاپىرىدىغان «مەخسۇس ئۇچقۇ»غا يالاپ چىقىرىلدى!
ــ توختاپ تۇرۇڭلار! مەن ئادۋوكات چاقىرىمەن، سىلەر بۇنداق قىلساڭلار بولمايدۇ!
ــ مېنى قويۇۋېتىڭلار، سىلەرنىڭ بۇنداق قىلغىنىڭلار خەلقنى باستۇرغانلىق، كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى قىلغانلىق!
ــ مەن ئاي شارىغا بارمايمەن، قۇتقۇزۇڭلار!
ــ ئـانـاڭـنـى! قالايمىقان مىدىراشماي چىقىشە!ــ بىر توپ ئەسكەر بۇ بىر توپ ئادەمنى دۈشكەللەپ تارتىپ مەخسۇس ئۇچقۇغا چىقىرىپ، ئورۇندۇققا باغلىدى، يالاپ ماڭغۇچىلارنىڭ ئەترەت باشلىقى تېخىغىچە ۋاقىراپ-جاقىراپ غەلۋە قىلىۋاتقان بۇ بىر توپ ئادەمگە قاتتىق ۋاقىرىدى:
ــ ئاغزىڭنى يۇمۇش! ئەگەر كىمدىكىم يەنە زۇۋانىنى چىقىرىدىغان بولسا، مەن ئۇنى ئالەم بوشلۇقىغا تاشلىۋېتىمەن!
بۇنىڭ بىلەن ئۇچقۇ بۆلمىسى دەرھال تېنچلاندى.