• قوللانچى: پارول:

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئارخىپ بېتى

سىز «2008-يىلى 10-ئاي» دىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

55-باب چوڭ جەڭنىڭ يېتىپ كېلىشى

نەچچە قېتىملىق ئاختۇرۇشتىن كېيىن، گۇماندارنىڭ ئالەم كېمىسىدىن ئايرىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلۈپ، قامال ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ قېتىملىق كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقتىن كېيىن، پۈتكۈل بازا ۋە ئالەم كېمىسىنىڭ قوغدىلىشى زور دەرىجىدە كۈچەيتىلدى. گەرچە بۇ ئىش بازىدا ئاز بولمىغان داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن ئادەم ھېلىقى گۇماندارنىڭ چوقۇم تاشقى پىلانېتلىق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزلىرىگە ياردەمگە كەلگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
بۇ ئىش ئەسكەرلەرنىڭ تاماقتىن كېيىن سۆزلىشىدىغان سۆز تېمىسىغا ئايلاندى، كۆپچىلىك بىللە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرى يىغقان «ئاخبارات»لىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشۇپ، بۇ سىرلىق تاشقى پىلانېتلىقنى مۇھاكىمە قىلىشاتتى.
ــ ھەي! مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ھېلىقى تاشقى پىلانېتلىق ئايالمىش!
ــ ئايال؟ بۇ ئەنچە ھەيران قالارلىق ئەمەسكەن، فانتازىيىلىك فىلىملەردە تاشقى پىلانېتلىقلار دائىم ئادەملەرنىڭ سىياقىغا كىرىۋالالايتىغۇ، ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتى…ــ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ھېلىقى ئەسكەر زېگېر غەلىتە مەخلۇقلىرىنىڭ قورقۇنچلۇق قىياپىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى.