• قوللانچى: پارول:

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئارخىپ بېتى

سىز «2008-يىلى 11-ئاي» دىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

56-باب ئاي شارىدىكى قانلىق جەڭ

ــ ۋاي خۇدايىم! نېمىدېگەن كۆپ!ــ دېدى بىر ئەسكەر كومپيۇتېر ئىستاستىكىلاپ چىققان سانغا قاراپ ھۇلۇققان ھالدا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سان توختىماستىن تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتاتتى.
ــ ئاگاھلاندۇرۇش! زېگېر قىسىملىرى ھۇجۇم قىلدى، بارلىق ئۇچقۇ ئەترەتلىرى جىددىي ئۇچۇڭلار، پۈتۈن كۈچ بىلەن دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇڭلار!
ئۇچۇش يولىدا نۇرغۇن ئۇچقۇچىلار ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ ئۆز ئۇچقۇلىرىغا چىقىشتى، يەر يۈزى ئارقا سەپ خادىملىرى ئۇچقۇلارنىڭ ئۇچۇش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىشتى. پىلانېتلار ئارا جەڭ ئۇچقۇلىرى قۇيرۇقىدىن كۆك رەڭلىك ئوت يالقۇنى چىقارغىنىچە بىر-بىرلەپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، تېز سۈرئەتتە قاپقاراڭغۇ ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇپ كىرىپ كېتىشتى.
بىر ئالاقىچى جوۋيۈگە قاراپ:
ــ قوماندان، تۆت ZXJ-1 پىلانېتلارئارا جەڭ ئۇچقۇ ئەترىتى ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى، تەخمىنەن يەنە ئالتە مىنۇتتىن كېيىن دۈشمەن ئارمىيىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ!ــ دېدى. جوۋيۈ بۇنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭىشىتىپ تۇرۇپ دېدى:
ــ ئۇچقۇچىلارغا ئېيتىپ قويغىن، ئۇلار ئامالنىڭ بېرىچە دۈشمەن قوشۇنىنى تۇتۇپ تۇرسۇن، كەينىدىكى قوشۇنلار دەرھال ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتتۈرسۇن.