سىز «2010-يىلى 12-ئاي» دىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى غەربكە يارىشىش ھالىتىنى روشەن ئىپادىلىدى. 3-ئاينىڭ 21-كۈنى، موسكۋا رادىئو ئىستانسىسى خەۋەر بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان شىمالىي چاۋشيەندە ئەسىرگە چۈشكەن توققۇز نەپەر ئەنگلىيىلىك دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋە دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئاكتىپ ياردەم بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى.[59]
ئىلگىرى بەزى ئەسەرلەردە، جۇڭگونىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەمدە ئۇ ئارقىلىق چاۋشيەندە ئۇرۇش توختىتىشنى تەكلىپ قىلىشى ماۋزېدۇڭنىڭ ئېزىنخوۋېرنىڭ ترۇمېن پەيدا قىلغان چۈشەكتىن قۇتۇلماقچى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغانلىقى ھەمدە مەقسەدلىك سىناپ باققاندىن كېيىن، چاۋشيەن تەرەپ بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق ئاكتىپلىق بىلەن چىقارغان قارارى [38] ياكى جۇڭگونىڭ موسكۋانىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشىگە پېتىپ قېلىپ ئۇلارغا قاراشقا چولىسى تەگمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، دىپلوماتىيىدە قوللانغان ئاكتىپلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارالغان ئىدى.[39] يەنە بەزىلەر ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى تەھدىت رولى جۇڭگونىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى يولغا قويۇشقا قوشۇلۇشىدىكى ئاساسىي ئامىل دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرغان ئىدى.[40] بۇ كۆز قاراشلارنىڭ ھەممىسى يېقىندا ئاشكارىلانغان ئارخىپ ماتېرىياللىرى سەۋەپلىك سۇسلاشتى. يېڭى تارىخىي ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، موسكۋانىڭ يېڭى يېتەكچى پرىنسىپى ھەمدە بېيجىڭنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ بىر يېتەكچى پرىنسىپقا قوشۇلۇشى، چاۋشيەن مەسىلىسىنىڭ قاتمال ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ھالقىلىق ئامىل ئىدى.