بەزىلەر قەۋزىيەت كېسەل ئەمەس، ئالايىتەن داۋالاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش خاتا، قەۋزىيەتنىڭ خەتىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، يەنە كېلىپ قات-قات بولىدۇ، كۈندە قىلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ تەرەت ئۈچەي ئىچىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ھامان بەزى قالدۇقلار ئۈچەي ئىچىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ قالدۇقلار باكتېرىيەنىڭ رولى ئاستىدا يىغىلىۋېلىپ، قارا رەڭلىك، سېسىق، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىلىۋالغان ماددىلارنىڭ خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئېچىپ، چىرىپ، ھەرخىل زەھەرلىك ماددا، زەھەرلىك گازلارنى توختىماي پەيدا قىلىپ، ئۈچەي ئىچىدىكى مۇھىتنى يامانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قەۋزىيەت مەزى بېزىغا زەخمە يەتكۈزەمدۇ؟
-
قەۋزىيەت مەزى بېزىغا زەخمە يەتكۈزەمدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-21 ئاۋاتلىقى: 1452 قېتىميانفوندا كۆرۈش
قەۋزىيەت مەزى بېزىغا زەخمە يەتكۈزەمدۇ؟
مەزى بېزى توغرا ئۈچەيگە چىڭ چاپلىشىغلىق ھالەتتە بولۇپ ، پەقەت ئىنتايىن ئاز بولغان بوشلۇق توقۇلمىلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ . بۇ ئالاھىدىلىكى مىدىتسىنادا مەزى بېزىنى تەكشۈرۈشكە قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى . بىراق يەنە قەۋزىيەت بىمارلىرىنىڭ مەزى بېزى ساغلاملىقىغا يۇشۇرۇن تەھتىت ئېلىپ كەلمەكتە . قەۋزىيەت بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ چوڭ تەرىتى ئادەتتە قۇرغاق ، قاتتىق بولىدۇ ، توغرا ئۈچەينىڭ تىمپىراتۇرسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى .قۇرغاق بولغان چوڭ تەرەت مەزى بېزىنى قىسىپ بېسىش ئەھۋالىنى شەكىللەندۈرىدۇ ، ھەمدە شۇ ئورۇننىڭ قان ئايلىنىشىنىڭ نورمال بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ۋاقىت ئۇزارغانسىرى مەزى بېزى ياللۇغى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭدىن سىرىت ، قەۋزىيەت بولغۇچىلار ، تەرەت قىلغاندا قورساقنىڭ بېسىمىغا تايىنىپ چوڭ تەرەتنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ ، بۇ خىل ئەھۋال مەزى بېزىغا يەنە بىر قېتىملىق بېسىم ئېلىپ كېلىدۇھەمدە كىچىك تەرەت نورمال قۇيۇپ بېرىلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ .
قەۋزىيەت بولۇپ قالغان ياشلار ، دائىم تۈنەش ، ئۇزۇن ئولتۇرۇش ، ھەركەت ئاز بولۇش ،يىمەكلىكتە ئاچچىق مايلىق نەرسىلەرنى كۆپ يىيىش سەۋەبىدىن چوڭ تەرەتنىڭ قۇرغاق بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،ھەمدە شۇ سەۋەپلىك مەزى بېزىدا كىسەللىك پەيدا بولىدۇ . شۇڭا تۇرمۇشىمىزدا قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىش ، قەۋزىيەتكە سەل قارىماسلىق كېرەك.
مەنبە: ساغلاملىق سالونىتەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قەۋزىيەت مەزى بېزىغا زەخمە يەتكۈزەمدۇ؟
2016-01-04 18:21:351452كۈندىلىك تۇرمۇشتا قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇ
2015-08-06 05:04:084244قەۋزىيەتنىڭ چوڭلارغا بولغان تەسىرى بەكلا چوڭ
2015-08-06 20:42:283136قەۋزىيەتنىڭ ھامىلىدارلارغا بولغان تەسىرى
2015-08-06 04:51:342097قەۋزىيەت كېسەللىكمۇ؟
2015-08-06 04:59:552218خانىم-قىزلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ سەۋەبى
2015-08-06 14:45:577829قەۋزىيەت بولغۇچىلار نېمە ئۈچۈن بايتوكس (ByeTox)
2015-09-15 16:51:30209546قەۋزىيەتنىڭ ئاساسلىق خەۋپى
2015-08-06 04:37:351154
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-