بەزىلەر قەۋزىيەت كېسەل ئەمەس، ئالايىتەن داۋالاپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ قاراش خاتا، قەۋزىيەتنىڭ خەتىرىگە قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئادەمنىڭ ئۈچىيىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىرغا يېتىدۇ، يەنە كېلىپ قات-قات بولىدۇ، كۈندە قىلىدىغان ئادەتتىكى چوڭ تەرەت ئۈچەي ئىچىدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتەلمەيدۇ، ھامان بەزى قالدۇقلار ئۈچەي ئىچىدە قېلىپ قالىدۇ. بۇ قالدۇقلار باكتېرىيەنىڭ رولى ئاستىدا يىغىلىۋېلىپ، قارا رەڭلىك، سېسىق، زەھەرلىك ماددا ھاسىل قىلىپ، ئۈچەي دىۋارىغا چىڭ چاپلىشىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۇ يىغىلىۋالغان ماددىلارنىڭ خەتىرى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ئۇلار داۋاملىق ئېچىپ، چىرىپ، ھەرخىل زەھەرلىك ماددا، زەھەرلىك گازلارنى توختىماي پەيدا قىلىپ، ئۈچەي ئىچىدىكى مۇھىتنى يامانلاشتۇرۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، ۋاقىت ئۇزارغانچە، بىر قاتار كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قەۋزىيەتنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى
-
قەۋزىيەتنىڭ ئاياللارغا بولغان زىيىنى
ۋاقتى: 2016-08-09 ئاۋاتلىقى: 786 قېتىميانفوندا كۆرۈش
ئاياللار قەۋزىيەت بولسا ئاسانلا كۆپ خىل ئاياللار كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ، مەسىلەن بالىياتقۇ ياكى تۇخۇمدان ياخشى، يامان خاراكتېرلىك ئۆسمىسى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئورۇن ئالمىشىش كېسىلى ۋە سۈت بېسى راكى قاتارلىقلار. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتېتى سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈشى قوبۇل قىلغان ئاياللارنىڭ كۆكسىدىن ئېلىپ تەكشۈرۈلگەن ھۈجەيرىلەردىن بايقىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە چوڭ تەرەت قىلىش قېتىم سانى ئىككى قېتىمدىن ئاز(يەنى قەۋزىيەت ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللار) بولغان ئاياللار كۆكسىدە بىنورمال ھۈجەيرە(ئاسان راك ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىدىغان) بار بولغان ئاياللارنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگەللەيدىكەن. كۈندە بىر قېتىمدىن كۆپ چوڭ تەرەت قىلىدىغان ئاياللار پەقەت كۆكسىدە بىنورمال ھۈجەيرە بار بولغان ئاياللارنىڭ %5نىلا ئىگەللەيدىكەن. بۇ ئارقىلىق دائىم قەۋزىيەت بولىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرىلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ئاياللار قەۋزىيەت بولسا ھۆسنىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. قەۋزىيەت بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى كۆپەيتىپ، ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش، ئىچكى ئاجرىتىش بۇزۇلۇش ۋە مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار تەڭپۇڭ بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرىدە پىگمېنت يىغىلىپ قېلىش، قىچىشىش، چىرايى نۇرسىز بولۇش، چېچى قۇرغاقلىشىش، سېرىق داغ پەيدا بولۇش، ياشلىق مودۇرى ۋە بوۋاسىر قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ.تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
قەۋزىيەت مەزى بېزىغا زەخمە يەتكۈزەمدۇ؟
2016-01-04 18:21:351434قەۋزىيەت قايسى تۈردىكى ئادەملەرگە ئامراق؟
2015-08-06 14:44:317465قەۋزىيەتنىڭ خانىم-قىزلارغا ئېلىپ كېلىدىغان 8 چوڭ
2015-08-06 19:44:138332بالىلار ساغلاملىقىنى قوغدىغۇچى قالقان: نىتتا قەۋ
2015-08-06 05:24:351617قەۋزىيەتنىڭ ياشانغانلارغا بولغان زىيىنى
2015-08-06 04:54:57790قەۋزىيەت كېسەللىكمۇ؟
2015-08-06 04:59:552198قەۋزىيەتنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرىغا ب
2015-08-06 04:42:19989قەۋزىيەت بولغۇچىلار كۈتۈنۈشتە
2015-08-06 04:57:473458
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-