باش بەت | ئۇيغۇر تىبابىتى | جۇڭيى تىبابىتى | غەرب تىبابىتى | ئوزۇقشۇناسلىق| تەۋسىيە دورىلار|ساغلاملىق يېتەكچىسى | داۋالاش ئۈسكۈنىلېرى | مەسلىھەت سوراش

تەۋسىيە دورىلار
تېخى دورا قوشۇلمىدى

ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇچۇرلېرى
  كۆپ ئېھتىلام بۇلۇش ۋە ئۇنى داۋالاش (كەسىرەتى ئېھتىلام
  جەلىق(ئانانىزىم ) نى تۇنۇش ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش
  بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى
  شىپالىق رىتسىپلار
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(2)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(3)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(4)
  يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى
  ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمىي رېتسىپلىرى
 
يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى
قوشۇلغان ۋاقتى : 2012-1-17      كۆرۈلۈشى :2282
      

يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى - ئۆتكۈر قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، بادامسىمانبەز ياللۈغى، بوغۇم ئاغرىقى، شۇنداقلا بەدەندىكى ھەر خىل ياللۇغلىنىشلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن يۈرەك ئىچكى پەردىلىرى ياللۇغلىنىپ، كلىنىكىدا يۈرەك تەرتىپسىز سېلىش، باش ئاغرىش، جۆيلۈش، تارتىشىپ قېلىش، چىرايى سارغىيىپ  كېتىش، يۈرەك قاتتىق ئاغرىش ۋە يېقىمسىزلىنىش، قىزىتىش، تومۇرى ئىنچىكە، قالايمىقان سېلىش، نەپەس رىتىمى تېز بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك .
1. يېمەك - ئىچمەك بىلەن داۋالاش پرىنسىپى:
تەس ھەزىم بولىدىغان غەلىز غىزالاردىن پەرھىز قىلىپ، لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. كاربون - سۇ بىرىكمىلىرىنى كونترول قىلىپ، تالالىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئاشۈرۇش لازىم. ئانئورگانىك تۇز ۋە مىكرو مىقداردىكى ئېلېمېنتلار مۈۋاپىف مىقداردا بولۇش كېرەك. ئوزۇقلاندۇرۇشتا قان تومۇرنى كېڭەيتىش، ياللۇغ قايتۈرۈش، يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق خۇسۈسىيەتلەرگە ئىگە بولغان يېمەكلىكلەردىن چۈجە گۆشى، پاقلان گۆشى، بۇغداي، نوقۇت، ماش، ئالما، نەشپۈت، بېھى، ئامۇت، چامغۇر، سەۋزە، يېسىۋىلەك، پالەك، سەي كاۋىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەر ۋە ئۈلارنى خام ئەشيا قىلغان غىزالارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم.
 2. يېمەك - ئىچمەك بىلەن داۋالاش
(1)  ئارپا ئۇنى ئۇمىچى: 200 گرام ئارپا ئۇنىنى سوغۇق سۇغا يېرىم سائەت چىلاپ تۇرغۇزۇپ، ئارقىدىن توغرالغان چامغۇر، يۇمغاقسۈت ۋە بىر باش غولپىياز بىلەن قوشۇپ، سۇس ئوتتا ئۇزاق قاينىتىپ، تۇز تەمىنى تەڭشەپ سۇيۇق ھالەتتە ئۇماچ تەييارلاپ، كۈندە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىپ بېرىلىدۇ.
(2)  شىيرە كۆك ماش ئېشى: گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا، بەرگى رەيھان ھەر بىرىنى 20 گرامدىن ئېلىپ چالا سوقۇۋېتىپ، بىر كىلوگرام سۇدا 20 مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە 20 گرام شېكەر ۋە 60 گرام كۆك ماشنى سېلىپ، سۇس ئوتتا 30 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ، ماش يۇمشاق پىشقاندا ئوتىنى ئۆچۈرۈپ تەييارلاپ، كۈندە ناشتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
(3)  ئارپا سېلىنغان شوۋىگۈرۈچ: ئارپا 30 گرام، گۈرۈچ 100 گرام، توخۇ گۆشى 50 گرام . ئارپىنى ئېزىپ، مۇۋاپىق سۇغا چىلاپ، بىر سائەت تۇرغۇزۇپ، ئۈستىگە توخۇ گۆشى ۋە گۈرۈچنى سېلىپ، بىر كىلوگرام سۇدا سۇس ئوتتا ئۇزاق قاينىتىپ، تۇزىنى تەڭشەپ تەييارلاپ، كۈندە 1 ~ 2 قېتىم ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە ئىستېمال قىلىپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئۇنداقتا، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە قانداق پەرھىز تۇتۇش كېرەك؟
بەك ئاچچىق، بەك سوغۇق يېمەك - ئىچمەكلەر ۋە ئات گۆشى، كالا گۆشى، سۈرلەنگەن گۆش، تۇخۇم پوشكىلى، گۆشگىردە، لازا ۋە زىيادە مايلىق، تۇزلۇق قورۇمىلار قاتارلىق تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، مايلىق، تۇزلۇق يېمەك- ئىچمەكلەرنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.


دوستانە ئۇلانمىلار

ئۇلىنىش تورى ئۇچۇر تورى ئۇلار ئۇلىنىش تورى بىكەت ئۇلىنىشى بىزەكچىلىك تورى تىببى ئۇلىنىش تورى ئىگىلىك تىكلەش تورى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى شىركەتلەر ئۇلىنىشى ئېگىلىك تورى

باش بەت | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | بەت ھوقۇقى | پىكىر سادۇقى
تىۋىپ ساغلاملىق لىنىيىسى http://tiwip.biz
tiwip@qq.com  تېلىفون : “  فاكىس :0000000
بېكەت باشلىقى :تىۋىپ ئالاقە QQ :00000000
تىۋىپ ساغلاملىق تورى سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ. بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار ئۈزىمىزنىڭ يازمىسە ۋە توردىن ئېلىنغان، ئەگەر ئەسەر ھۇقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز تىز سۈرئەتتە ئۈچۈرۈپ تاشلايمىز