باش بەت | ئۇيغۇر تىبابىتى | جۇڭيى تىبابىتى | غەرب تىبابىتى | ئوزۇقشۇناسلىق| تەۋسىيە دورىلار|ساغلاملىق يېتەكچىسى | داۋالاش ئۈسكۈنىلېرى | مەسلىھەت سوراش

تەۋسىيە دورىلار
تېخى دورا قوشۇلمىدى

ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇچۇرلېرى
  كۆپ ئېھتىلام بۇلۇش ۋە ئۇنى داۋالاش (كەسىرەتى ئېھتىلام
  جەلىق(ئانانىزىم ) نى تۇنۇش ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش
  بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى
  شىپالىق رىتسىپلار
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(2)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(3)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(4)
  يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى
  ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمىي رېتسىپلىرى
 
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
قوشۇلغان ۋاقتى : 2012-1-17      كۆرۈلۈشى :2814
      

 
1. ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎم دورﯨﻠﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﺎم دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﺒﻪدﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﺗﯜرﯨﻤﯘ ﻛﯚپ، ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﻮرﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ئۆز ۋاﻗﺘﯩﺪا، ﺋﯚز ﭘﻪﺳﻠﯩﺪە ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﮬﻪﻣﺪە ﺳﺎﻗـلاﺷﻘﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﻪرﻣﯩﺴﻪ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺗﯚۋەﻧﻠﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﺧﺎم دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟـلارﻏﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮەك.
ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﺗﯜرى ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ، دورﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯘ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.


1) ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل - ﭼﯧﭽﻪك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل - ﭼﯧﭽﻪك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺋﻮﺑﺪان ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل - ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮى ﭘﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚزﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ، ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﭘﯘرﯨﻘﻰ، رەﯕﮕﻰ، ﺗﻪﻣﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﮬﯘﺷﻴﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﺋﺎرﯨـلاﺷﻤﺎ ﻣﺎددﯨـلارﻧﻰ ﺗﺎزﯨـلاپ، ﻳﯘﻳﯘپ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻨﯩﺪۇ.
ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل - ﭼﯧﭽﻪك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ، ﺳﺎﻳﯩﺪا، ﮬﺎۋا ﺋﯚﺗﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﭘﺎﻛﯩﺰە ﺋﻮرۇﻧﺪا ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﻗﯘرۇﺗﯘش ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﭼﺎڭ - ﺗﻮﭘﯩـلاردﯨﻦ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﻪﻛﻤﯘ زۆرۈر.
ﺑﻪزى ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل ۋە ﭼﯧﭽﻪﻛﻠﻪر ﺑﺎرﻛﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘۋۋﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﺘﺎپ زەرەر ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل - ﭼﯧﭽﻪك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎز ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻗﻴﯘپ ﻗﯘرۇﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎق، ﮔﯜل - ﭼﯧﭽﻪك ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ، دورﯨـلار ﺋﻮﺑﺪان ﻗﯘرﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻧﻪﻣﻠﯩﻚ ۋە ﮬﯚﻟﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺟﺎﻳﺪا ﭘﺎﺧﺘﺎ رەﺧﺘﺘﯩﻦ ﺗﻪﻳﻴﺎرلاﻧﻐﺎن ﺗﺎﻏﺎر ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﭘـلاردا ﺳﺎﻗـلاش ﻛﯧﺮەك. ﺋﯚﺗﻜﯜر ﻛﯜن ﻧﯘرى ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن ﺟﺎﻳﺪا ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، رەﯕﮕﻰ، ﭘﯘرﯨﻘﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك.


2) ﺋﯘرۇق ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى
ﺋﯘرۇق ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﺎ، ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﺋﻮﺑﺪان ﭘﯩﺸﯩﭗ، دﯦﻨﻰ ﻗﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﻳﻮﭘﯘرﻣﺎﻗﻠﯩﺮى ﺳﺎرﻏﯩﻴﯩﭗ ﭘﻪﺟﻤﯘردە ﺑﻮﻟﯘش ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﯜﺗﯜن ﭼﯚﭘﯩﻨﻰ ﺋﻮرﯨﯟﯦﻠﯩﭗ ﺳﺎﻳﯩﺪا ﻗﯘرۇﺗﯩﻠﯩﺪۇ، ﻧﻪﻣﻠﯩﻚ، ﮬﯚﻟﻠﯜك ﺋﻮرۇﻧﺪا ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘرۇﻗﻰ ﮬﺎۋا ﺋﯚﺗﯜﺷﻤﻪي ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﯚﻟﻠﯜﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺳﺎن ﻛﯚﻛﯩﺮﯨﭗ ﺳﯧﺴﯩﻴﺪۇ.
ﺋﯘرۇق دورﯨـلارﻧﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ دورﯨـلار ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻗﯘرۇﺗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﻳﻪ ﺟﺎﻳﺪا ﻗﯘرۇﺗﯘﻟﯩﺪۇ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﻪزى ﺋﯘرۇق دورﯨـلارﻧﯩﯔ دﯦﻨﻰ (ﻣﯧﻐﯩﺰى) ﺋﯚﺗﻜﯜر ﻛﯜن ﻧﯘرﯨﺪا ﻛﯚﻳﯜپ ﭘﺎرﻟﯩﻨﯩﭗ، ﻗﯘرۇﻟﯘپ ﭘﯧﭽﻪك ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ، ﺷﯘﯕﺎ ﮬﺎۋا ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯜن ﻧﯘرﯨﺪا ﻗﯘرۇﺗﯘش ﻛﯧﺮەك.
ﺋﯘرۇق دورﯨـلارﻧﻰ ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ ﺋﻮﺑﺪان ﻗﯘرﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻠﻐﺎپ، ﺗﺎﺳﻘﺎپ، ﺋﺎرﯨـلاﺷﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭘﺎﻛﯩﺰە ﺳﯜرۈپ ﻳﯜز ﺧﺎﻟﺘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯩﭙﺘﻪ ﺗﺎﻏﺎرلاردا ﺳﺎﻗـلاش، ﮬﯚﻟﻠﯜك، ﻧﻪﻣﻠﯩﻚ، ﭼﺎڭ - ﺗﻮزاﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﺶ، ۋاﻗﺘﻰ - ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﯩﺸﯩﻚ - دﯦﺮﯨﺰﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﮬﺎۋا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺗﯘرۇش، زﯨﻴﺎﻧﺪاش ﮬﺎﺷﺎرات، ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەك.
ﺋﯘرۇق دورﯨـلارﻧﯩﯔ دﯦﻨﻰ ﭼﻮڭ، ﺳﯧﻤﯩﺰ، ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ۋە ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ.


دوستانە ئۇلانمىلار

ئۇلىنىش تورى ئۇچۇر تورى ئۇلار ئۇلىنىش تورى بىكەت ئۇلىنىشى بىزەكچىلىك تورى تىببى ئۇلىنىش تورى ئىگىلىك تىكلەش تورى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى شىركەتلەر ئۇلىنىشى ئېگىلىك تورى

باش بەت | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | بەت ھوقۇقى | پىكىر سادۇقى
تىۋىپ ساغلاملىق لىنىيىسى http://tiwip.biz
tiwip@qq.com  تېلىفون : “  فاكىس :0000000
بېكەت باشلىقى :تىۋىپ ئالاقە QQ :00000000
تىۋىپ ساغلاملىق تورى سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ. بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار ئۈزىمىزنىڭ يازمىسە ۋە توردىن ئېلىنغان، ئەگەر ئەسەر ھۇقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز تىز سۈرئەتتە ئۈچۈرۈپ تاشلايمىز