باش بەت | ئۇيغۇر تىبابىتى | جۇڭيى تىبابىتى | غەرب تىبابىتى | ئوزۇقشۇناسلىق| تەۋسىيە دورىلار|ساغلاملىق يېتەكچىسى | داۋالاش ئۈسكۈنىلېرى | مەسلىھەت سوراش

تەۋسىيە دورىلار
تېخى دورا قوشۇلمىدى

ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇچۇرلېرى
  كۆپ ئېھتىلام بۇلۇش ۋە ئۇنى داۋالاش (كەسىرەتى ئېھتىلام
  جەلىق(ئانانىزىم ) نى تۇنۇش ۋە ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش
  بۆرەك ۋە جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشنىڭ 8رىتسپى
  شىپالىق رىتسىپلار
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(2)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(3)
  ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(4)
  يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى
  ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمىي رېتسىپلىرى
 
ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﯩدە خام دورﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش ۋە ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ(3)
قوشۇلغان ۋاقتى : 2012-1-17      كۆرۈلۈشى :2050
      

5 ) ﻣﯧﯟە ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى
ﻣﯧﯟە ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﺎ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯚﻟﯜپ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى دەرەخ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﺪۇ.
ﺧﺎم ، ﭼﺎلاﭘﯩﺸﻘﺎﻧﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﭘﯩﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻪﯨﺮى ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﺪۇ ( ﻏﻮزا، ﻏﻮراپ ﺋﯜزۈم).
ﻣﯧﯟﯨﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ ﺋﻮﺑﺪان ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﻮﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯜﺗﯜن ﻗﯘرﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚز ﭘﯧﺘﻰ، ﭘﻮﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻮﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﻮرا ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎم ﺧﻪﺳﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻳﯧﻴﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﻗﯘرۇﺗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ ﻳﺎﻣﻐﯘر، ﺑﻮراﻧﺪﯨﻦ ۋە ﭼﺎڭ - ﺗﻮزاﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك.
ﺑﻪزى ﻣﯧﯟە ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ ﻳﺎﻟﭙﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻟﭙﺎﻗـلاپ، ﺑﻮرا ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎم ﺧﻪﺳﯩﺪە ﻗﯘرۇﺗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻳﺎﻣﻐﯘر، ﭼﺎڭ - ﺗﻮزاﻧـلاردﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺑﻪك ﺋﻜﺘﻜﯜر ﻛﯜن ﻧﯘرﯨﺪا ﻗﯘرۇﺗﯘش ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪۇ.
ﻣﯧﯟە ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﻰ ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﺋﯜزۈم، ﻗﻮﻏﯘن، ﺗﺎۋۇزﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﯧﯟﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ ﮬﺎۋا ﺋﯚﺗﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯚﻳﺪە ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻗﺎرا ﺋﯚرۈك، ﺋﻪﻳﻨﯘلا ۋە ﭼﯩـلاﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﯧﯟﯨﻠﻪرﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯘرۇﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﺎم ﻗﺎﭘـلاردا ﮬﺎۋا ﺋﯚﺗﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺳﺎﻗـلاش ۋە ﻗﯘرت ﭼﯜﺷﯩﺸﯩﺪﯨﻦ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەك.
ﺋﺎﻟﻤﺎ، ﻧﻪﺷﭙﯜت، ﺋﺎﭘﻠﯧﺴﯩﻨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﯧﯟﯨﻠﻪرﻧﻰ دەرﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜزۈپ، ﭘﺎﻛﯩﺰە ﺳﯜرﺗﯜپ (ﻳﯘﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺪۇ) ﻗﻪﻏﻪزدە، ﺋﻮراپ، ﻳﯧﺸﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﭼﯩـلاپ، ﮬﺎۋا ﺋﯚﺗﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺟﺎﻳﺪا ﻗﻮﻳﯘش، ﺑﻪك ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ، ﺑﻪك ﺳﻮﻏﯘق ﮬﺎۋادﯨﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗـلاش ﻛﯧﺮەك. ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا ﺑﻪك ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﮬﺎۋادا ﺋﺎﺳﺎن ﺑﯘزۇﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯜﻳﻰ ﺧﻮراپ، لاۋزا ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﻪك ﺳﻮﻏﯘق ﮬﺎۋادا ﻣﯘزلاپ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﮬﺎۋاﻏﺎ ﻳﯘﻟﯘﻗﻘﺎﻧﺪا ﺋﯧﺮﯨﭗ ﺗﯧﺰل ﺑﯘزۇﻟﯘپ ﺳﯧﺴﯩﻴﺪۇ. ﻣﯧﯟە ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﺪە ﮬﯚل ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻣﯘراﺑﺒﺎ، ﺳﯩﺮﻛﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻳﺎﺳﺎﻟﻤﯩـلار ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﻪزى ﻣﯧﯟە ﺗﯜرﯨﺪﯨﻜﻰ دورﯨـلار ﺋﻮﺑﺪان ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﺪا ﻣﯘراﺑﺒﺎ، ﺷﻪرﺑﻪت ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻨﯩﺪۇ. ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﺳﺎﻗـلاپ، ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ.


6) رۇب ۋە ﺋﯘﺳﺎرە دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﺳﺎﻗـلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى
رۇب ۋە ﺋﯘﺳﺎرە دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﺎ رۇب ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك دورﯨـلارﻧﯩﯔ دورﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﮬﯚل ﭘﯧﺘﻰ ﻳﯘﻳﯘپ ﺗﺎزﯨـلاپ، ﻗﯘرۇﺗﯘپ ﻗﺎزاﻧﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﻘﺪاردا ﺳﯘ ﻗﻮﻳﯘپ ﺳﯘس ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ، ﻗﻮﻳﯘﻟﺪۇرۇپ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻨﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﭼﯜﭼﯜﻛﺒﯘﻳﺎ روﺑﺒﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش.
رۇب ۋە ﺋﯘﺳﺎرە دورﯨـلارﻧﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘﺷﺘﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪۇرۇﻟﻐﺎن روﺑﻨﻰ ﺗﯧﻪى ﻛﻪڭ ﺗﻪﺧﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻳﯘﻣـلارﻏﺎ ﻳﯧﻴﯩﻠﺪۇرۇپ، ﺑﻮﻳﯘم ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪك ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﭙﯩﭗ ﻛﯜن ﻧﯘرﯨﺪا ﻗﻮﻳﯘپ، ﺳﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﻪﻣﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﭘﺎرـلاﻧﻐﯘﭼﻪ ﻗﯘرۇﺗﯩﻠﯩﺪۇ.
رۇب ۋە ﺋﯘﺳﺎرە دورﯨـلارﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﯩﭗ ﭘﺎﻛﯩﺰە ﻳﯘﻳﯘپ ﺗﺎزﯨـلاپ، ﻗﯘرۇﺗﯘپ ( ﻳﯘﻳﯘﻟﻐﺎن ﺳﯜﻳﻰ ﻗﯘرۇﺗﯩﻠﯩﺪۇ)، ﺳﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﺳﻜﯩﻨﯩﺴﯩﺪە ﺳﯩﻘﯩﭗ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯧﻪى ﻛﻪڭ ﻗﺎﭼﯩـلاردا ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪك ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﭙﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘش ﺋﯜﺳﻜﯩﻨﯩﺴﯩﺪە ﻗﯘرۇﺗﯘﻟﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن: ﺋﻮﺳﻤﺎ ﺋﻮﺳﺎرى، ﺳﻪﺑﺮى، ﻛﻪت ﮬﯩﻨﺪى، ﻣﯧﯟە ﺋﻮﺳﺎرﯨﺴﻰ دﯦﮕﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش .
 رۇب ۋە ﺋﻮﺳﺎرە دورﯨـلارﻧﻰ ﺳﺎﻗـلاﺷﺘﺎ ﺋﻮﺑﺪان ﻗﯘرۇﻏﺎﻧﺪا ﻗﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎن ﻗﺎﭼﯩـلار ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯩﺸﻪ ﻗﺎﭼﯩـلاردا ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ ( ﺧﺎﻟﺘﯩـلاردا ﺳﺎﻗـلاﻧﺴﺎ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﭘﺎ، ﭼﺎڭ - ﺗﻮزان ۋە ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺋﺎرﯨﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ).


دوستانە ئۇلانمىلار

ئۇلىنىش تورى ئۇچۇر تورى ئۇلار ئۇلىنىش تورى بىكەت ئۇلىنىشى بىزەكچىلىك تورى تىببى ئۇلىنىش تورى ئىگىلىك تىكلەش تورى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى شىركەتلەر ئۇلىنىشى ئېگىلىك تورى

باش بەت | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | بەت ھوقۇقى | پىكىر سادۇقى
تىۋىپ ساغلاملىق لىنىيىسى http://tiwip.biz
tiwip@qq.com  تېلىفون : “  فاكىس :0000000
بېكەت باشلىقى :تىۋىپ ئالاقە QQ :00000000
تىۋىپ ساغلاملىق تورى سىزلەرنى قارشى ئالىدۇ. بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلار ئۈزىمىزنىڭ يازمىسە ۋە توردىن ئېلىنغان، ئەگەر ئەسەر ھۇقۇقىمغا دەخلى تەرۇز قىلىندى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز تىز سۈرئەتتە ئۈچۈرۈپ تاشلايمىز