باش بەت

پەن گىگانتلىرى

  • 1
  • 2
  • 3
  • 4

ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي ۋە ئۇنىڭ يېڭى قاراشلىرى

ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي ۋە ئۇنىڭ يېڭى قاراشلىرى        شەرق دۇنياسى ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر پەيلاسوپ ۋە ئالىملارنى تەربىيەلەپ بەرگەن. شۇ ئەللامەلەرنىڭ ئىچىدە ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي ئىسىملىك بىر ئالىم بار. بۇ ئالىم ھەققىدە مۇنداق رىۋايەتلەرمۇ بولغان.        غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۇلتان مەھمۇد غەزنە شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، بوستانلىق باغچىنىڭ شىپاڭىغا بېرىپتۇ. بۇ شىپاڭنىڭ تۆت ئىشىكى بار ئىدى. ئۇ توساتتىن بۇرۇلۇپلا ئەبۇ رەيھاندىن: «مەن قايسى ئىشىكتىن …

تالانتلىق ماتېماتىك نېلس ھېنرىك ئابېل

تالانتلىق ماتېماتىك نېلس ھېنرىك ئابېل      ئاتاقلىق نورۋېگىيە ماتېماتىكا ئالىمى نېلس ھېنرىك ئابېل 19 – ئەسىر ماتېماتىكا ساھەسىدىكى نۇقتىلىق پەن تۈرى بولغان ئېللىپىس فونكسىيەسى نەزەرىيەسىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ھاياتى جاپا-مۇشەققەت ۋە ئېنىقسىز بولغان تۇرمۇش مۇھىتىدا ئۆتكەن، بىراق ئۇ ناچار تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ ماتېماتىكىدەك غوللۇق پەندە كىشىنى قايىل قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قازانغان. ئەڭ ئىچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ھاياتى تۇلىمۇ قىسقا بولغان.      نېلس ھېنرىك ئابېل …

ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۇنجى ماتېماتىك– ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك

ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۇنجى ماتېماتىك– ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك  يۈسۈپجان ياسىن (مەنبەسى : «شىنجاڭ ياشلىرى» 2010 يىل 5-سان)     8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئەرەب مىللىتى پارسلار، تۈركلەر(تۈركىيلەر)، ھىندىلار ۋە گېرىكلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ مۇھىم ئەسەرلەر ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئارقىلىق ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئاساس سېلىندى. تەرجىمە پائالىيىتى ئاساسەن پەلسەپە، مەنتىقە ۋە تەبىئىي …

ئانالىتىك گېئومېتىرىيەنىڭ ئاساسچىسى − دېكارت

ئانالىتىك گېئومېتىرىيەنىڭ ئاساسچىسى − دېكارت      فرانسىيەلىك ماتېماتـىـك، فـىـزىـك، پـەيلاسـوپ دېكـارت (1596 − 1650) ھايات چاغلىرىـدا دىـنـىـي جـەمئىـيـەتـنـىـڭ ئەقـىـدىـلـىـرىـدىـن گۇمانلانغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، چەت ئەللەردە ئۇزاق يـىـل پاناھلىنىپ يۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇ ھايات چېغىدا ياكى نەشر قىلىـش مەنئى قىلىنغان، ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلـگەن. ئۇ ئۆلـۈپ نـۇرغـۇن يـىـللاردىـن كېيىنمۇ «مەنئى قىلىنغان كىتابلار مۇندەرىجىسى» گە كىرگۈزۈلگەن. بىـراق، ھازىر فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدىكى مىللىي ئوغلانلارنى دەپنە قىلىدىغـان سانئارىيان چېركاۋىدىكى ھەيۋەتلىك …

ئەۋلىيا بالا ۋە تەلەيلىك بالا

ئەۋلىيا بالا ۋە تەلەيلىك بالا (نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى دوكتور ئابدۇسالام ھەققىدە)     1940 – يىلى ياز. پاكىستان پانجاپ ئىشتاتىنىڭ جاڭگا بازىرى قىزىپ كەتكەنىدى. بازاردىكى كىشىلەر شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 40 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىچىدىن ئەڭ ئەلا نەتىجە بىلەن پەنجاپ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان بىر بالىنى ئۇزۇتۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. بۇ بالا شۇ يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەنىدى. پۈتۈن يۇرت ئەھلى قاتتىق ھاياجان ئىچىدە كىچىك …

ئالگېبرانىڭ ئىجادچىسى ــــــ مۇسا خارەزمى

ئالگېبرانىڭ ئىجادچىسى ___ مۇسا خارەزمى  تۇرسۇن قۇربان تۈركەش      مەرۋ ئاسمىنى تۇتۇق بولۇشىغا قارىماي، ھاۋا خېلىلا ئسسىق ئىدى. مەرۋجامىئە مەسچىتىنىڭ پىشايۋىنى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بۈگۈن بۇ يەردە خۇراسانغا يېڭىدىن ئەمىر قىلىپ تەيىنلەنگەن مەئىمۇنسابىق ئەمىر – ئەلى ئىبنى ئىسا ئۈستىدىن شەرىئەت بويىچە سوت ئېچىلىۋاتاتتى.      ئەلى ئىسا 60 ياشلاردىكى ياغاق يۈز، شالاڭ ساقاللىق كىشى بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئىككى قولى ئارقىسىغا قىلىپ باغلانغانلىقتىن …

قازىزادە رۇمىي

قازىزادە رۇمىي     قازىزادە رۇمىي تۈركىيەنىڭ بۇرسا دېگەن يېرىدە 1359 – يىلى ئەتراپىدا دۇنياغا كەلگەن. 1440 – يىللاردىن كېيىن ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.    ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان قازىزادە رۇمىي ئاتاقلىق ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم. ئۇ يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتى بۇرسادىن ئايرىلىپ پىرسىيەنى ساياھەت قىلغان ھەمدە ئۇ يەردە ئوقۇپ يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ بوۋىسى بۇرسانىڭ قازىكالانى، ئاتىسى بولسا نامى بار …

ئەھمەد ئەل فەرغانىي

ئەھمەد ئەل فەرغانىي    ئەبۇل ئابباس ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد قەسىر ئەل فەرغانىي مىلادىيە 798 – يىلى فەرغانە ۋادىسىدا تەۋەللۇت قىلغان، لېكىن فەرغانىنىڭ قايسى يېرىدە تەۋەللۇت قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ تۇغۇلغان جايى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار مۇنداق تەخمىن قىلىدۇ: «ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى فەرغانە ۋادىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئاخسىكەنتنىمۇ فەرغانە دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەل فەرغانىي فەرغانە ۋادىسىنىڭ مەلۇم قىشلىقىدا ياكى ئاخسىكەنتتە تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىسى مەلۇمكى، ئەل فەرغانىي خەلىفە ھارۇن …

ئەما ماتېماتىك − ئەيلېر

 ئەما ماتېماتىك − ئەيلېر     1783 – يىل 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى فرانسىيىلىك مېنگور ئاكا – ئۇكىلار ئىككىنچى قېتىملىق ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ ئۇچـۇش سـىنىقـىنى ئۆتكۈزىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، روسسىيىنىڭ سان پېـتـېربۇرگـدا بىر ئەما بوۋاي دوستلىرىنى تاماققا تەكلىپ قىـلىـپ، ئۆزى ھېسابلىغـان شارنىڭ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈش فورمۇلىسىنىـڭ ئىـسپاتلانـغـانلـىـقـىـنـى تەبرىكلەيدۇ. تاماقتىن كېيىن ئۇ، كۆپچىلىكتىن ئۆزىنى تارتىپ، ئۇراننىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنى ھېسابلاشقا كېتىدۇ، توساتتىن ئۇنـىـڭ قولىدىكـى …

ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ رەسەتخانىسى

ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ رەسەتخانىسى ئوتتەك قىزىتىپ تۇرغان قۇياش، كېچە ئاسمىنىدا چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار، بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئاي ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا كاللىسىنى غىدىقلايدىغان مۆجىزاتلاردۇر. ئىنسان مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ يېزا-ئىگىلىكىنىڭ قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مۆجىزاتلارنىڭ ئۆزلىرىگە تېخىمۇ بەك يېقىنلىقىنى بارغانسېرى  چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىغانىدى. ئاسمان جىسىملىرىغا ئائىت بولغان پەن- ئاسترونومىيە ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپلا مەيدانغا كەلگەنىدى. ئىنسانىيەت پەيدا بولغان رايونلارنىڭ …