باش بەت

شەرق

  • 1
  • 2
  • 3
  • 4

ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي ۋە ئۇنىڭ يېڭى قاراشلىرى

ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي ۋە ئۇنىڭ يېڭى قاراشلىرى        شەرق دۇنياسى ئىنسانىيەتكە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر پەيلاسوپ ۋە ئالىملارنى تەربىيەلەپ بەرگەن. شۇ ئەللامەلەرنىڭ ئىچىدە ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي ئىسىملىك بىر ئالىم بار. بۇ ئالىم ھەققىدە مۇنداق رىۋايەتلەرمۇ بولغان.        غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى سۇلتان مەھمۇد غەزنە شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، بوستانلىق باغچىنىڭ شىپاڭىغا بېرىپتۇ. بۇ شىپاڭنىڭ تۆت ئىشىكى بار ئىدى. ئۇ توساتتىن بۇرۇلۇپلا ئەبۇ رەيھاندىن: «مەن قايسى ئىشىكتىن …

ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۇنجى ماتېماتىك– ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك

ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۇنجى ماتېماتىك– ئابدۇلھەمىد ئىبن تۈرك  يۈسۈپجان ياسىن (مەنبەسى : «شىنجاڭ ياشلىرى» 2010 يىل 5-سان)     8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئەرەب مىللىتى پارسلار، تۈركلەر(تۈركىيلەر)، ھىندىلار ۋە گېرىكلارنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە مەنسۇپ مۇھىم ئەسەرلەر ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش ئارقىلىق ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئاساس سېلىندى. تەرجىمە پائالىيىتى ئاساسەن پەلسەپە، مەنتىقە ۋە تەبىئىي …

ئەۋلىيا بالا ۋە تەلەيلىك بالا

ئەۋلىيا بالا ۋە تەلەيلىك بالا (نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى دوكتور ئابدۇسالام ھەققىدە)     1940 – يىلى ياز. پاكىستان پانجاپ ئىشتاتىنىڭ جاڭگا بازىرى قىزىپ كەتكەنىدى. بازاردىكى كىشىلەر شۇ يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان 40 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىچىدىن ئەڭ ئەلا نەتىجە بىلەن پەنجاپ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان بىر بالىنى ئۇزۇتۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. بۇ بالا شۇ يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەنىدى. پۈتۈن يۇرت ئەھلى قاتتىق ھاياجان ئىچىدە كىچىك …

ئالگېبرانىڭ ئىجادچىسى ــــــ مۇسا خارەزمى

ئالگېبرانىڭ ئىجادچىسى ___ مۇسا خارەزمى  تۇرسۇن قۇربان تۈركەش      مەرۋ ئاسمىنى تۇتۇق بولۇشىغا قارىماي، ھاۋا خېلىلا ئسسىق ئىدى. مەرۋجامىئە مەسچىتىنىڭ پىشايۋىنى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بۈگۈن بۇ يەردە خۇراسانغا يېڭىدىن ئەمىر قىلىپ تەيىنلەنگەن مەئىمۇنسابىق ئەمىر – ئەلى ئىبنى ئىسا ئۈستىدىن شەرىئەت بويىچە سوت ئېچىلىۋاتاتتى.      ئەلى ئىسا 60 ياشلاردىكى ياغاق يۈز، شالاڭ ساقاللىق كىشى بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئىككى قولى ئارقىسىغا قىلىپ باغلانغانلىقتىن …

قازىزادە رۇمىي

قازىزادە رۇمىي     قازىزادە رۇمىي تۈركىيەنىڭ بۇرسا دېگەن يېرىدە 1359 – يىلى ئەتراپىدا دۇنياغا كەلگەن. 1440 – يىللاردىن كېيىن ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.    ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان قازىزادە رۇمىي ئاتاقلىق ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم. ئۇ يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇتقۇچى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتى بۇرسادىن ئايرىلىپ پىرسىيەنى ساياھەت قىلغان ھەمدە ئۇ يەردە ئوقۇپ يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولغان. ئۇنىڭ بوۋىسى بۇرسانىڭ قازىكالانى، ئاتىسى بولسا نامى بار …

ئەھمەد ئەل فەرغانىي

ئەھمەد ئەل فەرغانىي    ئەبۇل ئابباس ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد قەسىر ئەل فەرغانىي مىلادىيە 798 – يىلى فەرغانە ۋادىسىدا تەۋەللۇت قىلغان، لېكىن فەرغانىنىڭ قايسى يېرىدە تەۋەللۇت قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۇنىڭ تۇغۇلغان جايى ھەققىدە تەتقىقاتچىلار مۇنداق تەخمىن قىلىدۇ: «ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى فەرغانە ۋادىسىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئاخسىكەنتنىمۇ فەرغانە دەپ ئاتىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەل فەرغانىي فەرغانە ۋادىسىنىڭ مەلۇم قىشلىقىدا ياكى ئاخسىكەنتتە تۇغۇلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىسى مەلۇمكى، ئەل فەرغانىي خەلىفە ھارۇن …

ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ رەسەتخانىسى

ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ رەسەتخانىسى ئوتتەك قىزىتىپ تۇرغان قۇياش، كېچە ئاسمىنىدا چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار، بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئاي ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا كاللىسىنى غىدىقلايدىغان مۆجىزاتلاردۇر. ئىنسان مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ يېزا-ئىگىلىكىنىڭ قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مۆجىزاتلارنىڭ ئۆزلىرىگە تېخىمۇ بەك يېقىنلىقىنى بارغانسېرى  چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىغانىدى. ئاسمان جىسىملىرىغا ئائىت بولغان پەن- ئاسترونومىيە ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپلا مەيدانغا كەلگەنىدى. ئىنسانىيەت پەيدا بولغان رايونلارنىڭ …

بۈيۈك ئالىم نەسىرىددىن تۇسى

    13 – ئەسىرنى دۇنيا تارىخىدا ئاجايىپ زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولغان ئەسىر دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئەسىردە چىنگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈن ياۋرو – ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنى دېگۈدەك ئۆز تەسەررۇپىغا ئېلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە ــــ موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنى بەرپا قىلدى. بۇ دۆلەتنىڭ بارلىققا كېلىشى جەريانىدا نۇرغۇن مەدەنىيەت ئۇچاقلىرى ۋەيران قىلىنىپ، ئىلىم ساھىبلىرى كۆزدىن يوقىتىلدى ياكى تەرەپ – تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى. ئەمما ئىمپېرىيە تەۋەسىدە خەلقلەرنىڭ …