باش بەت

يېڭىلىقلار

  • 1
  • 2
  • 3
  • 4

ئىشخانىدا قەغەز ئىشلىتىش لازىممۇ؟ ـــ يېزىق بىرتەرەپ قىلغۇچ

ئىشخانىدا قەغەز ئىشلىتىش لازىممۇ؟ ـــ يېزىق بىرتەرەپ قىلغۇچ  نېگروپونتې[1]           فاكستىكى نۇسخىلىغۇچ بىر پارچە بىرتال – بىر تال سىزىقتىن تەشكىل تاپقان سۈرەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن نۇسخىلا ئالىدۇ، ھەمدە 0 ۋە 1 نى ئايرىم – ئايرىم ھالدا سىياھ ئىزى ۋە سىياھ ئىزى يوق جايغا ۋەكىل قىلىپ ئالىدۇ… ئەگەر كومپيۇتېر بىلەن بۇ رەسىمنى ئىزاھلىماقچى بولساق سىزنىڭ رەقەملەشكەن ھۆججىتىڭىز ھەرپ شەكلىدە، چوقۇم بەلگىلىك قۇرۇلمىدىكى ھەرخىل …

مىڭ كۆزلۈك مەخلۇق ـــ رادار

مىڭ كۆزلۈك مەخلۇق ـــ رادار جورج سۇتتون[1]     پەن -تېخنىكا خادىمىنى ئىنسانپەرۋەر قىلىش قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئامالى ئۇنىڭدا ئازراق بولسىمۇ تارىخىي روھ بولۇشى كېرەك، بۇرۇنقىلارنىڭ، يەنى ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ روھى سىڭىشى كېرەك. ھازىرقى زامان ئىلىمى مەيلى قانچىلىك مۇرەككەپ ۋە ئابستراكت بولسۇن، ئۇنىڭ مەنبەسى ئوخشاشلا گۇمانىزملىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھەربىر پەن كەشپىياتىنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەت مېھرىبانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەممىسى ئىنسانىيەت ئەخلاقىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى.      …

كۆزنەكلىك يۇمشاق دېتاللار

كۆزنەكلىك يۇمشاق دېتاللار بېكېنستىن[1] بىزنىڭ ئالىمىمىز تونۇشىمىزدىكىدەك ئۈچ ئۆلچەملىك بولماسلىقى مۇمكىن، ئۇنىڭ مەلۇم مەنىدە ئىككى ئۆلچەملىك يۈزدىكى گولوگرافىك شەكىل سۈپىتىدە ئىپادىلەپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بار. بىزنىڭ دۇنيانىڭ ئۈچ ئۆلچەملىكلىكىگە بولغان تونۇشىمىزغا قارىتا، ئۇنى مەلۇم بىر ھادىسە، ياكى ئەمەلىي گەۋدە پەيدا قىلغان خاتا سەزگۈ دەپ بىلىشكە بولىدۇ، خالاس. بىلىش كېرەككى، بىر تال قۇم دانچىسى پۈتۈن ئالەمنى ئۆز ئىچىگە ئالالمايدۇ، بىراق بىر تۈز ئېكران بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشى مۇمكىن. …

نۇقتىلار ئارا يۇمشاق دېتاللار

نۇقتىلار ئارا يۇمشاق دېتاللار     جۇسسى ۋادى[1]    ئىنتېرنېت تورىغا مەبلەغ سېلىش دېھقانچىلىق مەيدانىغا مەبلەغ سالغانغا ئوخشايدۇ. ئېتىزغا ئۇرۇق سالغاندىن كېيىن ئاز دېگەندىمۇ يېرىم يىلدىن كېيىن ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. ئىنتېرنېت ساھەسىگە مەبلەغ سالسىڭىز، ئىككى – ئۈچ يىلدىن كېيىن ھوسۇل يىغىشىڭىز مۇمكىن، گەرچە بۇ ھوسۇل ھامان بىر كۈنى كېلىدىغان بولسىمۇ. ياكى مەبلەغ سالغۇچىنى بىرمەھەل قىيىنچىلىق چىرمىۋېلىشى مۇمكىن، ئۇلار زور مىقداردا مەبلەغ سالىدۇ، بىراق ھوسۇل يىغىدىغان …

تاۋارنىڭ «كىملىكى» ـــ سىزىقلىق كود

تاۋارنىڭ «كىملىكى» ـــ سىزىقلىق كود        ھازىرقى زاماندىكى شەھەرلەردە ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا سىزىقلىق كود بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، سىزىقلىق كود بولسا تاۋارنىڭ ئۇچۇرىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بىرخىل ئۇسۇلى بولۇپ، مال ئوبوروتى سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈشىنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ. سىزىقلىق كود تېخنىكىسى 20 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرى بارلىققا كەلگەن. ئامېرىكا ۋېست خاۋس ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ جون كېرمود ئىسىملىك ئىنژېنېرى پوچتا ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك تونۇشىغا قىزىقىپ قېلىپ، بى خخل ئاددىي …

ئىجارىسى يوق دۇكان ـــ ئېلېكتىرونلۇق سودا

ئىجارىسى يوق دۇكان ـــ ئېلېكتىرونلۇق سودا جورج گېرد[①]      ھەر قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىش ئىنقىلابىدا، مەلۇم ھالقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى كەڭ كۆلەمدە چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىنقىلابىدا بۇ خىل ئامىلنىڭ قىممىتى يوقىلاي دەپ قالدى. سانائەت ئىنقىلابىدا ئىلگىرىكى ئۇلاغ كۈچى ۋە ئادەم كۈچ بىلەن سېلىشتۇرغاندا ماشىنا تەمىن ئەتكەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ دەسمايىسى تۆۋەنلىدى، بەزىدە زاۋۇتلارنى 24 سائەت تىندۇرماي ئىشلەتسڭىز بولىدۇ، بۇنى سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن بۇلارنى تەسەۋۋۇر …

بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ بىشارەتچىسى ـــ ۋىتكى تېخنىكىسى

بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ بىشارەتچىسى ـــ ۋىتكى تېخنىكىسى     ۋىتكى دېگەن نېمە؟ نۇرغۇن ئادەم يەنىلا بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، «ۋىتكى» دېگەنلىك ئىنگلىزچە «witkey» نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، تور ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئىقتىدارى، بىلىم – تەجرىبىلىرى بىلەن باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈش دېگەنلىك بولىدۇ. پەن – تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم، ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا، پەن  – تېخنىكىنىڭ قۇدرىتىنى بىۋاسىتە ھالدا ئىجتىمائىي ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ …

بىلمىگەننى ئىزدەش ماتورىدىن ئىزدەيمەن

بىلمىگەننى ئىزدەش ماتورىدىن ئىزدەيمەن       ئېلان تاختىسى كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس، ھەممەيلەن ئۇنى مەلۇم ئۇچۇرنى جاكارلايدىغان «ۋاسىتىچى» دەپ بىلىدۇ. ئۇچۇر ئىگىلىكى ۋە تارقىتىش نەزەرىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، «ئېلان قىلىش» دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىدى. مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا، ھەربىر كارخانا ۋە ئورۇنلار، ھەربىر مەخسۇس فونكسىيەلىك تارماقلار، ھەتتاكى ھەربىر ئادەمنى ئېلان تارقاتقۇچى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئىنتېرنېت تورى پەيدا بولغاندىن كېيىن، بۇ خىل «ئېلان قىلىش»نى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشقا …

كېچىدە كۆرۈش تېخنىكىسى

كېچىدە كۆرۈش تېخنىكىسى       ئىنساننىڭ كۆزى باشقا سەزگۈ ئەزالارغا ئوخشاشلا مەلۇم چەكلىمىلىككە ئىگە بولىدۇ، يەنى كۆز بەلگىلىك دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇرلارنىلا سېزەلەيدۇ. بۇ خىل چەكلىمىلىكنى بۇزۇپ، كۆزنىڭ كۆرۈش ئىمكانىيىتىنى كېڭەيتكىلى بولامدۇ؟ نېمىشقا ھەممە نۇرلارنى كۆرەلمەيمىز؟ ئىنفرا قىزىل نۇرنى كۆرسەتكۈچى ئەسۋابلار قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى نېمىدىن ئىبارەت؟ بۇ بىر قاتار سوئاللارغا تېپىلغان جاۋاب ئىنسانلارنى «كېچىدە كۆرۈش»تىن ئىبارەت تېخنىكىغا ئىگە قىلغان. دولقۇن ھەققىدە چۈشەنچە   …

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزدىن سەكرەش

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىزدىن سەكرەش         2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئاۋسترىيەلىك قارام تەنھەرىكەتچى فېلىكس بائۇمگارتنېر 39 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىن سەكرەشتەك بىر قېتىملىق قاراملارچە پاراشۇتتىن سەكرەش ھەرىكىتىنى غەلىبىلىك تاماملىدى. ئۇنىڭ بۇ سەكرىشى ئەركىن چۈشكەن جىسىم ھەرىكىتى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 1342 كىلومېتىرغا يېتىپ، ئاۋاز تېزلىكىدىن ۋە پاراشۇتتىن سەكرەشنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىدىن ئېشىپ، چۈشۈش تېزلىكى ئەڭ تېز بولغان …