باش بەت

تاۋارنىڭ «كىملىكى» ـــ سىزىقلىق كود

تۇو

تاۋارنىڭ «كىملىكى» ـــ سىزىقلىق كود

       ھازىرقى زاماندىكى شەھەرلەردە ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەرلا سىزىقلىق كود بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، سىزىقلىق كود بولسا تاۋارنىڭ ئۇچۇرىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بىرخىل ئۇسۇلى بولۇپ، مال ئوبوروتى سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈشىنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ. سىزىقلىق كود تېخنىكىسى 20 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرى بارلىققا كەلگەن. ئامېرىكا ۋېست خاۋس ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ جون كېرمود ئىسىملىك ئىنژېنېرى پوچتا ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك تونۇشىغا قىزىقىپ قېلىپ، بى خخل ئاددىي بولغان سىزىقلىق كودنى لتونۇيدىغان تېخنىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇ بىر تال سىزىق ئارقىلىق «1»نى، ئىككى تال سىزىق ئارقىلىق «2»نى ئىپادىلىگەن؛ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىلىپ ئون خىل كودنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاخىرىدا ئۇ ئاددىي بولغان فوتو ئېلېكتىرلىك تونۇش قۇرۇلمىسىنى ياساپ، بۇ قۇرۇلما ئارقىلىق بۇ كودلارنى تونۇغان. كېيىن ئۇنىڭ دوستى دوگلاس ياڭ 100 تال كودنى تونۇيالايدىغان تېخنىكىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. جون كېرمود بىلەن دوگلاس ياڭ كەشىپ قىلغان تېخنىكا ئاددىي بولغانلىقتىن سودىدا ئىشلىتىلمىگەن.
1948 – يىلى ئامېرىكىلىق ئىنژېنېر بېرنى سىلبو يېمەكلىك زەنجىرسىمان دوكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تاۋارلارنىڭ ئۇچۇرىنى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى. ئۇنىڭ دەسلەپتە قوللانغىنى بولسا ئولترا بىنەپىشە نۇرلۇق باسما مېيى بولۇپ، بۇنىڭدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانىدى. 1949 – يىلى بېرنى سىلبو ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى دوستى يۆسېف ۋۇدلاندقا ئېيتىدۇ. ۋۇدلاند مورسىنىڭ تېلېگراف كودىغا ئاساسەن يېڭى تىپتىكى كود تونۇش سىستېمىسى ياساش تەكلىپىنى بېرىدۇ، ھەمدە فوتو ئېلېكتىرىك ھەسسىلىگۈچ ئارقىلىق ئۇچۇرنى ئوقۇتىدۇ. 1952 – يىلى يۆسېف ۋۇدلاند بىلەن بېرنى سىلبو بىرلىكتە دۇنيادا تۇنجى بولۇپ سىزىقلىق كودنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. ئۇلار لايىھەلىگەن كود يۇمىلاق سىزىق ۋە بوش ئورۇندىن تەشكىل تاپقان نىشان رەسىمى ئىدى، شۇڭا بىردەك «بوقا كۆزى» كودى دەپ ئاتالغانىدى. بۇ كودنىڭ پىرىنسىپى بىلەن ھازىرقى زامان سىزىقلىق كودى بىرئاز يېقىنلىشىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلار مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن تاۋارلاشمىغانىدى. 10 يىلدىن كېيىن يۆسېف ۋۇدلاند IBM شىركىتىدە شىمالىي ئامېرىكا بىرلىككە كەلگەن سىزىقلىق كودى UPC كودى قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، سىزىقلىق كودنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

بىز بىلىدىغان سىزىقلىق كود

1959 – يىلى ئامېرىكا مارىلاند تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئاسپىرانتى داۋىد.J. كولىنىس پىسىلۋانىيە تۆمۈريول شىركىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن تاۋارلاشقان سىزىقلىق كود تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىدى. ئۇ كېيىن ماشىنىنىڭ كۆك ۋە سېرىق نۇر قايتۇرۇش بەلگىسىگە باغلانغان بىر سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇ شىركەتنىڭ ئالتە خانىلىق كودى بىلەن تۆت خانىلىق ماشىنىنىڭ كودىدىن تەشكىل تاپقانىدى. 1961 – يىلىدىن باشلاپ، كولىنىس سىستېمىنى سىناشنى باشلىدى. بۇ بىر ئىجادىيلىققا ئىگە بولغان ىىزمەت بولغانلىقتىن، سىناش خىزمىتى ئالتە يىلغا سوزۇلۇپ كەتتى. 1967 – يىلى داۋىد.J. كولىنىسنىڭ تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشتى. 1967 – يىل 10 – ئاينىڭ 10 – كۈنى دۇنيادا تۇنجى بولۇپ بىر يۈرۈش سودىدا ئىشلىتىدىغان سىزىقلىق كود سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. ئامېرىكا تۆمۈريول جەمىيىتى كېيىن بۇ سىستېمىنى ۋاگونلارنى ئاپتوماتىك تونۇيدىغان سىستېمىغا ئايلاندۇردى. 1974 – يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە %95 پويىزغا داۋىد.J. كولىنىسنىڭ ئىككىلىك كود سىستېمىسى سەپلەندى.
تۆمۈريول سىستېمىسىنىڭ سىزىقلىق كودنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى يېمەكلىك، پوچتا، نەشرىيات قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى. 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى بىر قىسىم يېمەكلىك زەنجىرسىمان دۇكانلىرى كىچىك كۆلەمدە سىزىقلىق كود ئارقىلىق تونۇتۇشنى سىناپ باقتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىزىقلىق كودنى سىكاننىرلاپ تونۇش تېخنىكىسىمۇ تەرەققىي قىلدى. 1969 – يىلى ئامېرىاكا بىل تەجرىبىخانىسىنىڭ ئېلېكتىرون ئىنژېنېرى ۋىللارد بويل بىلەن جورج سىمىس CCD سېنزورىنى كەشىپ قىلىپ، فوتو ئېلېكتىرلىك تونۇش تېخنىكىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلدى. CCD سېنزورى دەسلەپكى مەزگىللەردىكى سىزىقلىق كودلۇق تونۇش تېخنىكىسىدا كەڭرى ئىشلىتىلگەنىدى، ئۇ يەنە سىفىرلىق فاكس، نۇسخىلىغۇچ، سىفىرلىق ئاپپارات قاتارلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ ئاساسىي دېتالى بولۇپ قالدى. ۋىللارد بويل جورج سىمىس CCD سېنزورىنى كەشىپ قىلغانلىقىنى بىلەن 2009 – يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. LED نۇرلۇق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا تېخنىكىسى ۋە لازىر نۇرلۇق ئىككى قۇتۇپلۇق لامپا تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، سىزىقلىق كودنى تونۇش تېخنىكىسى ئۈزۈكسىز ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى؛ سىزىقلىق كود تېخنىكىسى ئاللىقاچان ھازىرقى زامان ئەشيا ئوبوروتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.

دائىم ئۇچراتقىلى بولىدىغان كود ئوقىغۇچ

سىزىقلىق كود تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى سىزىقلىق كودنى تونۇش تېخنىكىسىدىن باشقا، يەنە بىر مۇھىم خىزمەت بار، ئۇ بولسىمۇ سىزىقلىق كودنىڭ ئۆلچەملىشىشىدۇر. 1952 – يىلى سىزىقلىق كودقا تۇنجى قېتىم پاتېنت ئالغاندىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا ئارقا – ئارقىدىن UCP سىزىقلىق كودى، EAN سىزىقلىق كودى، 39 سىزىقلىق كودى …. قاتارلىق تۈرلۈك سىزىقلىق كودلار بارلىققا كەلدى. 1977 – يىلى خەلقئارا بۇيۇم نومۇرى جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، دۇنيادا كەسىپ ھالقىغان تاۋار ئۇچۇرى تونۇش سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. سىزىقلىق كود تېخنىكىسىنىڭ ئۈزۈكسىز پىشىشى، سىزىقلىق كود يەرشارىلاشقان ئۆلچەمنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ، 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىن باشلاپ سىزىقلىق كود تېخنىكىسى ھەرقايسى كەسىپلەردە ئۇچقاندەك تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا ئامېرىكا دكلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى بارلىق تەمىنلىقدىغان تاۋارلارنىڭ ھەممىسىگە سىزىقلىق كودنى چاپلاشنى بەلگىلىدى. نۆۋەتتە سىزىقلىق كود ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە كەڭرى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. سىزىقلىق كود تېخنىكىسى ھەرىىل تاۋارلارنى ناھايىتى تېزلىكتە تونۇۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، تاۋرلارنىڭ ئوبورۇت سۈرئىتىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ىىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. سىزىقلىق كود تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى كېيىنچە «ماددىي ئەشيا تورى» تېخنىكىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئاساس ياراتتى.

مەزكۇر بىلوگ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نامى: felekiyat

بايقالغان ئىنكاس : 1

  1. ئالىم كېرىم كۆكئالىپ

    كىچىك ئىشلارنىڭ بەزىدە دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ قېلىشىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئويلاپ يەتكىلى بولمايدۇ.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: