باش بەت

ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى

az

ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى

     دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تىلغا ئالغاندا، ئىسلام دۇنياسىدا تا ھازىرغىچە شۆھرەتلىك نامنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان شاۋكەتلىك ئالىي مەكتەپ ناھايىتى ئاز. ئەزھەر ئىسلام دۇنياسىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئورنى ئەڭ يۇقىرى، شۆھرىتى ئەڭ كاتتا بولغان ئالىي مەكتەپ.

      ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپى ئاپپاراتلىرىدىن ئاساسلىقى ئۈچ خىلى بار، يەنى مەكتەپ، مەدرىسە ۋە مەسچىت. مەكتەپ ئادەتتە باشلانغۇچ دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ئورنىدۇر. مەدرىسە مەكتەپتىن بىر دەرىجە يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ ئاپپاراتىغا تەۋە. مەسچىت بولسا ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپ تۈزۈلمىسىدە سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان مائارىپ سورۇنىدۇر. بەزى مەسچىتلەر كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ، بىز دەۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتقا ئۆزگەرگەن. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

     ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى مىلادى 972 – يىلى قاھىرەدە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسى ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىنى تەرغىب قىلىدىغان مەسچىت ئىدى. ئۇنىڭ تۇنجى دەرسى 975 – يىلى رامىزان ئېيىدا باشلانغان. بۇ چاغلار مىسىرغا فاتىمىيلار سۇلالىسى(909 – 1171) ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. بۇ مەزگىللەردە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆھرىتى بىلەن قاھىرە بىر مەھەل ئىسلام دۇنياسىدىكى مەدەنىيەت مەركىزى بولغانىدى. 12 – ئەسىردىن كېيىن ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. 18 – ئەسىردىن كېيىن بولسا، فرانسىيەلىك ناپولىيوننىڭ ۋە ئەنگلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا زور بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشتىكى مەنىۋىي مەركەزگە ئايلانغان. 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باش خاتىپى مۇھەممەد ئابدۇ(1849 – 1905) مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان، يەنى مەسچىت بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتنى ئايرىش، بىرلىكتە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان.

     ئەمما، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گەۋدىلىك ئۆزگىرىش ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا بولدى. ناسىر زۇڭتۇڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئەرەب مىللەتچىلىكى يېتەكچى پىرىنسىپ قىلىنىپ، دىننىڭ دۆلەت سىياسىيسىغا بويسۇنۇشى تەلەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كۆپ تەرەپتىن تەسىرى بولدى. 1961 – يىلى مىسىر ھۆكۈمىتى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىستېمىلىق ئىنىستىتوتلىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى زامان پەننىي بىلىملىرى ۋە ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، باشقا ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان رىقابەتتە ئاجىز بولۇش، دۆلەتنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئىختىساس ئىگىلىرىگە بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرالماسلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، مائارىپ ھەققىدە بىر تۈرلۈك پەرمان ماقۇللاپ، ئۇنىڭ ئەنئەنىۋى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىرقى زامان ئىلىم – پېنى بىلەن ئوقۇتۇشنى كۆچەيتىشنى، تېببىي ئىنىستىتۇت، يېزائىگىلىك ئىنىستىتۇتى، سودا ئىنىستىتۇتى ۋە سانائەت ئىنىستىتۇتلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىرقى زامان ئىلىم – پەنلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى مىسىرنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. 1962 – يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەنە قىزلار ئىنىستىتۇتى تەسىس قىلىندى. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن كېيىن نۇرغۇنلىرى دوختۇر، سودا باشقۇرۇش خادىمى، مۇتەخەسسىس ۋە ئاگرانوم بولدى. ئۇلار ھەم مۇستەھكەم بولغان كەسپىي تېخنىكا بىلىملىرىگە، ھەم سىستېمىلىق پۇختا دىنىي ئاساس بىلىملىرىگە ئىگە بولۇپ، سۈپەت جەھەتتە ھەر ساھە كىشىلىرىنى رازى قىلدى.

     نۆۋەتتە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 120 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، مەكتەپ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئوقۇشىنى بەلگىلىگەن. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە 75 دۆلەتتىن كەلگەن 12 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بار. ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ 6000 دىن ئارتۇقى پىروفېسسور ۋە دوتسېنت ئۇنۋانىغا ئىگە.

مەزكۇر بىلوگ ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىزدەش نامى: felekiyat 

بايقالغان ئىنكاس : 5

  1. ئالىم كېرىم كۆكئالىپ

    ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى توغرىسىدىكى ماقالىنى سالونغا يوللىسام ئوقۇلۇش سانى 1000 دىن ئاشتى، بەكمۇ خۇش بولدۇم

  2. قايسى سالونكىن بىزمۇ ئەگەشسەك

  3. مەخسۇس سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىز يوللىنامدۇ ئۇستاز

    • ئالىم كېرىم كۆكئالىپ

      ئۇنداق ئەمەس، پەننى ئومۇملاشتۇرش ئەسىرىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈۋەتكەندىن كېيىن ئېلان قىلىپ بەرسەممۇ بولىدۇ. بارلىق ئىلىمخۇمارلارنىڭ بۇ يەرگە ئىشتىراك قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

بىر جاۋاب قالدۇرۇش

ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: