باش بەت

سېنتەبىر 2015

  • 1
  • 2
  • 3
  • 4

دېڭىزدىكى قارا بوران

دېڭىزدىكى قارا بوران       دېڭىز – ئوكيانلاردا دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان قارا بوران ئىككى خىل بولۇپ، بىرى تەيفېڭ بورىنى،  يەنە بىرى ئوراگان بورىنىدىن ئىبارەت. 2012 – يىلى ئۆكتەبىردە «ساندى» ناملىق ئوراگان بورىنى كارىب دېڭىز بويلىرىدىكى كۇبا، كوستارىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن باشقا يەنە مېكسىكا، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى. ئۇنداقتا، نېمە سەۋەبتىن ئوراگان، تەيفېڭ بورىنى چىقىدۇ؟      دېڭىز سۈيى كۈن نۇرىنىڭ تەسىرىدە …

نوبېلنىڭ شۆھرىتى ۋە ھەسرىتى

نوبېلنىڭ شۆھرىتى ۋە ھەسرىتى  ئالىم كېرىم كۆكئالىپ      ھەر يىلى 10 – ئايدا پۈتۈن دۇنياغا شۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىنىدۇ. ئىسىملىكنىڭ ئېلان قىلىنىشى پۈتۈن دۇنيا ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ھەمدە بىر مەزگىل ھەرخىل ۋاستىلەرنىڭ باش تېمىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇنىڭدىن نوبېل نامى بىلەن ئاتالغان بۇ مۇكاپاتنىڭ قانچىلىك نوپۇزىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.     تېنى ئاجىز كەلگەن بىر بوۋاي تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن قەغەزگە ئەستايىدىللىق …

كېچىدە كۆرۈش تېخنىكىسى

كېچىدە كۆرۈش تېخنىكىسى       ئىنساننىڭ كۆزى باشقا سەزگۈ ئەزالارغا ئوخشاشلا مەلۇم چەكلىمىلىككە ئىگە بولىدۇ، يەنى كۆز بەلگىلىك دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇرلارنىلا سېزەلەيدۇ. بۇ خىل چەكلىمىلىكنى بۇزۇپ، كۆزنىڭ كۆرۈش ئىمكانىيىتىنى كېڭەيتكىلى بولامدۇ؟ نېمىشقا ھەممە نۇرلارنى كۆرەلمەيمىز؟ ئىنفرا قىزىل نۇرنى كۆرسەتكۈچى ئەسۋابلار قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى نېمىدىن ئىبارەت؟ بۇ بىر قاتار سوئاللارغا تېپىلغان جاۋاب ئىنسانلارنى «كېچىدە كۆرۈش»تىن ئىبارەت تېخنىكىغا ئىگە قىلغان. دولقۇن ھەققىدە چۈشەنچە   …

قاراڭلار، كۆزنى چاقنىتىدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز!

قاراڭلار، كۆزنى چاقنىتىدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز!       1858-يىلى 6-ئاينىڭ باشلىرىدىكى بىر كۈنى، ئىتالىيە ئاسترونومىيە ئالىمى دوناتى كېچە ئاسمىنىدا غۇۋا بىر يورۇقلۇقنى بايقىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئۇ كۈندىن-كۈنگە يورۇۋاتاتتى. ئويلىمىغان يەردىن ئىككى – ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ كىشلەر كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ئالدىدا ئاسمانغا قارىسىلا كۆرەلەيدىغان چوڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا ئايلاندى.       9-ئاينىڭ ئاخىرى، ئۇ ئۇزۇن قۇيرۇقىنى پۇلاڭلىتىپ، مەغرۇرانە ھالدا قۇياشقا …

تاتۇقنىڭ ئىقرارى

تاتۇقنىڭ ئىقرارى        مېنىڭ ئىسمىم تاتۇق. سىز مېنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيسىزغۇ دەيمەن؟        بۇنىڭغا مېنىڭمۇ ئامالىم يوق، كىم مېنى باشقىلار يارىلانغاندىن كېيىن پەيدا بولسۇن، پەيدا بولۇشۇمغا ئاغرىق ھەمراھ بولسۇن دەپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىدە يارا ساقىيىپ كەتسىمۇ، ئەمما كەتكىلى ئۇنىماي، كىشىلەرنىڭ ئاپئاق ، پاكىز تېرىسىدە كۆرۈمسىز ئىز قالدۇرۇپ قويىمەن.      كىشىلەردىن ئەپۇ سورىغان بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار: كۆپچىلىكنىڭ …

قۇياشنىڭ چاقنىشى

قۇياشنىڭ چاقنىشى     2013 – يىل 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى سائەت 3 تىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە ئالىملار دەرىجىسى M6.5 بولغان قۇياشنىڭ چاقنىشىنى كۆزەتتى. بۇ، بۇ يىل كۆزەتكەن ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق قۇياشنىڭ چاقناش ھەرىكىتى، شۇنداقلا بۇ قۇياش ھەرىكىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى كەلگەنلىكىنىڭ بېشارىتى ھېسابلىنىدۇ.    قۇياش ھەرىكىتىنىڭ دەۋرى 11 يىل بولۇپ، ھەرىكەتنىڭ پەللە مەزگىلىدە ئالاھىدە كۆپ بولغان قارا داغلار پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن …

نېمە ئۈچۈن ئاسترونومىيە سۈرەتلىرىنىڭ تېگى قارا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئاسترونومىيە سۈرەتلىرىنىڭ تېگى قارا بولىدۇ؟      ئالەمگە تۇرغۇن يۇلتۇزلار تولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار تەرەپ – تەرەپكە نۇر چاچىدۇ، بەزى نۇرلار سۈرەت تارتىش ئاپپاراتىنىڭ لېنزىسىغا كىرىپ، لېنزا تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ، نۇر بار بولغان ئورۇن نېگاتىپ ئۈستىدە تەسۋىر پەيدا قىلىدۇ، شۇندىلا بىز سۈرەتتىن ئېنىق بولغان تۇرغۇن يۇلتۇزنى كۆرەلەيمىز. ھالبۇكى سۈرەتنىڭ قارا رەڭلىك يەرلىرىگە نۇر چۈشمىگەن بولۇپ، نېگاتىپ ئۈستىدە ئىز قالمايدۇ.     ئۇنداقتا بىز نېمىشقا …

خىمىيەدىكى قوشكېزەكلەر

خىمىيەدىكى قوشكېزەكلەر      قۇتلۇق كىتاب ۋاراقلاۋېتىپ پىروتىي، دىيترىي، تىرىتىي دەپ ئاتالغان غەلىتە ئۈچ خىل ئىسىمنى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇ دەرھال ئاتىسىنىڭ يېنىغا باردى ۋە بۇ ئىسىملارنىڭ نېمە مەنە بېرىدىغانلىقىنى سورىدى.    - بۇلار ئىزوتوپقۇ، – دېدى ئاتىسى.    - ئىزوتوپ؟ – قۇتلۇق چۈشەنمىدى، ئۇ بېشىنى قاشلىغىنىچە تۇرۇپ قالدى.    - قارا ئوغلۇم، بۇلارنى ئىزوتوپ دەيمىز، – دېدى ئاتىسى ئەستايىدىل بولۇپ، – ھىدروگىننى بىلىسەن. سەن دەۋاتقان …

«قۇتادغۇبىلىك»تىكى فەلەكىيات قاراشلىرى

«قۇتادغۇبىلىك»تىكى فەلەكىيات قاراشلىرى     فەلەكىيات ئىلىمىنىڭ تېگىدىن چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تارىخىنى بىلىشكە ئالدى بىلەن يول ئېچىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئاسترونوملار بىر-بىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئاغدۇرغان ھېسابىغا ئەمەس، بەلكى راۋاجلاندۇرغان، تۈزەتكەن ئاساستا بۈگۈنگىچە ئۇلىيالىغان. ئاسترونومىيە ئىلىمى كىشىلەرنىڭ پەلسەپەۋى قاراشلىرىغا خېلى زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئۇ يەنە ئىنسانىيەتنىڭ بىباھا مەنىۋى گۆھىرى سانىلىدىغان ئېسىل كىتابلىرىدىمۇ ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى تاپىدۇ. ئۇيغۇرلارنى مىسالغا ئالساقمۇ ھەم شۇنداق. ئون …

ئاق پەتەك يۇلتۇز

 ئاق پەتەك يۇلتۇز   تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ پەتەكلەر بار، ئۇلارنىڭ قامىتى ئادەتتە يەر شارىنىڭكىدىن كىچىك، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاي شارىنىڭكىدىنمۇ كىچىك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، خۇددى قارا رەڭلىك بىر پارچە تۆمۈر قىزىغاندا ئاقۇش نۇر چىقارغىنىدەك، رەڭگى ئاقۇش بولۇپ كۆرۈنىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇلارنى ئاق پەتەك يۇلتۇزلار دەپ ئاتىشىدۇ.    ئاق پەتەك يۇلتۇزلار گەرچە «پەتەك» بولسىمۇ، لېكىن ئېغىرلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يەر شارىنىڭ چوڭلۇقى …