باش بەت

پەننىي ھېكايىلەر

  • 1
  • 2
  • 3
  • 4

كېچىدە كۆرۈنگەن ئالۋاستى

كېچىدە كۆرۈنگەن ئالۋاستى      قۇتلۇق ئاتىسى بىلەن بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە باردى. بوۋىسىنى سېغىنىپ كەتكەن قۇتلۇق بوۋىسىغا ئېسىلىپ قۇچاقلىۋالدى. بوۋايمۇ ئۇنى ئۆزىگە چىڭ چاپلاپ، پېشانىسىگە سۆيۈپ قويدى.     تاماقتىن كېيىن بوۋاي ئاتا – بالا ئىككەيلەنگە مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى:     ــ قايسى كۈنى مەھەللىگە چىقسام، مازارلىققا يېقىن ئەتراپتا بىرەيلەن ۋارقىرايدۇ. ھەيران بولۇپ شۇ ياققا قاراپ ماڭدىم. ماڭا يەنە بىر قانچەيلەن ئەگەشتى. مازارلىققا يېقىن …

چوڭ مېڭە يالغان سۆزلىمەيدۇ

چوڭ مېڭە يالغان سۆزلىمەيدۇ        قاينام باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، ئۇنىڭ يالغان سۆزلەيدىغان ناچار ئادىتى بار، مۇشۇ سەۋەبلىكمۇ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئاز ئەدەپلىمىدى.        بىر كۈنى، ئۇ ئاتا-ئانىسىغا: « ئوقۇتقۇچىلارغا يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈن بىر كۈن ئارام ئېلىشقا قۇيۇپ بەردى» دەپ يالغان سۆزلىدى. ئاتا-ئانىسى راست دەپ ئويلاپ ،ئۇنى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەشكە بۇيرۇپ ئىشقا كەتتى، لېكىن قاينام ئاتا-ئانىسى ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، …

لازىر نۇرى ئارقىلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى داۋالاشنى چۈشىنەمسىز؟

لازىر نۇرى ئارقىلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى داۋالاشنى چۈشىنەمسىز؟       تاتلىق سىنىپتا ئارقا رەتتە ئولتۇرۇپ دوسكىنى كۆرەلمىدى، تەنتەربىيە دەرىسىدە تىك-تاك توپ ئوينىغاندا ئىنكاسى ئىنتايىن ئاستىلاپ كەتتى. سودا سارايغا بېرىپ نەرسە سېتىۋالغاندا ناھايىتى يېقىن كېلىپ قارىمىغۇچە مال ماركىسىنى كۆرەلمىدى. دېمەك ئۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ئۇ شۇنداق قايغۇردى. يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئۇنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە نۇرغۇن ئىشلىرىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي يەنە ئۇنى دۆت كۆرسىتىپ …

سۇ داشقىلى ۋە ئۇنى تازىلاش

سۇ داشقىلى ۋە ئۇنى تازىلاش       يېقىندىن بېرى قۇتلۇقلارنىڭ ئۆيىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك سۇ ئىسسىتقۇچ سۇنى ياخشى ئىسسىتالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئاتىسى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ:       – ئىچىنى سۇ داشقىلى قاپلاپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ، – دېدى.       قۇتلۇققا ئاتىسىنىڭ بۇ سۆزى قىزىق بىلىندى.       – ئاتا، سۇ داشقىلى دېگەن قانداق نەرسە ئۇ؟ – دەپ سورىدى ئۇ.       – سۇ …

يەر شارىدىكى ئوكسىگىن ئىشلەتسە تۈگەمدۇ؟

يەر شارىدىكى ئوكسىگىن ئىشلەتسە تۈگەمدۇ؟       ئانىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن ئوكسىگىننىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلگەن قۇتلۇق ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن نەپەس ئېلىشقا باشلىدى. بالىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى كۆرگەن ئانىسى:     – قۇتلۇق، ساڭا نېمە بولدى بالام، جىمىپلا قالدىڭغۇ؟ – دەپ سورىدى.      قۇتلۇق:     – ئانا، ئوكسىگىندىن ئازراق نەپەسلىنەي دەيمەن. ئۇنىڭدىن نەپەسلىنىپ تۈگىتىۋەتسەك، قانداق قىلىمىز؟ – دېدى.     بۇنى ئاڭلىغان ئانىسى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. …

تاتۇقنىڭ ئىقرارى

تاتۇقنىڭ ئىقرارى        مېنىڭ ئىسمىم تاتۇق. سىز مېنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيسىزغۇ دەيمەن؟        بۇنىڭغا مېنىڭمۇ ئامالىم يوق، كىم مېنى باشقىلار يارىلانغاندىن كېيىن پەيدا بولسۇن، پەيدا بولۇشۇمغا ئاغرىق ھەمراھ بولسۇن دەپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىدە يارا ساقىيىپ كەتسىمۇ، ئەمما كەتكىلى ئۇنىماي، كىشىلەرنىڭ ئاپئاق ، پاكىز تېرىسىدە كۆرۈمسىز ئىز قالدۇرۇپ قويىمەن.      كىشىلەردىن ئەپۇ سورىغان بۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار: كۆپچىلىكنىڭ …

خىمىيەدىكى قوشكېزەكلەر

خىمىيەدىكى قوشكېزەكلەر      قۇتلۇق كىتاب ۋاراقلاۋېتىپ پىروتىي، دىيترىي، تىرىتىي دەپ ئاتالغان غەلىتە ئۈچ خىل ئىسىمنى ئۇچرىتىپ قالدى. ئۇ دەرھال ئاتىسىنىڭ يېنىغا باردى ۋە بۇ ئىسىملارنىڭ نېمە مەنە بېرىدىغانلىقىنى سورىدى.    - بۇلار ئىزوتوپقۇ، – دېدى ئاتىسى.    - ئىزوتوپ؟ – قۇتلۇق چۈشەنمىدى، ئۇ بېشىنى قاشلىغىنىچە تۇرۇپ قالدى.    - قارا ئوغلۇم، بۇلارنى ئىزوتوپ دەيمىز، – دېدى ئاتىسى ئەستايىدىل بولۇپ، – ھىدروگىننى بىلىسەن. سەن دەۋاتقان …

ئادىل نېمىشقا دوختۇرغا كۆرۈندى

ئادىل نېمىشقا دوختۇرغا كۆرۈندى  نۇرگۈل ئابلىز    چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ ئادىلنىڭ پۈتۈن بەدىنى بىئارام بولۇشقا باشلىدى. ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمىلەرنى سۆزلەۋاتقانلىقى پەقەتلا كاللىسىغا چۈشمەيتتى. مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە ئانىسى ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان لەڭمەننى تەييار قىلىپ تۇرغان ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ نېمىشقىدۇر تاماققا ئىشتىھاسى يوق ئىدى. بىر چوكا ئېلىپ چايناپ بېقىۋىدى، ئاغزى بىئارام بولغاندەك ھېس قىلدى. ئانىسى ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ:    - ئوغلۇم، بىرەر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟ – دەپ …

كۆرۈنمەس قاتىل ــــــ كاربون چالا ئوكسىد

كۆرۈنمەس قاتىل ــــــ كاربون چالا ئوكسىد     قۇتلۇق مەكتەپتىن پەرىشان قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ چىرايىدا مۇڭلىنىش، ئازاب تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئىتتىك بىر – بىرىگە قارىشىۋالغاندىن كېيىن، ئالدىراپ سوراشتى:    - قۇتلۇق، نېمە بولدى بالام؟    قۇتلۇق بېشىنى ئالدىرىماي كۆتۈرۈپ، ئۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئاتا – ئانىسىغا قارىدى – يۇ، گەپ قىلمىدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن بەكمۇ تەشۋىشلەنگەن ئىككەيلەن ئۇنى قىستاشقا باشلىدى: …

تۆمۈرنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەپتى – بەشىرىنى ئېچىش

تۆمۈرنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەپتى – بەشىرىنى ئېچىش قۇتلۇق ئاتىسىدىن سوئال سوراشقا ئامراق ئىدى. قۇتلۇقنىڭ ئاتىسى نۇرغۇن ساۋات خاراكتېرلىك بىلىملەرنى ھېكايە – چۆچەككە باغلاپ، ئەپچىللىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ قوياتتى. بۈگۈن قۇتلۇق ئاتىسىدىن ئالتۇن توغرىسىدا گەپ سوراپ قالدى. ــ يادىمغا بەزى ۋەقەلەر يېتىۋاتىدۇ، ساڭا شۇنى سۆزلەپ بېرەي. ساڭا يېڭىلىق تۇيۇلسا ئەجەپ ئەمەس، ــ دېدى ئاتىسى. ــ قانداق ۋەقە؟ ــ تۆمۈرنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش چۈشىنىڭ بەربات بولۇشى ھەققىدىكى ھېكايىلەرچۇ؟ ــ …