- تىزىملاتقان
- 2012-11-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1682
- نادىر
- 1
- يازما
- 68
ئۆسۈش
68.2%
|
(2)
شۇندىن ئىتىۋارەن، ئادولف يەپ-يېڭى ھاياتقا قەدەم قويىدۇ.
ھىتلېرنىڭ ئارىلىشىپ يۈرگەن كىشىلەر دا’ئىرىسى كېڭىيىشكە باشلاپ، بېرىش-كېلىش قىلىدىغان ئادەملىرىمۇ ھەر تۈرلۈك كىشىلەردىن تەشكىل تاپماقتا ئىدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئورتاق بىر يېرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا گېرمانلىقنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ياخشى كۆرۈپ، ماركسىزمنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن نەپرەتلىنىدىغان كىشىلەر ئىدى. مىيونخېندا بىر ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى بار بولۇپ، ئۇ تەغدىرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇ يەنە بۇ ئەھۋال ھەر قانداق بىر ئىنسان گۇرۇپپىسى ئارىسىدىن يەھۇدىيلارنى بىر قاراپلا پەرقلەندۈرۈش ئىمكانىيىتىنى بېرەلەيدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرغا قويىدۇ. تېخىمۇ قىزىق يېرى، كاپىتان ئېرنىست روم (恩斯特•罗姆) ئەسلىدە بىر بەچچىۋاز بولۇپ، بىر ۋاقىتلاردا روتا كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى. ئۇ بىر ئۈلگىلىك ئوفىسسېر بولۇپ، خىيىم-خەتەرلىك ۋاقىتلاردا ئەڭ ئىشەنچىلىك سەپداش ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ تۇرقى پاكار ھەم دۇغلاق سېمىز، چاچلىرىنى ھەر دا’ئىم رەتلىك قىرقىتىپ يۈرىدىغان، كۈلىشىمۇ ئۆزگىچە بىرسى ئىدى. ئۇنى، ئۇرۇشنىڭ تىرىك مىس ھەيكىلى دېيىشكە بولاتتى: ئۇنىڭ بۇرنى ئوق زەربىسىدە پۇچىلىپ كەتكەن، يۈزىدىمۇ چوڭقۇر بىر تاتۇقى بار بولۇپ، ئۇ ھازىر دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر ئوفىسېرى ئىدى. ئۇ، “مەن رەھىمسىز بىرسى بولغىنىم بىلەن، تېخى تولۇق پىشىپ يېتىلگەن بىرسى ھېسابلانمايمەن. شۇڭا، مېنىڭ قىزىقىدىغان ئىشىم سىلەرنىڭ قىزىقىدىغىنىڭلاردەك ئۇنداق پۇخرالارچە قۇرۇق گەپ سېتىپ يۈرىدىغان ئىشلار ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش ۋە توپىلاڭ چىقىرىش” دەيدۇ. روم (罗姆) بىلەن ھىتلېر ئىككىسى مىللەتچىلىك كۇرزھۇكى (تۆمۈر مۇشتۇمچىلار كۇرزھۇكى) نىڭ بىر قېتىملىق مەخپى يىغىنىدا كۆرۈشكىنىدىن ئىتىبارەن، بىر-بىرسىگە بولغان ئىشەنچ تېخىمۇ كۈچىيىپ بارغان بولۇپ، بۇ پىداكار ئون بېشى “گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى” گە رەھبەرلىك قىلىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئىكەن، دەپ قارايتتى. رۇم (罗姆)، بۇ پارتىيىگە نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنى ئەزا قىلغان بولغاچقا، ئەمەلىيەتتە ئۇ درېكسىل (德莱克斯勒) -ھارلېي (哈尔雷) تەشكىلىنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئەسلىدە ئۇرۇش-جىدەللەر بىلەن بولۇپ تۇرىدىغان ئاممىۋى يىغىلىشلارنىڭ تەرتىۋىنى ئەنە شۇ ئەسكەرلەر ساقلايتتى. ھىتلېر بىلەن روم (罗姆) ئىككىسى ئالدىنقى سەپتىكى جەڭلەردە ئەسكەرلەرگە قول-پۇت بولۇپ كۆڭۈل بۆلۈشتە ئەجرىسى بولغان كىشىلەر بولغاچقا، جاپا-مۇشەققەتلىك قانلىق جەڭلەردە ئورتاق ھېسسىياتقا ئىگە يېقىن سەپداشلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى. گەرچە يېقىندا روم (罗姆)، كاپىتان مايېر (梅耳) نىڭ ئورنىنى ئېلىپ ھىتلېرنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرسىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ھىتلېرنىڭ سىزلەپ ھۆرمەت قىلىشىغا ماقۇل دېمەيتتى. ئۇنىڭ ھىتلېر بىلەن بۇنچە يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىشى، ھىتلېرنى باشقا ئوفىسېرلارنىڭمۇ ھۆرمەت قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىدى.
ھىتلېر، يازغۇچى دىترىخ ئېكارت (家底特利希•埃卡特) بىلەنمۇ ئارىغا قىل سىغمايدىغان بەكلا يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىدى. بۇ ھەقتە ئېكارت (埃卡特) مۇنداق دەيدۇ: يېڭى دەۋرنىڭ سىياسى داھىلىرى چوقۇم پىلىموت-توپ ئوقىنىڭ ئاۋازىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئىگە كىشىلەردىن بولىشى كېرەك. … مەن، قىزىللارغا قارشى رەھىمسىز جاۋاپ قايتۇرالايدىغانلا بولىدىكەن، ئۇنداق بىرسى قىلچە ئابرويى يوق بىر مايمۇن بولغىنىدىمۇ قەتئى ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرىمەن. خۇددى شۇنىڭدەك، يوقۇرى بىلىملىك بىر پروفېسسور، ئەگەر خەلق ئاممىسى غەزەپلىنىپ ئورۇندۇقلارنى سۇندۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرىۋەتسىمۇ يىغىننى تاشلاپ قاچماي تۇرۇپ بېرەلەيدىغانلا بولىدىكەن، مەن يەنىلا بۇ تۈردىكى بىلىملىكلەرنى ھىمايى قىلغۇچىلاردىن بولىمەن. … ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئادەم بىر بويتاق. شۇنداق بولغاچقا تەشكىلاتىمىز تېخىمۇ كۆپ خوتۇن-قىزلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالىشى مۇمكىن!” ھىتلېر بىلەن بۇ قېرى زىيالى، ياش جەھەتتىن بەكلا چوڭ پەرقى بار كىشىلەر (ئۇ يازغۇچى بىلەن ھىتلېر ئوتتۇرسىدا 21 ياش پەرق قىلاتتى)، ھەمدە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ تۈپتىن پەرقلىق (ئېكارت 埃卡特 ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن بىلىملىك بىرسى) بولسىمۇ، ئۇ ئىككىسى سىياسىي جەھەتتىلا يېقىن بولۇپ قالماي، كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ يېقىن دوستلۇق ئورناتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا بوسىمىيىلىك بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا تۆۋەن تەبىقە تىلىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر ئىدى؛ يەنە كېلىپ ئىككىسىلا مىللەتچى بولۇپ، يەھۇدىيلارغا بەكلا ئۆچ ئىدى. شۇڭا، ئېكارت (埃卡特) ئادەتتە نېمىستىن خوتۇن ئالغان بىر يەھۇدىينى 3 يىللىق كېسىپ قاماققا ئېلىش كېرەك؛ ئەگەر يەنىلا باش تولغاپ بۇ جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، ئۇنداق بىر يەھۇدىغا قەتئى تۈردە ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك، دەيتتى.
ئېكارت (埃卡特)، رومانتىك بىر ئىنقىلاپچى بولۇپ، قەھۋىخانا مۇنازىرىلىرىنىڭ ئۇستىسى ئىدى. ئۇ، ھەممىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان، ئەمما ھېسسىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ كىشىلىك تۇرمۇشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان بىرسى ئىدى؛ ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىر نوچى بولۇپ، ھەر دا’ئىم ئەڭ ئالدىدا يۈرۈپ بېرەتتى.
ئەگەر نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن ئازىراقلا بىر پۇرسەت بولىدىكەن، مەيلى ئۆي، مەيلى كوچا ياكى قەھۋىخانا بولسۇن قىلچە تارتىنماي ئىنتايىن جەلىپ قىلارلىق نۇتۇق سۆزلىيەلەيدۇ. ئەمما ئۇ زەھەرلىك چىكىملىك خۇمارى بىرسى بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە زابوي ئىدى. ئۇنىڭدىكى بۇنداق ئادەتلەر جەمىيەتنىڭ ئارقا كوچىلىرىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى. ھىتلېر، قىزغىن سۆھبەتلىك، سۇدەك راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بۇ زىيالىغا بەكلا ئامراق ئىدى. ئۇ يەنە مىيونخېننىڭ غارايىپ كېچىلىك دۇنياسىدا ھىتلېرنىڭ ھېنرىگ (亨利) شاھزادىسى ئۈچۈن فورسداۋلىق (福尔斯达夫) رول ئوينايدىغان بىرسىگە ئوخشايتتى (فورسداۋ – شېكىسپيېر كومېدىيىلىرىدىكى بىر پېرسۇنازھ بولۇپ، پو ئېتىشنىڭ سىموۋۇلى). ئېكارت (埃卡特) بىر مەنىدە بۇ ئىشلاردىكى ھىتلېرنىڭ ئۇستازى ھېسابلىناتتى. ئۇ ھىتلېرغا بىر ھەربى پەلتو سوغات قىلغان؛ گرامماتىكىلىق خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشكە ياردەمچى بولاتتى؛ ئۇنى ئالى دەرىجىلىك رېستۇرانت ۋە قەھۋىخانىلارغا باشلاپ باراتتى. شۇنىڭدەك ھىتلېرغا داڭلىق ئەدىپ كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇپ تۇراتتى (كىشىلەرگە ھىتلېرنى، بۇ كىشى چوقۇم بىر كۈنى گېرمانىيىنى قۇتقۇزىدىغان بىرسىگە ئايلىنىدۇ، دەپ تونۇشتۇراتتى). ئىككىسى ئولتۇرۇپ مۇزىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە سىياسەت ھەققىدە سا’ئەتلەپ سۆزلىشىپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ، بۇ قوپال يازغۇچى ھىتلېرغا ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن ئادەتلەرنى يۇقتۇرغان ئىدى.
خوفبراخاۋۇس (霍夫布劳) ئاممىۋى يىغىلىشتىن كېيىنكى بىر قانچە ھەپتىدە ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە بېرلىنگە قاراپ بىر قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. گېنېرال خورد فون لۇدىۋىك (霍尔德•冯•卢特维兹) يېتەكچىلىكىدىكى “تاللانغان ئەركىن پولك” قا ۋېيمار سوتسىيالىستىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارقىلىپ كېتىش بۇيرۇقىي چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ ھەربى قىسىم تارقىلىپ كېتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە پايتەختكە يۈرۈش قىلىپ بېرلىننى ئىشغال قىلىۋېلىپ بىر باش ۋەزىر تىكلەيدۇ. بۇ باش ۋەزىرنىڭ ئىسمى كاپ (卡普) بولۇپ، ئەسلىدە ئادەتتىكىلا بىر مەمورى كادىر ئىدى. ھىتلېر بىلەن ئېكارت (埃卡特) ئىككىسى كاپ (卡普) ئوڭچىلار گۇرۇھىنىڭ قوزغىلىڭى ئىنتايىن زور يۇشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىشىپ، ئىككىسى بىرلىكتە ئۆز ئىختىيارى بىلەن بېرلىنغا بېرىپ، باۋارىيە بىلەن بىرلىشىپ ئىنقىلابى تەدبىر قوللىنىش ئىمكانىيىتى بار-يوقلىقىنى بەلگىلەپ كەلمەكچى بولىدۇ. كاپىتان روم (罗姆) مۇ بۇ لايىھەنى ماقۇللاپ، ئۇ ئىككىسىنى بىر مەشىق ئايروپىلانىغا ئولتارغۇزۇپ يولغا سېلىپ قويىدۇ. بۇ ئايروپىلان ھىتلېرغا تەۋە ئايروپىلان ئىدى. ئۇنىڭ ليوتچىكى لېتىنات روبېرت رىت فون گرېم (罗伯特•利特•冯•格莱姆) ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ئەڭ ئۇستا ليوتچىكلاردىن بىرى ئىدى. بۇ ليوتچىك تېخى ياش بولۇپ، “ئوچقۇچىلار بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتى” غا ئېرىشكەن ئىدى. كېيىن ھىتلېر ئۇنى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قوماندانلىقىغا تەيىنلەيدۇ. ئۇلار بېرلىنغا قاراپ ئۇچقان كۈنىسى ھاۋا بەكلا ناچار ئىدى. گەرچە ئۇچقۇچى گرېم (格莱姆) نىڭ ئايروپلان ئۇچۇرۇش تېخنىكىسىغا گەپ كەتمىسىمۇ، ھىتلېر تىنماي قەي قىلىپ چىقىدۇ. ئوتتۇر يولدا بېنزىن ئالىدىغان ئايروپورتنى ئىش تاشلىغان ئىشچىلار ئىگەللىۋالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى بېرلىن سەپىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراشقا قىل قالىدۇ. شۇ چاغدا ھىتلېرنىڭ ئەقلىگە بىر ئىش كېلىپ، دەرھال ئۆزىگە بىر پارچە ئۆچكە ساقىلى تاقاپ گىرىم قىلىدۇ. ئېكارت (埃卡特) مۇ ئۆزىنى سودىگەر قىياپىتىدە گىرىم قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئىشچىلار ئۇلارنىڭ بېرلىن سەپىرىگە يول قويۇشىدۇ. ئايروپلان بېرلىنغا بېرىپ قونغاندا ھىتلېرنىڭ چىرايى تاتىرىپلا كەتكەن بولۇپ، “بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ ئايروپلانغا چىقمايمەن” دەپ قەسەم قىلىۋېتىدۇ.
گەرچە ئىسىيانچىلار 13-مارت كۈنى بىر پايمۇ ئوق ئاتماي بېرلىن دەرۋازىسىدىن كىرەلىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ غەلىبىسى ئاتاقتىكىلا بىر غەلىبە بولۇپ قالىدۇ. يەنى، بەلگىلىك سالاھىيەتكە ئىگە كىشىلەردىن بىرمۇ ئادەم “باش ۋەزىر” كاپ (卡普) نىڭ كابېنتىدا ۋەزىپە ئېلىشنى خالىمايدۇ. بۇ قېتىمقى ئالدىراپ-سالدىراپ قوزغىتىلغان قوزغىلاڭ ھەرىكىتى، باشلىنىشىدىن تارتىپلا مەغلوبىيەتلىك بىر قوزغىلاڭ ھېسابلىناتتى. ئۇلارنىڭ مەغلوب بولىشىنى بىرەر قايتارما ھۇجۇم ياكى بىرەر بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى پەيدا قىلغان بولماستىن، پۈتكۈل گېرمانىيە خەلقىگە ئوخشاش، بېرلىنلىقلارمۇ ھەربىلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىدا كۈچلىنىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن خەلق ھەربى ئىسيانچىلارغا قارشى دولقۇن قوزغىۋىتىدۇ. ھەربى تەرەپمۇ بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئىنقىلاپ قوزغاشنىڭ مەنىسى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. شۇڭا، ئېيرپورت (埃尔伯特) ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك ئومۇمى يۈزلۈك ئىش تاشلاش چاقىرقىنى چىقارغان ۋاقتىدا، ئىشچىلار ئۇلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، كاپ (卡普) ھۆكۈمىتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
شەھەردە توك كېسىلگەن، ترامۋايلار بىلەن مېترولار (يەرئاستى تۆمۈريول قاتنىشى) توختاپ كەتكەن، ۋودىپروۋۇتلار كېسىلگەن، كوچىلاردا ئەخلەتلەر يىغىلىپ پۇراشقا باشلىغان؛ ماگازېن-مەمورى ئورگانلار تاقىلىپ كەتكەن بولۇپ، قاراڭغۇ كوچىلاردىكى ياكى مۇم يۇرىقى ئاستىدا ياشىتىلغان كېچىلىك ھايات يەرلىرىلا ئۆز ئىشىنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. بۇنىڭدەك چىرىگەن سورۇنلار ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن قايسى بىر سېرىق كىنونىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرغا چىقماقتا ئىدى. بۇ كىنودا 11 ياشلىق بىر تۈركۈم ئۇششاق پا’ئىشىلەر ئاشۇرۇپ گىرىم قىلىشىپ، ئۇزۇن ئۆتۈكلەرنى كىيىپ يۈرىدىغان ئامازون (亚马逊) لۇقلارنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى تېما قىلغان ھېكايىلەردىن ئىشلەنگەن كىنو ئىدى. شەھەر ئىچىدە ھەر تۈرلۈك ئىشقىۋازلارغا لايىق، ھەر خىل مىجەزلىكلەرگە ئۇيغۇن قەھۋىخانىلار، رېستۇرانتلار – يەنى ئەر ياكى ئايال بەچچىۋازلار، يالىڭاچلىق خۇمارىدىكىلەر، كۈندەشلەر ۋە كۈندەشكە ئۇچرىغانلارغا لايىق سورۇنلار قۇمدەك ئىدى. يالىڭاچلىنىشلار ھەۋەسلىنىدىغان، سەنئەت نامىنى سېتىپ ھۇزۇرلىنىدىغان، خىيالى دۇنيا يارىتىپ مەس بولىدىغان غەلىتىلىكلەر ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان پاسكىنىچىلىقلار ھېسابلىناتتى. بېرلىن شەھىرى دادا’ئىزىم سەنئەت ئېقىمىنىڭ پا’ئالىيەت مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ ئېقىمغا مەنسۈپ شا’ئىر خورت مىلىن (霍尔特•梅林) رەھىمسىزلەرچە مازاق قىلىپ بىر شى’ئېر يازغان بولۇپ، بۇ شى’ئېر ئارقىلىق بېرلىنلىقلارنىڭ قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋىتىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن:
چاققان كېلىڭلار بالىلار،
ھەممە ھۇزۇر ئىچىدە ئۆلۈم مەيدانىغا ئالدىراڭلار،
ئىشتانبېغىڭلارنى چىڭ باغلاپ، يەھۇدىي بۆرىلىرىنى ھايداڭلار.
يېنىڭلارغا زەھەرلىك گاز بىلەن كىرىست بەلگىسىنى ئېلىپ،
جاما’ئەت ئارىسىدا قىرغىنچىلىق قىلىڭلار!
ئېيرپورت (埃尔伯特) ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئىش تاشلاش چاقىرىقى ھەقىقەتەن فرانكىشتېيىن (弗兰肯斯坦) نىڭ بېشىغا ئاپەت ياغدۇرىدۇ. كاپ (卡普) كۈچلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، سولچىلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق دولقۇنى ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدۇ. كومىنىستلارنىڭ گېرمانىيە تەۋەسىدە پەيدا قىلغان توپىلىڭى شۇنداق نوقتىلارغا بېرىپ يەتتىكى، ئېيرپورت پرىزدېنت (埃尔伯特) قىزىللارنىڭ ئىسىيانىنى يىمىرىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىلاجىسىز نەچچە كۈن ئاۋال ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن قولىنى تارتىپ كېتىپ قالغان گېنېرال فون سېك (冯•塞克) نى قۇراللىق كۈچلەر باش قۇماندانلىقىغا تەيىنلەيدۇ. بۇ گېنېرالنىڭ بىرىنچى ئىشى تېخى يېڭىلا تارقىتىۋېتىلگەن “ئەركىن پولك” ئەسكەرلىرىنى قايتىدىن بىر يەرگە يىغىش بولىدۇ. بۇ ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ كۈلكىلىك ئىدى: تۈنۈگۈنكى توپىلاڭچى قوشۇن بۈگۈن قانۇننى كۈچەيتىپ تەرتىپ ساقلاش ۋەزىپىسىگە قويۇلىۋاتاتتى. بۇنداق غەلىتە ئىشلارنى پەقەتلا دادا’ئىزم دراماتورگىلا قىلالايدىغان كومىدىيىلىك ئىشلار ئىدى. ئېيرپورت (埃尔伯特) بۇ ئەسكەرلەرگە بەرگەن مېداللار، دەل كاپ (卡普) ھۆكۈمىتىنىڭ “ئەركىن پولك” تىكىلەرگە ئېيروپرت (埃尔伯特) ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن بەرمەكچى بولغان مېداللارنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.
ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن “ئەركىن پولك” نىڭ ئالدىدىكى ۋەزىپە بەكلا ئېغىر ئىدى. ساكسونىيىدە (萨克森)، سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ھاكىمىيەتنى تارتىپ ئېلىۋالغان ئىدى؛ 20-مارت كۈنى، 50 مىڭ كىشىلىك ئىشچىدىن تەشكىل تاپقان قىزىل ئارمىيە قوشۇنى رور (鲁尔) رايونىنىڭ كۆپ قىسىم شەھەرلىرىنى قولغا كىرگۈزۈپ بولغان ئىدى. شۇ كۈنىسى كومپارتىيىنىڭ «رور ساداسى» گېزىتى “غالىپ قىزىل بايراق چوقۇم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە لەپىلدەيدۇ. – دەپ ئېلان قىلىپ، − گېرمانىيە چوقۇم سوۋېت جۇمھۇرىيىتىگە ئايلىنىشى كېرەك، سوۋېت رۇسىيىسى بىلەن بىرلىشىپ دۇنيا ئىنقىلاۋى بىلەن دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ باشلىنىش نوقتىسىغا ئايلىنىشى كېرەك!” دەپ يازىدۇ.
3-ئاپرېل كۈنى، “ئەركىن پولك” قوشۇنلىرى رور (鲁尔) غا بېسىپ كىرىپ، قىزىل ئارمىيە پوزىتسىيىلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ، ساق قالغان قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرىدۇ. “ئەگەر بۇ ئىشنى سۆزلەپ بەرسەم چوقۇم يالغان گەپ قىلىۋاتىسەن دېيىشىڭلار مۇمكىن. –دەپ يازىدۇ ‘ئەركىن پولك’ نىڭ بىر ئەسكىرى ئا’ئىلىسىگە ئىۋەرتكەن خېتىدا، − قىلچە رەھىم قىلمايتتى، … ھەتتا بىز 10 نەپەر قىزىل ئارمىيە ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان قىزىل كىرىست جەمىيىتىنىڭ سىستىراسىنىمۇ يېنىڭلاردا قورال بار ئىكەن دېگەننى باھانە قىلىپ ئېتىپ تاشلىدۇق. بىز بۇ كىچىك قىزلارنى ئۆلتەردۇق. ھەتتا ئۇلارنىڭ جان ئازاۋىدا بىر قوشۇق قېنىدىن كېچىشلىرىنى تەلەپ قىلىپ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىنى تاماشا قىلىپ كۆڭلىمىزنى خوش قىلدۇق. ياق، سىلەرگە ھەرگىز رەھىم قىلالمايمىز، قۇراللىق ھەر قانداق بىرسى بىزنىڭ دۈشمىنىمىز! دەيتتۇق.”
ھىتلېر بىلەن ئېكارت (埃卡特) ئىككىسى ھېلىقى كۆڭلىنى ئايلاندۇرۇپ تۇلا قۇستۇرىۋەتكەن ئايروپلانغا ئولتۇرۇپ بېرلىنغا كېلىپ قونغان ۋاقتىدا، كاپ (卡普) قوزغىلىڭى ئاخىرلىشىۋاتقان ئىدى. ئۇ ئىككىسى ئايروپلاندىن چۈشۈپلا ئۇدۇل ئىمپىرىيە باش مىنىستىرلىك بىناسىغا بېرىپ كاپ (卡普) نىڭ ئاخبارات ۋەكىلى بولغان ۋېنگىرىيىلىك يەھۇدىي لىبكېخنت لىنكىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىشىدۇ. بۇ بىر تەۋەككۈلچى ۋېنگىر بولۇپ، رەسمى بىر لۈكچەكتەكلا بىرسى ئىدى. بۇ كىشى بىر ۋاقىتلاردا نيۇيوركتا گېرمانىيە ئىمپىراتورىنىڭ جاسۇسى دەپ قولغا ئېلىنغان ئىكەن. بۇ ۋېنگىر ئۇلارغا كاپ (卡普) نىڭ يېڭىلا قېچىپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئىككەيلەن ياخشىسى سالاھىيىتىنى ھېچ كىمگە ئۇختۇرماي يوشۇرۇن تۇتىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا قولغا ئېلىنىپ كېتىش خەۋىپى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. بەزى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، شۇ چاغدا ئېيكارت (埃卡特) بۇ ئادەمنىڭ بىر يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ ھىتلېرنى نوقۇپ پىچىرلىغان: “ئادولف قوي بۇ ئىشنى، بۇ يەردە بىزگە پايدىلىق ھېچ ئىش يوق ئىكەن.” دېگەنمىش.
شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمان ھېساپلىنىدىغان لۇدېندورفنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن پايتەختكە بارىدۇ. ئادەتتە، لودىندورف باشقىچە ياسىنىپ جەنۇپ تەرەپلەرگە قېچىپ بېرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ يۈرگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا نۇرغۇنلىغان ئوخشاش قاراشتىكى شىمالى گېرمانىيىلىكلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ مەخپى ئۇچۇرىشىپ يۈرگەن ئادەملىرى ئارىسىدا “دۇبۇلغىلىقلار” پارتىيىسىدىكىلەر بولۇپ، بۇ تەشكىلاتتىكىلەر كونا ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان ھەددىدىن تاشقىرى مىللەتچى گۇرھ ئەزالىرى ئىدى. شۇنىڭدەك يەنە زور مىقداردا سانا’ئەتچىلەر ياردىمىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. ئېكارت (埃卡特)، ھىتلېرنى پىيانو زاۋۇدىنىڭ ئايالى ھېلىن بېشىستېيىن (赫仑•贝希斯坦) رىياسەتچىلىكىدە تەشكىللەنگەن سالونغا ئاپىرىپ ئۇنىڭغا تونۇشتۇرىدۇ. بۇ ئايال ھىتلېرنى بىر كۆرۈپلا “گېرمانىيىنى قۇتقازماقچى بولغان بۇ يىگىت” كە مەھلىيا بولىدۇ. شۇڭا بۇ ئايال ھىتلېرنى ئۆز تەۋەسىدىكى تەسىرى كۈچلۈك كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇرۇش ۋەدىسىنى بېرىدۇ.
31-مارت كۈنىسى، ھىتلېر مىيونخېنغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇ كۈنى، ھىتلېر ھەربى سەپتىن چېكىنىپ چىقىپ ئاددى بىر پۇخراغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۆز تەلىۋى بويىچە بولغان بولىشى ئېھتىمال. ياكى باشقىلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ھەربى سەپتىن چېكىنگەن بولىشىمۇ يىراق ئەمەس. ھىتلېر 50 ماركا چېكىنىش سوممىسىنى ئېلىپ، بىر پەلتو، بىر شەپكە، بىر قۇر كىيىم، بىر قانچە ئىشتان، ئاياق-پايپاق ۋە ئىچ كىيىملىرىنى چامىدانىغا سېلىپ گازارمىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن دېرس (德尔希) كوچىسى 41-نومۇرلۇق بىنادىن چاققانغىنە بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ جايلىشىدۇ. بۇ ئۆي ھاللىق سىنىپلار ئولتۇراق رايونىغا تەۋە يەردىكى ئۆي بولۇپ، يىنسار (易萨尔) دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر بىنادا ئىدى. بۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگىدەك 3~4 قەۋەتلىك بىنالار بولۇپ، ئاستى قەۋىتى دۇكان ياكى ئىشخانا قىلىنغان، ئۈستى قەۋەتلىرى چاققان-چاققان ئۆيلەردىن ياكى بويتاقلار ئۆيىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى.
ھىتلېر ئىجارىگە ئالغان ئۆي بەكلا كىچىك بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 15 غېرىچ، كەڭلىكى 8 غېرىچلا كېلەتتى. بۇ ئۆي ئۇنىڭ مانخېيم (曼纳海姆) دىكى ئۆيىدىن پەرقى يوق دېگىدەك ئىدى. بۇ ئۆي، بىنادىكى ئەڭ سوغۇق ئۆي بولۇپ، ئۆي غوجايىنى ئېرلىنگ (埃尔兰格)، “بۇ ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان خېرىدارلىرىمنىڭ تولىسى كېسەل بولۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا، بۇ ئۆينى ئەندى ھېچكىمگە ئىجارىگە بېرەلمەيدىغان بولدۇم دەپ ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ساقلايدىغان ئىسكىلات قىلىپ قويغان ئىدىم” دەيدۇ.
ھىتلېر تاللىۋالغان بۇ ئۆي، «مىيونخىئېن كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتى تەھرىراتىغا يېقىنلا بىر يەردىكى بىنادا بولۇپ، ھىتلېر بۇ يەرنى شۇنىڭ ئۈچۈن تاللاپ ئىجارىگە ئولتۇرغان ئىدى. چۇنكى بۇ گېزىت، ئىسمىنى «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» دېگەنگە ئۆزگەرتىۋالغاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل تۈردە يەھۇدىيلارغا، ماركسىزمچىلارغا قارشى كانايلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە ئىدى. ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەنە شۇ گېزىتنىڭ تەسىرى ئارقىلىق شەكىللەنگەن دېيىش مۇمكىن. مەسىلەن، تېخى يېقىندىلا بۇ گېزىتتا بېسىلغان بىرىنچى بەت باش ماقالىسىغا «يەھۇدىيلارغا ئۆزىمىزنى تونۇتۇپ قويايلى!» دەپ تېما قويۇلغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىدا ھەر قانچە رەھىمسىز تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كەلگەندىمۇ يەھۇدىيلارنى پۈتكۈل گېرمانىيە تەۋەسىدىن بىرنىمۇ قويماي تازىلاپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇنداق ماقالىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى رۇسىيىدىن قېچىپ چىققان مۇساپىرلار يازغان بولۇپ، ھىتلېر بۇ ماقالىلاردىن كومۇنىزمنىڭ كۈندىن-كۈنگە خەتەرلىك تۈس ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئېرىشىپ كەلمەكتە ئىدى.
ھىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ھۇجۇم نىشانى يەھۇدىيلار بىلەن تېنچلىق سۇلھىسىغا قول قويغانلار ئىدى. بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىنلا ئاندىن ماركسىزمغا قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھىتلېر بىلەن ئېكارت (埃卡特) ئىككىسى كومىنىستلارنىڭ ئۆزىنى پىدا قىلىش روھىغا ئاز-تۇلا قايىل ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ كومىنىستلارنى ئۆز يېنىغا قارىتىۋېلىشنى بەكلا ئارزۇ قىلىشاتتى. ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ تەييارلىغان «نېمىسلار ۋە يەھۇدىي بولشېۋىكچىلىكى» دېگەن ماقالىسىدا، ئېكارت (埃卡特) ھەتتا “نېمىس بولشېۋىكچىلىكى” دېگەننى تەرغىپ قىلىشتىنمۇ يانمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇ، ھىتلېر بىلەن بىرگە قاتناشقان بىر قېتىملىق يىغىندا، پارتىيە ئىچىدىكىلەرگە قارىتىپ “گېرمانىيەدىكى كومىنىستلار ھەقىقەتەنمۇ غايىلىك ئىنسانلاردۇر، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ھېس قىلمىغان ھالدا گېرمانىيىنى ئازاد قىلىش كۆرىشى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلمەكتە” دەپ سۆزلەيدۇ.
ئەمما رۇسىيىدىن قېچىپ چىققان مۇساپىرلار بۇنداق كېلىشتۈرمىچىلىككە قەتئى قارشى ئىدى. ئۇلارنىڭ بولشېۋىكچىلىكنىڭ خەۋىپى ھەققىدە يازغان ياكى سۆزلەپ بەرگەنلىرى، ھىتلېرغا كۈندىن-كۈنگە كۈچلۈك تەسىر قىلىشقا باشلايدۇ. شەرقتىن كەلگەن بۇ ئاخىرزامان مەلئۇنلىرى ئارىسىدا كىشىنى سۆز بىلەن قايىل قىلىشقا ئەڭ ماھىر بىرسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئالفېرد روسېنبېرگ 罗森堡 ئىدى. بۇ ئادەم ئىستونىيىلىك بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئېنجىنېرى بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا يەنە بىر رەسسام ئىدى. بۇ كىشى بىلەن ھىتلېر يېڭى تونۇشۇپلا بىر-بىرسىگە ئۇنچىۋالا يېقىن بولۇپ كېتەلمەيدۇ. “ئەگەر مەن ئۇنى بىر كۆرۈپلا پۈتۈنلەي قايىل بولدۇم دېسەم قېپ-قىزىل يالغان گەپ قىلغان بولىمەن. − دەيدۇ روسېنبېرگ () كېيىن ئەسلىمىلىرىدە. ئەسلىدە ئۇ، ھىتلېر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئادەتتىكى سۆھبەتلىرىگە قارىغاندا ئۇنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىغا بەكىرەك قايىل ئىدى، − مەن بۇ يەردە، ئەركىن بىر پۇخرالىق جاسارىتى بىلەن قۇرۇق قول ئوتتۇرغا چىقىپ، مۇقىم بىر غايە ئۈچۈن كىشىنى قايىل قىلارلىق كۈرەشكە ئاتلانغان ئالدىنقى سەپلەردە جەڭ قىلغان پىشقەدەم بىر ئەسكەرنى كۆردۈم؛ مەن ئۇنىڭ نۇتقىنى 15 مىنوت ئاڭلاپلا ھىتلېرنىڭ ئەنە شۇنداق بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.”
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە ئاي جەريانىدا روسېنبېرگ 罗森堡 نىڭ يازغان ماقالىلىرى ئېكارت () نىڭ ھەپتىلىك زھۇرنىلى بىلەن باشقا مىللەتچى زھۇرناللاردا كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ ھىتلېر بىلەن ئۇ ئىككىسى تېخىمۇ يېقىنلىشىپ بىر-بىرسىدىن زادىلا ئايرىلالماس ھالغا كېلىدۇ. ھىتلېرغا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى، روزېنبېرگ (罗森堡) نىڭ “بولشېۋىكلار ھەرىكىتى، يەھۇدىيلارنىڭ دۇنيانى بوي سۇندۇرۇشتىن ئىبارەت يەرشارى خاراكتېرلىق ستىراتىگىيىسىنىڭ بىر باسقۇچىدىنلا ئىبارەتتۇر” دېگەن گېپى ئىدى. بۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەلىلىنى تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە خاۋفبراخاۋۇس (霍夫布劳斯) چوڭ يىغىنىدىن بىر كۈن كېيىن قولغا چۈشۈرگەن ماتېرىيالى ئىدى. شۇ كۈنىسى، «خەلق كۈزەتكۈچىلىرى» گېزىتىدا «دۆلەتنى تىرىلدۈرگۈچىلەر خىتاپنامىسى» ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ خىتاپنامىنى ماسۇنلار شىۋىتسارىيىنىڭ برۇكسېل (巴塞尔) شەھىرىدە چاقىرغان قۇرۇلتىيىدا ئېلان قىلغان دەپ قارالماقتا. بۇ خىتاپنامە، ئەسلىدە دۇنيانى ھىلە بىلەن قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چاقىرىلغان 24-نۆۋەتلىك مەخپى قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان بىر دوكلات تىزىسى ئىدى. (بۇ “خىتاپنامە” نىڭ لايىھىسى ئەسلىدە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ بۈشۈگى بولغان فرانسىيىدە يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ يازغۇچىسى چاررۇسىيىنىڭ بىر ئىشپىيونى ئىدى. ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ، يەنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا روسىيىدە ئېلان قىلىنىدۇ. گېرمانىيىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىشى ئۇرۇش توختۇتۇش كىلىشىمى ئىمزالىنىپ بىر يىلدىن كېيىنكى ئىش بولۇپ، گېرمانىيىدە تۇرىۋاتقان رۇسىيىلىك مۇھاجىرلار چىقىرىۋاتقان بىر زھۇرنالدا بېسىلغان بولسىمۇ، ئۇ ۋاقىتلاردا تۈزۈك تەسىر قوزغىيالمىغان ئىدى. بۇ خىتاپنامە ئەسلىدە ئىختىيارى يازغۇچىلار تەرىپىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىرىلغان ئۇيدۇرما ھۈججەت ئىدى. ئەمما بۇ ماتېرىيال ئىككىنچى ۋىلھېلم () بىلەن ئىككىنچى نىكولاي تەرىپىدىن گۆھەر تېپىۋالغاندەك ئەتىۋارلىنىدۇ. رۇسىيە چار پادىشا جەمەتى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىكاتىرىنبۇرگدا چار پادىشاسى تۇرغان يەردە بىر پارچە «ماسۇنلار خىتاپنامىسى»، بىر پارچە «ئىنجىل» ۋە بىر پارچە «ئۇرۇش ۋە تېنچلىق» دېگەن كىتاپلار تېپىلغان ئىدى.) بۇ «خىتاپنامە»، ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشى بىلەن يەھۇدىي تەھدىتى ئۈچۈن قىممەتلىك بىر پاكىت بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە روسېنبېرگ () بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ھىتلېر، روسېنبېرگ (罗森堡) نىڭ بولشېۋىكلارغا قارىتا سەگەك بولۇش كېرەك دېگەن گېپىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. شۇنىڭدەك يەنە شۇ كۈنلەرگىچە قوشۇمچە ئورۇندا تۇرىۋاتقان كومۇنىزم مەسىلىسى ئاستا-ئاستا پارتىيە ئەقىدىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمىغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ.
بۇ «خىتاپنامە» نىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەنلەر يالغۇز ھىتلېر بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس ئىدى. شۇ يىلىنىڭ ماي ئېيىدا لوندوندا چىقىدىغان «تايمىس» گېزىتىمۇ بۇ ھەقتە ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىدۇ. بۇ ماقالىدا، بۇ «خىتاپنامە» يەھۇدىينىڭ يەھۇدىيغا قارىتىپ يازغان راست بىر ھۈججىتى؛ شۇڭا، بۇ ماتېرىيالغا ھەقىقەتەنمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن مۇ’ئامىلە قىلىشىمىز كېرەك، دەپ باھا بېرىدۇ. يەھۇدىي دۈشمەنلىكى ئەسلىدە خرىستىيان دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن تەرغىپ قىلىنغان بىر قاراش ئىدى؛ «خىتاپنامە» پۈتكۈل ياۋروپادىكى ھەر قايسى ئەللەر ئىچىدىلا تارقىلىپ قالماي، يەنە جەنوبى ۋە شىمالى ئامېرىكا قىتئەلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنىدۇ. بۇمۇ يامان غەرەزلىك يەھۇدىي دۈشمەنلىكىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ. ئەسىرلەر بويىچە كاتولىكلارنىڭ ئالغان تەربىيىسى “ئىيسانى يەھۇدىيلار ئۆلتۈرىۋەتكەن دېيىش بىلەن باشلىناتتى؛ بۇ دىننىڭ بىرىنچى مورتى بولغان مارتىن لوتېرمۇ يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ، يەھۇدىيلار تەڭرىنى جىنغا ئوخشىتىۋېلىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ سىبلىس، ۋابا، تەل-تۈكۈس ئاپەتنىڭ دەل ئۆزى” دەيدۇ. قىسقىسى، يەھۇدىيلار خرىستىيانلار بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغاچقا، ئۇلارغا ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك، دەيدىغان قاراش ھەممىگە ھاكىم ئىدى.
ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى، ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ۋە شۇنىڭدەك ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىنقىلاب دەۋرىدىكى كۈزىتىشلىرىدىن كەلگەن بولۇپ (بۇ يۇيەردە بەكلا ئاجايىپ كۆرۈنگىنى، ھىتلېرنىڭ بۇ ۋاقىتلاردىكى ئۆي غوجايىنى بولغان ئېرلىنگر (埃尔兰格) مۇ بىر يەھۇدى ئىدى. بۇ يەھۇدى ئۇ كۈنلەردىكى كۆڭۈللۈك كۈنلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: “مەن ئۇنىڭ بىلەن پەلەمپەيدە ياكى تاشقارقى ئىشىك تۈۋىدە پات-پات دوقۇرۇشۇپ قالاتتىم. ئۇنىڭ يېنىغا سەپ يۈرىدىغان خاتىرە دەپتىرىنى چىقىرىپ بىر نەرسىلەرنى خاتىرلەپلا يۈرىشىنى كۆرەتتىم. … مەن ئۇنىڭ بىز توغرىلىق باشقىچە قاراشقا كېلىپ قېلىش ئېھتىمالىنى ھەرگىز پەرەز قىلالمايمەن.”)، ئەمما بۇ تۈر قاراشلىرى يەنە كېلىپ روسېنبېرگ (罗森堡)، تۆرې جەمىيىتى (图里会) ياكى گابىنو (戈比诺)، رود (路德) ۋە شۇ قاتاردىكى بىر قىسىم يەھۇدىي دۈشمەنلىكىدىكى كىشىلەردىن ئالغان قاراشلىرىنى بۇ كۈزىتىشلەردە ئىسپاتلاپ چىققانلىقىنىڭ بىر نەتىجىسى دېيىشكىلا بولاتتى. يەنى، ھىتلېر بۇ تۈر كىشىلەرنىڭ قاراشلىرىدىن شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا لازىم بولىۋاتقان بەزى قاراشلارنىلا تاللىۋالغان دېيىش مۇمكىن. ۋە بەلكىم ئۇنىڭغا ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلغان نەرسە يەنىلا شۇ كىچىك بروشۇرلار، ئاغزىدىن زەھەر تامچىپ تۇرىدىغان يەھۇدى دۈشمىنى قارىشىدىكى پەسكەش ئوڭچىل گېزىت-زھۇرناللار بولىشىمۇ مۇمكىن. چۇنكى ئۇ، بۇرۇندىن تارتىپلا، يەنى ۋيېنادىكى ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا بۇنىڭدەك پەسكەش نەرسىلەرنى قاينىتىپ ئىچىۋالغاندەك ئوقۇپ يۈرگەن ئىدى. بۇ تۈردىكى پەسكەش ئەدەبى نەرسىلەر ئۇنىڭ كاللىسىغا تېرىۋەتكەن ئۇرۇقلار 1920-يىلى 13-ئاۋغۇستتا، مىيونخېندىكى داڭلىق خوفبراخاۋۇس (霍夫布劳斯) ئاممىۋى يىغىنىدا ئۆز مېۋىسىنى بەرگەن ئىدى.
شۇ قېتىملىق يىغىندا، ھىتلېر “بىز نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارغا قارشىمىز” دېگەن تېما بويىچە ئىككى سا’ئەت تىنماي سۆزلىگەن ئىدى. ھىتلېر سۆزىنى باشلا-باشلىمايلا “پەقەت بىزنىڭ پارتىيىمىزلا سىلەرنى يەھۇدىيلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىن ئازات قىلالايدۇ!” دەپ ئېنىق ئېلان قىلىدۇ. ھىتلېر نۇتقىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن تارتىپلا جەمىيەتنى بۇلغاپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ نۇتقى ئالاھىدە مەزمون ياكى رېتىمى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ تۈردىكى تەشۋىقاتلىرىنىڭ كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئەسلىدە، ئۇنىڭ ئوتتۇرغا قويىۋاتقان يەھۇدىي دۈشمەنلىك قارىشى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا خاس بىر قاراش بولۇپ، تارىخ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. ئەمما ئۇ بۈگۈنكى ھادىسىلەر بىلەن تارىخى ۋەقەلىكلەرنى ئۇستىلىق بىلەن يۇغۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، يەھۇدى خەۋىپىنى تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە قىلىۋالغان ئىدى. دەرۋەقە، بۇنىڭ پايدىسىنىمۇ كۆرىدۇ: خەلق بۇ تۈردىكى بايانلاردىن ھەقىقەتەنمۇ غەلىيانغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. شۇ قېتىملىق يىغىندا خەلق ئاممىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ ئالقىش ياڭرىتىپ ئون نەچچە قېتىمدەك سۆزىنى بۆلۈپ تۇردى. بولۇپمۇ يەھۇدىيلارنى كۆچمەن قاراقچىلارغا ئوخشىتىپ، ئۇدۇل كەلگەن يەردە خەلقنىڭ يولىنى توساپ بۇلاڭچىلىق قىلىپ ئادەتلەنگەن بىر خەلق دېگىنىدە، خەلق ئاممىسى ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ئالقىشلاپ كەتكەن ئىدى.
ئەستايىدىللىق بىلەن ئالدىن پىلانلاپ يېزىپ چىققان قارىلاش نۇتۇقلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ھىتلېرنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى يەھۇدىيلارغا ھۇجۇم قىلىشى بۇ قېتىمقىسىغا سېلىشتۇرغاندا ھېچ نېمىگە ئەرزىمەي قالاتتى. ئۇ، تۇنجى قېتىم ئاشكارە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يەھۇدىي سۈيىقەستىنىڭ خەلقارالىق خاراكتېرغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇلار تەرغىپ قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق مىللەتلەر باپ-باراۋەر بولىشى ۋە شۇنىڭدەك خەلقارالىق ئىتتىپاقلىق قاتارلىقلار ئۆزىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ جاسارىتىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانغان بىر سۈيىقەست ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. بولۇپمۇ يەھۇدىيلارنىڭ يۈزسىز، ئەخلاقسىز ۋە تەييارتاپ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى؛ بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىيلار بۇزغۇنچى، بۇلاڭچى ھەمدە “بارلىق مىللەتلەرگە زىيان سالىدىغان زىيانداش” قا ئايلانغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇلارغا قارشى ئومۇمى يۈزلۈك قەتئى كۈرەش قىلىشقا چاقىرىدۇ. بۇ كۈرەشتە يەھۇدىيلارنى شەرقلىق ياكى غەربلىك، ياخشى ياكى يامان، نامىرات ياكى باي دەپ ئايرىپ يۈرمەسلىك كېرەكلىكىنى، بۇ كۈرەش بىر يەھۇدىي ئىرقىغا قارشى كۈرەش بولغانلىقى ئۈچۈن قىلچە پەرقلەندۈرمەي يەھۇدىيلا بولىدىكەن ئۇلارغا ئومۇمى يۈزلۈك قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. “پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشەيلى!” دېگەن بۇ شۇ’ئار بۈگۈنكى دەۋرگە ماس كەلمەس بولۇپ قالدى؛ شۇڭا بۈگۈنكى جەڭگىۋار شۇ’ئارىمىز “پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرغۇچىلار بىرلىشەيلى!”، “ياۋروپا خەلقىگە ئازاتلىق!” دېگەندەك ئۆزگەرتىلىشى كېرەك دەيدۇ. قىسقىسى، ھىتلېر يەھۇدىيلار مەسىلىسىنى “ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىش” كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. گەرچە ھىتلېر بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويىشى نىسبەتەن تۇتۇق بولغاندەك قىلسىمۇ، يەنىلا ئىنتايىن رەھىمسىز بىر چاقىرىق ئىدى: “يەھۇدىيلارنى خەلقىمىز ئارىسىدىن تولۇق تازىلىۋېتىش كېرەك!” دەپ قاتتىق تەكىتلەيدۇ. ھىتلېر، يەھۇدىيلارغا قارشى كۈرەش قىلىش يولىغا خېلى بۇرۇنلا ئاتلىنىپ بولغان ئىدى. شۇ يىلىنىڭ باشلىرىدىلا «مىيونخېن پوچتىسى» گېزىتىدا ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارنى مازاق قىلىپ دوراپ يۈرۈشىنى كۈلكىلىك دەپ ھېساپلاپ، “ئادولف ھىتلېر خۇددى بىر سىرىك سەنئەتچىسىگىلا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ نۇتۇق سۆزلەش شەكلى بىر سىرىك ئويۇنچىسىنىڭ نەق ئۆزى” دەپ يازغان ئىدى. بۇ قېتىملىق نۇتقىغا قارىتا بۇ گېزىت خېلىلا سەگەك مۇ’ئامىلىدە بولغان بولۇپ، ھىتلېرنىڭ نۇتۇقلىرى ھەقىقەتەنمۇ سىھىرلىك كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىپ، “شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭلار كېرەككى، ئەگەر ھىتلېرنىڭ نۇتۇقلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگىدەك نېمىسى بار دەپ سورالغىنىدا، مىيونخېندا قوزغىلاڭچى ئاممىنى زىرىكمەي كۈشكۈرتۈپ كەلگەن ئادەم، دەل شۇ ھىتلېردۇر” دەپ يازىدۇ.
ئەمما ھىتلېر، بۇ جەھەتتە قالايماقانلىق تېرىغۇچىلار بىلەن ئىرقچىلارغا چاقىرىق قىپلا قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن يەھۇدىيلارغا قارشى چاقىرىق قىلىشتا قىزىقىدىغان كىشىلەردىن ئۇلۇغ ئىمپىرىيە قۇرۇشنى ئاخىرقى غايە قىلىشقان كىشىلەرنى، يەنى ھۆرمەت قىلىنىپ كېلىۋاتقان ھاللىق سىنىپلارنىڭ ئوتتۇرا ياشلىق شەھەر ئاھالىسىمۇ بار ئىدى. 1913-يىلىسىلا، بۇ تۈردىكى كىشىلەر “پان گېرمان ئىتتىپاقى” نىڭ باشلىقى ھېلىش كراس (汉利希•克拉斯) نىڭ “يەھۇدىيلار بارلىق خەۋىپلەرنىڭ بىردىن-بىر مەنبەسى؛ يەھۇدىيلار بىلەن نېمىسلار قەتئى چىقىشالمايدىغان ئىككى خىل خەلق” دېگىنىگە قەتئى ئىشىنەتتى. كراس (克拉斯) يەنە “چوقۇم بىرسى چىقىپ نېمىس خەلقىگە يىتەكچىلىك قىلىپ يەھۇدىيلارغا قارشى كۈرەش باشلىتىدۇ. بىز ئەنە شۇنداق بىر لىدېرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىنى كۈتمەكتىمىز! سەۋىر قىلايلى، زېرىكمەي ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتەيلى، ئۇنداق بىرسى چوقۇم ئوتتۇرغا چىقىدۇ! شۇڭا بۇ كۈرەشتە قەتئى چىڭ تۇرىشىمىز كېرەك، بۇ جەھەتتە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ پا’ئالىيەت قىلىشىمىز كېرەك!” دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
شۇ كۈنلەردە ھىتلېرنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىنىڭ تىزىسىدىن ئۇنىڭ يەھۇدىيلاردىن ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق قورققانلىقىنى كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن: “قان شوراپ تەييارتاپلىققا كۆنۈپ كەتكەن يەھۇدىيلار! خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى يىتەكچىلىك روھىنى سۇندۇرماقتا. بۇ يەرنى رۇسىيىنىڭ جەسەت ساقلايدىغان مەيدانى ھالىغا ئايلاندۇرماقتا!” … “يەھۇدىيلار بۈگۈنكى گېرمانىيىنىڭ مۇستەبىتلىرى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ كۈرەش ھەرگىزمۇ دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلەر ئوتتۇرسىدىكى بىر كۈرەش ئەمەس. ياق، ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق بىر كۈرەش ئەمەس. بۇ كۈرەش يەھۇدىيلار بىلەن نېمىسلار ئوتتۇرسىدىكى بىر كۈرەش. بۇنى كىم تونۇپ يېتەلىدى؟” … “ئاكىتسىيە بازىرى بىلەن ھايانكەشلىككە تايىنىپ بارلىققا كەلتۈرگەن تېنچلىق – يەنى پۇل پاخاللىقى دەۋرىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر؟ زىننەت بۇيۇملىرىغا بولغان تەلەپلەرنى، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىرىلىشىنىڭ غەرىزىنى بىلەمسىلەر؟ بۇلاردىن كىم مەنپەتدار بولىۋاتقانلىقىنىچۇ؟ يەھۇدىيلار! … بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىرقى قىرغىنچىلىق ئۈچۈن قىلىۋاتقان بىر تەييارلىق! بۇنى پۈتمەس-تۈگىمەس تەلەپلەر، ئاچارچىلىق تولۇق كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بولۇپمۇ ئاچارچىلىق پەيدا قىلىش، ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى قۇرالى بولۇپ كەلمەكتە. ئاچارچىلىق يەھۇدىيلار ئۈچۈنلا مەنپەت كەلتۈرۈپ كەلمەكتە.” … “دۇنيا ئىنقىلاۋى دېگەنلىك، پۈتۈن دۇنيانىڭ خەلقارالىق ئاكىتسىيە بازىرىنىڭ غوجايىنلىرىغا، يەنى يەھۇدىي مۇستەبىتلىرىگە ئەل بولۇشى دېگەنلىكتۇر.”
مىسال كەلتۈرۈلگەن بۇ ئۈزۈندىلەردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، ھىتلېرنىڭ يەھۇدىي قورقۇنچىسى بىلەن يەھۇدىي ئۆچمەنلىكى رەسمى سىياسى پەلسەپەسى ھالىغا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئوتتۇرغا چىقماقتا ئىدى. يەنە شۇ ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭدىكى تېخى يۇمىران بىخ ھالىتىدە تۇرىۋاتقان دېپلوماتىيە سىياسىتى چۈشەنچىلىرىنىڭمۇ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشىمىز مۇمكىن. شۇ يىلى سىنتەبىردە، سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا مۇنداق دەيدۇ: “بىز بۈگۈن پۇت-قولى چۈشەلگەن، مىدىر-سىدىر قىلالماس، ئۈن چىقىرالماس ھالغا كەلتۈرۈلدۇق. بىز گەرچە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىمىزدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان بولساقمۇ، دۈشمىنىمىز بولغان فرانسۇزلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن ھەرگىز قورقماسلىقىمىز كېرەك” دەپ خىتاپ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق تۈزۈش مەسىلىسىنىمۇ كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. ئۇزۇنغا قالماي، ھىتلېر “بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، دۈشمەنلىرىمىز ئىتالىيە ياكى باشقا يەردە ئەمەس بەلكى رېيىن دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا بىزگە تىكىلىپ تۇرماقتا.” دەپ ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە، تۇنجى قېتىم يەھۇدىلارنىڭ پەيدا قىلغان ئىنتېرناتسيونالىزمىغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرى روسېنبېرگ (罗森堡) ۋە ئۇنىڭ يازغان «خىتاپنامە» سىدىن ئىلھاملىنىپ شەكىللەنگەن بولىشى مۇمكىن. ھىتلېر، يەھۇدىيلار بىلەن ئىنتېرناتسيولىزمنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ قارايتتى. فرانسىيىگە قارشى تۇرۇشتا ئىتالىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇش كېرەكلىكىنى تاللىۋالىدۇ؛ گەرچە بۇ قاراشلىرى ھىتلېرنىڭ دەسلەپكى قاراشلىرى ھېسابلانسىمۇ، مەنتىقىلىق ھەمدە ئەمەلىيەتتە مۇمكىن بولىدىغان دېپلوماتىيە سىياسىتى تىكلەش ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى سەرىپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ھىتلېرنىڭ ئوق دورا پۇراقلىرى قاپلاپ كەتكەن جەڭ مەيدانلىرىدىن ئالغىنى ئالدىنقى سەپلەردە بولغان ئەسكەرلەردە ئەزەلدىن بولۇپ كەلگەن چۈشەنچىلەر بىلەن بىر تەرەپلىمە قاراش ئىدى؛ كىشىلەرگە بىر مۇنچە ئېغىر جاراھەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن قىزىللار ئىنقىلاۋىدىن چىقارغان خۇلاسىسى بولسا پۇخرالاردا ئەزەلدىن بار بولۇپ كەلگەن چۈشەنچىلەر ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلار ئىدى. ئەندىلىكتە بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ يوقۇرقىدەك چۈشەنچىلىرىنى رەتكە سېلىپ سىستىمىلاشتۇرۇشقا كىرىشكەن ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم غايىسى بولغان ۋيېنادىكى جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتكەن كۈنلىرىدە جان تالىشىش جەريانىدا ئادەتتە ئىچىدە ساقلىنىپ كەلگەن يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان غايىسى ئەمەس ئىدى.
ئادولف ھىتلېر، ئەمىلى سىياسى ساھەلەر بويىچە قەدىمىنى تېزلىتىشكە باشلايدۇ. ئادولف، ئاساسەن قۇرۇق قول دېگىدەك پارتىيىنىڭ ئاساسىنى كېڭەيتىشكە كىرىشىدۇ. يەنى، بۇ پارتىيە بۈگۈن “نېمىس مىللەتچى سوتسيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى” دېگەن نام بىلەن ئاتالماقتا ئىدى (خىتايچە تەرجىمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا بۇ ئىسىم “دۆلەت سوتسىيالىزمى گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى” دەپ تەرجىمە قىلىناتتى. بۇ تەرجىمىدە گېرمانىيە سۆزى باشقا ئېلىنغان.
شۇنىڭدەك، خىتاي سىياسى قارىشى بويىچە، ھەر قانداق بىر دۆلەت پەقەت بىرلا مىللەتكە تەۋە بولىدىغانلىقى، شۇڭا دۆلەت ئۇقۇمى پەقەتلا شۇ دۆلەتنىڭ غوجايىنى بولغان مىللەتنىلا ئىپادىلەپ، كۆپ مىللەتلىك تەڭ-باراۋەر ئومۇم خەلق دۆلىتى ئۇقۇمىنى قوبۇل قىلمايدىغان خىتاي شوۋېنىست ئادىتى بويىچە خىتاي مىللىتى سۆزى بىلەن تەڭ مەنىدىكى دۆلەت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن خىتايلار بۇ يەردىمۇ مىللەت ئورنىغا دۆلەت ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما «كۈرەش يولۇم» نىڭ قايسى بىر خىتايچە تەرجىمىسىدە بۇ ئىسىمدىكى “دۆلەت” ئاتالغۇسى ھەيران قالارلىق شەكىلدە ئەسلى مەنىسى بويىچە “مىللىي” دەپ توغرا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ يەردە، ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەردە مۇقىملىشىپ قالغان “دۆلەت سوتسىيالىزم گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى” دەپ ئېلىش ئورنىغا “نېمىس مىللەتچى سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى” دەپ ئېلىشنى توغرا تاپتىم. چۇنكى بۇ يەردە، ئىشچىلارنىڭ نېمىس مىللەتچىسى بولۇشى تەكىتلەنگەن بولماستىن، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ نېمىس ئىرقىغا خاس بىر تۈزۈم بولىشى تەكىتلەنگەن دەپ قارايمەن. شۇنداق بولغىنىدىلا ھىتلېرنىڭ ئىرقچىلىق غايىسىنى مۇستەبىتلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغان سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەت ئۈچۈن ئىشچىلارنىڭ ئاساسىلىق كۈچ بولىشى كېرەكلىكىنى تولۇق ئىپادىلىيەلەيدۇ دەپ قارايمەن. – ئۇ.ت). ھىتلېر بۇ ئىسىم ئارقىلىق نېمىس خەلقىنى رىغبەتلەندۈرۈش، قورقۇنچاقلارنى قورقۇتۇش، ئۆز مىللىي غايىسى ئۈچۈن قان تۆككەن نېمىسلارنى جەلىپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
خۇددى شۇ مەقسەتتە، ھىتلېر پارتىيە بايرىقىنىمۇ كومپارتىيىنىڭ قىزىل رەڭلىك بايرىقى بىلەن تەڭ تۇرالىشى كېرەك دەپ چىڭ تۇرۇپ، “بىزنىڭ بايرىقىمىز كومۇنىستلارنىڭ بايرىقىدىنمۇ بەكىرەك قىزىل بولىشى كېرەك” دەيدۇ.
درېكسىل (德莱克斯勒) بۇ ھەقتىكى ئەسلىمىسىدە ھىتلېرنىڭ دېگىنىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ بايرىقىمىزنىڭ قىزىل رەڭگى قىزىللارنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىشى كېرەك. ئەمما ئۇلاردىن ئېنىق پەرقلىنىپ تۇرىشى كېرەك، دېگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئاخىرى بىر كۈنى ستانبۇرگ (斯坦伯格) لۇق بىر چىش دوختۇرى يۇرتىدا پارتىيە شۆبىسى قۇرۇلغاندا ئىشلەتكەن كىرىست بەلگىلىك بىر بايراقنى سوغا قىلىدۇ. بۇ بايراقنىڭ رەڭگى قارا-ئاق-قىزىل ئۈچ خىل رەڭدە ئىدى. بايراقتىكى تەتۈر چىشلىق كىرىست بەلگىسى، يەنى سانسكرىت يېزىقىدا “ئۇچۇق-ئاشكارە” دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان بۇ بەلگە، ئۇزۇن مەزگىل سەلىپ كاۋاللىرلارنىڭ (条顿武士) بەلگىسى بولۇپ كەلگەن، لانس فون لىبىنفورست (兰斯•冯•莱本弗尔斯)، “تۆرى جەمىيىتى” (图里会)، “ئەركىن پولكلار” نىڭ خېلى كۆپ ئورگانلىرى قاتارلىقلارمۇ ئىشلەتكەن بىر بەلگە ئىدى. نۇرغۇن ئەسىرلەر مابەينىدە بۇ بەلگە ياۋروپانىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق بەلگىسى بولۇش بىلەنلا قالماي، شىمالى ئامېرىكىنىڭ بەزى قەبىلىلىرىنىڭ قۇياش بەلگىسى ياكى ئاخىرزامان بەلگىسى ئىدى. بۇ بەلگە، شۇنىڭدىن كېيىن، بەلكىم مەڭگۈلۈك بىر گۇناھنى بىلدۈرىدىغان بەلگە بولۇپ قالىدۇ. |
|