图片:35..jpg
ئىككى دەۋر، ئوخشاش تەغدىر |
20-ئەسىردە رايونىمىزدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق چوڭ ئىنقىلاپنىڭ ھەر ئىككىسىدىلا بىر ئورۇسنىڭ ئىسمى ئۇچرايدۇ. بۇ ئورۇس دەل مىللى ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى ئىۋان ياكوۋلىۋىچ پالىنوف. پالىنوف ئەسلى ئورۇس پادىشاسىنىڭ شەرق ئىشلىرىدىكى ھەربى پىلانچىسى بولۇپ لىڭشىپ قالغان چار پادىشانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتى ئۈچۈن بۇ رايوندا ئىشلىگەن. كېيىن يېڭى خوجايىنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جىنشۇرىننى قوغلاپ شىڭشىسەينى چىقرىش توپىلىڭىغا قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ جاناپ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئىككى ۋەقەدە رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئاپرىسېۋ بىلەن بىرلىكتە خوجىنىياز ھاجى بىلەن شىڭشىسەينىڭ ئاقسۇدىكى سۆھبىتىنى قۇراشتۇرۇپ چىقىش. ئۇ سۆھبەت مۇۋاپىقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن سابىت داموللام ۋە زېرىپ قارىھاجى باشلىق بۆلگۈنچىلەرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە بارىدۇ. ئىككىنچى قېتىم يۇقۇرقى ۋەقەدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە يەنى ئۈچ ۋىلايەت بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدا تېنىچلىق بېتىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن 1946-يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى غۇلجىدىكى بىر قىسىم پانتۈركىست ۋە پانئىسلامىزىمچىلاردىن ئېلىخان تۆرە، ئەخمەتھاجى، رەھىمجان، ھۈسەن قارىلار...لارنى ئېلىپ سوۋېت ئىتىپاقىغا قايتىدۇ. پانىلوف قانداق قىلىپ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىدە بۇ ئورۇنغا ئىگە بولۇپ قالىدۇ ؟ 1944-يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرىدا ئالتاي پارتىزانلىرى سۇلۇباي ۋە ئوسمان ئىسلامنىڭ رەھبەرلىكىدە شىڭ ھۆكۆمىتىگە قارشى كۈرەشنى تەشكىللىك ھالدا قانات يايدۇرىدۇ. كۈرەش باشلانغاندىن كېيىن بارا-بارا مۇستەقىل ھۆكۈمەت ئىدىيىسى كۈچۈيۈپ ماڭىدۇ. ئاخىرى 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىگە كەلگەندە غۇلجىدا "ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت"نىڭ يېتەكچىلىكىدە گومىنداڭ تازىلانغان رايونلاردا "شەرق تۈرىكۇستان" ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت خىتاپنامىسى ماقۇللىنىدۇ. بۇ ۋەقەنى شۇ چاغدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى پېتىر رومانىۋچ ئالىكساندىروپنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە. ھەتتا بۇ قوماندان 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى گومىنداڭ ئارمىيىسى غۇلجىغا باستۇرۇپ كەلگەن جىددى مىنۇتلاردا بىر ماشىنىغا لىق قاچىلانغان ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنى بېسىپ سوۋېتقا قاچماقچى بولغاندا سېزىلىپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاپ يۇقۇرىدا سۆزلەنگەن پالىنوفنى قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇ.... بۇ يەرگە كەلگەندە ئاقسۇدىكى مۇقەددەس ئورۇنلاردىن بىرى بولغان قۇمباشنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىشنى لايىق تاپتۇق. چۈنكى بۇ جەڭدە پالىنوفنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى ئىنقىلاپچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. يۇقۇرىقى مەزمۇنلاردىمۇ قۇمباشتا يۈز بەرگەن تارىخىمىزدىكى ئىككى مەشھۇر ھەل قىلغۇچ جەڭنى تىلغا ئالدۇق. بىرى چاغاتاي خانلىقىنىڭ پارچىلىنىش مەنبەسى بولغان ئارىق بۇقا بىلەن ئارغۇن ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ. يەنە بىرى جاھانگىر خوجا بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ. ئەمدى سىزلەرگە ئېيتىپ بېرىدىغان ئۈچىنچى جەڭ 1937-يىلى 9-ئايدا ئاقسۇ قۇمباشتا بىلەكلىرىگە "فىسەبىلىللا" دىگەن خەتلىك رەختنى باغلىغان دېھقانلار ئىنقىلاۋى قوشۇنى بىلەن سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن جەڭ. شىڭشىسەي سوۋېت كومىنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن خوجىنىياز ھاجىنى ئۈرۈمچىدە ھوقوققا ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن قەشقەردىكى مەھمۇت مۇھىتىغا قول سالىدۇ. شىڭ فامىلىلىكنىڭ دەسلەپ يوشۇرۇن كېيىنچە ئاشكارە قىلىۋاتقان ئۆلتۈرۈش سۈيقەستى مەھمۇت مۇھىتىنى ئامالسىز چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلايدۇ. ئۇ مېڭىش ئالدىدا ئارمىيىنىڭ قوماندانلىقىنى ئابدۇنىياز كامالغا تاپشۇرىدۇ. قومۇلدىن باشلانغان دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى ئابدۇنىياز كامال ھەققانىيەتكە قايتىپ ئۆلكە ئارمىيىسىنىڭ فورمىسىنى سېلىپ تاشلايدۇ. بېشىغا ئاق دوپپا، بىلەكلىرىگە " فى سەبىلىللا" دىگەن خەت يېزىلغان ئاق كىپەننى باغلىغان جەڭچىلىرىنى باشلاپ قايتىدىن ئىستىبدات ھۆكۈمەت بىلەن كۈرەش قىلىدۇ. ئۇلار ئاقسۇنىڭ تاغ-دەريالىرى، مەھەلە-ۋادىلىرىدا شىڭشىسەي ۋە ئورۇس قىسىملىرى بىلەن نۇرغۇن غەلبىلىك جەڭلەرنى قىلىدۇ. بۇ جەڭلەرنىڭ ئىچىدە ئاقسۇ قۇمباشتىكى جەڭ ئىككى تەرەپنىڭ غايەت زور كۈچ پەرقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىنقىلاپچىلىرىمىزنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانە كۈرەشلىرى بىلەن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. ( بەزىدە مۇشۇ جەڭنى كىنو قىلىپ ئىشلىسە، تىز پۈكمەسلىك نۇقتىسىدىن "موسكىۋانى قوغداش"تىنمۇ ياخشى چىقامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.) بۇ جەڭگە سوۋېت ھۆكۈمىتى ئايرۇپىلان، تانكا، بىرونىۋىك قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قوراللار ۋە زامانىسىدىكى ئىلغار يېنىك قوراللار بىلەن قاتنىشىدۇ. بىزنىڭ ئىنقىلاپچىلىرىمىز بولسا قارا مىلتىق ۋە چەكلىك ساندىكى ئوق-دورا بىلەن تەييارلىنىدۇ. ئاسماندىن، ئەتراپتىن ئېتىلىۋاتقان زەمبىرەك، مىنامىيوت ئوقلىرى، پارتىلاۋاتقان بومبىلارنىڭ دەھشەتلىك گۈمبۈرلەشلىرى قىزىل ئارمىيە ئوفىتسىرلىرىنىڭ كالدىرلاشلىرى ئارىلىشىپ قارا قىيامەتنى ئەسلىتىدۇ. ئەمما قارا قىيامەتنىڭ باغرىنى يېرىپ شېھىتلىككە ئىنتىزار جەڭچىلەرنىڭ تەگبىرلىرىمۇ توختىمايدۇ. دۇنيا تارىخىدىكى كۈچ پەرقى غايەت زور بولغان بۇ ئۇرۇش مەيدانىنى پەقەت "دەھشەتلىك" دەپ سۈپەتلەشتىن باشقا سۆزمۇ تېپىلمايدۇ. قومۇل دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ بېشىدىن-ئاخىرىغا قەدەر بولغان ئۇرۇشلارنىڭ ھېچقايسىسى قۇمباشتىكى بۇ جەڭدەك دەھشەتلىك بولمىغان ئىدى. ئۇرۇشنىڭ سوزۇلىشى بىلەن ئاخىرى ئىنقىلاپچىلىرىمىزنىڭ ئوق-دورىسى تۈگەيدۇ. دۇنيانىڭ، دەۋرنىڭ، ھەتتا ئومومى ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ دۈشمەنلىكىدىن قۇتۇلالمىغان بۇ بەختسىز ئەمما قەھرىمان خەلق يەنىلا تىز پۈكمەيدۇ. ئۇلار ئۇددۇلدىن خۇددى ئىپلاس نەيرەڭلىرىگە ئوخشاشلا تۈگىمەيدىغان ئوق-دورىسى بىلەن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان دۈشمەن ئالدىدا چارىسىز قېلىپ ئامالسىز چېكىنىدۇ. 1931-يىلى 3-ئايدا ئاقبۇلۇڭ(شوپۇل)دىن باشلىنىپ 1937-يىلى 10-ئايدا كوسراپتا ئاخىرلاشقان بۇ قېتىمقى ئىنقىلاپنىڭ خاتىمىسىگە قەدەر نۇرغۇن يولباشچىلار ئۆزىنىڭ جېنىنى خەلقى ئۈچۈن قۇربان قىلىدۇ. مەرھۇم سىجاڭىمىز ئابدۇنىياز كامال كوسراپتا يۈسۈپ لىيەنجاڭ باشلىق مىللى قىسىملارنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەمما جەڭچىلىرىنى ئوق چىقىرىشتىن توسايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتىدە يۈسۈپ، ئابدۇنىياز سىجاڭغا ئۆزىنىڭ بۇيرۇق بىلەن چىققانلىقىنى ئۇنى تۇتۇپ قايتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئابدۇنىياز كامال يۈسۈپكە" سىز بۈگۈن بۇيرۇق بويىچە مېنى تۇتۇپ بېرىسىز. ئەتە باشقا بىرى بۇيرۇق بويىچە سىزنى تۇتۇپ بېرىدۇ. بىز قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى تۇتۇپ بېرەرمىز. مانا قورالنى ئېلىڭ" دەپ يۇسۇپنىڭ قولغا ئېلىشىغا قارشىلىق قىلمايدۇ.(بۇنداق ۋەقەلەر ھەتتا بۆلگۈنچىلەر ئارىسىدىمۇ كۆرۈلگەن ئىدى. مەسىلەن، سابىت دامولام ۋە زېرىپ قارى ھاجى) شۇ تاپتا ئابدۇنىيازنىڭ قانچىلىك ھەسرەت-نادامەت ئىلكىدە يۈرەك-باغرىنىڭ چۇل-چۇل بولۇپ كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. كېيىن مەرھۇم ئابدۇنىياز كامالنىڭ قىلغان گەپلىرى راست چىقىپ، قومۇل دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ جەنۇپتىكى ئاخىرقى كۈرەشلىرىنى باستۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن يۈسۈپكە ئوخشاشلارنىڭ كۆپچىلىكى 1940-يىلىدىكى قىرغىنچىلىقتا قولغا ئېلىنىپ خوجايىنى تەرىپىدىن تۈرمىدە ئۆلتۈرىلىدۇ. ئۇلاردىن پەقەت ناھايىتى ئازلىرىلا ھايات قالىدۇ. دېھقانلار ئىنقىلاۋىنى باستۇرۇشقا كۈچى يەتمەي سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالغان ئاتالمىش "ھەربى قوماندان" شىڭشىسەي بېشىغا باستۇرۇپ كېلىۋاتقان خەتەردىن خالاس بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق نەيرەڭ سەپىرىنى يەنى سوۋېتتىن يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭ ۋە ئامىرىكىغا يېققىنلىشىش پىلانىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئۇ ئامىرىكا ۋە گومىنداڭغا بولغان ساداقىتىنى ئىسپاتلاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ يەنە ىىر قېتىملىق مىللى يوقۇتۇشنى باشلايدۇ. ھەتتا دېھقانلار ئىنقىلاۋىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان شېرىكلىرىدىنمۇ 800 ئادەم ئۇنىڭ سەمىمىيىتىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىدۇ. بۇ دولقۇندا توردىن چۈشۈپ قالغانلارغا قارىتا يەنە بىر كىلاسلىك تەدبىرنى "قولنى قان قىلماي ئادەم ئۆلتۈرۈش"نى قوللىنىدۇ. جەمىيەتتىكى خەۋپلىك سانالغان ئادەملەرنى مەخپى زەھەرلەش ئارقىلىق "كېسەل بىلەن ۋاپات بولدى" دەپ يوقۇتىدۇ. بۇنداق يوشۇرۇن زىيانكەشلىكنىڭ قۇربانلىرى تاكى ئازاتلىقنىڭ ھارپىسىغا قەدەر كېسەللىك ئەھۋالىنى يا ئېنىقلىيالماي ياكى ساقىيالماي ياشلا ئۆلۈپ تۇرىدۇ. بىراق شۇ دەۋردىكى جاللاتلار بولسا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىغا قەدەر خاتىرجەم ياشايدۇ. ئۇلار تەيۋەندە ھەتتا بەزىلىرى ئامىرىكىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى باياشاتلىق ئىلكىدە ئۆتكۈزىدۇ.... ئاخىرىدا ئاقسۇنىڭ يېقىنقى زامان مائارىپ ئىشلىرىغا يۈرەك-قېنىنى سەرپ قىلغان قەھرىمانلىرىمىزغا ۋاكالەتەن مەرھۇم مۇھەممەت ئىمىن سوپىزادىنى ئەسلەپ ئۆتىمىز. دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ ۋاقىتلىق غەلبىسىنىڭ سەۋەبى بىلەن يالقۇنلۇق ئىشەنچ ۋە يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسىدا مىللەتنى ئاقارتىش يولىغا ئاتلانغان مىڭلىغان مائارىپچىلىرىمىزنىڭ تەغدىرىگە ئوخشاش، بۇ ئەزىمەتمۇ 1940-يىلىدىكى مىللى يوقۇتۇش سىياسىتىنىڭ سەۋەبىدىن شىڭشىسەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ئۇنىڭ دادىسى سوپىزادە ھاجىم بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا "....جاھالەتنىڭ ئاسمىنىغا چىراق بولۇپ يانسۇن دەپ، سېنى ئوقۇتقان ئىدىم بالام ! ..... سۇلتان بالام !.... .....ئىلىم خۇمارلىرىنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرغۇچى بۇلاق بولۇپ ئېتىلىپ تۇرغان ۋاقتىڭدا، قاراڭغۇ تۈنگە چىراق بولۇپ يېنىۋاتقان ۋاقتىڭدا، سەندىن ئايرىلدۇق جېنىم بالام !؟ ..." دەپ ھازا ئاچىدۇ. بۇ ھازا سوپىزادە ھاجىمنىڭلا نالىسى بولۇپ قالماي ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ بەربات بولغاندىكى ئورتاق ھازىسى ئىدى. |