قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 10493|ئىنكاس: 52
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەزىزى نىيازى ۋە ئۇنىڭ ئەسلىمىسى (تارىخ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

1069

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26579
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 450
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-15
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 12:08:49 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
قەلبىمدىكى ئۆچمەس ئوبراز
(مەرھۇم شائىر، يازغۇچى، خەتتات ئەزىز نىيازىنى ئەسلەيمەن)
ئەزىزى نىيازى ۋە ئۇنىڭ ئەسلىمىسى

ئابلىمىت ئابدۇللا

01.jpg


ئەزىز نىيازىنىڭ ياشانغان ۋاقتى. (1905-1996)


        91 يىللىق ھايات مۇساپىسىدە ۋۇ يىنسۇن (吴引荪)①، ليەن كۇي (联魁)②، خې يەنشېڭ (何彦升)③، يۇەن داخۇا (袁大化)④، ياڭ زېڭشىن (杨增新)⑤، جىن شۇرېن (金树仁)⑥، شېڭ شىسەي (盛世才)⑦، گومىنداڭ (国民党)⑧ ۋە كومپارتىيە (共产党)⑨ دىن ئىبارەت بىر قانچە دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن پىشقەدەم زىيالى، مەشھۇر خەتتات سۈپىتىدە جەمئىيەتكە تونۇلغان شائىر ۋە يازغۇچى ئەزىز نىيازى ۋاپات بولغىلى 15 يىل بولدى (1996-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 91 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان).
     مەرھۇم ئالىم، يازغۇچى، شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى (1923-1995) نىڭ «ئىز» ۋە، «ئويغانغان زېمىن» (1-، 2-قسىم) قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، مەن بۇ رومانلارنى قىزىقىش ئىچىدە ئۇدا بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم.«ئويغانغان زېمىن» رومانىنىڭ 2-قىسمىنى ئوقۇۋېتىپ، روماننىڭ 381-ۋە 382- بەتلىرىدىكى تۆۋەندىكى قۇرلار ئالاھىدە دىققىتىمنى قوزغىدى:
       «شۇ ئارىدا كۆرۈنىشىدىن يىراق سەپەردىن يېڭىلا كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇرغان ئوتتۇرا بوي، قىزىل يۈزلۈك، قاڭشالىق بىر يىگىت ھاجىمغا سالام بەجا كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قومۇلدىن مۇھىم خەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى ۋە قېلىن لىپاپىنى ئىككى قوللاپ سۇندى...مەلۇم بولدىكى بۇ يىگىت قومۇلدىكى مەشھۇر باي سودىگەر ھەسەن بالاھاجى⑩ نىڭ ئىش باشقۇرغۇچىسى ئەزىز ئەپەندى ئىدى» دەپ مەلۇمات بېرىلگەن بولسا، 392-بەتنىڭ ئاستىغا:«بۇ كىشى ھازىرقى كۈندە پىشقەدەم زىيالى ۋە مەشھۇر خەتتات سۈپىتىدە جەمئىيەتكە تونۇلغان ئەزىز نىيازى ئىدى» دەپ مەلۇمات بېرىلگەن.
      مەن روماندىكى بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن «ئەزىز نىيازى ھازىر ھاياتمىدۇ؟ ئەگەر ھايات بولسا قەيەردە بولغاي؟ بۇ كىشى 1931-يىلىدىكى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىغا دائىر نۇرغۇن ئىشلارنى بىلسە كېرەك؟ مۇشۇ كىشى بىلەن كۆرۈشكەن بولسام ياخشى بولار ئىدى» دەپ ئويلاپ، 1995-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچىگە چىققىنىمدا پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروف (1915-2001) نىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭدىن ئەزىز نىيازىنى سورۇسام، ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن:«بالام 1934-يىلى 7-ئايدا قومۇلدىن تۇرپانغا خوجىنىياز ھاجىغا خەت ئېىلىپ چىققان ئەزىز ئاخۇن ئاكامنىڭ گېپىنى قىلىۋاتاملا؟ ئۇ كىشى ئۈرۈمچىدە، ئۆيى يەنئەن يولىدىكى شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ شەرقىي-شىمالىدا يەنە ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا بارىدىغان يولنىڭ شىمالىدىكى قورودا ئولتۇرۇدۇ. يېشى 90 دىن ئاشتى، سالامەتلىكىمۇ ياخشى، 1931-يىلى ئەتىيازدا قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابى پارتىلىغاندا ئەزىز ئاخۇن ئاكام قومۇلدا، ئۇ قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىغا دائىر نۇرغۇن تارىخنى بىلىدۇ، ۋاقىتلىرى چىققاندا ئۆيىگە بېرىپ يوقلىغاچ سۆھبەتلىشىپ كەلسىلە خۇش بولۇپ قالىدۇ» دېدى ۋە كىتاب جازىسىغا تىزىپ قۇيغان كىتابلارنىڭ ئارىسىدىن «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 27-قىسىمنى ئېلىپ «بالام بۇ كىتابتا ئەزىز ئاخۇن ئاكامنىڭ ئەسلىمىسى بار» دەپ كىتابنى بەردى. مەن خۇش بولۇپ سوپاخۇننىڭ قولىدىن كىتابنى ئىككى قوللاپ ئالدىم  ۋە ئۆيگە ئېلىپ بېرىپ ئۇدا بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. ئەزىز نىيازىنىڭ ئەسلىمىسىنىڭ تېمىسى«ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئەھۋالىمدىن قىسقىچە ئەسلىمە» بولۇپ، ئەسلىمە تۆۋەندىكى ماۋزۇلارغا بۆلۈنگەن ئىكەن:  
1-ماناستىكى ھاياتىم،
2-قومۇلدىكى كۈنلەر،
3-جاڭيېغا بېرىش ۋە قايتىش،
4-كۇشۈيدە ئاققان قان،
5-يولۋاسنىڭ خېتى،
6-كۆرجەيدىكى ھادىسە،
7-قومۇلغا ئىككىنچى قېتىم بېرىشىم،
8-ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىكى كۈنلەر ۋە ئۇنىڭدىن چىقىش جەريانىم،
9-ئىت ئۇۋىسىدىكى ئىشلار،
10-بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىق،
11-ئىككى ئىنىمنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئالتايدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەسى،
12-ئازاتلىقتىن كېيىنكى ئەھۋاللار.

02.jpg

ئاپتور ئەزىز نىيازى ئائىلىسىدە. ئوڭدىن:ئابلىمىت ئابدۇللا، ئەزىز نىيازى، ئەمەت نىياز.   

         1996-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى.


       ئاپتور مەزكۇر ماقالىسىدا ئۆزۈنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغان ئەھۋاللارنى قىسقىچە بايان قىلغان ئىكەن. 5-ماۋزۇدىكى «يولۋاسنىڭ خېتى» دە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
       «1934-يىلى 7-ئاي مەزگىلى ئىدى. قومۇلدىكى يولۋاس شېڭ شىسەي ئۈچۈن خەۋپلىك دۈشمەن ھېسابلىناتتى. ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن شېڭ شىسەي تۈرلۈك ھېلىلەرنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ، يولۋاس ئۇنىڭ دامىغا چۈشمەستىن ھوقۇق تۇتۇپ تۇراتتى. بىر كۈنى يولۋاس مېنى چاقىرتىپتۇ. مەن بېرىپ ئۇنىڭغا سالام بەرگەندىن كېيىن مېنى ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىپ كۈلكە ئارىلاش:‹ئۆزلىرىگە بىر خىزمەت بار، شۇڭا چاقىرتتىم قىلاملا؟›-دېدى. مەن جاۋابەن:‹خوش، ئەلۋەتتە مەن تەييار›-دېدىم. ‹ئۇنداق بولسا-دېدى ئۇ، ئەتە مەخسۇس ماشىنا بىلەن تۇرپانغا ئاپىرىدىغان بىر پارچە خەت بار›-دەپ خەتنى ئېلىپ بەردى. خەتتىكى لىپاپىگە:‹دادىمىز خوجىنىياز ھاجىمغا تېگىدۇ›-دەپ يېزىلغان. ‹مۇشۇ خەتنى ئېلىپ تۇرپانغا ئەتە بىر كۈندىلا يېتىپ بارسىلا، بىر-ئىككى كۈن ئارىلىقىدا خوجىنىياز ھاجىم ئۈرۈمچىگە كېتىۋېتىپ يول ئۈستىدە تۇرپانغا كېلىدۇ. بۇ خەتنى قادىر ھاجىم، ئوغلى ئېلى ھاجىم ئارقىلىق بىرىدىلا›-دېدى. يەنە بۇ خەت ئىنتايىن مەخپى، ئىچىدە ئىككى پارچە خەت بار، بىرىگە ھاجىمنىڭ ئوغلى، ئايالى قاتتىق ئاغرىق، ئەھۋالى ئېغىر، شۇنىڭ ئۈچۈن تېز قومۇلغا كېلىپ يوقلاپ كەتمىسە بولمايدۇ  دېگەن مەزمۇنلار يېزىلغان. يەنە بىر خەتكە ھاجىمنىڭ ئۈرۈمچىگە چىقىشىغا قەتئى نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ تورىغا چۈشۈپ ئاخىر ئۆزۈنى نابۇت قىلىدىغان شەيتانلىقى ئوچۇق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، قومۇل مۆتىۋەرلىرىدىن يۈسۈپ تەيجى، ئاخۇنلۇغۇم قاتارلىق ئون نەچچە نەپەر كىشى قول قويغان خەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتتى، مۇشۇ گەپنى قىلىۋېتىپ خۇددى ھارۇن رىشىت ئاچچىقى كەلسە كۈلگەندەك، غەزەپ كۈلكىسى بار يولۋاس، كۈلۈپ تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا:‹ھەي ھاجىمنىڭ بىخوت يۈرگىنىنى نېمە دېگىلى بولىدۇ؟›-دەپ تىپىرلاپ كەتتى. دېمەك، بۇ خەۋپلىك خەتنى ئېلىپ تۇرپانغا كەلدىم. ئەتىسى شەن يامۇلغا بارسام ئۆزبېك ئەكبەر ئۆز قەلىمى بىلەن قىزىل لوزۇنكىغا:‹مۇئاۋىن رەئىس خوجا نىياز ھاجىمنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!›-دەپ يېزىۋېتىپتۇ. بۇلارنى كۆرۈپ قايتتىم. ئەتىسى دېگەندەك ھاجىم ئىككى ماشىنىدا قوغداپ كېلىۋاتقان ئەسكەرلىرى بىلەن يېتىپ كەلدى. شۇنىڭدەك يەنە ئۈرۈمچىدىن ھاجىمنىڭ ئالدىغا كەلگەن، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر توپ كىشىلەر بىر قانچە كىچىك ماشىنىدا كېلىپ قارشى ئېلىندى. ئەمما كۆپلىگەن كىشىلەر ھاجىمنىڭ بۇ قېتىم شېڭ شىسەينىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىپ، نارازىلىقلار بىلدۈرۈشمەكتە ئىدى.
     ھاجىم يامۇلغا چۈشۈپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، يولۋاسنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە خەتنى ئېلى ھاجىمغا بەردىم. خەتنى يولۋاس بەرگەنلىكىنى ھەم ئۇنىڭ مەزمۇنىنىمۇ ئېنىق ئېيتتىم. ئېلى ھاجىم مېنى باشلاپ، قادىر ھاجىم بار ئۆيگە ئېلىپ كىردى. بۇلار ئەھۋالنى تەپسىلى ئاڭلاپ، سۈكۈتكە چۈشۈپ، جىددى ھالدا:‹دىمىدۇقمۇ، بىز دېگەندەك بولدى›-دېيىشىپ، خەتنى ھاجىمغا كۆرسەتمەكچى بولۇشۇپ چىقىپ كەتتى. مەن چاي ئىچىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئېلى ھاجىم مېنى ھاجىم قېشىغا ئېلىپ كىردى، ھاجىم مەندىن قومۇلدىن قاچان چىققانلىقىمنى سوراپ:‹يولۋاس  يەنە نېمىلەرنى دېدى›-دەپ سورىدى. مەن:«يولۋاسنىڭ ئەلپازىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە چىقىشلىرىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى سەزدىم›-دېدىم. ھاجىم سۆز قىلمىدى. ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن مەن چىقىپ كەتتىم.
       ھاجىم خەتنىڭ مەزمۇنىدىن پۈتۈنلەي ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىگە چىقماس بولدى. بۇ ئەھۋالنى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەر (ئالدامچىلار) قاتتىق چۆچۈپ نېمە گەپ ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىپ، نەتىجىدە:‹قومۇلدىن خەت كېلىپ ماڭماس بوپتۇ›-دېگەن گەپنى ئاڭلايدۇ. سوۋېت كونسۇلى ۋە ھەربىي، مەمۇرىي رەھبەرلەر ئەندىشىگە چۈشۈپ ھاجىمنى پىكرىدىن يېنىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ھاجىم:‹مەن قومۇلغا بېرىپ خاتىرىجەم بولۇپ، ئاندىن ئۈرۈمچىگە چىقىمەن› دېگەن گەپتە چىڭ تۇرۇۋالىدۇ.
      ھاجىم بىلەن بىللە كېلىۋاتقان يېقىن كىشىلەرمۇ ھاجىمنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بۇ ئارىدا شېڭ شىسەي ۋە كۇنسۇل تەرىپىدىن ئادەملەر كېلىپ ھەل قىلغىچە ئۈچ كۈن ئۆتىدۇ. بۇ ئەھۋال خەلق ئىچىگىمۇ ئاشكارا بولىدۇ. مۇشۇنداق خەۋپلىك سائەتنىڭ بىرىدە سارايدا ئولتۇرسام شەن يامۇلدىن ئەسكەر كېلىپ:‹شەنجاڭ سىزنى چاقىرىدۇ›-دېدى. مەن يامۇلغا كىرىشىم بىلەن قادىر ھاجىمنى كۆرۈپ قالدىم. شۇئان:‹ھاجىكا مېنى كىم چاقىرغان؟ خەۋەرلىرى بارمۇ؟›-دېدىم. چىرايىمنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرگەن قادىر ھاجىم بىللە ئېلىپ كەلگۈچىلەردىن‹كىم چاقىرتقان؟› دەپ سورىدى.‹شەنجاڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن كىشى چاقىرتتى›-دېدى ئۇلاردىن بىرى. قادىر ھاجىم ئاڭلاپ:‹ھە بوپتۇ كىرسىلە›-دېدى. ئۆيگە كىرىشىمگە ئۈچ نەپەر كىشى غەزەپ كۆزلىرى بىلەن قارىشىپ قىسقىچە تارىخىمنى سوراپ:‹قومۇلدىن خەت ئەكەلگەن سەنمۇ؟›-دېدى. بىرسى:‹ياخشى پوچتىئالىئون ئىكەنسەن، خەتنى ساڭا كىم بەردى؟›-دېدى. مەن:‹بۇ خەتنى يارى قارى بەردى›-دېدىم (خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئىنىسى).‹قاچان كەلدىڭ؟ ئەجەپ ھاجىمنىڭ كېلىشىگىلا ئۈلگۈرۈپ كەپسەنا؟ راستىڭنى ئېيت!›-دېدى. مەن جاۋابەن:‹مەن ئۆزۈم سودىگەر، ھاجىمنىڭ قاچان كېلىش-كەلمەسلىكى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتىم يوق ھەم بىلمەيمەن. قومۇلدىن تۇرپانغا مال ئېلىش ئۈچۈن ماڭاي دەپ گاراژ (قاتناش بېكىتى) غا كېتىۋاتسام يارى قارى ئۇچراپ قېلىپ، نەگە بارىدىلا-دەپ سورىدى.‹تۇرپانغا› دېسەم. ‹بىر پارچە خەت بار ئىدى، ئالغاچ كەتكەن بولسىلا، ھازىرلا يەتكۈزۈپ بېرەي›-دېدى. مەن ماقۇل بولۇپ گاراژغا كېلىشىمگە خەتنى ئېلىپ كەلدى ۋە ماڭا بېرىپ:‹بۇ زۆرۈر خەت قوللىرىدا ساقلىنىپ قالمىغاي ۋە ئاكاملار تۇرپانغا كەلمەكچى، كېلىشىگىلا تاپشۇرۇپ بىرەرلا›-دېدى. مەن ماقۇل دەپ ئالدىم. مەن تۇرپانغا كېلىپ ھاجىملار ئىككى كۈندىن كېيىن كەلدى. خەتنى ئېلى ھاجىم ئارقىلىق بەردىم. بۇنىڭدىن باشقا ئەھۋالنى ئۇقمايمەن›-دېدىم. شۇ ئارىدا ھاجىم سوراقچىلار بار ئۆيگە بىر نەپەر رۇس بىلەن كىرىپ كەلدى. مېنى كۆرۈپ:‹بۇ يەرگە كەپسىزغۇ؟›-دەپ سورىدى. مەن ھاجىمغا قاراپ:‹بۇ كىشىلەرنىڭ سورايدىغان گېپى بار ئىكەن›-دەپ تۇرۇشۇمغا، ھاجىم گېپىمنى كېسىپ:‹بۇنىڭدىن نېمىنى سوراپ يۈرىسىلەر؟ بۇ ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ›-دېدى-دە، ماڭا قاراپ:‹چىقىپ كېتىڭ›-دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى كىشىلەر ئىلاجىسىز بولۇپ:‹ھېچ گەپ يوق، خاپا بولماڭ، ئارىدىكى گۇمان يوقالدى. بۇ يىگىت راستىنلا ھېچ نەرسە بىلمەيدىكەن› دېيىشىپ قېلىشتى. مەن شۇ يەردىن چىقىپلا قومۇلغا قاراپ تىكىۋەتتىم. مۇشۇ سوراق ئۈستىدە ئەگەر ھاجىم كىرمەي قالغان بولسا، ساقچىغا تاپشۇرۇلۇپ شېڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىندانىغا تاشلىنىپ تىرىك كۆمۈلىشىم تۇرغان گەپ ئىدى. بۇ مېنىڭ ئۈچۈنچى قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشۇم بولىدۇ.
      ئەپسۇسكى، ئاقكۆڭۈل خوجىنىياز ھاجىم سىياسەتتە بىخوتلۇق قىلىپ، خائىنلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ، ئۈرۈمچىگە كېتىپ قالدى. ماڭا تەسىر قىلغىنى شۇكى، مەن شېڭ شىسەي تۈرمىسىگە ھاجىمدىن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى قامالغانىدىم. قامىلىپ سەككىز ئايدىن كېيىن مېنى ئىككىنچى تۈرمىگە يۆتكەپ تۈرمە ئىچىدە ئوچاقلارغا ئوت قالاشقا ۋە تازىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈندۈزى كامېردىن چىقىرىپ ئىشلىتىدىغان ئون نەچچە نەپەر گۇناھكارغا ئىش بېشى (گوڭتۇ-工头) قىلىپ قويدى. خەنزۇچە تىل بىلگەنلىكىم، شۇنىڭدەك تۈرمىدىن بوشاش ۋاقتىمنىڭ ئاز قالغانلىقىدىن بولسا كېرەك، ماڭا ئېتىبار بەرگەندەك قىلىپ كوچىلارغا نەرسە كېرەك ئالغىلى ۋە تۈرمە ئۆيلىرى (كامىرلارغا) قايناقسۇ، تاماق
ئەكىرىپ بېرىدىغانلار قاتارىدا ئىشلەيدىغان قىلدى.
      1938-يىلى 10-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى كېچىسى تۈرمە ئىچىدە ھەربىي ھالەت بولۇپ كەتتى. تۈرمە سېپىلى ئۈستىدە قوراللىق ئەسكەرلەر قورۇ ئىچىگە پىلىموتلارنى قارىتىپ قويغانىدى. بۇ دەھشەتلىك كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ تۈرلۈك خىياللاردا بولدۇم. ئەتىسى تاڭ ئېتىشىغا ئادەتتىكىدەكلا ئەمگەككە چىقتىم. مەن بىر تۈرمە ساقچىسى بىلەن كامېرغا تاماق ئېلىپ كىرسەم تۈرمىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى بىر ئۆيگە كۆزۈم چۈشتى. ئادەتتە تۈرمە كامېرلىرىنىڭ ئىشىكىدە چوڭ قۇلۇپلار بولاتتى. ئەمما جەنۇبتىكى ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىكەن. ئىشىك ئالدىدا تاپانچا تۇتقان بىر ساقچى ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ كۈزەتچىلىك قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆيگە كىمنى سولىغانلىقىنى كۆرەلمىدىم. پەقەت كېيىنكى كۈنى بۇ مەخپى ئۆينىڭ تام مېشىگە ئوت يېقىۋاتقىنىمدا ئۆي ئىچىدىن قۇرئاندىكى تابارەك سۆرىسى ئوقۇلۇۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلىدىم. شۇ ئارىدا ساقچىنىڭ ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىشىككە بېرىپ قارىسام خوجىنىياز ھاجىم ئىكەن.‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھاجىكا›-دېدىم.‹ۋاھالەيكۇم ئەسسالام›-دەپ ھاجىم لاپپىدە بىر قارىدى-دە، مەن جاۋابسىزلا ئارقامغا ياندىم. چۈنكى سۆزلىشىشكە قەتئى رۇخسەت يوق ئىدى. بىر ھەپتە ئۆتۈپ يەنە بىر ئوچرىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم.‹كىم بولىسىز، تونۇش ئوغولغۇ؟›-دېدى ھاجىم. مەن تاراتىدا بولغانلىقىمنى، تۇرپانغا خەت ئېلىپ چىققانلىقىمنى قىسقا قىلىپ ئېيتتىم.‹ھە› دەپ ھەسرەتلىك ھالدا تىنىپ قويۇپ:‹شۇ ۋاقىتتا خاتا بوپتىكەن، خەير خۇدانىڭ تەقدىرى، مېنى بۇ جاللات ساق قويمايدۇ. بۇشاپ چىققىنىڭىزدىن كېيىن كۆرگەن بىلگەنلەرگە سالام دەڭ›-دېدى.‹خوش ھاجىكا، خۇدا نىجاتلىق بىرەر›-دەپ تاراملىغان يېشىمنى سۈرتۈپ ئارقامغا ياندىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى كۆرۈشەلمىدىم...».

03.jpg


ئاپتور ئەزىز نىيازى ئائىلىسىدە. ئوڭدىن: ئەزىز نىيازى، ئابلىمىت ئابدۇللا، ئابدۇغوپۇرجان (ئاپتورنىڭ چوڭ ئوغلى).

1996-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى.

       مەن سوپاخۇن سۈۋۈروفتىن ئەزىز نىيازىنىڭ تۇرار جايىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈردۈم. 1996-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى (يەكشەنبە) ئەتتىگەن ئۈرۈمچىگە چىقىپ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا ئىلمىي ۋە تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ دوتسېنت (مۇئاۋىن پرافېسسۇر) تى دوستۇم ئەمەت نىيازنىڭ ھەمرالىقىدا ئەزىز نىيازىنىڭ ئۆيىگە باردۇق. بىز ئۆيگە كىرگەندە ئەزىز نىيازى دادىمىز كارىۋاتتا يېتىپ ھاردۇق ئېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئايالى مەرىيەمخان ئەزىزى 1991-يىلى 63 يېشىدا ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن پەرزەنتلىرى دادىسىغا قاراۋاتقان ئىكەن. ئۇ ياشىنىپ قالغاچقا قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قاپتۇ. بىزنى ئۇنىڭ پەرزەتلىرى قىزغىن قارشى ئالدى. سالامدىن كېيىن ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرۇپ قومۇلدىن چىققانلىقىمىزنى، كېلىشتىكى مەخسىتىمىزنى قەغەزگە يېزىپ ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئەزىز نىيازى دادىمىز خوش بولدى. ئۇ كۈنى ئەزىز نىيازى دادىمىز ساقسىز بولۇپ قالغاچقا، بالىلىرى ئۆيگە دوختۇر چاقىرتىپ ئاسما ئوكۇل سالدۇرماقچى ئىكەن. شۇڭا بىز ئېلىپ بارغان سوۋغا-سالاملىرىمىزنى قويۇپ، «بىز باشقا بىر كۈنى كېلەيلى» دەپ ئۇلار بىلەن خوشلۇشۇپ قايتىدىغان چاغدا ئەزىز نىازى دادىمىز بىلەن سۈرەتكە چۈشتۇق.

04.jpg

ئەزىز نىيازى پاكىستاندا ئولتۇرۇشلۇق قىزى گۈزەل بىلەن بىللە

1996-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى.

      ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ يەنە ئۈرۈمچىگە چىققىنىمدا ئەزىز نىيازى دادىمىزنى يوقلاپ باردىم. تىنچلىق سوراشقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا:«مەن قاسىم پالۋاننىڭ نەۋرىسى بولىمەن» دېۋىدىم، ئۇ خوش بولۇپ:«شۇنداقمۇ بالام سىز قەھرىمان-باتۇر كىشىلەرنىڭ پەرزەنتى ئىكەنسىز، مەن 1928-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە قومۇلدا تۇرغان. مەن قومۇلغا بارغان يىلى بوۋىڭىز قاسىم پالۋان ۋاڭ ئوردىسى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىكەن. ئۇ ئىگىز بوي، ئۇزۇن قارا ساقاللىق، ئاق يۈزلۈك، ئادەم زوقلىنىپ قارىغۇدەك كېلىشكەن كىشى ئىدى. مەن قومۇلدا تۇرغان ۋاقتىمدا سودا-سېتىق بىلەن شوغۇللىناتتىم. بىر كۈنى سودا بىلەن بازارغا چىققىنىمدا قاسىم پالۋانمۇ بازارغا چىققان ئىكەن. ئۇ مەندىن نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاچ پاراڭلىشىپ، مېنىڭ گەپ-سۆزلىرىمدىن مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيەگە ئىگە ۋە خەنزۇچە تىل–يېزىقنى بىلىدىغانلىقىمدىن خەۋەر تېپىپ مۇنداق دېگەن ئىدى:«ئۇكام ئۆزلىرى خەنزۇچە تىل-يېزىقنى بىلىدىكەنلا، مەن 1913-يىلىدىن 1920-يىلىغىچە گەنسۇ (甘肃)-چىڭخەي (青海) ئۆلكىلىرىدە تۇرغىنىمدا خەنزۇچە تىل-يېزىقنى ئۆگەنگەن. شۇ يىللاردا چېچىم ئۆسۈپ قالسا ساتراشخانىغا بېرىشنى بىئەپ كۆرۈپ، ئەينەككە قاراپ ئۇستۇرا بىلەن چېچىمنى ئۆزەم چۈشۈرەتتىم. مەن دۇنخۇاڭ (敦煌) دا تۇرغان مەزگىلدە ئاتا-ئانىسى بازارغا ساتقىلى ئېلىپ چىققان ئىككى ئوغۇل، بىر قىز خەنزۇ بالىنى بېقىۋالغان ئىدىم⑾. كېيىن ئانام بۈنىيازخان ھاجى (1856-1930)، ئىككىنچى ئاكام تاھىر ھاجى (1879-1937) بىلەن كەنجى ئۇكام ئابدۇگۈلى ئاخۇن (1891-1974) نى مېنى ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن دۇنخۇاڭغا ئەۋەتىپتۇ، مەن ئاكام تاھىر ھاجىغا:‹بۇ يەردە توپلاپ قويغان مال-مۈلكۈم بار⑿، يەنە ئۈچ نەپەر خەنزۇ بالىنى بېقىۋالغان. تۇرار جايىمغا بېرىپ بالىلار بىلەن مال-مۈلۈكلەرنى ئېلىۋېلىپ ئاندىن ماڭايلى› دېسەم. ئاكام مېنىڭ تەكلىپىمگە قوشۇلماي مەن بىلەن ئۇچراشقان يەردىن مېنى ئۇدۇل قومۇلغا قايتۇرۇپ چىقتى. مەن قومۇلغا چىقىپ ھازىرغا قەدەر ۋاڭ ئوردىسىدا ئىشلەپ كەلدىم. ئوردىدا شامەخسوت ۋاڭ (1849-1930) مېھمان قوبۇل قىلغاندا بەزىدە تەرجىمانلىق قىلىمەن. ئېغىزچە تەرجىمانلىق قىلىشتىن سىرت يېزىقچە تەرجىمە بىلەنمۇ شوغۇللىنىمەن. قەلەم ۋە ئۇستۇرىنى سول قولۇم⒀ دا تۇتىمەن. ھازىرمۇ چېچىمنى ئەينەككە قاراپ ئۆزەم چۈشۈرۈپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ يەنە سۇنۇقچىلىق ۋە تېۋىپچىلىقتىنمۇ خەۋىرىم بار. كۈندە ئۆيۈمگە كېسەل كۆرسىتىش، سۇنۇق تاڭدۇرۇش ئۈچۈن كېلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۆيىمىزدە چۆچۈرە ئەتمەكچى بولساق، ئىككى قولۇمغا ئىككى قىڭغىراقنى بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى تۇتۇپ گۆش ۋە پىيازنى بىر دەمدىلا قىيما قىلىپ تەييارلايمەن.
        ئايالىم رابىخان (1887-1962) بىلەن قىزىم زىلىخە ئاپپاق (1912-1987) خېمىرنى ئېچىپ (يېيىپ) بەرسە مەن تۈگىمەن، ئۇلار خېمىرنى ئېچىپ ئۈلگەرتەلمەيتتى. تاماق يىگەندە ئوڭ قولۇمدا يەيمەن. مېنىڭ ئاشقازان كېسىلىم بار، شۇڭا قورىغان گۆش ۋە قورۇما تاماقلارنى يىيەلمەيمەن، سۇدا پىشقان گۆش ياكى خام قىيمىداپ ئەتكەن تائاملارنى يەيمەن. ھازىر خەلقىمىزنىڭ ئىچىۋاتقىنى قارا تاختا چاي، ئىچكىرىسىدە تۇرغىنىمدا قارا تاختا چاينى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورۇنلارغا بېرىپ تازىلىقىنىڭ بەكلا ناچار ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، قارا چاينى ئىچمەيدىغان بولدۇم. قومۇلغا قايتىپ چىققاندىن كېيىن بەش ۋاق ناماز ۋە جۈمە نامازدا جامائەتكە:‹قارا تاختا چاينى ئىچمەيلى، تازىلىقى بەك ناچار ئىكەن›  دەپ كۆپ قېتىم تەشۋىق قىلغان بولساممۇ، ئۇزۇن زامانلادىن بۇيان قارا تاختا چاينى ئىچىپ كۆنۈپ كەتكەن خەلقمىزگە كار قىلمىدى، شۇڭا مەن ئادەتتە كۆك يوپۇرماق چاي ئىچىمەن. مەن كىچىكىمدىنلا قورالغا ئىشتىياق باغلىغاچقا ئۇستا مەرگەن بولۇپ يېتىشىپ چىققان، شۇڭا كىشىلەر مېنى ‹قاسىم پالۋان› دەپ ئاتايدۇ...› دېدى. ئۇ قايتىدىغان چاغدا ‹ئۇكام ۋاقىتلىرى بولسا ئۆيگە بارسىلا، شەھەر ئىچىدىكى ساڭخىي مەھەللىسىدە ئولتۇرۇمەن، ئۆزلىرى ئۆيگە بارغاندا كەڭ-كۇشادە سۆھبەتلىشەيلى› دەپ خوشلىشىپ كېتىپ قالدى. كېيىن مېنىڭ قاسىم پالۋاننىڭ ئۆيىگە بارىدىغانغا پۇرسەت بولمىدى» دېدى. بۈ قېتىم مەن «قومۇل شەھرىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» دىن بىر يۈرۈش (1-ساندىن 4-سانغىچە) ئالغاچ چىققان ئىدىم. ئۇنىڭغا:«بۇ كىتابلارنى سىزگە ئالغاچ چىقتىم» دېدىم، ئۇ كىتابلارنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ ماڭا رەھمەت ئېيتتى. مېنىڭ ۋاقتىم توشۇپ قايتماقچى بولىۋىدىم، ئۇ:«بالام بىز ئوبدان تونۇشۇپ قالدۇق، ۋاقتىڭىز چىققاندا يەنە كېلىڭ، سىز كەلسىڭىز مەن خۇش بولىمەن» دېدى.
          ئارىدىن 20 نەچچە كۈن ئۆتۈپ يەنى 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى چوڭ ئوغلۇم ئابدۇغوپۇرجاننى ئېلىپ ئۈچىنچى قېتىم ئۈرۈمچىگە چىققىنىمدا ئەزىز نىيازى دادىمىزنى يوقلاپ باردىم. مەرھۇم بىزنى كۆرۈپ خوش بولۇپ كەتتى. ئۇ «ئوغلۇم ئوبدان كەپسىز، بۈگۈن روھى-ھالىتىم ياخشى، ئىككىمىز ئوبدان سۆھبەتلىشەيلى، سىز يېزىقچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىكەنسىز. سورايدىغان سوئاللىرىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ، مەن ئۆزەمنىڭ بىلگەنلىرىمنى سۆزلەپ بېرىمەن» دېدى. ئۇ كۈنى ئۇنىڭ پاكىستاندا ئولتۇرۇشلۇق قىزى گۈزەل دادىسىنى يوقلاپ كەلگەن ئىكەن، ئۇمۇ بىز بىلەن بىللە سۆھبەتتە بولدى. مەن ئۇنىڭغا:«مەن سىزنىڭ ‹شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى› نىڭ 27-سانىغا بېسىلغان ‹ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئەھۋالىمدىن قىسقىچە ئەسلىمە› ناملىق ئۇزۇن ماقالىڭىزنى ئۇدا بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. ماقالىدا قومۇلغا دائىر مۇھىم بايانلار بار ئىكەن» دېدىم. ئۇ:«شۇنداق بالام، ئۇ ئۇزۇن ماقالە مېنىڭ ھاياتىمدىكى كەچۈرمىشلىرىم. ماقالىنىڭ ئەسلى ئارگىنالى ئۇزۇن ئىدى، تەھرىرلەر تەھرىرلىگەندە قىسقارتىپ تاشلاپتۇ» دېدى. مەن يەنە ئۇنى ئۆزىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدىم. ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن:
          «بولىدۇ بالام مەن سىزگە سۆزلەپ بېرەي بۇ بەك ئۇزۇن تارىخ، بۇ يىل مەن 91 ياشقا كىردىم، ياشىنىپ قالدىم. ‹شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى› نىڭ 27-سانىغا بېسىلغان ماقالەمدە بايان قىلىنغاندەك، مەن 1905-يىلى ھازىرقى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ماناس ناھىيەسىدە كىچىك تىجارەتچى ئائىلىدە تۇغۇلدۇم. مېنىڭ بوۋام (دادامنىڭ دادىسى) مەشۇق خوجا (موللا مەشۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھازىرقى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ئاتۇش شەھرىنىڭ ئازاق يېزىسى (ئاستىن ئاتۇش) تېتىر كەنتىدىن، مومام (دادامنىڭ ئانىسى) مەمۇدىخانمۇ بوۋام بىلەن بىر كەنتلىك بولۇپ، بوۋام مەشۇق خوجا يۇرت ئاتلاپ تىجارەت قىلىدىغان كىشى بولغاچقا، ئۇ ياش ۋاقتىدا ئايالى مەمۇدىخان بىلەن ئاتۇشتىن ھازىرقى تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن يېزىسىغا كېلىپ، بىر قانچە يىل تىجارەت بىلەن شوغۇللانغاندىن كېيىن قومۇلغا بېرىپ تىجارەت قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىكەن. دادام نىياز ئاخۇن ۋە كىچىك ئانام مەلىكىخان لۈكچۈندە تۇغۇلغان بولۇپ، بوۋام مەشۇق خوجا قومۇلدا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، چوڭ ئانام مەمۇدىخان كورلىدىن قومۇلغا قاسساپچىلىق قىلىپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان كېپەكباي ئىسىملىك كىشىگە ياتلىق بولغان ئىكەن. دادام ئۆگەي دادىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنى خالىماي ماناسقا بېرىپ، ئىلگىرى تىجارەت بىلەن ماناسقا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئاتا تەرەپ تۇققانلارنىڭ ياردىمىدە كىچىك تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىپ، كېيىنچە ئانام ئايسىخان (توقسۇنلۇق) بىلەن توي قىلغان ئىكەن. دادام نىياز ئاخۇن مەن ئون ياشقا كىرگەن يىلى (1915-يىلى) 40 يېشىدا ماناستا ۋاپات بولدى. بىز مەن، مەلىكىخان، زىلەيخان، بۈخەلىچەم، يەنە بۈخەلىچەم⒁ قاتارلىق بەش بالا بولۇپ، مەن بالىلارنىڭ چوڭى ئىدىم. مەلىكىخان غۇلجىدا، زىلەيخان ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولۇپ كەتتى. ئانام 27 يېشىدا دادامدىن تۇل قالغاندىن كېيىن قۇربان ئاخۇن ئىسىملىك قاسساپچىلىق قىلىدىغان كىشىگە ياتلىق بولدى. ئانام ئۆگەي دادام قۇربان ئاخۇندىن ئايشەمخان، ھەلىمىخان، زەينەپخان، سۇلايمان ۋە ئابدۇكېرىمجان قاتارلىق ئۈچ قىز ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. كىچىك ئىنىم ئابدۇكېرىمجان 1944-يىلى  8-ئايدا 17 يېشىدا ئالتايدا ئوسمان ئىسلام (1889-1951) باندىتلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتتى. ئايشەمخان ۋاپات بولۇپ كەتتى. ھازىر زەينەپخان⒂، ھەلىمىخان، سۇلايمان⒃ لار غۇلجىدا. مەن ئۆگەي دادامنىڭ قاسساپچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىش بىللە تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىپ، 1928-يىلىغىچە ماناستا تۇردۇم.     
     1928-يىلى كۈز ئايلىرىدا مەن دادامنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن مومام  مەمۇدىخاننى يوقلاپ قومۇلغا بېرىپ مومام بىلەن دىدارلاشتىم. قومۇلدىكى تۇققانلار مېنىڭ قايتىشىمغا رۇخسەت قىلماي دادامنىڭ سىڭلىسى مەلىكلىخاننىڭ قىزى زورىخانغا ئۆيلەپ قۇيدى،
     شۇنىڭ بىلەن 1937-يىلىغىچە قومۇلدا تۇرۇپ قالدىم. قومۇلدا قېينى ئاتام ئابدۇرېھىم ئاخۇن (رېھىم كوسا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، قومۇل بەش شەھەر⒄ ئون ئىككى تاغ⒅ لارغا بېرىپ تىجارەت بىلەن شوغۇللاندىم يەنە تىجارەت بىلەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيې شەھرى(甘肃省张掖市) قاتارلىق يۇرتلارغا باردىم. مەن زورىخاندىن غولام، ھەبىبۇللا، ئامىنەم قاتارلىق ئىككى ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان ئىدىم. ئىككى ئوغلۇم كىچىك ۋاقتىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولۇپ كەتتى، قىزىم ئامىنەم⒆ ئۈرۈمچىدە خىزمەتتە بولۇپ، ھازىر پېنسىيەگە چىقتى. 1937-يىلى مەن جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە  قامالغاندىن كېيىن، قېينى ئانام مەلىكىخان⒇ كىشىلەردىن مېنى ‹جاللات شېڭ شىسەي تۈرمىدە ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ› دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئايالىم زورىخان باۋۇدۇن ساۋۇق (1887-1991) ئىسىملىك باشقا ئەرگە ياتلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن مۇھەممەت، زىرىپەم، ھەمىدەم، زىۋىدەم، سادەتخان، راشىدىن قاتارلىق ئىككى ئوغۇل، تۆت قىز پەرزەنتلىك بوپتۇ. زورىخان ھازىر قومۇلدا(21).     
     ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ، يەنى 1931-يىلى ئەتىيازدا قومۇل خەلقىنىڭ جىن شۇرېن (1879-1941) نىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كەڭ-كۆلەملىك دېھقانلار ئىنقىلابى قومۇل ئون ئىككى تاغنىڭ بىرى شوپۇلنىڭ دورغىسى سالى مەمەتنىياز (1887-1942) نىڭ رەھبەرلىكىدە باشلاندى. تاغدا قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن قومۇل شەھرىدىكى چېرىكلەر جىددىيلىشىپ، ھەر ئاخشىمى شەھەر-يېزىلاردىكى ئاھالىلارنىڭ ئۆيلىرىنى تەكشۈرۈپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ جان سانىنى تىزىملايتتى. مەن خەنزۇچە بىلگەچكە چېرىكلەر مېنى تەرجىمانلىق قىلىشقا ئېلىپ باراتتى. ئەگەر بىر ئائىلىدە بەش جان بولۇپ، ئەتىسى تۆت جان بولۇپ قالسا چېرىكلەر ‹ئۆيۈڭدىن بىر ئادەمنى تاغدىكى ئوغرىلارنىڭ ئىچىگە قاچۇرۇۋېتىپسەن› دەپ ئائىلە باشلىقىنى جازالايتتى. 1931-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆلكە رەئىسى جىن شۇرېن قومۇلدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا دەسلەپكى قەدەمدە ئەۋەتكەن شيۇڭ فايۇ (熊发友، 1891-1932) باشچىلىقىدىكى 500 نەپەر چېرىك 5-ئاينىڭ 7-كۈنى  قومۇلغا يېقىنلاپ قالىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مەن كىشلەردىن ئاڭلىشىمچە بوۋىڭىز قاسىم پالۋان شيۇڭ فايۇ چېرىكلىرىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، 7-چېسلا كەچ ئۆزى يالغۇز سىڭىرقۇم (تۇسقا)، ياقا مەھەللە قاتارلىق جايلاردا شيۇڭ فايۇ چېرىكلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ يۆتكىلىپ يۈرۈپ بىر كېچە جەڭ قىلىپ، چېرىكلەرنى زور زىيانغا ئۇچراتقان ئىكەن. ئەتىسى (8-چىسلا جۈمە) تاڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ يالغۇزلىقىنى بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن قايتىپ كېتىىپتۇ. شۇ كۈنى ئارايۇلتۇز (شىڭشىڭشيا-星星峡) قوراۋۇل (چازا-卡子) دىكى ھۆكۈمەت چېرىكلىرىنىڭ پولك كوماندىرى جاڭ يۈشيۇ (张毓秀) ما جۇڭيىڭ (马仲英، 1909-1940) نىڭ قومۇلغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىگە چۈشۈپ، بۇيرۇققا بىنائەن 500 كىشىلىك قۇشۇننى باشلاپ قومۇلغا چېكىنىپ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان قاسىم پالۋان، ھەرقايسى تاغلاردىكى دورغىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ جاڭ يۈشيۇ چېرىكلىرىنىڭ ئالدىنى توسۇپ زەربە بېرىش پىلانىنى تۈزۈگەندىن كېيىن، شۇ كۈنى شەرق تەرەپكە يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئەتىسى (9-چىسلا شەنبە) قاسىم پالۋاننىڭ قارىمۇقچىدىكى جەڭدە قۇربان بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. قاسىم پالۋانلار كەتكەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن شيۇڭ فايۇ چېرىكلىرى قومۇلغا كېلىپ كونا شەھەر (لوچىڭ-老城) دىكى چېرىكلەر بىلەن بىرلىشىۋالدى. ئەتىسى شيۇڭ فايۇ بىر قىسىم چېرىكنى باشلاپ زەمبىرەكلەرنى ئېلىپ شەرققە-قارىمۇقچا تەرەپكە كەتتى. كېيىن كىشىلەردىن ئاڭلىسام، ئۇلار قىزىل يۇلغۇن مەھەللىسى(22) دىن ئۆتۈپلا قارىمۇقچا تەرەپكە قارىتىپ زەمبىرەك ئېتىپ بېرىپ، قاسىم پالۋانلار قورشاپ زەربە بېرىۋاتقان جاڭ يۈشيۇ چېرىكلىرىگە ياردەم بەرگەندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار شىمالغا-تاققا چېكىنىپ كېتىپتۇ. شيۇڭ فايۇ قارىمۇقچىغا بېرىپ قاسىم پالۋاننىڭ جەسىدىنى چوڭ يولدىكى ھارۋىنىڭ يېنىدىن تېپىۋېلىپ، بېشىنى كېسىپ قومۇلغا ئەكىلىپ كونا شەھەر دەرۋازىسىغا ئاستى. يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ‹يۈرەكلىك ئادەملەرنىڭ يۈرىكىنى يىسە ئادەم يۈرەكلىك بولىدۇ› دەپ قاسىم پالۋاننىڭ يۈرىكىنى قازاندا قورۇپ شيۇڭ فايۇ باشلىق چېرىكلەر ھەر بىرى بىر چىشلەمدىن يەپتۇ. شيۇڭ فايۇ قومۇل خەلقىنى قانلىق باستۇرغان ئەشەددى جاللات. ئۇ 1932-يىلى 2-ئايدا پىچاندىن تۇرپانغا كېتىۋېتىپ ماشىنىسىنىڭ سۈيى تۈگەپ قېلىپ، 23 ئادىمى بىلەن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ قولىغا تىرىك چۈشكەندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار ئۇنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويۇپ، ئۆزىنىڭ گۈشىنى ئۆزىگە يىگۈزۈپ ئۆلتۈرىۋەتتى(23)›. مېنىڭ ئەينى يىللاردا 1931-يىلىدىكى قومۇل دېھقانلار  قوزغىلىڭى توغرىسىدا يازغان كۈندىلىك خاتىرەم بار بولۇپ، بۇ خاتىرەمدە قارىمۇقچا جېڭى ۋە قومۇلدىكى بارلىق جەڭلەرنىڭ تەپسىلى جەريانى ۋە يىل ئاي كۈنلىرى تولۇق خاتىرىلەنگەن ئىدى. كېيىن بۇ كۈندىلىك خاتىرەم جاللات شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە مۇسادىرە قىلىنىپ كەتتى.
      قومۇلدىكى ئۇرۇش ئۇدا داۋاملىشىپ، 1933-يىلى 3-ئايغا كەلگەندە قومۇل-تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى بىرلىشىپ پىچان، تۇرپان، مۇرى، جىمىسار ۋە گۇچۇڭ قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇش قىلدى. جىمىساردىكى ئۇرۇشتىن كېيىن ما جۇڭيىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى ئوتتۇرىسىدا قورال-ياراق تالىشىش ماجراسى يۈز بېرىپ، ھاجى ما جۇڭيىڭدىن ئاغرىنىپ ‹مەن بۇ تۇڭگاندىن قولۇمنى جەينىكىمگىچە يۇۋاتتىم› دەپ جاللات شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشتى...كېيىنكى ئۇرۇشلارنى سۆزلىمىسەممۇ بولار، چۈنكى بۇ ئۇرۇشلار توغرىلۇق ‹شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى› ۋە ھەر قايسى شەھەرلىك، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى خىزمەت كومىتېتلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن‹تارىخ ماتېرىياللىرى› نىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرىدا ھەمدە مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹ئويغانغان زېمىن› (1-ۋە 2-قىسىم) ناملىق تارىخى رومانلىرىدا تەپسىلى مەلۇماتلار بېرىلدى›. گومىنداڭ دەۋرى ۋە ئازاتلىقتىن كېيىنكى ئىشلار توغۇرلۇق ئەسلىمەمدە مەلۇمات بەردىم» دەپ سۆزىنى ئاياقلاشتۇردى.
    مەن ئۇنىڭدىن يەنە:«سىز ھاشىم ھاجى، قادىر ھاجى ۋە سېيىت ھاجىلارنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇلارنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ستالىن (1879-1953) شېڭ شىسەيگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتكەن ئادەملەر دەپ ئاڭلىدۇق، يولۋاس قانداق ئادەم ئىدى؟» دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ:
      «بالام ئەينى ۋاقىتتا ستالىن جاللات شېڭ شىسەينىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمىگەچكە ئەكسىچە ئۇنى قوللاپ، ‹قان ئىچەر ئۈچ ھاجى› دەپ سېسىق نامى پۈتۈن شىنجاڭغا پۇر كەتكەن قانخور جاللاتلارنى شىنجاڭغا-جاللات شېڭ شىسەيگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتكەن ئىدى. مەن ھاشىم ھاجىنى دەسلەپ قومۇلدا، كېيىن ئۈرۈمچىدە كۆردۈم. سېيىت ھاجى بىلەن قادىر ھاجىنى ئۈرۈمچىدە كۆرگەن. سېيىت ھاجى ئۈرۈمچىدە ئىشلەيتتى، قادىر ھاجى قەشقەردە بولسىمۇ دائىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇراتتى. بۇ قانخور ئۈچ قاسساپ شىنجاڭغا كېلىپ شېڭ شىسەينىڭ  كەتمىنىنى چېپىپ، 120 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەتتىن بولغان تەرەققىپەرۋەر كىشىلەر، زىيالىيلار، دىنىي زاتلار، سودىگەرلەر...مۇشۇ قانخور قاسساپلار ۋە ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى قول-چومىقى، غالچىسى بولغان ھوشۇر مۇسا (1915-1984)، شاۋاز (1917-1951) غا ئوخشاش قانخور جاللاتلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ئەڭ قەبىھ، ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قىين-قىستاققا ئېلىنىپ، ئۇلاردىن 80 مىڭدىن ئارتۇقى مۇشۇ قانخور جاللاتلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ھايات قالغانلارمۇ تۈرمىدە قەبىھ، ۋەھشى قىيىن-قىستاققا ئېلىنغاچقا ئۇزۇن ياشىيالمىدى. مەن بۇ ‹قان ئىچەر ئۈچ ھاجى› نىڭ شىنجاڭدىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ۋە يولۋاسنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ماقالەمدىكى ‹قومۇلغا ئىككىنچى قېتىم بېرىشىم› ناملىق ماۋزۇدا قىسقىچە بايان قىلدىم، سىز مېنىڭ ئاشۇ ئەسلىمەمنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭ» دەپ تەكلىپ بەردى. مەن قومۇلغا كېلىپ ئەزىز نىيازىنىڭ ئەسلىمىسىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. ئۇ «قان ئىچەر ئۈچ ھاجى» ۋە يولۋاسقا تۆۋەندىكىدەك باھا بەرگەن:
«ھاشىم ھاجىنىڭ ئەسلى ئىسمى مەنسۇر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەرقايسى ئورۇنلارغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشتە ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان ۋە تۈرلۈك قىياپەتلەرگە كىرىۋالىدىغان ھىيلىگەر رەڭۋاز ئىدى. ئۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان مەككار بولۇپ، ئۇنىڭ قىياپىتى ۋە جادۇگەرلىك سىماسى، قارا چىراي، سوقا يۈزلۈكى، چىقىر خۇنخۇر كۆزلىكى، ئۇنىڭ قارا يۈرەكلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. 42 ياشلارغا كىرگەن بۇ ئادەم سوۋېت تۇپرىقىدا ئۆسۈپ، جامائەت خەۋىپسىزلىكى (ئامانلىق ساقلاش) بۆلۈملىرىدە ئىشلەپ تېررورلۇق قىلىش بىلەن مەرتىۋىگە ئېرىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە قاتارلىق جايلىرىدا نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ قېنىنى تۆككەن ھەم كۆپلىگەن ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلغانلارنىڭ بىرى ئىدى.

05.jpg

        1935-يىلى 5-ئايدا شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۈچ نەپەر ژاندارما خادىمى بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇلاردىن بىرسى، سېيىت ھاجى ئۈرۈمچى جامائەت خەۋىپسىزلىكى باشقارمىسىدا پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن ئىشلىدى. ئىككىنچىسى، ھاشىم ھاجى قومۇلدا يولۋاسنى قولغا ئېلىش شۇنىڭدەك قومۇل خەلقى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئادەملەرنى يوقىتىش ئۈچۈن قومۇلغا كەلدى. ئۈچۈنچىسى، قادىر ھاجى دېگىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا خۇسۇسەن مامۇت شىجاڭنى قولغا چۈشۈرۈش، يوقىتىش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىگە بۆلۈم باشلىقى ئەمەلىيەتتە ئىدارە باشلىقى بولۇپ بېرىپ ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ قەشقەر خەلقىغە يەتكۈزگەن دەھشەتلىك قىلمىشلىرى ئېيتىپ تۆگەتكۈسىزدۇر. ئۇ قانچە يۈزلىگەن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئاتا-بالا ۋە ئانىلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ، مال-مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلدى. بۇ ھەقتە قەشقەردىن قولغا ئېلىنىپ كەلگەن ئابدۇراخمان خالىقنىڭ ئېيتىشىچە قەشقەر كوچىسىغا چاپلانغان بىر كۇبلىت شېئىردا مۇنداق دېيىلگەن:
                       كاشىغار چۇمباستا يۇرتۇم ھاشىم ھاجى ئوغلىمەن،
                       كۆرۈنۈشتە سۇپى ئەمما باتىنىمدىن ئوغرىمەن.
                       ئۆلتۈرۈش سەنئەتكە تولغان قانخۇمار كەسپىم مېنىڭ،
                       كىم ماڭا ئىشىڭ خاتا دېسە جاۋابىم توغرىمەن.
  مانا قادىر ھاجىمنىڭ قەشقەر خەلقىغە قىلغان زىيانكەشلىكى، كۈشەندىلىكى پۈتۈن شىنجاڭغا ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئاللىقاچان مەلۇم بولغان.
  ئەمدى بىز ھاشىم ھاجىنىڭ قومۇلغا كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىدىكى ئىپلاس قىياپىتىگە كەلسەك، ئۇچىسىغا كىيگىنى ئالا يوللۇق ئالدى ئوچۇق ئۇزۇن چاپان، بېشىدا ھەرەمنىڭ سېرىق سەللىسى، پۇتىدا مەسە-كالاش، كۆرۈنۈشى كەمتەر، يەنە بىر تەرەپتىن زاھىت-سوپى، ئۆيىنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز تامغا ئېسىقلىق قۇرئان جىلىتكىسى ھەمدە تامغا نەقىشلەپ يېزىلغان ئايەتلەر كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. بەشۋاق نامازدا جامائەت بىلەن بىللە بولۇپ، مەسچىتكە بۇرۇن كىرىپ، كېيىن چىقىشتەك ئۇستىلىقى بىلەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۆزىگە دام قىلىپ ماتېرىيال توپلاشقا كىرىشىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، ھاشىمنىڭ قومۇل ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىگە كېلىشىدە كۆرۈنۈشتە ئۇ بۆلۈمچە باشلىقى (گۇجاڭ-股长) بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى. ئۇ كېلىپ بىر ئاي ئىچىدىلا باش قارا قوللۇق ۋەزىپىسىنى زېممىسىگە ئالىدۇ. بۇ جەرياندا قومۇل شەھرى، بەش شەھەر، 12 تاغ دائىرىسىنى جاسۇسلۇق تورى بىلەن قاپلاپ بولىدۇ.
  ئۆتكەن تارىختىن تارتىپ ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە قاتناشقان ۋە ياردەم بەرگەن ئادالەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرىنى، دورغا، بەگ، غوجا، خىزمەتچىلەرنى، شۇنىڭدەك شەھەر ئىچىدىكى يۇرت مۆتىۋەرلىرى ھەم دىنىي زاتلار ۋە زىيالىي، تىجارەتچى قاتارلىق نەچچە يۈزلىگەن ئادەملەرنى قولغا ئېلىپ ئۈرۈمچىگە يوللاشتەك رەزىل ئىشلارنى قىلدى. شۇنىڭدەك نەچچە يۈزلىگەن خەلقنى ناھەق ئۆلتۈرگۈزدى ۋە ئىزسىز يوقاتتى.
     جاللات شېڭ شىسەينىڭ ھاشىم ھاجىنى قومۇلغا ئەۋەتىپ، يولۋاسنى قولغا چۈشۈرۈش مەقسىتى كىتابخانلارغا ئېنىق بولسىمۇ، بۇ ھەقتە مەن يەنە ئازراق توختىلىپ ئۆتىمەن.
  يولۋاسنىڭ 1930-يىللاردىكى ياش قورامى قىرىق بەشلەردە بولۇپ، ساقاللىق، ئېگىزگە مايىل، ئاق چىراي ئادەم بولۇپ، ئۆتكۈر زېھنىلىك، جىددى، مۇھاپىزىتى كۈچلۈك ئادەم ئىدى. خەنزۇ تىلىغىمۇ خېلى ئۇستا بولۇپ جىن شۇرېن، شېڭ شىسەيدىن كەلگەن خەنزۇچە تېلېگراممىلارنى تۇڭ فامىلىلىك كاتىپى ئوقۇپ بەرسىلا شۇ ھامانلا چۈشىنەتتى ۋە جاۋابىنىمۇ خەت بويى ئېيتىپ بېرەتتى. گارنىزون قوماندانى بولۇشتىن بۇرۇنقى تارىخىغا كەلسەك، شاماخسۇت ۋاڭ دەۋرىدىمۇ شامەخسۇتنى قايىل قىلدۇرۇپ كەلدى. ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ھۆكۈمرانى بولغان تەيجىلەرنى كۆرۈنۈشتە ھۈرمەت قىلغاندەك بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى كۆزىگىمۇ ئىلمايتتى. ئۇ ۋاقىتتىكى خىزمىتى ۋاڭنىڭ تايانچ بەگلىرىنىڭ ئالدىنقىسى، ۋاڭنىڭ تەرجىمانى، شەنجاڭ، ئوردا تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن قوشۇمچە بازار بېگى ئىدى. كېيىنكى كۈنلەردە بولسا قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ھوقۇقلۇق باشلىقى بولۇش بىلەن ما جۇڭيىڭغىمۇ ياردەم قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا شېڭ شىسەيگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قومۇل، باركۆل تاغلىرىدىكى قوراللىق، قورالسىز قازاقلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھەربىي كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، گارنىزۇن قوماندانلىق ھۆكىمى ئاستىدا شېڭ شىسەينىڭ قومۇلغا ئەۋەتكەن قوشۇنى يەتتە قۇدۇققا كەلگەندە قوشۇننىڭ قومۇلغا كېلىشىگە قارشى چىقىپ، ئارقىغا چېكىندۈردى. بۇ ئەھۋاللاردىن شۇ ۋاقىتتا خەۋەر تېپىپ تۇرغان شېڭ شىسەي يولۋاسقا قارىتا تۈرلۈك ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىشكە كىرىشىپ، ئارقىمۇ ئارقا سوۋغا-سالام ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
      بىر قېتىم مەن بۇ ئەھۋالنى ئۆ كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم: توختاخۇن بىلەن ئىككىمىز يولۋاسنىڭ ھويلىسىدا تۇرغىنىمىزدا يولۋاس ھەربىيچە كىيىنگەن ھالدا كىرىپ كەلدى. بۇ چاغدا توختاخۇن:‹سىلىڭنىڭ ھەربىيچە كىيىمى تازا يارىشىپتۇ›-دېدى. مەنمۇ قوشۇمچە قىلىپ:‹راست يارىشىپتۇ، مۇبارەك بولغاي›-دېدىم. يولۋاس شۇ چاغدا كۈلۈپ قويۇپ:‹دۇبەن جانابلىرى ئالدىدا پۇتۇمغا ئۆتۈك ئەۋەتتى، ئارقىسىدىن ئۇجاڭدەي (پورتۇپىيە-قىلىچ ۋە يان قورال ئاسىدىغان قېيىش) بىلەن پاگۇن ئىلتىپات قىپتۇ، بۇ ئىلتىپات ئۆرلەپ باشقا يېقىن كېلىېۋاتىدۇ›-دېدى ئۇ. ئۇنداق كۈلۈشى‹يولۋاسنىڭ ھىجايغىنى، كۈلگىنى ئەمەس›-دېگەن تەمسىلنىڭ ئۆز ئەينى ئىدى. بىز ‹باشلىرىنى خۇدايىم ساقلايدۇ سىلىڭ›-دېدۇق. ئاخىرىدا دۇبەن يولۋاسنى ئۈرۈمچىگە چىقىش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىپ بىر قانچە تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ. ئەمما يولۋاس بۇ تورغا چۈشمەي ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغلى ياقۇپبەگنى ئەۋەتىدۇ. دېمەك يولۋاس سىياسىي ھىيلىگەرلىكتە بىر قولىدا ئوت، بىر قولىدا سۇ كۆتۈرىدۇ. ئۇ بىر يۇمىلىنىپ دىنىي زات، بىر يۇمىلىنىپ كوممۇنىىست بولىۋېلىشتەك خۇسۇسىيەتكە ماھىر ئىدى. يەنە كېلىپ قومۇلنىلا ئەمەس، بەلكى شىنجاڭغىمۇ مۇستەقىل ھاكىم بولۇشتەك سۇيقەستلىك غەرەزدىن خالى ئەمەسلىكى سۆز ھەرىكىتىدىن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
     شېڭ شىسەي بۇنداق خەۋپلىك يولۋاسنى تورغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ھاشىم ھاجىدەك ئۇستا ئوۋچى ئاپشاركىلارنى تەكلىپ قىلىپ قومۇلغا ئەۋەتتى، ھاشىم ھاجى قومۇلغا كېلىپ ئالدى بىلەن يولۋاسقا يېقىنلىشىپ ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تۈرلۈك ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلەتتى. ئەمما ئۇ ھەرقانچە نەيرەڭ ئىشلىتىپمۇ يولۋاسنى قولغا چۈشۈرەلمىدى. ئاخىر ئۆزى مەغلۇپ بولۇپ، قومۇلدىن ھىمايەت ئاستىدا قېچىپ قۇتۇلدى. ئاخىرىدا يولۋاس جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى جاسۇسلىرىنىڭ قولىغىمۇ چۈشمەي، ھەتتا كېيىنكى ۋاقىتتا خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىگىمۇ تەسلىم بولماي قېچىپ يۈرۈپ، ئۆزىنى تەيۋەندىكى جياڭ جيىشىنىڭ قوينىغا ئاتتى...».
  مەن ئۇنىڭدىن يەنە:«سىز نىياز دېھقاننى كۆرگەنمۇ» دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ:
    «كۆرگەن بالام، ئۇ كىشى قاسىم پالۋاننىڭ ئاكىسى بولىدۇ، ئۇ 1931-يىلىدىكى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىدىكى ئاساسلىق كىشىلەرنىڭ بىرى، خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى. مەن قومۇلغا كېلىپ سودا-سېتىق بىلەن قالىغايتىغا چىققىنىمدا نىياز دېھقان بىلەن كۆرۈشكەن، چۈنكى ئۇ شۇ يىللاردا سودا-سېتىق بىلەن شوغۇللانغاچقا، قومۇلدىكى چوڭ خۇيزۇ سودىگەر ما چاڭلىن ھاجى (24) ۋە سىدىق ھاجى (1875-1933) قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سودا-سېتىق ئىشلىرىدا ئالاقىسى بار ئىكەن. شامەخسۇت ۋاڭ ئۇنى قالىغايتىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى كەرۈ(25) قىر دېگەن جايدىكى ۋاڭ ئوردىسىغا قاراشلىق يەرلەرنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلغان ئىكەن. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ‹نىياز دېھقان›(26) دەپ ئاتايدىكەن. نىياز دېھقان تۇرسۇن ئاخۇن ۋە توقسۇن ئاخۇن (كىچىك ئاخۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قاتارلىق ئىككى ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە قومۇلدىكى بارلىق جەڭلەرگە قاتناشتى، كېيىن پىچان-تۇرپانلارغا بېرىپ، ئۇ يەرلەردىمۇ نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقانلىقىنى ئاڭلىدىم. 1933-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خوجىنىياز ھاجى شېڭ شىسەي ئوتتۇرىسىدا ‹جىمىسار بېتىمى› ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئۇ ‹ھاجى قاراپ تۇرۇپ بۆرە بىلەن بىرلەشتى، ما جۇڭيىڭنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشنى بىلمىدى› دەپ ھاجىدىن ئاغرىنىپ قومۇلغا قايتىپ كەلگەن ئىكەن.  1938-يىلى 10-ئايدا نىياز دېھقان خائىنلارنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ دەسلەپ قومۇل، كېيىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە قامالدى. مەن نىياز دېھقاننى ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە كۆرگەن ئىدىم. كېيىن ئۇنى ‹تۈرمىدە ئەمگەك قىلىۋاتقان يەردىن پۇرسەت تېپىپ قېچىپ كېتىپتۇ› دەپ ئاڭلىدىم» دېدى.  
       مەن ئۇنىڭدىن يەنە:«سىز خوجىنىياز ھاجىغا قانداق قارايسىز» دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ تۆۋەندىكىدەك جاۋاپ بەردى:
  «1931-يىلى ئەتىيازدا قومۇل خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كەڭ-كۆلەملىك دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىدى. ئىككىنچى يىلى (1932-يىلى) 6-ئايدا ئېچىلغان ‹تاراتى يىغىنى› دا خوجىنىياز ھاجى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى بولۇپ سايلاندى. قومۇلدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردا ھاجى باتۇر-قەيسەرلىكى، مەرگەنلىكى بىلەن ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىپ ئۇرۇشلارغا توغرا قوماندانلىق قىلىپ زور غەلىبىلەرنى قولغان كەلتۈردى. شۇڭا قومۇلدا تۇرۇشلۇق ليۇ شىزېڭ (刘希曾) قاتارلىق ھۆكۈمەت چېرىكلىرىنىڭ باشلىقىلىرى خوجىنىياز ھاجى قوماندانلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى قورال كۈچى بىلەن يوقىتىشقا كۆزى يەتمەي، ئاخىر ھىلە-مىكىر ئىشلىتىپ ھاجىنى قومۇلغا سۆھبەتكە تەكلىپ قىلدى، ھاجى قومۇلغا كېلىپ، ليۇ شىزېڭ، شيۇڭ فايۇ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈزگەندىن كېيىن‹مەن تاققا چىقىپ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئادەملىرىمنىڭ قولىدىكى قورال-ياراقلارنى يىغىپ سىلەرگە تاپشۇراي› دەپ تاققا قايتىپ چىقىپلا:‹سەنلەرگە تەسلىم بولۇپ قورال-ياراق تاپشۇرىدىغان خوجىنىياز تېخى تۇغۇلمىدى› دەپ ئۇرۇشنى باشقىدىن باشلاپ، پۇقرالارنىڭ ھىمايىسىگە سازاۋەر بولغان ئىدى. 1933-يىلى 3-ئايدا قومۇل-تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى بىرلەشكەندىن كېيىن قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ كۈچى تېخىمۇ زورايدى. مۇشۇنداق پەيتتە يولۋاس (1889-1971) گەنسۇغا بېرىپ ما جۇڭيىڭنى 2-قېتىم شىنجاڭغا باشلاپ چىقتى. ما جۇڭيىڭ بۇ قېتىم ‹گومىنداڭ دۆلەت ئارمىيىەسىنىڭ 36-دىۋىزىيەسى› دېگەن نام، بىلەن شىنجاڭغا چىققان ئىكەن. ئۇ ھاجى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار بىلەن كۆرۈشۈپ كېڭەشكەندىن كېيىن، ھاجىلار جىمىسارغا، ما جۇڭيىڭ گۇچۇڭغا ھۇجۇم قىلماقچى بولۇپ، پۈتۈشكەن ئىكەن. گۇچۇڭ ۋە جىمىساردىكى چېرىكلەر ما جۇڭيىڭ ۋە ھاجىلارنىڭ قاخشاتقۇچ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئاخىر قورال تاشلاپ تەسلىم بولىدۇ. گۇچۇڭ ئۇرۇشىدا ما جۇڭيىڭنىڭ ئۇكىسى ماجۇڭجې (马仲杰، 1911-1933) ئىككى قولىغا ئىككى پىچاقنى ئېلىپ، پىچاقنى سېپىلنىڭ تېمىغا سانچىپ يۇقىرىغا يامىشىىپ چىقىۋاتقاندا كەينىدىن ئوق تېگىپ جېنىدىن ئايرىلغان ئىكەن. كېيىن تارىخى ماتېرىياللاردا بايان قىلىنغاندەك جىمىساردىكى ما لۈيجاڭ (马旅长) چېرىكلىرى كېچىدە تەسلىم بولۇپ، قورال-ياراقلارنى ئەتىسى تاپشۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ئىكەن. ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىق قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ما لۈيجاڭنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ چېرىكلەرنىڭ قولىدىكى قورال-ياراقلارنى ئەتىسى يىغماقچى بوپتۇ. بىراق سالى دورغا، نىياز دېھقان...قاتارلىق كىشىلەر ما لۈيجاڭ چېرىكلىرىنىڭ قولىدىكى قورال-ياراقلارنى دەرھال يىغىۋېلىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ، ھاجى‹جەڭچىلىرىمىز كېچە-كۈندۈز ئۇرۇش قىلىپ بەك چارچاپ كەتتى، قورشاۋدىكى چېرىكلەر ھېچيەرگە كېتەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى قورال-ياراقلارنى ئەتە ئەتىگەندە يىغساقمۇ بولىدۇ› دەپ ئۆز پىكرىدە تۇرغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن جىمىساردىكى چېرىكلەرنىڭ قولىدىكى قوراللارنى شۇ كېچىسى گۇچۇڭدىكى ما جۇڭيىڭ يىغىپ كېتىپتۇ(27). شۇنىڭ بىلەن ھاجى بىلەن ما جۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ ئىككىسى ئۆزئارا دۈشمەنلىشىپ ئىتتىپاقچىدىن رەقىپكە ئايلاندى. بۇ ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدىكى ھېلىگەر ئىككى يۈزلىمىچى پۇرسەتپەرەست جاللات شېڭ شىسەي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ستالىننىڭ كۆزىنى بوياپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن شېڭ شىسەينىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، بۇ جاللات ھاجى بىلەن ما جۇڭيىڭ ئوتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، ھاجىنى يېنىغا تارتىپ ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقچىسى قىلىۋالدى. مۇشۇ ۋاقىتتا ما جۇڭيىڭ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ھاجى بىلەن قايتا يارىشىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ ھاجى ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى.  1933-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ‹جىمىسار بېتىمى› دىن كېيىن ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتى قومۇل-تۇرپان قوزغىلاڭچى قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇبى شىنجاڭغا ماڭدى. ما جۇڭيىڭ قوشۇنى شېڭ شىسەي، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلەشمە ئارمىيەسىدىن مەغلۇپ بولۇپ جەنۇبى شىنجاڭغا چېكىنىپ، يول بويى ھاجىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئىككىلا تەرەپتىن نۇرغۇن ئادەم چىقىم بولدى. بۇ ۋاقىتتا ھىلىگەر شېڭ شىسەي ئۇرۇمچىدە تۇرۇپ ھاجى بىلەن ما جۇڭيىڭنىڭ تاماشىسىنى كۆردى.
      1934-يىلى 8-ئايدا خوجىنىياز ھاجى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ يالغان ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۈرۈمچىگە كېتىۋېتىپ يول ئۈستىدە تۇرپانغا كەلگەندە، مەن يولۋاسنىڭ تاپشۇرىقى بىلەن قومۇلدىكى سەدەنشا ئەلەم (1853-1947)، يۈسۈپ تەيجى (1864-1940)...قاتارلىق يۇرت چوڭلىرىنىڭ ھاجىنى ئۈرۈمچىگە بارماسلىق توغۇرسىدا نەسىھەت قىلىپ يازغان خېتىنى تۇرپانغا ئېلىپ چىقىپ ھاجىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولساممۇ، ئۇ يەنىلا ئىشپىيونلارنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، ئىلگىرى قومۇل-تۇرپاندا ۋە كېيىنكى كۈنلەردە شىنجاڭدا دەريا-دەريا قانلارنى ئاققۇزغان جاللات شېڭ شىسەينىڭ ئۇۋىسى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ‹مۇئاۋىن رەئىس› دېگەن قۇرۇق ئەمەلگە ئېرىشتى(28). كېيىن ما جۇڭيىڭ ستالىننىڭ، ھاجى جاللات شېڭ شىسەينىڭ قانلىق چاڭگىلىدا ھالاك بولدى».
       مېنىڭ ئەزىز نىيازى بىلەن يەنە سۆھبەتلەشكۈم بار ئىدى. بىراق 91 ياشلىق ياشانغان كىشى بولغاچقا ئۇ سۆزلەۋېتىپ بىر قانچە قېتىم دېمى سىغىپ ھاسىراپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭدىن داۋاملىق سۇئال سوراشقا بولمايتتى. مەن ئۇنىڭغا:«رەھمەت بۈگۈن ماڭا نۇرغۇن تارىخنى سۆزلەپ بەردىڭىز، سىزنى چارچىتىپ قويدۇم، مەن كېيىنكى قېتىم چىققىنىمدا يەنە سۆھبەتلىشەيلى» دەپ قايتماقچى بولدۇم. ئۇمۇ «بالام سىزگىمۇ  رەھمەت، مېنى دەپ ئالاھىدە قومۇلدىن كەپسىز، يەنە كېلىڭ، مەن ياشىنىپ قالدىم خۇدا بۇيرىسا يەنە كۆرۈشەرمىز» دېدى. مەنمۇ «خوش سىزنى خۇداغا ئامانەت» دەپ قايتتىم. بىراق ئەزىز نىيازى بىلەن بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشنىڭ ئاخىرقى قېتىمقى كۆرۈشۈش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى شۇ ۋاقىتتا ئويلىمىغان ئىكەنمەن. مەن قايتىدىغان چاغدا خاتىرە ئۈچۈن ئەزىز نىيازى دادىمىز بىلەن يەنە سۈرەتكە چۈشتۇق.
      مەن قومۇلغا قايتىپ كېلىپ 7-ئايدىن 10-ئايغىچە ئۈچ ئاي ئىدارىدە باشقا خىزمەتتە بولدۇم. 10-ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە چىققىنىمدا ئەزىز نىيازىنى يوقلاپ بارسام پۈتۈن ئائىلىسىدىكى پەرزەنتلىرى، ئاياللار ئاق ياغلىق سېلىۋالغان بولۇپ، مۇسىبەت بولغانلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى. پەرزەنتلىرى كۆز يېشى قىلىپ:«ئابلىمىت دادام 8-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇيۇقسىز بىزنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ، كېتىپ قالدى» دەپ قايغۇرۇپ يىغلىشىپ كەتتى. مەن ئاۋۋال پەتە قىلىپ، ئاندىن ئۇلاردىن ھال سوراپ تەسەللى بەردىم ھەمدە ئەزىز نىيازى دادىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى سورىدۇم. پەرزەنتلىرى جاۋابەن:«دادىمىز يىقىندىن بۇيان، ئىچى سۈرۈپ، تاۋى يوق بولۇپ قالغان. ئائىلە كارۋىتى قىلىپ ئاسما ئوكۇل ئسقۇزۇپ داۋالاتتۇق، ئەمما ئۈنۈم بولمىدى، 29-ئاۋغۇست تاڭ سەھەر دادىمىزنىڭ مىجەزىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇپ كېتىپ قالدى» دېيىشتى. مەن پەرزەنتلىرىگە: «ئۆلۈم تەبىئەتنىڭ قانۇنى، بۇنىڭغا ھېچ چارە يوق ئىكەن، ھەممىمىز سەۋرى قىلىشىمىز كېرەك» دەپ تەسەللى بەردىم ۋە «بىزبۇندىن كېيىن يەنە ئىزدىشىپ، بىر-بىرىمىزنى يوقلىشىپ تۇرايلى» دەپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم. كېيىن ئەزىز نىيازىنىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇدىر مۇخبىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان چوڭ ئوغلى رىشات ئاكا (ھازىر ئۈرۈمچىدە پېنسىيەدە) بىلەنمۇ تونۇشۇپ خۇددى ئاكا-ئۇكىلاردەك بولۇپ قالدۇق. بىزنىڭ بۇ مۇناسىۋىتىمىزدىن مەرھۇمنىڭ روھى خۇش بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
كېيىن رىشات ئاكا ماڭا:«ئۇكام مەن دادامنىڭ ‹شىنجاڭ تارىخ مېتېرىياللىرى› نىڭ 27-سانىغا بېسىلغان ئەسلىمىسىنىڭ قومۇلغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى ئايرىم ماقالە قىلىپ تەييارلاپ قويغان ئىدىم. سىز بۇ ماتېرىيالنى قومۇلدىكى مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز، دادامنىڭ بۇ ئەسلىمىسىنى قومۇلدىكى ئوقۇرمەنلەرمۇ ئوقۇپ پايدىلانغان بولسا» دەپ ماتېرىيالنى ماڭا بەردى. مەن ماتېرىيالنى قومۇلغا ئېلىپ كېلىپ «قومۇل شەھرىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى خىزمەت كومىتېتى» غا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، بۇ ئەسلىمە «قومۇل شەھرىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ 6-سانىدا «قومۇلدا ئۆتكەن كۈنلەر» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىندى.
        ھەش-پەش دېگىچە 15 يىل ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئەزىز نىيازى بىلەن پەقەت ئۈچ قېتىم كۆرۈشكەن بولساممۇ، ئۇ مېنىڭدە ئۇنتۇلغۇسىز چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان گەپ-سۆزلىرى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلايدۇ. شۇڭا ئەزىز نىيازىنى چوڭقۇر سېغىنىپ ۋە ئەسلەپ بۇ ئەسلىمىنى يازدىم.

ئىزاھاتلار:
① ۋۇ يىنسۇن (1848-1917): 1905-يىلىدىن 1906-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى (巡抚) بولغان.
② ليەن كۇي (1849-؟): 1906-يىلىدىن 1910-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان.
③ خې يەنشېڭ (1860-1910): 1910-يىلىدىن 1910-يىلىغىچە (شۇ يىلى ۋاپات بولغان) شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان.
④ يۇەن داخۇا (1851-1935): 1910-يىلىدىن 1912-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باش مۇپەتتىشى بولغان.
⑤ ياڭ زېڭشىن (1864-1928): 1912-يىلىدىن 1928-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ باش ھۆكۈمرانى بولغان.
⑥ جىن شۇرېن (1879-1941): 1928-يىلىدىن 1933-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولغان.
⑦ شېڭ شىسەي (1897-1970): 1933-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە شىنجاڭ چېگرا-مۇداپىئە باش ۋالىسى (دۇبەن-督办) قوشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولغان.
⑧ گومىنداڭ 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان (مۇشۇ بەش يىلدا ۋۇ جوڭشىن ‹吴忠信، 1884-1959›، جاڭ ژىجوڭ ‹张治中، 1890-1969›، مەسئود سەبىرى‹1888-1952›، بورھان شەھىدى ‹1894-1989› لەر ئىلگىرى-كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغان).
⑨ كومپارتىيە 1949-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر شىنجاڭغا رەھبەرلىك قىلماقتا.
⑩ ھەسەن بالا ھاجى ئاتۇشلۇق چوڭ سودېگەر بولۇپ، 1931-يىلى 65 يېشىدا قومۇلدا ۋاپات بولغان.
⑾ ئابدۇراخمان ۋەلى (1928-2005) يازغان، قومۇل شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى خىزمەت كومىتېتى تۈزگەن:«قومۇل شەھرىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» نىڭ خەنزۇچە 3-قىسمىغا بېسىلغان:«ئازاتلىقتىن بۇرۇن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن سېتىۋېلىپ، قومۇلغا ئېلىپ كېلىنگەن خەنزۇ بالىلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى (解放前被贩卖到哈密的汉族儿童的遭遇)» ناملىق ماقالىدا قاسىم پالۋان بېقىۋالغانغا ئوخشاش ئاتا-ئانىسى سېتىۋەتكەن خەنزۇ بالىلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى توغرسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن.
⑿ مەرھۇم ئانام زىلىخە ئاپپاق بىزگە مۇنداق دېگەن ئىدى:«دادام شېھىت بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، دادامنىڭ دۇنخۇاڭدا قالغان مال-مۈلۈكلىرىنى بىر قازاق كىشى دۇنخۇاڭدىن شوپۇلغا ئېلىپ چىقىپ دادامنى سۈرۈشتۈرگەن ئىكەن. شوپۇللۇق كىشىلەر ئۇنىڭغا:«قاسىم پالۋان شېھىت بولۇپ كەتتى، ھازىر بالىلىرى بار» دېگەندىن كېيىن، بىزنى «شوپۇلغا چىقىپ مال-مۈلۈكلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋالسۇن» دەپ خەۋەر بەرگەن ئىكەن. بىراق ئۇ ۋاقىتتا جاھان تىنچ بولمىغاچقا شوپۇلغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق، شۇنىڭ بىلەن دادامنىڭ مال-مۈلكىنى ئېلىپ چىققان قازاق قايتىپ كېتىپتۇ.
⒀ مەن ئوقۇش يېشىغا يېتىپ تاكى 1978-يىلىغىچە سول قولۇم بىلەن خەت يازاتتىم. 1978-يىلىدىن باشلاپ ئوڭ قولۇم بىلەن يازىدىغان بولدۇم. مەرھۇم ئانام ماڭا:«بالام سىز بوۋىڭىز قاسىم پالۋاننى دوراپ قاپسىز. بوۋىڭىز خەتنى سول قولىدا يازاتتى» دېگەن ئىدى.
⒁ ئەزىز نىيازىنىڭ 3-سىڭلىسى بۈخەلىچەم يېشىغا تولمايلا ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، 4-سىڭلىسگىمۇ بۈخەلىچەم دەپ ئىسىم قويغان بولۇپ، ئۇمۇ يېشىغا تولمايلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن.
⒂ ⒃ ئەزىز نىيازى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە زەينەپخان، سۇلايمان ھايات ئىدى. زەينەپخان 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى 69 يېشىدا، سۇلايمان 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى 73 يېشىدا غۇلجىدا ۋاپات بولدى.
⒄ بەش شەھەر: سۇمقاغا (头堡)، ئاستانە (二堡)، تۇغچى (三堡)، لاپچۇق (四堡)، قارادۆۋە (五堡) دىن ئىبارەت.
⒅ ئون ئىككى تاغ: شوپۇل (小堡)، خوتۇنتام (芨芨台)، باغداش (八大石)، تاشار (下庙尔沟)، ئېدىر (榆树沟)، قوراي (二道沟)، تاراتى (七道沟)، تۈركۆل (盐池)، نىرىنكىز (前山)، ئاراتۈرۈك (伊吾)، نوم (淖毛湖)، باي (下马崖) دىن ئىبارەت.
⒆ ⒆ ئەزىز نىيازى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئامىنەم ھايات ئىدى. ئۇ 2003-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى 66 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.
⒇ ئەزىزنىيازى قومۇلغا بېرىپ 3-يىلى يەنى 1930-يىلى ئۇنىڭ ئاتىسى كارۋان بېشى بولۇپ ئىچكىرىسىگە سودا ئېلىپ كېتىۋېتىپ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشى ناھىيەسىگە قاراشلىق سۇلېخې بازىرى ‹甘肃省安西县疏勒河镇› غا بارغاندا زۇكامداپ شۇ يەردە ۋاپات بولغان، قەۋرىسى ھازىرمۇ سۇلېخېدا.
(21) ئەزىز نىيازى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە زورىخان ئانا ھايات ئىدى. ئۇ 2000-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى 85 يېشىدا قومۇلدا ۋاپات بولدى.
(22) قىزىل يۇلغۇن مەھەللىسى-قومۇل شەھرى پالۋانتۇر بازىرىغا قاراشلىق خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان كەنت.
(23) مۇشۇ ۋەقە توغرىلىق يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر (1922-1992) يازغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1987-يىل 2-ئايدا نەشر قىلغان«بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق تارىخىي روماننىڭ 368-ۋە 369-بەتلىرىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىلگەن.
(24) ماچاڭلىن (马常林) ھاجىنى كىشىلەر ئادەتتە «ما شياڭزوڭ» دەپ ئاتايدۇ، 1945-يىلى 70 يېشىدا قومۇلدا ۋاپات بولغان.
(25) قومۇل شىۋىسى، كۆپ دېگەن مەنىدە.
(26) قومۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئەمەل نامى
(27) مەرھۇم دادام ئابدۇللا مېھرى (1906-1978) نىڭ جىمىسار ئۇرۇشىغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىشىچە، ما جۇڭيىڭ ھاجىلارنىڭ جىمىساردىكى چېرىكلىرىنىڭ قولىدىكى قورال-ياراقلارنى ئەتىسى تاپشۇرۇپ ئالماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھاجىغا:«بۈگۈن تەسلىم بولغان دۈشمەننىڭ قولىدىكى قورال-ياراقنى ئەتىسى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان قائىدە ئۇرۇش تارىخىدا كۆرۈلۈپ  باققان ئەمەس. ھاجى سىز چېرىكلەرنىڭ قولىدىكى قورال-ياراقلارنى دەرھال يىغىۋېلىڭ، بولمىسا مەن ئادەم ئەۋەتىپ يىغىۋالىمەن» دەپ تەكلىپ بەرگەن ئىكەن. بىراق ھاجى يەنىلا قورال-ياراقلارنى ئەتىسى يىغىۋېلىش پىكرىدە چىڭ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنى ما جۇڭيىڭ كېچىدە جىمىسارغا ئادەم ئەۋەتىپ ما لۈيجاڭ چېرىكلىرىنىڭ قولىدىكى قورال-ياراقلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ھاجى بىلەن ما جۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ، ھاجى ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقچىسى ما جۇڭيىڭ بىلەن دۈشمەنلىشىپ، دۈشمىنى جاللات شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشكەن ئىكەن...
(28) يولۋاسنىڭ نەۋرىسى ناسىربەگ (يولۋاسنىڭ چوڭ ئوغلى نىياز بەگ ‹1904-1960› نىڭ ئوغلى، 2004-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى 77 يېشىدا قومۇل شەھرىدە ۋاپات بولغان) مۇنداق دېگەن ئىدى:«خوجىنىياز ھاجى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە بوۋام يولۋاس قومۇلنىڭ ھاكىمى ئىدى. بىر قېتىم مەن بوۋامنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەم ئۇ خوجىنىياز ھاجى بىلەن تېلېفۇندا سۆزلىشىۋاتقان ئىكەن. بوۋام ھاجىغا:‹ھاجى، سىز ئۈرۈمچىدە تۇرماي دەرھال قەشقەرگە-مەھمۇت مۇھىتىنىڭ يېنىغا كېتىڭ، ئۇنىڭ قولىدا تۆت پولك ئەسكەر بار، قەشقەرگە بېرىشنى خالىمىسىڭىز قومۇلغا قايتىپ كېلىڭ، مېنىڭ قولۇمدا بىر پولك ئەسكەر بار. بېشىمىزغا كۈن كەلگەندە ئەسكەر بىزنى قوغدايدۇ› دەپ تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ، ھاجى بوۋامنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىدى. بوۋامنىڭ بىزگە دەپ بېرىشىچە بوۋام ئىلگىرى ھاجىغا يۇقىرىدەك بىر قېتىم تېلېفۇندا تەكلىپ بەرگەن ئىكەن.  بىراق ھاجى بوۋامنى:‹قورقۇنچاق، توخۇ يۈرەك،  ئۈرۈمچىگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىدىڭ، مېنى ھازىر يۈزلىگەن رۇس سالداتلىرى قوغداۋاتسا كىم مېنىڭ بىر تال مويىمغا تېگەلەيدۇ› دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بوۋام ھاجى بىلەن مۇشۇ قېتىم كۆرۈشكەندە:‹ھاجى ئەمدى بۇندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئۆزىڭىز بىلىڭ. ناۋادا بېشىڭىزغا كۈن كېلىپ يامان كۈندە قالسىڭىز، بۇنىڭغا مەن جاۋابكار ئەمەس. سىز ھامان بىر كۈنى شېڭ شىسەينىڭ قۇربانلىق مېلى بولۇپ كەتمىسىڭىز، مەن يولۋاس دېگەن ئىسمىمنى يۆتكىۋېتىمەن› دەپ تېلېفۇننىى قويىۋەتتى. كېيىنكى ئىشلار دەل بوۋامنىڭ دېگىنىدەك بولدى».
     1999-يىلى 8-ئايدا مەن قومۇل شەھرىنىڭ شەرقى ئۆستەڭ رايونى يۇقىرى ئاقيەر كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاديۇتانت (فۇگۇەن-副官) تى يۈنۈس موللام (1890-1949) نىڭ قىزى رازىخان (ئايخان دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 2004-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ‹چارشەنبە› 82 يېشىدا يۇقىرى ئاقيەر كەنتىدە ۋاپات بولغان) ئانا بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمدە مۇنداق دېگەن ئىدى:«دادام شېڭ شىسەي تۈرمىسىدىن چىقىپ قومۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، غولئېرىق مەھەللىدىكى جامائەتلەر ھەر ئاخشىمى خۇپتەن نامازدىن كېيىن بىزنىڭ ئۆيگە يىغىلىپ دادام بىلەن سۆھبەتلىشەتتى. مەن ئوچاققا ئوت قالاپ ئولتۇرۇپ دادامنىڭ جامائەتكە قىلغان گەپ-سۆزلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلايتتىم. بىر ئاخشىمى دادام جامائەتكە مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى: خوجىنىياز ھاجى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە، بىر كۈنى قومۇلدىكى يولۋاستىن بىر پارچە خەت چىققانلىقىنى، خەتنى ھاجىنىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى، يولۋاس خېتىدە ھاجىنى ئۈرۈمچىدە تۇرماستىن قەشقەرگە بېرىپ مەھمۇت مۇھىتى بىلەن بىللە تۇرۇشنى، ئۇ يەردە تۆت پولك ئەسكەرنىڭ بارلىقىنى ياكى بولمىسا قومۇلغا قايتىپ كېلىپ ئۆزى بىلەن بىللە تۇرۇشنى قومۇلدا ئۆزىنىڭ قولىدا بىر پولك ئەسكەر بارلىقىنى، يامان كۈندە ئەسكەرنىڭ ئاسقاتىدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە ‹ئەسكىرى يوق قوماندان› بولماسلىقىنى، ئۇ يەردە داۋاملىق تۇرىۋەرسە ئاقىۋەت ياخشى بولمايدىغانلىقى...قاتارلىق مەزمۇنلار يېزىلغان ئىكەن. ھاجى خەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن يولۋاسنى ئەيىپلەپ، ‹قورقۇنچاق توخۇ يۈرەك تاز، ئۇنىڭ يۈرىكى تېخى جايىدا ئەمەسكەن. مېنى نەچچە يۈز رۇس سالداتلىرى قوغداۋاتسا ماڭا چېقىلىدىغان كىمكەن، يۈنۈس موللام بۇ خەتنى شېڭ دۇبەنگە تاپشۇرۇپ بېرىڭىزلەر› دەپتۇ. دادام: ‹ھاجى ئاكا خەت يېنىمىزدا قالسا بولمامدۇ› دېگەن ئىكەن، ھاجى ‹گەپنى ئاز قىلىڭ بىز شېڭ دۇبەن بىلەن ئىتتىپاق تۈزدۇق، شۇڭا ئۇنىڭدىن سىر تۇتساق بولمايدۇ› دەپ يولۋاستىن  كەلگەن خەتنى شېڭ شىسەيگە ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. كېيىن يولۋاستىن 2-قېتىم خەت چىقىپتۇ، دادام خەتنى يەنە ھاجىنىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ‹ھاجى ئاكا يولۋاس بىگىمدىن يەنە خەت چىقىپتۇ› دېگەندىن كېيىن ھاجى ‹ئوقۇڭ› دەپتۇ. دادام كونۋېرتنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ خەتنى ئوقۇپتۇ. يولۋاس بۇ قېتىمقى خېتىدە ھاجىغا ئاچچىقلاپ ۋە تىللاپ:‹تاغچى! ھەي تاغچى! ئەقلى كەينىگە ئۆتۈپ قالغان تاغچى! مەن ساڭا ئاغرىنىپ، يامان كۈندە قالمۇسۇن، ھاياتىڭغا خەۋپ يەتمىسۇن دەپ يازغان خەتنى شېڭ دۇبەنگە تاپشۇرۇپ بېرىپسەن (يۈنۈس موللامنىڭ پەرزەنتلىرىگە دەپ بېرىىشىچە يولۋاسنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە ئىشەنچىلىك ئادىمى بار بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئىشلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىكەن). شېڭ دۇبەن سېنىڭ داداڭمىدى؟ سەن يەنە مېنى قورقۇنچاق توخۇ يۈرەك دەپ ئەيىپلەپسەن. مەن توخۇ يۈرەك قورقۇچاقمۇ ياكى سەن قەھرىمان-باتۇرمۇ كېيىن كۆرەرمىز. ساڭا نەسىھەت قىلغان ئاغزىمنى تامغا سۈركىسەمچۇ! خەت يازغان قولۇمنى چېقىۋەتسەمچۇ! بۇ قېتىمقى خەتنىمۇ شېڭ دۇبەنگە تاپشۇرۇپ بەرسەڭ بولىدۇ. ئەمدى مېنىڭ سەن بىلەن كارىم يوق. بۇندىن كېيىنكى ئىشلارغا مەن جاۋابكار ئەمەس. مەن ئۆزەمنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ بولدۇم. مېڭىۋاتقان يولۇڭ توغرا بولسا راھىتىنى كۆرەرسەن. خاتا بولسا دەردىنى تارتارسەن. خەيرى-خوش ھاجى سېنى خۇداغا ئامانەت› دەپ خەتنى ئاخىرلارشتۇرغان ئىكەن. دادام خەتنى ئوقۇپ بولۇپ ‹ھاجى ئاكا ئۆتكەندە يولۋاس بىگىمدىن چىققان خەتنى ئۆزىمىزلا بىلىپ قالايلى دېسەم، ئۇنۇمىدىڭىز. بۇ قېتىم يولۋاس بىگىم سىزدىن قاتتىق ئاغرىنىپتۇ› دېيىشىگە ھاجى ‹بولدى سۆزلىمەڭ!› دەپ ئىككى قولىنى بوينىغا گىرە قىلىپ سېلىپ يەرگە قاراپ بىر ھازا ئىچىنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ. چۈنكى ھاجى ئىلگىرى ساددىلىق قىلىپ قويغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان ئىكەن...
      مېنىڭ بۇ ئەسلىمىنى يېزىپ چىقىشىمغا رىشات ئەزىزى بىلەن شىنجاڭ پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئابدۇرېھىم كېرەم (ئەزىز نىيازىنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئابدۇكېرەم رېھىم ‹كېرەم جىڭلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1927-2009› نىڭ ئوغلى، ھازىر ئۈرۈمچىدە پېنسىيەدە) قاتارلىق كىشىلەر يېقىندىن ياردەم بەردى. مەن يۇقىرىقى كىشىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

   (ئاپتور:قومۇل تۆمۈريول ج خ باشقارمىسىدا)
  2011-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى   باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ


6

تېما

0

دوست

5236

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1614
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1111
تۆھپە : 871
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-21
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 12:46:37 |ئايرىم كۆرۈش
يېقىنچىدا ئوقۇغان ئەڭ نادىر ئەسەر مۇشۇ بولدى ، ئاپتورغا بارىكاللا ..... ھەشقاللا ..
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

94

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 28
مۇنبەر پۇلى: 1637
تۆھپە : 2845
توردىكى ۋاقتى: 3310
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 12:59:16 |ئايرىم كۆرۈش
   مەزكور قىممەتلىك  ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئابلىمىت ئابدۇللا ئەپەندىمگە باغداش تورىدىكى بارلىق ئوقۇرمەنلەر نامىدىن چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز .
  ئاپتور ئابلىمىت ئابدۇللا يېرىم يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى باغداش تورى ئارقىلىق كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىۋاتىدۇ ، ئاپتورنى تەپسىلى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بېكىتىمىز نۆۋەتتە ئېلان قىلىدىغان  تارىخچى ئابلىمىت ئابدۇللا ئەپەندى توغۇرلۇق ماقالىگە دىققەت قىلىڭ :

ئابلىمىت ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ باغداش تورىغا يوللىغان يازمىلىرى :
1.خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاديۇتانت (فۇگۇەن) تى يۈنۈس موللام
./thread-23405-1-1.html

2.ئىز رومانىدىكى نىياز دېھقاننىڭ ھايات-پائالىيەتلىرى
./thread-23425-1-1.html

3.خوجنىيازھاجى فۇگۈەنى تېمىسىدىكى ئىنكاسلارغا جاۋاپ
./thread-23815-1-1.html


4.نىياز دېھقان (نىياز پالۋان) توغرىسىدىكى يېڭى ئەھۋاللار
./thread-24224-1-1.html

5.قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى-قاسىم پالۋان
./thread-25333-1-1.html

6.قومۇل تارىخىدىكى ئاكا-ئۇكا پالۋانلار
./thread-25334-1-1.html
باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

0

تېما

2

دوست

3763

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1134
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 13:35:10 |ئايرىم كۆرۈش
كوپتىن كوپ رەخمەت قېرىندىشىم كوپ تارىخنى بىلۋالدىم تىمىڭىز ئۇزۇلمىسۇن  بولۇپمۇ تارىخنىڭ ئىنىچكە سىرلىردىن بىرى بولغان ‹‹دەرھال قورلسىزلاندۇشقا ئۇنماي ماجۇڭيىڭ بىلەن دۇشمەنلەشكىنى ››

7

تېما

5

دوست

3167

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 771
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-2
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 14:09:31 |ئايرىم كۆرۈش
ئاپتۇرغا كۆپ تەشەككۇر !

نۇرغۇن ۋەقەلىك ۋە كېشىلەرنى مۇشۇ تېمىدىن بىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئىسىل تېمىكەن.

4

تېما

0

دوست

1367

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11881
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 230
تۆھپە : 263
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 17:05:15 |ئايرىم كۆرۈش
ئاللاھ  ئەجىر  بەرسۇن!

تارىخ  بىرسىمىزگە ساۋاق بولسا،
بىرسىمىزگە  دەرئىس  بۇلىدۇ.

8

تېما

25

دوست

4195

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1248
توردىكى ۋاقتى: 300
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-2
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 18:28:56 |ئايرىم كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت.
قۇمۇل كىشىلىرى تەبئى تاغ شارائىتىدا ئۆسۈپ يىتىلىگەچكە داۋاملىق شۇغۇللىندىغان ئوۋچىلىق ھەم تاغلىق رايۇننىڭ شارائىتى، تەبئىيلا قورقۇمسىز  ئەسكەر بولۇپ يىتىشىپ چىقىشنى كەلتۇرۇپ چىقارغان.جەڭگىۋار ئاتا بوۋلىرمىزنىڭ روھى بىلەن بۇ تەبئىي ئەسكەرلەر ئەلەم كۆرشىدە داۋاملىق غەلبە قىلىپ كەلگەن بىلەن، ئادەملىرنىڭ ساددا، ھىلە مىكرى يوق ئاقكۆڭۈللىكى ، قەلەم كۆرىشىدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ تۈپكى سەۋەبىدۇر. ئەجەبا خوجا نىياز ھاجىدەك  قورقۇمسىز قۇماندان جاھاننى شۇنچە تەۋرىتىپ ،شىڭ دوبەندەك كۈچلۈك ھاكىميەتنى ئورۇس ئىمپىريەسىدىن ياردەم ئىلىشقا مۇھتاج قىلىپ قويغان ‹قارام يىلپىز›، بىرىنجىدىن قەشقەر دىيارىدا ئۇزۇنراق تۇرماي قايتىپ كىتىشتەك، ئىككىنجىدىن تۇرپانغا كەلگەندە قۇمۇلغا بارماسلىقتەك،ئۈچىنجىدىن يولۋاسنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالماي ئۆزىگە تەمەننا قويۇشتەك قاتمۇ قات خاتالىقنى سادىر قىلىشى ئادەمنىڭ ئەقلىگە ھەرگىز سىغمايدۇ.رەھمەتلىك تۆمۈر خەلپەمنىڭ پاجىئەسىدىن ساۋاق ئالماسلىقى تىخىمۇ سىغمايدۇ.ئۇ ئۆزى مەرىپەتسىز بولغاندىكىن ئەتراپىدىكى يىراقنى كۆرەر ئىلىم مەرىپەتلىك كىشىلىرىنىڭ تەۋسىيەسىگە قۇلاق سىلىشنى شۇنچە ئىغىر كۆرگەن بولغىيمىدى؟ ئۆزى غەپلەتتە قالغان بولسىمۇ ئەتراپىدىكى باشقىلار ئويغاق ئىدىغۇ. بەلكىم بۇلارنى بىر ئىككى ئىغىز سۆز بىلەن يەكۈنلەش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. لىكىن بىر باشلامچىغا نىسبەتەن ‹ ئارتۇقچە ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مىھرىبانلىق، يەنە بىر ئاتىلىشى بىلەن دۆتلۇكنىڭ دەل ئۆزى شۇ.›دىگەندەك ھىكمەتنى بىلمەسلىكى، خاتالىقىنى تونۇپ يەتمەي قايتا قايتا تەكرارلىشى ھەرگىز نورمال ئەمەس.

2

تېما

8

دوست

1180

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 346
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 18:28:57 |ئايرىم كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تېما يوللاپسىز.تېمىڭىزغا رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )