ئىزدىنىش يولىدا (2)

ئىزدىنىش يولىدا (1) نىڭ داۋامى
شۇڭا دەيمەن، ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورى چوقۇم ياسىلىشى كېرەك. ئىزدە، ئىزدەش...لەردەك ئەمەس، مۇستەقىل ئىزدەش ماتورى.
مەن بىر ئوقۇتقۇچى، ئىدىيە تارقاتقۇچى، ئوقۇغۇچىللىرىمغا تەرەققىياتنى كومپيۇتېر نۇقتىسىدىن، تور نۇقتىسىدىن تۇرۇپ يىشىپ بەرگۈچى. ئۇلارنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرغۇچى. شۇڭا ئۇلارنى قايىل قىلىپ پىروگراممىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش، لوگىكىلىق تەپەككۇرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرخىل تېمىلاردا پاراڭ قىلىپ بىرىمەن. شۇ پاراڭلارنىڭ بىرى دەل ئىزدەش ماتورى. بۈگۈن سىلەرگە شۇنى سۆزلەپ بېرەي.
تور بېكەتلەر ئانچە كۆپ بولمىغان دەۋردە كىشىلەر بېكەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە تۇتالايتى، كىيىن كۆپىيىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلىنىش خاراكتېردىكى بېكەتلەر پەيدا بولدى، بېكەتلەر تېخىمۇ كۆپىيىپ كىتىۋىدى، ئۇلىنىش بېكەتلىرى ئېھتىياجنى قامدىيالماي قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىزدەش ماتورى پەيدا بولدى.
ئىزدەش ماتورىنىڭ پەيدا بولۇشى بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتىنى ھەسسىلاپ ئاشۇردى.
خوپ قۇرۇق گەپنى جىق قىلمايلى. ئىزدەش ماتورى دېگەن نېمە؟

شۇ سىز ئىزدىگەنى تېپىپ بېرىدىغان بېكەت.
ئىزدەش بېكىتىنىنىڭ ئالدى ناھايىتى ئاددىي بولغان HTML بىتىدىن ئىبارەت. ئەمما كەينى بىر دۇنيا. ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرچە تور بېكەت ساھەسىدە بۇ دۇنياغا كىرىپ باققانلار بولۇشى مۇمكىن، لېكىن تېخى چىققانلار (ئاشكار بولغانلار) يوق.
ئۇنداقتا ئىزدەش ماتورىنىڭ كەينىدە نېمە بار؟ قانداق ئىشلەيدۇ؟
ئىزدەش ماتورى ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپىدۇ.
1-Spider (ئۆمۈچۈك دېگەن مەنىدە)
بۇ ئۆمۈچۈك پۈتۈن بېكەتلەرگە يامىشىپ يازمىلارنى يىغىدۇ.
ئانداق قىلىدۇ، مانداق قىلىدۇ دېمەي قىلغانلىرىمنىلا دەپ ماڭاي.
ئۇيغۇرچە بېكەتلەردىن بىر ئىككى يۈزدەك بېكەتنىڭ ئادرېسىنى يىغىپ ئامبىرىمغا قويدۇم ۋە ئىچىگە بىردىن بىردىن كىرىپ بارلىق ئىچكى ئۇلانمىلارنى تېپىپ چىقتىم. ئاندىن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تېما، مەزمۇن، خەتكۈش، ۋاقىت، يوللىغۇچى (ياكى مەنبە) لەرنى ئامبىرىمغا ساقلاپ ماڭدىم.
مۇشۇ ئىشنى قىلغان پىروگرامما دەل شۇ Spider نىڭ ئىپتىدائىي نۇسخىسى. دېمەك ئۆمۈچۈك بەلگىلەنگەن بېكەتلەرگە كىرىپ يازمىلارنى ئۆزىنىڭ ئامبىرىغا ساقلاپ ماڭىدۇ.
2-ئىزدەش قىسمى
ئۆمۈچۈك ئامبارغا ئۇچۇرنى يىغىپ بەردى، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ ئىزدەش بىتىگە ئۇزىتىش كېرەك؟ مانا بۇ مۇھىم مەسىلە.
بارلىق يازمىلارنى تەتۈر تەرتىپلەش ئۇسۇلىدا ئامبارلاشتۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىككى جەدۋەل تۈۋەنكىدەك بولىدۇ.
1-جەدۋەل
ئىندېكس نومۇرى ئادرېسى ۋاقتى مۇھىملىق دەرىجىسى
5 بەت ئادىرىسى يىغىلغان ۋاقىت 100
6 بەت ئادىرىسى يىغىلغان ۋاقىت 90
7 بەت ئادىرىسى يىغىلغان ۋاقىت 80
بۇ جەدۋەلدە ئۆمۈچۈك يىغىپ كەلگەن بارلىق يازما بار، ئۈنۈملۈك (تىرىك، ئۆلۈك) ئادىرسلار ساقلىنىدۇ.
2-جەدۋەل
ھالقىلىق سۆز ئادرېسى تېما مەزمۇن خەتكۈش ۋاقىت باشقا ئۇچۇرلار
قۇتبىلىك 5، 6
نۇرقۇت 6، 7
بۇ جەدۋەلدە سۆزنىڭ قايسى يازمىدا بارلىقى ساقلىنىدۇ، يەنى قۇتبىلىك بىرىنچى جەدىۋلدىكى 5-6-نومۇرلۇق ئادرىستىكى يازمىلاردا بار دېگەن گەپ.
2-جەدۋەل (كېڭەيتىلگەن ھالىتى)
ھالقىلىق سۆز ئادرېسى قوشۇمچە ئۇچۇرلار
قۇتبىلىك {<5,3,[1,8,50]>,<6,2,[8,9]>}
نۇرقۇت {<6,2,[5,7]>,<7,1,[3]>}
بۇ جەدىۋەلنىڭ مەنىسى مۇنداق: قۇتبىلىك دېگەن سۆز 5-6-نومۇرلۇق ئۇلانمىدا كۆرۈلدى، 5-نومۇرلۇق ئۇلانمىدا ئۈچ قېتىم تەكرارلاندى، 1-، 8-،50-ئورۇنلاردا كۆرۈلدى 6-نومۇرلۇق ئۇلانمىدا ئىككى قېتىم تەكرارلاندى، 8-،9-ئورۇنلاردا كۆرۈلدى دېگەن مەنىدە.
ئادرېسى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلارنى تېخىمۇ كۆپيتىش مۇمكىن.

ئەمدى جەريانغا كېلەيلى:
سىز قۇتبىلكنى ئىزدىگەندە ئاۋۋال ئىككىنچى جەدۋەلدىن ئىزدەيمىز. ئىككىنچى جەدۋەل بىزگە بۇ خەتنىڭ قايسى ئورۇنلاردا بار ئىكەنلىكىنى دەپ بىرىدۇ. مەسىلەن: 5-6-يازمىدا قۇتبىلىك بار دېگەندەك. ئەمدى ئىككىلا يازمىدا قۇتبىلىك بار بولسا قايسىسىنى ئالدىغا تىزىسىز؟ قايسى يازمىدىكى قۇتبىلىكنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى يۇقىرى؟ مانا بۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ جېنى.
بىر يازمىدا «قۇتبىلىك» دېگەن گەپنىڭ تەكرارلىقى، ئورنى (ۋە باشقا خاسلىقلىرى ئارقىلىق مەسىلەن: رەڭلەنگەنمۇ؟ توملانغانمۇ؟ ئۇلانما قىلىنغانمۇ؟) قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئۇنىڭ مۇھىملىق قىممىتىنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلا ئارقىلىق بىكىتىسىز.
خوش 5-يازمىدىكى «قۇتبىلىك» نىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى يۇقىرى چىقتى دەيلى. لېكىن مۇھىملىق دەرىجىسى تۆۋەن بولغان بەتتە بولۇشىمۇ مۇمكىن مەسىلەن ئەخلەت ئۇچۇر بېكەتلىرىدە، يەنە ئىنتايىن مۇھىم بولغان بەتتىمۇ بولۇشى مۇمكىن مەسىلەن نۇرقۇت بېكىتى دېگەندەك. ئۇنداقتا قانداق قىلىپ نۇرقۇتتىكى ئادىرىسنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىپ بېكىتىمىز؟ مانا بۇ يەنە بىر مۇھىم فورمىلالاشتۇردىغان ئىش، يەنى ئادرىسنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى.
خوش بۇ ئىككى تاشقاشتىن كىيىن يەنە بىر چوڭ تاسقاش ۋاقىت بويىچە تىزىش بولسا كېرەك.
دېمەك قۇتبىلىك سۆزى مۇھىم ھالقىلىق سۆز بولغان، ئادرىسىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان، ئەڭ يېڭى بولغان بىر ئۇلانمىغا ئىرىشىمىز. ئاندىن ئۇ ئۇلانمىنىڭ تېمىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئۇلانما قىلغان ئادرېسنى ئاندىن مەزمۇندىن ئالغان «قۇتبىلىك» دېگەن سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈزۈندىنى HTML ھالەتتە ھاسىللاپ (فورماتلاپ) كۆرسىتىپ بىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاددىي بولغان ئىزدەش جەريانى تاماملىنىدۇ.
خوش ئىزدەش ماتورىنى خىزمەت پىرىنسىپىنى بىلىۋالدىڭىز. ئەمدى سىز مۇنداق ئويلايسىز. ئەگەر بارلىق تور بېكەتلەرنى مەن ئامبىرىمغا يىغىۋالسام بۇ ئەخلاقسىزلىق ئەمسمۇ؟ ئۇنداق بولغاندا مۇنبەر قۇرماي ئىزدەش ماتورى قۇرساق بولىدىكەنغۇ؟ ھېچنېمە قىلماي ئۆمۈچۈكتىن بىرنى قۇيۇپ بېرىپلا بارلىق ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى يىۋالسا نېمىدېگەن قالتىس دېيىشىڭىز مۇمكىن.
شۇنداق بارلىق بېكەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئامبىرىغا يىغىۋېلىش قالتىس ئىش، لېكىن نېمە قىلىسىز؟ ئۇنى قانداق قىلىپ سىزگە پۇل تېپىپ بېرىدىغان ماتورغا ئايلاندۇرىسز؟ مۇنبەردىن بىرنى قۇرۇپ ھەر قېتىم كىرگەندە يىغۋالغان بارلىق يازمىلار ئالمىشىپ كۆرۈنۈپ تۇردىغان قىلۋلامسىز يا؟
نېمىلا قىلماڭ كىشىگە مەنپەتى تېگىدىغان ۋە نەشرى ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر خىيالنى تېپىشىڭىز كېرەك.
مەن ئۆمۈچۈكۈمنى ياساپ 700 مىڭ دانە يازما يىغىۋالغان. بۇ بېكەتلەر ئىچىدە ئالدىنى يازمامدا دېگەن كىڭەيتىلەن رايونىدىكى يازمىلارمۇ بار، ھەتتا ULY دا يېزىلغان يازمىلارمۇ بار، ئەلۋەتتە بۇلارنى ئاساسىي رايونغا ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە يېزىققا ئالماشتۇرۇپ ساقلىغان. لېكىن قانداق قىلىپ ھەم مەنپەئەتلىنەلەيدىغان ۋە نەشرى ھوقۇق سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغان بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ؟ جاۋابى دەل ئىزدەش ماتورى.
چۈنكى ئىزدەش ماتورىغا ھەممە ئادەم كىرىدۇ، ھەم بۇ ئوقەت ھەممە كىشىنى ئەسلى يازما بار ئورۇنغا باشلاپ بارىدۇ. ھىم دېمەك ھەم سىز مەنپەئەتلىنەلەيسىز ۋە نەشر ھوقۇق تەلەپ قىلىدىغان بېلەتلەرمۇ مەلۇم مىقداردىكى جاۋابقا ئېرىشەلەيدۇ. دېمەك بۇ ناھايىتى ئاقىلانە تاللاش.
مەن 700 مىڭ يازمىنى يىغىش جەريانىدا ھەرخىل بېكەتلەرگە دۇچ كەلدىم. يەنى بىر چاغلاردا ئوكيان خەۋەر تورى ۋە قامۇسى بىر خىل غەيرى، كۆرۈپ باقمىغان ھالەتتە بەت ھاسىل قىغان بولۇپ، بەت ئىچىدىن بىۋاسىتە مەزمۇننى ئۇقاپ ئالغىلى بولمايتتى، تەتقىق قىلىپ يۈرۈپ بۇنىمۇ ئامبارغا تاشلىدىم. يەنە قارايدىغانلا بولساق ھازىر قۇتيار، مىسرانىم دېگەندەك بېكەتلەردە يازما ئوغۇرلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يازمىنى كۆچۈرسە بىر قاتار ئەخلەت ئۇچۇرلار بىللە كۆچۈرۈلۈپ ماڭىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ ئەگىپ ئۆتۈپ ساپ بولغان يازمىنى قولغا كەلتۈردۈم. بايا دەپ ئۆتكەندەك ئۆلچەملىك بولمىغان ئۇيغۇرچە خەتلەرنى تۈزلەپ ئامبارغا تاشلىدىم. يەنە تېخى ئامبىرىمىڭ پاكىز بولۇشى ئۈچۈن ئىملاسىنى ۋە پەش چىكىتلىرىنى تۈزىتىپ ئامبارغا تاشلىدىم.
شۇنداق قىلىپ يوغان بىر ئامبارغا ئىرىشتىم، بۇنى ئىزدەش ماتورىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەندىم ۋە ئىزدىنىۋاتىمەن.
دېمەك مۇشۇ نۇقتىلاردىن سىز شۇنى ھېس قىلدىڭىزكى باشقىلارنىڭ ئىزدەش ماتورى بىز ئۈچۈن ئۇنچە بەك كۈچەپ كەتمەيدۇ. ئۈندىدار سالونىدىكى يازمىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى يازما ھالەتتە ئەمەس بەلكى رەسىم ھالەتتە. ئېسىل بىر يازما بار دېيىلسە ئۇ رەسىم ھالەتتە يوللىنىۋاتىدۇ. تېڭشۇن ئىزدەش ئېغىزىنى بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇ يازمىلارنى ئىزدەپ تېپىش ئىنتايىن تەس. بەلكىم بەزىلەر سالوندا قانچىلىك قىممىتى بار نەرسىلەر بار ئىدى، بۇ ئۇنىچىلىك قىلىپ كېتىشكە ئەرزىگۈدەك ئەمەس دېيىشى مۇمكىن. خاتا، قانچىلىك قىممىتىنىڭ بار يوقلىقىنى بىز بەلگىلەيمىز، ئۆزىمىز ئەخلەت ئۇچۇرلارنى تولا يوللاپ ئەخلەتخانا قىلۋىتىپ يەنە بۇنداق دېسەك بولمايدۇ.
ئۇيغۇر تور مۇھىتى ئىلگىرى پۈچەك بولۇشى مۇمكىن ئىدى، خۇددى ھازىرقى سالونلاردەك، لېكىن بۇ سالونلارمۇ چوڭ بولىدۇ، مىسرانىم، باغداش، ئىزدىنىشلادەك. شۇ ۋاقىتتا بولسىمۇ تەبئىيلا ئىزدەشكە ھاجىتىمىز چۈشىدۇ. شۇڭا «ئىزدەشكە يول قويماسلىق» جىنايىتىنى سادىر قىلىۋاتقان بارلىق سالونچىلارغا دەيدىغىنىم، يېزىق ئۇچۇرلىرىنى ئۇيغۇرچە يېزىقتا يوللاڭ. بۇ ئىشلەتكۈچىگە ۋە كەلگۈسىڭىزگە ياخشى. سالونچىلار ئارىسىدا مېنىڭ ئەڭ ئەقلىم سىغمايدىغان سالون ئەرقال كاپىتالىنىڭ سالونى، نېمشىقا دېگەندە مەن بۇ كۇلۇبنىڭ ئىشتىراكچىللىرىنى ئاساسەن كارخانىچى، ھېچ بولمىغاندا مىڭ سومغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىۋالالايدىغان كىشىلەر دەپ ئويلايمەن. شۇنداق بولغان ئىكەن ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنى يازما ھالەتتە يوللسىمۇ كۆرەلەيدۇ، يەنە نېمىشقا تا ھازىرغا قەدەر ئىپتىدائىي ھالەتتە رەسىمگە تارتىپ يوللاۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم. ئوكيان قامۇسى بوپ قويىدۇ، ساپ تېكىست ھالەتتە ئۇچۇر يوللايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئېسىل مەزمۇنلارنى تېلېفونغا ساقلىۋالغىلى ياكى دوستلارغا ئەۋەتىپ بەرگىلى قولاي بولىدۇ. بەزىلەر ئۆز يازمىسىنىڭ ئوغۇرلىرىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە كېرەك، لېكىن ئەرقالنىڭ شۇ رەسىم ھالەتتىكى يازمىللىرىنى ئۇغۇرلاپ نىمىمۇ قىلار دەيمەنغۇ ئۆزۈمچە.
شۇڭا سالون يازمىللىرنىڭ قىممىتى يۇقىرى بولسۇن دېسەك قېرىنداشلار، يازمىلارنى ساپ ئۇيغۇرچە ھالەتتە يوللايلى. بۇ ئېسىل يازمىلارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ساپ تېكىست ھالەتتە يوللايلى. رەسىمگە تارتىپ يوللاش يېتەرلىك بولدى.
داۋامى بار....
داۋامى ھەققىدە: باۋۇدۇننىڭ پەيدا بولۇشى، لۇغەتچىلىك، كوررېكتورچىلىق قاتارلىق ئىشلار سۆزلىنىدۇ.

يازما ئىچىدە سۆزلىرىمنىڭ توغرسى بار، خاتاسى بار. ئەگەر يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيەلەردە مەسىلە بار بولسا ئەسكەرتىپ قويسىڭىز ياكى ئىلمىي ھالدا پاكىتلىق رەددىيە بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئوي-خىياللىرىمنى ۋە قىزىقىش، ياخشى كۆرگەنلرىمنى ئۈندىداردا ھەمبەھىرلىنىپ تۇرىمەن، خالىسىڭىز قوشۇۋېلىڭ. بۇ مانا مۇشۇنداق «مودا» دەۋىر.
mmqrcode1423013041696.jpg

خەتكۈش: ئىزدەش ماتورى

جەمئىي 4 دانە باھا بار

  1. ئالدى بىلەن ئىزدەش ماتورى توغرىسىدا ئىزدەنگىنىڭىزدىن بەك خۇشال بولدۇم. مەنمۇ بىر بىر ۋاقىتلاردا بۇنىڭ كويىدا يۈرگەن لىكىن داۋاملىق ۋاقىت چىقىرىپ بۇلالمىدىم . ئەگەر خالىسىڭىز پىكىرلىشىپ باقساق ،مىنىڭ بۇ توغرىسىدا بىلىمىممۇ كۆپ ئەمەس داۋاملىق ئۈگۈنىشىمگە توغرا كىلىدۇ . سىز قانچىلك پۈتتۈرۈپ بولدىڭز ؟ مەن يەنە قايسى جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئۈگەنسەم بۇلىدۇ ؟ ئاستىدىكى ئۆزۋاقتىدا نۇرقۇتتا يازغان يازمام :
    http://www.nurqut.net/ud/thread-20610-1-1.html

    1. قۇتىبلىك

      نۇرقۇتتىكى بۇ يازمىڭىزنى كۆرگەن ئىدىم، بىلمىدىم كىيىنكى ئىزدىنىشلىرىڭىز قانچىلىك بولدىكىن.
      مەزكۇر يازمىدا ئېيتىلغانلىرىم ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قىلغان ئىشلار. بۇنىڭغا جىق ئىش قاتمىدىم. لېكىن ئىدىيەدە ئۆزگىرىش زور. قېتىش لازىم بولسا ئەمدى تەڭ قېتىشارمىز. مەن بۈگۈنگە قەدەر ساقلىغان ئىدىم، لېكىن بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن سىزدىن باشقا كىشىنى ئۇچقاتمىدىم. بەلكىم يېپىق ھالەتتە بولىشى مۇمكىن. مەن ھەرۋاقىت نۇرقۇت چېيى ئىچىشكە تەييار.

  2. ئىنتايىن تەپسىلىي يېزىلغان بىر مەزمۇن بوپتۇ، پۈتۈن ئىزدەش جەريانىغا نىسبەتەن بىر تونۇش بولىدىكەن. ناۋادا ئۇيغۇرچە بېكەتتىكى مەزمۇنلارنىلا يىغىپ ئىزدەش ماتورى قىلىشقا توغرا كەلسە بۇ بەك جىق مەبلەغ تەلەپ قىلماسلىقى مۇمكىن، سىزدە ناھايىتى جىق ئامبار بولغاندىكىن كىچىك سىناق ئىزدەش بېتىدىن بىرنى چىقىرىپ باقسىڭىز بولماسمۇ؟
    ئىزدەش ماتورىنىڭ سىز دېگەندەك بىرسى يىغىش قىسمى، يەنە بىرسى يىغقاننىڭ ئىچىدىن ئىزدەپ تېپىش ھەم قىممىتى بارنى ئالدىن كۆرسىتىش قىسمى بەك مۇھىم. ئالدىنقىسى تېخنىكىنى يۇقىرى تەلەپ قىلمىغان بىلەن زور مەنبە تەلەپ قىلىدۇ، سىزدە يېتەرلىك بولغان ئۆمۈچۈك دەل ۋاقتىدا ئۇچۇر يىغىپ تۇرۇشى كېرەك، خۇددى گوگۇلنىڭ twitter قاتارلىق يېڭىلىنىشى بەك تېز بولغان بېكەتلەرنى مەخسۇس يىغىپ يېڭىلاپ تۇرغىنىغا ئوخشايدۇ، كېينكىسى بولسا مەنبە ۋە تېخنىكا، يەنە ناھايىتى نوچى بولغان ماتېماتىكىلىق كاللا، يەنى ئالگورىزىم دېگەن نەرسىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. سىزدە بۇ نەرسىلەرنى دەسلەپكى ھالىتى بولسىمۇ بولغاندىكىن كىچىككىنە سىناقتىن بىرنى سىرتقا ئېچىۋەتسىڭىز بولاتتى-دە

  3. ئىزدەش ماتۇرى ھەققەدە مەنمۇ بەك ئىزدەندىم، لىكىن ئاددىلا كاللام بىلەن ئويلىغان ئىكەنمەن، يازمىڭىزنى كۆرۈپ نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم، رەھمەت سىزگە.

باھا يېزىشقا بولمايدۇ

باھا يېزىشقا بولمايدۇ