ئىزدىنىش يولىدا (1)

بەش يېرىم يىل بۇرۇن تۇرمۇشۇمدا ئاندرويىدنىڭ پەيدا بولۇشى مەندە تېلېفون ساھەسىدىلا ئەمەس، تۇرمۇشنىڭ ھەرقانداق ئورنىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى ھەققىدە خىيال ۋە ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغان. مەسىلەن: ئاندرويىدلىق تېلېۋىزور، سائەت، توڭلاتقۇ، روتېر، كىرئالغۇ، ئويۇنچۇق...
مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ نەرسىلەر پەيدا بولىدى، مەن نېمىشقا مۇشۇ نەرسىلەنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئويلاپ يىتەلىدىم؟
ئەينى چاغدا مەن توردا بىر يانفوندا باشقۇرۇپ ئوينايدىغان ئۇيۇنچۇقنىڭ بارلىقى كۆرگەن. باھاسى 2000 سوم ئەتراپىدا ئىدى. مەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە قىزىققاچقا چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلدىم. دەل مۇشۇ پەيتتە پۈتۈنلەي ھەقسىز بولغان، ئاندرويىد سىستېمىسى مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى، شۇنىڭ بىلەن گوگېلنىڭ G1 يانفونىدىن بىرنى سېتىۋالدىم، تەتقىق قىلدىم. خياللىرىم بەك قالتىس ئىدى.
بىر ماشىنا بولسا، مەن ئۇنى G1 تېلېفونۇمغا باغلاپ قويسام، ئاندىن G1 تېلېفونۇمنى كومپيۇتېردا تۇرۇپ كونترول قىلسام، تېلېفوننىڭ كامىراسى ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرۇپ ماشىنىنى ھەيدىسەم...
يەنە بىر ئۇچىدىغان ئۈسكۈنىدىن بىرنى ئالسام، ئاندىن تېلېفونۇمغا باغلاپ بۇنىمۇ ئۇچۇرسام، بوشلۇقتا تۇرغاندىكى كۆرۈنشلەرنى مەن ساقلاپ ماڭسام...
بۇ چاغلاردا تېخى 3G تورى يوق چاغلار بولۇپ تېلېفون كارتىسى ئارقىلىق تورغا چىقسا ۋوجون بەك ئاستا ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن كاللامدا تېلېفوننىڭ بۇ تور سۈرئىتى چ چ دا سۈرەتلىك پاراڭلىشىشقا يەتمەيدىغان تۇرسا سۈرئەتلەرنى قانداق يوللاپ بىرەر دەپ بېشىم قاتتى.
شۇنىڭ بىلەن ۋايفاي دېگەن ئوقەتنى تەتقىق قىلىشىمغا توغرا كەلدى. ۋايفايدا سۈرئەت نوچى ئىدى، بۇنىڭدا مەن ئويلىغان ئىشلار ئەمەلگە ئاشاتتى، شۇنىڭ بىلەن بەك خوش بولدۇم.
ئاندرويىد تېلېفوننى تەتقىق قىلىش جەريانىدا بۇنىڭ ناھايىتى قالتىس بىر مۇنبەت تۇپراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، تور تاقالغان مەزگىللەردە بار شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىپ تۇردۇم، تور ئېچىلغاندا ئانچە مۇنچە تورلاردا ئاندرويىد توغرىسىدا يازما يوللاپ تۇردۇم. دەل مۇشۇ پەيتلەردە بىلكاندىكى سارۋان ئاكىمىز تۇيۇقسىزلا مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى ۋە شىركەت قۇرۇش ئىشلىرىنى تونۇشتۇردى. مېنى كېلىپ بىللە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرشكە بىر يىل ۋاقىت قالغان چاغ بولۇپ مەكتەپنى تاشلاپ قويۇپ كېلىشىم مەنچە مۇمكىن ئەمەس ئىدى(مۇمكىن بولمايدىغان نېمە ئىش بار). شۇڭا چىرايلىقچە رەت قىلدىم. خىيالمىدا ماڭا ئوقۇشنى تاشلاپ خىزمەت قىلىش بالدۇر ئىدى، مەكتەپ مۇھىم ئىدى، مەكتەپتىكى ۋاقتىمنى قەدىرلەپ جىق ئۆگۈنىۋالساملا بۇنداق خىزمەتلەر جىق ئىدى ئۆزمچە...

بۇ چاغلار ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئىمتىھان پەيدا بولغىنىغا بىر يىل بولغان ۋاقىت بولۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىنتايىن مۈشكۈل دەپ قارىلىدىغان دەۋر ئىدى.
شۇڭا قانداق بولسۇن بۇنداق خىزمەت پۇرسىتىنى رەت قىلىش ئەخمەقلىق ئىدى، يەنە ھەم بۇنداق يەردە ئىشلەشمۇ ئەخمەقلىق ئىدى. چۈنكى شىركەتنىڭ ئەتىۋارى ھازىرقىدەك ئەمەس ئىدى.
دېمەك ئاندرويىد دېگەن بۇ ئوقەت مېنى بىر خىزمەتلىك قىلىپ قويغىلى تاس قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىشەنچىم تېخىمۇ كۈچىيىپ بۇ تەتقىقاتقا باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم. بۇ چاغدا ئاندوريىدنىڭ نەشرى 1.6 ئىدى، كىيىن 2.2 ، 2.3 ،2.3.3، 4.0 دېگەندەك نەشىرلىرى پەيدا بولدى، مىكروسوفت ئون يىلدا XPدىن ۋىستاغا چىقسا ماۋۇ گوگىلدىكى ئاغىنىلەر يېرىم يىلدا ئۇزاپ كەتسە بىر يىلدا يېڭى نەشرىنى چىقىرىپ تۇردى، يېڭىلىنىش سۈرئىتى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. مەن مۇشۇ يېڭىلىنىشقا قاراپ ۋىندوۋس ماڭغان 10 يىلنى ماۋۇلار بىر ئىككى يىلدا بېسىپ بولغۇدەك، ئەگەر مۇشۇنداق بولسا كومپيۇتېر ۋە يانفونلاردىكى ئۇيغۇرچىنىڭمۇ ئومۇملىشىشى ۋىندوۋسنىڭكىگە قارىغاندا تىز بولىدۇ، ئۇزاققا قالماي ئۇيغۇرچە ئاندوريىد پەيدا بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم. لېكىن ئۇيغۇرچە ئاندوريىد دېگەن گەپنى گوگېلدىن ئىزىسەم ھېچنېمە چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپچىنى ئىزدىدىم، قارىسام گوگېلجاندىن ئاندرويىدقا ئەرەبچە تۇنىتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ ئەرەپلەر قاخشاپ بىر نەرسە بوپ قاپتۇ. بەزى ئەرەپلەرنىڭ بۇ توغرىسىدا قىلغان تەتقىقاتىمۇ بار ئىكەن. ئۇ يەر بۇ يەردىن يىغىپ ئەپلەپ ئۇيغۇرچە خەتلەتنى ئاندرويىدتا نورمال كۆرسەتتىم. ۋە بۇ يازمىنى لەيلى بىلوگىدا ئېلان قىلدىم(تور قامالغان مەزگىللەرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىمىكىن). شۇنىڭ بىلەن تور دۇنياسىدا ئۇيغۇرچە ئاندرويىد دېگەن خەت پەيدا بولدى. كېيىچە ھەرخىل ئاتالدى. لېكىن ئاندرويىد دەپ ئىزدىسىڭىز نەتىجە ئەڭ كۆپ چىقىدۇ.
ئەمدى ئاندرويىد نېمىشقا ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتەلمىگەن، يەنە نېمە دەپ نورمال كۆرسەتتى دېگەن گەپ ئەڭ مۇھىم نۇقتا. بۇ ھەقتە شۇ زامانلاردىن كېيىن خېلى ئىزدىنىشلەر بولدى. بەلكىم بەزىلەر چۈشىنىپ قىلدى، يەنە بەزىلەر چۈشەنمەي، مەن خىياللىرىمنى سۆزلەپ باقاي ھە.
ئۇيغۇرچە خەت ئىككى خىل ھالەتتە مەۋجۇت، كېڭەيتىلگەن رايون، ئاساسىي رايون. كېڭەيتىلگەن رايوندا بىر تال ھەرپنىڭ تۆت خىل شەكلى ئايرىم-ئايرىم بولىدۇ. مەسىلەن: «ئا»نىڭ تۆت خىل شەكلى مۇنداق: ﺋﺎ ﺍ ﺎ ﺌﺎ
ئەگەر خەت نۇسخىسى قاچىلانلا بولسا ماۋۇ تۆت خىل خەت مانا مۇشۇنداق چىرايلىق كۆرۈنەتتى، خەت نۇسخىسى يوق بولسا كەتەكچە كۆرنىۋالاتتى.
شۇڭا مەن ئىشنىڭ باشىدا 1.6 دىكى ئاندرويىدتا خەت نۇسخىسى قاچىلىدىم. ئاندىن كېڭەيتىلگەن رايوندىكى خەتلەرنى چاپلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاندرويىد ئۇيغۇرچە تۇنىدى ۋو دەپ تولىدىم.
لېكىن توۋلاشنىڭ كەينى مۈشكۈل ئىدى. مەن مۇنداق ئويلىدىم. ئاندرويىدتا ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ نورمال كۆرۈلمەسلىكى ئىككى سەۋەب، بىرى سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرىپەر ئورۇنلاشمىغان. يەنى يۇنىكود جەدۋىلىدىكى ھەرپ-بەلگىلەر بۇ خەت نۇسخىللىرىدا تولۇق ئەمەس، شۇڭا ھەرپ-بەلگىلەر تولۇق بولغان خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۋېىتىش كېرەك. بۇنى قىلالىدىم.
ئىككىنچىسى ئاندرويىدنىڭ ئىچكى قىسىمىدا يېزىق بىر تەرەپ قىلغاندا بارلىق كۆرسىتىدىغان ئورۇندا كېڭەيتىلگەن رايون، يېزىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغان ئورۇنداق ئاساسىي رايون ئىشلىتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا كېڭەيتىلگەن رايوننىڭ ئاۋارچىلىقىدىن قۇتىلىمىز ھەم ئارتۇقچىلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىمىز دەپ ئويلىدىم. بىر تېكىست رامكىسىنى مىسالغا ئالاي، بىر قىسقا ئۇچۇر يوللاش جەريانىنى: يازغاندا كىرگۈزگۈچ ئاساسىي رايوندا كىرگۈزىدۇ، ئۇنى ئۇلاش ئۈچۈن كېڭەيتىلگەن رايونغا ئايلاندۇرۇش كېرەك، سىستېما يادروسىدىن قوللىمىغان ئەھۋالدا بۇنى كىرگۈزگۈچ بىر تەرەپ قىلشى كېرەك. ئاندىن بۇ ئۇچۇر يوللىندۇ. بۇ ئۇچۇر قارشى تەرەپكە باردى، قارشى تەرەپ تېلېفونىدا ئۇيغۇرچە ھەرپ بەلگىنى ئىچىگە ئالغان فونتلا بولىدىكەن بۇ خەت نورملا كۆرۈنىدۇ دەپ ئويلىدىم ئۆزۈمچە.
دېمىسىمۇ شۇنداق بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن توختا ئەگەر ئاندرويىدنىڭ يادىروسىدىن تونىتىۋىتىدىغان ئىش بولسا نېمىدېگەن پەيزى بولاتتى ھە دەپ ئويلاپ بىر تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلارنى قىلىپ يۈردۈم.
دەل مۇشۇ پەيتلەردە قارلۇققا بېرىپ قالدىم، پەخىردىن مۇئەللىم مىنىڭ ئۇيغۇرچىنى ئاندرويىدقا قانداق تونۇتقانلىقىم ھەققىدە سورىدى ۋە بىر قىسىم تېخنىكىلىق يەرلەرنى تالاش تارتىش قىلدۇق. ھېلىمۇ يادىمدا مەن «كۆزىمىز كۆرگەن ھەرقانداق بىر خەت كېڭەيتىلگەن رايوندا بولىدۇ» دېسەم پەخىرىدىن مۇئەللىم «ئۇنداق ئەمەس، ئالمىچىلار كېڭەيتىلگەن رايون ئىشلەتمىگەن، يادرودىن تارتىپ ئاساسىي رايون ئىشلىتىپ تونۇتقان، بۇنداق دېسەك تازا توغرا بولمايدۇ» دېدى، ھەي كىچىك چاغلاردە...ھە شۇنداق ئوخشايدۇ، «پەخىردىن مۇئەللىم دېگەن كومپيۇتېرغا ئىنتايىن ئۇستا تۇرسا، خاتا گەپ قىلامدى»- دەپ ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ پىكىرىدىن گۇمانلىنىپ قاپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ھە شۇنداقمىدى دەپ يانغان ئىدىم. كېيىن ئويلاپ باقسام مەن توغرا گەپ قىپتىكەنمەن، لېكىن پەخىرىدىن مۇئەللىمنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقماپتىكەنمەن.
ھاياتتىكى مۇشۇنداق نۇقتىلار بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئاجىزلىقى بولۇشى مۇمكىن، نۇپۇزىنى، ياكى ئوقۇغان مەكتىپىنى ئۇنىڭ بىلىمىگە تەڭ قىلىۋېلىش، ياكى زىيادە ئۇلۇغلاش سەۋەبىدىن پىكىرىگە قارشى چىقالماسلىق، خاتالىقىغا قورقماي رەددىيە بىرەلمەسلىق... بۇ خىل پىسخىكىلار ئېسىڭلاردا بولسۇن زىيانلىق، تۆت يىللىق خىزمەت تەجرىبەمدىن شۇنى ھېس قىلدىمكىن تەس بولسىمۇ، كاللىڭىز كەتسىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرى بىلەن مۇخالىپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققاندا قورقماي، دادىل، پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ باشقىلارنى قايىل قىلىش ئۈچۈن كۈچەك. ئەگەر باشقىلارنىڭ پىكىرى خاتا ئىدىيە بولسا سىز توغرا ئىدىيەنى ئوتترۇغا قويمايسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كىلىشمەسلىك ياكى ئوڭىشسىزلىق بىر ئۆمۈر يۈركىڭىزنى يەيدۇ. شۇڭا ئىدىيىڭزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ھامان ئوتتۇرىغا چىقىڭ. باشقىلارنى قايىل قىلىڭ. مىنىڭ خاتا بوپ قالسىچۇ دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ ئۇنداق ئويلىماڭ، سىزنىڭ خاتا بولسا قارشى تەرەپ سىزنى قايىل قىلىدۇ، سىزنىڭ توغرا بولسا سىز قايىل قىلالايسىز، ھېچ بولمىغاندا قارشى تەرەپكە قايىل بولمايسىز دە داۋاملىق پىكىر يۈرگىزىسىز، ماترىيال كۆرىسىز، بۇ ئىزدىنىش تاكى ئۆزىڭىز ئۆزىڭزىدىن رازى بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.
پەخىردىن مۇئەللىم بىلەن بولغان پاراڭ كېيىن كومپيۇتېرنى ۋە پىروگراممىنى ئومدان چۈشىنىدىغان بىر ئاكىمىز بىلەن پاراڭلاشقاندا دىيىلىپ قالدى ۋە ئۆزمنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئۇ مېنىڭ ئويلىرىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى دېدى، شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ (ئۆزىڭىز ئۇستام دەپ بىلگەن كىشى بىلمىگەننى سىز بىلگەندە ئاجايىپ روھلىنىپ كېتىسىز، خۇددى ئۇستازىڭىزدىن ئېشىپ كەتكەندەك، ناھايىتى بىلىملىك بولۇپ كەتكەندەك، بۇ خىل ھېسسىيات قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ...) مۇنداق ئويلىدىم:
ئاندرويدنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەخسۇس يېزىقنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىر تۈر بار، مەن ئاشۇ تۈر ئىچىگە ئاساسىي رايوننى كېڭەيتىلگەن رايونغا ئالماشتۇردىغان فۇنكىسيەدىن بىرنى يېزىپ قىستۇرۇپ قويسام پەچەت بولاتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئاندرويدىنىڭ ئەسلى كودىنى چۈشۈرۈپ، ياكى تەتۈر يىشىپ دېگەندەك ئاشۇنداق بىر يەرنى ئىزدىدىم. تازا ئىزدەۋەتقان مەزگىللەردە ئۇقۇش پۈتتۈردۈم.
بىر مەزگىلدىم كىيىن بىلكان ئۇيغۇرچە ئاندرويىدنىڭ پارىڭىنى چىقاردى، ئاندىن يەنە بىرسى چىقاردى دېگەندەك بولۇپ يادروسىدىن ئۇيغۇرچە قوللايدىغان ئاندرويىد بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن سىستېما تەتقىقاتى توختىدى.
ئەمدى يەنە بىر مەسىلە چىقتى، يادروسىدىن ئۇيغۇرچە تونۇمايدىغان تېلېفونلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنىڭغا دېتال ئۆزىدە ئۇيغۇرچە تونۇيدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ، ھېلىقى فۇنكىسىيەنى قوشۇپ قويسىلا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ فۇنكىسيەنى قوشۇپ نۇرغۇن كىچىك دىتاللار مەيدانغا كەلدى، بۇ دىتاللار ھەتتا خەت نۇسخىسىنىمۇ ئۆزىدە بىللە ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرچە قەتئىي تونىمىغان تېلېفونلاردىمۇ ئۇيغۇرچە خەت راۋرۇس چىقىدۇ.
خوپ بۇمۇ تۈگىدى، تور بېكەتلەرچۇ؟ مانا مەسىلىنىڭ ئۈچۈنچسىمۇ چىقتى. بۇنىمۇ ئوخشاش بايىقى فۇنكىسيە ھەل قىلىدۇ. مۇھەممەد ئابدۇللا ئاكىمىز يېزىپ قويغان تور يۈزىدە ئاساسىي رايوننى كېڭەيتىلگەن رايونغا ئالماشتۇردىغان JS مانا بۇ يېڭى دەۋردە كارامەت ئەس قاتتى. ئەسلى كونا دەۋردە مۇھەممەت ئاكىمىز كېڭەيتىلگەن رايوندىن پايدىلىنىپ يادروسىدىن ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئۇلاپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولغمىغان سىستېمىلاردا تور بېكىتىنىڭ نورملا كۆرۈنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يازغان كود ئەمدى ئالاھىدە ئالقىش بىلەن قوللىنىشقا ئېرىشتى. لېكىن بىر نەرسە مېنى ئەنسىرەتكەن، يەنى ئاساسىي رايون تەشەببۇس قىلىنىدىغان بۈگۈندە ئۇيغۇر تور دەۋرىدە كېڭەيتىلگەن رايون ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ ياكى تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. شۇڭا مەن تور يۈزىدە بۇ JS نى ئىشلىتىشكە قارشى تۇراتتىم. مېنىڭ قارشى تۇرىشىمنىڭ كونكرېت سەۋەبى بولسا ئىزدەش ماتورى ئىدى.
ئىزدەش ماتورى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار دېگەندە مۇنداق چۈشەندۈرسەم بولىدۇ.
مۇشۇ بىلوگغا شۇ JS قويۇلدى، بۇ يازمام كىڭەيتىلەگەن رايونغا ئايلاندى، سىز ئەگەر يازمامنى ئىزدەش ماتورىدىن ئىزدەپ تاپماقچى بولسىڭىز ئىللا بىللا مۇمكىن ئەمەس تاپالمايسىز، نېمىشقا دېگەندە بىزدىكى بارلىق تور يۈزى ياكى باشقا كىرگۈزگۈچلەر بولسۇن ئاساسىي رايوننى ئىشلىتىپ ئۇچۇر كىرگۈزىدۇ، مېنىڭ يازمام كىڭەيتىلەگەن رايوندا تۇرسا، سىز ئاساسىي رايوندا خەت يېزىپ تاپالىشىڭىز قانداق مۇمكىن بولسۇن؟ بۇ خۇددى kaxka دېگەننى كىرگۈزۈپ قەشقەرنى تېپىپ بەر دېگەندەك گەپ.
لېكىن ھازىر بەزى بېكەتلەرنىڭ يانفون نۇسخسىغا بۇ JS ئىشلىتىلىۋتىدۇ، دېمەك ئەگەر مۇشۇ بەتلەر ئىزدەش ماتورى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنسا، ئىزدەش ماتورىنىڭ يەنە بىر تەرپىدە «كېڭەيتىلگەن رايوندىكى يازمىلار بار، ئەمما بىز ئىزدەپ باقمىغان» يەنە بىر «ئۇيغۇرچە نەتىجىلەر توپلىمى» بار بولۇشى مۇمكىن.
مۇمكىن ئەمەس راستتىنلا بار، بۇنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئىلگىرىكى يازمىللىرمنى ئوقۇغانلار بولۇشى مۇمكىن، ھېلىقى 700 مىڭ دانە يازما. بۇ يازمىلارنىڭ نۇرغۇنى كېڭەيتىلگەن رايون بولۇپ گەرچە ئىنتايىن ئېسىل يازمىلار بولسىمۇ لېكىن ئىزدەش ماتورىدىن ئىزدەپ تاپالمايسىز. لېكىن نېمە ئامال؟
دەل مۇشۇ يەردە ئۇيغۇرسوفت كوررىكتورىدىكى يەنە بىر كىچىك كەمچىلىكنى دەپ ئۆتۈپ كېتەي.
سىز ئاشۇنداق كونا يازمىلاردىن بىرەرنى ئۇچرىتىپ قالغان بولسىڭىز باۋۇدۇن تېكىست ياردەمچىسى سىزگە ئۇنى ئاساسىي رايونغا ئاماشتۇرۇپ ئاندىن ئىملاسىنى تۈزەپ يەنە ئاندىن پەش-چېكىتلىرىنى توغرىلاپ بىرىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىدا بۇنداق ئىقتىدار تېخى يوق، بەلكىم ئويلاپ باقمىغان ياكى زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مەن ئۇنداق ئويلىمىدىم، مەنچە قېتىپ قويسا بولىدۇ.
ئەگەر بىر بېكەت پەقەت كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈنلا بېكەت قۇرغان بولسا ھەم مۇشۇ JS نى ئىشلەتكەن بولسا مېنىڭچە ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقىنىڭ قىممىتى تۆۋەن بوپ قالىدۇ، نېمىشقا دېگەندە «ئىزدەشكە يول قويمىغانلىق جىنايىتى» سادىر قىلغان بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئەگەر مۇشۇنداق بىر بېكەت قۇرۇش خىيالى بارلار ئوبدانراق ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.
بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆتكۈزۈۋاتقان تور بېكەتنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ تىپىك نامايەندىسى ئۈندىدار سالونى.
نېمشىقا دەمسىز؟ ئويلاپ بېقىڭ، تورنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش تۇرسا، سىزنىڭ بېكىتىڭىزدىكى بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنالمىساق، ھاجەت چۈشكەندە تور بېكىتىڭىزندىن ياكى ئىزدەش ماتورىدىن ئىزدەپ تاپالمىساق بۇنىڭ نېمىگە ئەھمىيىتى؟
سوگونىڭ كاللىسى ئىشلەپ كېتىپ تېڭشۈن بىلەن ھەمكارلاشقان ئوخشايدۇ، سوگو ئىزدەش بىتىدە ئۈندىداردىن ئىزدەش دەپ بىر نەرسە پەيدا بوپ قاپتۇ، قارىغاندا تېڭشۇندىكىلەر قۇتبىلىكنىڭ بۇ جىنايەتنى ئارتىپ قويۇپ ئەرز قىلىشىدىن قوقتىمۇ بىلمىدىم ئىزدەشكە يول قويۇپتۇ. ئەمما مەسىلە ھەل بولدىمۇ؟ ياق.
بۇ كىشىلەر ئۇيغۇرچە خەتنى بىلمەيدۇ، ئۆز كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ يېزىقىغا ئوخشاش دانە-دانە دەپ ئويلىۋالىدۇ، شۇڭا بەيدۇدا، ياكى بىڭدا ئۇيغۇرچە ئىزدىسىڭىز پارچە پۇرات بىر نەرسە چىققاندەك بۇنىڭدىمۇ شۇنداقراق بىر نەرسىلەر چىقىدۇ. ئۇيغۇرچە ئىزدەشكە ياكى ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىشقا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى بەك ناچار.... داۋامى بار.
داۋامى ھەققىدە: سالون يازمىللىرىنىڭ قىممىتى، قۇتقۇزىۋېلىش، تەشۋىقاتنىڭ كۈچى، ئاچارچىلىق، ئىدىيە تارقىتىش، روتېر تەتقىقاتى، باۋۇدۇننىڭ پەيدا بولىشى، لۇغەتچىلىك، ئىزدەش ماتورى قاتارلىق ئىشلار سۆزلىنىدۇ.

ئىلھام كەلسە مانا مۇشۇنداق يېزىۋىتىدىغان گەپ، توغرسى بار، خاتاسى بار. ئەگەر يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيەلەردە مەسىلە بار بولسا ئەسكەرتىپ قويسىڭىز ياكى ئىلمىي ھالدا پاكىتلىق رەددىيە بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئوي-خىياللىرىم، قىزىقىشىم ۋە ياخشى كۆرگەنلرىمنى ئۈندىداردا ھەمبەھىرلەپ تۇرىمەن، خالىسىڭىز قوشۇۋېلىڭ. بۇ مانا مۇشۇنداق ئىدىيە تارقىتىدىغان «مودا» دەۋىر.
mmqrcode1423013041696.jpg

خەتكۈش: قۇتبىلىك

جەمئىي 7 دانە باھا بار

  1. ئۇيغۇرچە تۇنىتىدىغان js دىكى پىكىرىڭىز ناھايىتى ياخشى بولۇپتۇ، مەنمۇ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن بۇ ئىزدەش ماتۇرىدىكى مەسسىلەرنى، ھەقىقەتەن بىر ساۋاق بولدىدە ...
    سىزنىڭچە ئۇيغۇرچە يانفۇن بەتلىرىنى قانداق قىلىشىمىز كىرەك ؟ تۆۋەن نەشىردىكى تېلفۇنلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىمىزمۇ ؟

    1. مەنچە بولسا نەزەردىن ساقىت قىلىش كېرەك، ناۋادا سىزنىڭ بېتىڭىزنىڭ زىيارەتچىلىرى بەك كۆپ سالماقنى ئىگەللىسە قوللىغىنىڭىز ياخشى.

  2. مەزكۇر ئەسەرنى يانفۇندا ئوقۇپ يانفۇندا ئىنكاس قىلىۋاتىمەن ، بلوگنىڭ ئۇسلۇپى بەكلە ئازادە بولۇپتۇ. ئۇيغۇرچىمۇ شۇنداق ياخشى كۆرۈندى.

    1. رەھمەت. ھەممە ئېكراندا ئوخشاش ئۈنۈمدە چىقسۇن دەپ خېلى جاپا چەكتىم. قارىغاندا جاپاغا چۇشلۇق ئىش بولغان ئوخشايدۇ

      1. ماۋۇ ئىنكاس يوللاش رايۇنىدىكى ئىلخەتنىمۇ سولغا توغۇرلاپ قويساق بۇلارمۇ؟

        1. شۇنداق تەڭشىۋەتكەن. Ctrl+F5 ئارقىلىق مەجبۇرىي يېڭىلاپ سىناپ بېقىڭ.

          1. ھە، ئەمدى نۇرمال كۆرۈندى.

باھا يېزىشقا بولمايدۇ

باھا يېزىشقا بولمايدۇ