رېتسېپسىز دورىلاردا ئېغىر دەرىجىدە ناچار تەسىر كۆرۈلەمدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-16
ئاۋاتلىقى: 943 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
رېتسېپسىز دورا (OTC) نىڭ ئۆزىمۇ ئوخشاشلا دورا، ئەمما، ناچار تەسىرى ئازراق بولىدۇ. لېكىن، بۇ مۇتلەق بولمايدۇ. بەزى OTC ئاز ساندىكى كىشىلەردە ئېغىر دەرىجىدىكى ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بەزىدە، ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، OTC نىمۇ دورىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا ئىشلىتىش لازىم. بۇ خىل دورىنى بىخەتەر دەپلا مىقدارىنى خالىغانچە كۆپەيتىشكە، شۇنداقلا دورىنىڭ ئىشلىتىلىش جەريانىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىىشكە بولمايدۇ.