دورا ئىستېمال قىلغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-07-19
ئاۋاتلىقى: 1133 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئائىلە بىخەتەرلىك تەۋسىيەسى
(1) ياشانغانلار ياكى ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغى بىمارلىرى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن دورىلارنى قايتا ئىشلىتىپ قېلىشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئىشلىتىش كېرەك بولۇپ قالسا چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، مىقدارىنى ئازلىتىپ ياكى بىر ۋاقىتتا ئاشقازان شىلىمشىق ماددىسىنى قوغدايدىغان دورىلارنى قوشۇپ ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
(2) دورىنى يېگەندىن كىيىن قان قۇسۇش ياكى چوڭ تەرىتى قاپقارا كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
(3) نورمال كىشىلەر يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستېمال قىلغان تەقدىردىمۇ ھەزىم قىلىش يولى قاناش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا دائىم ئېھتىيات قىلىش ۋە ھەزىم قىلىش يولى قاناش ئالامەتلىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇش كېرەك.