ئاسما ئاستۇرۇش كىشىلەرنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنگەندىن كېيىن دائىملىق قوللىنىدىغان ئۇسۇلى، نېمە ئۈچۈن ئاچ قورساق ئاسما ئاستۇرسا بولمايدۇ؟
ۋاقتى: 2016-08-09
ئاۋاتلىقى: 1331 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئاسما ئاستۇرۇش كىشىلەرنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنگەندىن كېيىن دائىملىق قوللىنىدىغان ئۇسۇلى، نېمە ئۈچۈن ئاچ قورساق ئاسما ئاستۇرسا بولمايدۇ؟
ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشلەر ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن كېيىن ئاچ قورساق كېلىپ قان ئالغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلىدۇ. ئاز بولمىغان بىمارلار قان ئالغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن بىراقلا ئوكۇل ئۇرغۇزىدۇ ياكى ئاسما ئاستۇرىدۇ. نەتىجىدە ئاچ قورساق ئوكۇل ئۇرغۇزغاندا باش قېيىش، يۈرەك سىقىلىش، تەرلەش ۋە كۆڭۈل ئېلىشىش، ئاشقازان، ئۈچەي بىئارام بولۇش قاتارلىق ئەكس تەسىرلەر پەيدا بولىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى، بىرىنچىدىن ئاچ قورساق ھالەت ئۆزىلا ئاغرىق ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئاچ قورساق ھالەت دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنى قوزغىشى ياكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدە ئەھۋاللار مەۋجۇت: بىرىنچىدىن، بەزى تېنى ئاجىز، ياشانغان بىمارلارنىڭ قان قەنت تۇراقلىقى كومپېنساتسىيەلىك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، ۋاقتىدا تاماق يېمىگەندە باش قېيىش، يۈرەك ئالدى بولۇش، تەرلەش قاتارلىق قان قەنتى تۆۋەن بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل قان قەنتى تۆۋەن بولۇش ئالامەتلىرى ئېغىر بىمارلارغا داۋاملىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ. ئىككىنچىدىن، بەزى سالامەتلىك ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى ياكى ياش بولغان بىمارلار تاماق يېيىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرسە ھېچقانداق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، لېكىن قان قەنتى تۇراقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان دورىلارنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندا بەزىدە قان قەنتى تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئېرىترومىتسىنغا ئوخشاش ماكرولىد دورىلىرىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندا، ئەسلىدە ئېغىزدىن ئىستېمال قىلىشتىكى ئاشقازان ئۈچەيگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، لېكىن بۇ خىل دورىلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي لۆمۈلدىتىش رولى بولۇپ، شۇ ئارقىلىق قورساق ئاغرىش، ئاشقازان كۆپۈش، كۆڭۈل ئېلىشىش، ياندۇرۇش ۋە ئىچى سۈرۈش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ. ئۈچىنچىدىن، يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى، قەنتنى تۆۋەنلىتىش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىۋاتقان دىيابېت كېسەللىكلىرى بىمارلىرى تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: ۋاقتىدا تاماق يېيىش، ۋاقتىدا دورا ئىچىش، ئاسما ئاستۇرۇش ئۈچۈن تاماقنى كەينىگە كېچىكتۈرمەسلىك.