قايسى خىل دورىلار ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى خۇسۇسىيەتلىك بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-11
ئاۋاتلىقى: 1705 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق ئەمەلىي تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل كېسەللىك كۆپىنچە ئەھۋاللاردا قىزىتمىنى ياندۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتىش دورىلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار، يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت بىمارلىرىدا 1~3 يىل ئەتراپىدا كۆرىلىدۇ. بىمارنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئاغزى قۇرۇش، بوغۇملار ئاغرىش، ھەزىم يولى قاناش ۋە يىرىڭلىق كىچىك تەرەت كېلىشكە ئەگىشىپ بۆرەك بېسىلىپ ئاغرىش، تەرەت مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپىيىش قاتارلىقلار. كېچىدە ئېغىرراق بولىدۇ، دوۋساق بىئارام بولۇش (كىچىك تەرەت كۆپ كېلىش، قىستاپ كېلىش، ئاغرىتىپ كېلىش) ، قانلىق تەرەت كېلىش، بۆرەك ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىش.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوختۇرلارنىڭ بۇ خىل كېسەللىككە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىشىغا ئەگىشىپ، ئاغرىق توختىتىش دورىسى خۇسۇسىيەتلىك بۆرەك كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى پەقەت ئاسپىرىن ۋە پۇرې شىتوڭ ئىككى خىل دورا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە باۋتەي سوڭ، شىياۋيەن توڭ قاتارلىقلارنىڭمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى بايقالدى. يەنە ئاساسلىق كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدىغىنى شۇكى، مۇرەككەپ رېتسېپلىق APC (ئاسپىرىن، پۇرې شىتوڭ، قەھۋە ئامىلىدىن تەركىب تاپقان) نى ئىستېمال قىلغاندا، تەركىبىدىكى مەلۇم بىر خىل دورىنى ئىستېمال قىلغانغا قارىغاندا كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.