ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى(1-،2-قىسىم)

سەھپە: كىتاپلار باھا:0

ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى(1-،2-قىسىم)

باھاسى:40.00(ئومۇمىي باھاسى)

ئاپتورى:ۋاڭ جىلەي

2000-يىلى 11-ئاي 2-نەشرى

2000-يىلى 11-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:2201-5200

ISBN:7228022637

كىرىش سۆز

مەن 1958-يىلى شىنجاڭغا كېلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت تارىخىنى تەكشۈرۈش – تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقانىدىم . 1959-يىلى ،بېيجىڭ داشۆ مېنى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا رەسمىي تەقسىم قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر 20 نەچچە يىل ئۆتتى . بۇ 20 نەچچە يىل داۋامىدا مەن ئاساسلىقى شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇنلانغاندىن باشقا ، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى دۇنيا ئوتتۇرا ئەسر تارىخىنىڭ مەزمۇنى ئەڭ مول بولغان بىر تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ .

دۇنيا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى كونا تاش قۇرال دەۋرىگچە سۈرۈش مۇمكىن . ئامۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن تېپىلغان مەشھور تېشىك تاش قەدىمكى ئادىمىنىڭ يىل دەۋرى مەملىكىتىمىزنىڭ دىڭسۈن ئادەملىرى ياشىغان دەۋرگە توغرا كېلىدۇ . يەنە باشقا جايلاردىن تېپىلغان بەزى كونا تاش قوراللارنىڭ دەۋرى تېخىمۇ ئىلگىرى بولۇشى مۇمكىن . ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بۆشۈكى دېيىشكە بولمىسىمۇ ، لېكىن ھېچبولمىغاندا ئرىئانلار بىلەن تۈركلەرنىڭ بۆشۈكى دەپ قاراشقا بولىدۇ . شۇڭا ، بۇ جاي دۇنيىئادىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولغان . تارىختىكى بىر قەنچە ئاساسلىق دىنلار ، مەسلەن شامان دىنى ، بۇددا دىنى ، مانى دىنى ، نېستورى مەزھىپىدىكى خىرىستىئان دىنى ۋە ئەسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىيا پەيدا بولمىغان بولسىمۇ . لېكىن ئەڭ دەسلەپتە مۇشۇ جايغا تارالغان ، مۇشۇ جايدا روناق تاپقان ۋە ئەۋج ئالغان . دىننىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا بەس – بەس بىلەن ئېچىلغان رەڭگارەڭ گۈللەرگە ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان . شۇڭا ، مۇنداق ئەھۋال مەيدانغا كەلگەنكى ، دېڭىز يولى ئېچىلىشتىن ئاۋۋال ، ئوتتۇرا ئاسىيا شەرق بىلەن غەربنىڭ قاتناش ۋە كارۋان يولىنىڭ ئۆتكىلى ، شۇنداقلا شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتى ئۇچراشقان رايون ۋە شۇ مەدەنىيەتنىڭ تارىلىش يولى بولغان . «يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان يولمۇ جۇڭگو بىلەن غەربتىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ، ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى تەرىپىدىن مەدھىيلىنىپ كەلمەكتە .

ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى تارىختا شەرق بىلەن غەربتىكى ھەر قايسى ئەللەر بىلەن خېلى كۆپ مۇناسىۋەتتە بولغان . بولۇپمۇ ئۇ جۇڭگو بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان . ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى بىر مۇنچە مىللەتلەر جۇڭگودىن كەلگەن . جاڭ چىيەن غەربىي يۇرتقا بارىدىغان يولنى ئاچقان ۋاقىتتىن باشلاپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگو بىلەن بىۋاستە ئالاقە ئورناتقاندىن كېيىن ، بىر نەچچە قېتىم جۇڭگونىڭ زېمىن خەرىتىسىگە كىرگەن . «تارىخىي خاتىرىلەر » دىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى قايسى دەۋرىدىكى تارىخ كىتابلىرىنىڭ «غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» قىسىملىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن . بۇلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخىغا دائىر ئەڭ مول ، توغرا تارىخىي ماتېرىياللار ھېسابلىنىدۇ . بۇ تارىخىي ماتېرىياللار ئارقىلىق ، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى يەنىمۇ تولۇقلاش – بىز جۇڭگو تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچىمىز ۋە قوشۇشقا تېگىشلىك تۆھپىمىز.

مەن بۇ كىتابنى كىتابخانلارنىڭ ئادەتتە كىشىلەرنگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنى تېخىمۇ كۆپرەك چۈشىنۋېلىشى ئۈچۈن يېزىپ چىقتىم . كىتابنىڭ 1- قىسىمى يېزىلىپ بولغاندىن ككېيىن ، يولداش مايۇڭ كۆرۈپ چىقىپ تۈزىتىش كىرگۈزدى . يولداش شى كاڭيۈئەنمۇ قىزغىن ياردەم بەردى . بۇ كىتابنىڭ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى ئۇلرنىڭ مەئەدىتى ۋە ياردىمىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . شۇڭا ، ئۇلارغا ئالھىدە تەشەككۇر ئېيتىمەن. ئاپتور

يىل 9-ئاي ، ئۈرۈمچى-1979

 

 

2011.05.21 ئاپتور: ئوغۇز
خەتكۈچ:
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se